ئانا يۇرتۇم -مەڭگۈلۈك سايرام
( ئەدەبىي ئاخبارات)
ئۆمەرجان ئىمىن
كىچىك چاغلىرمدابىرەر ئىشقا تەۋەككۈل قىلدىغان كىشلەر ئاغىزدىن«يا سايرامدىن چىقسۇن،يا بايدىن»دىگەن گەپنى كۆپ ئاڭلايتىم ھەم سايرام دىگەن قانداق يەردۇر؟بىر كۈرۈپ باقسام….دىگەندەك خىياللارنى سۈرەتتىم. ستۇدېنىتلىق ھاياتىمنىڭ تۈنجى يىلى شىماللىق ساۋاغداشلىرىم ئاغىزدىن بۆرتالادىكى سايرام كۆلىگە تىمسال قىلنغان« يا سايرامدىن چىقسۇن،يا قاينامدىن» دىگەن ئىبارىنى سايرام كۆلىگە بېغىشلانغان تەسىرلىك شېئىر-غەزەللەرنى ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ يۈردۈم.بۇ خىل ھاياجان قەلبىمگە باللىق چاغلىرىمدائورناپ كەتكەن سايرام مۇھەببىتىدىن غالىپ كىلىپ كېيىنكى يىلى كانىكولدا مىنى سايرام كۆلى بويىغا باشلاپ كەتتى. قىززىق يېرى،كىيىنكى ئوقۇش يىللىرمدا قەلبىمدىكى ئىككى سايرامغا بولغان مۇناسىۋەتلىك چۈشەنچىلەردا يەنە داۋالغۇش يۈز بەردى.
سايرام بازارلىق ئوتتورا مەكتەپتىكى موللامۇسا سايرامى ھەيكىلى
بۇچاغدا مەن موللا مۇسا سايرامى بىلەن نىمشھىت ئەرمىيادىن ئىبارەت ئىككى بۈيۈك شەخسنىڭ مەن باللىق چاغلىرمدا بېرىشنى ئارزو قىلدىغان سايرام دىگەن يۇرىتتا ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى،ھەر ئىككىسىنىڭ سايرام نامىنى ئۆزىگە تەخەللۇس ئورنىدا ئىشلەتكەنلىكىنى بىلگەنتىم ھەم بۇرۇنقى چاغلاردا تارىم ۋادىسىدىكى چوڭ ۋىلايەتلەرنىڭ بىرىسى سۈپتىدە دەۋران سۈرگەن ،ئەمدىلىكتە باي ناھىيسىنىڭ بىر يېزىسى سۈپتىدە تىلغا ئېلندىغان سايرامغا چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان ئىدىم.
سايرام بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى نىمشېھىت ھەيكىلى
ئەپسۇسكى ،كىيىنكى خىزمەت ھاياتىمدا ئاقسۇ ئەتراپلىرىدا كۆپ قاتراپ يۈرگەن، ھەتتا باي ناھىيسىگە بىر قانچە قېتىم قەدام باسقان بولساممۇ ،ئىلمىي كۈزەتكۈچى سۈپتىدە سايرام يېزىسىغا بېرىپ باقمىغان ئىدىم. چۈنكى ئۇيىللاردا مەن ئەتراپىمدىكى نۇرغۇن كىشلەرگە ئوخشاش ئادىميەت ئىلمى ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرى تولىمۇ كەمچىل،تۇرمۇش رىئاللىقدىن كۆرە تەببىئەت مەنزىرلىرىگە بەكرەك پەيزى بار ئاممىباپ بىر ئادەم ئىدىم. مانا ،مۇرەككەپ ھايات قايناملىرىدىن ھىكمەت ئۈنچىلىرىنى سۈزۈشنىڭ يوللىرىنى ئازدۇر-كۆپتۇر بىلىپ قالغان ئاسايىشلىق بىر پۇرسەتتە سايرام يېزىسىغا بىر ئەمەس،ئۈچ مەرتەم باردىم. تېخى،خېلى ئەتراپلىق كۈزەتتىم. مەن 17-ماي (شەنبە)كۈنى سەھەردە ناھىيلىك مەدىنيەت-تەنتەربىيەئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىنى باشلىقى تۇرسۇنجان،ناھىيلىك مەدنيەت يۇرتىنىڭ پنىسيونىرى قەييۇم مەمتىمىن ،ناھىيلىك ماليەئىدارىسىدىكى قەلەمكەغ دوستىمىز قۇربان مولنىياز قاتارلىقلارنىڭ ھەمرالىقىدا تۈنجى قېتىم سايرام يېزىسىغا زىيارەتكەباردىم.
بۈگۈن سايرامنىڭ بازار كۈنى بولغاچقا سايرام بازىرى ئادەم بازىرىغا ئايلانغان ئىدى. باي-كۇچا تاشيولىدىن توغىرسىغا جەنۇپ تامان سوزۇلغان چوڭ يول- يېزا تەۋەسىدىكى مەكتەپ،ئىدارە-ئورگانلار مەركەزلىك جايلاشقان رايۇن بولسىمۇ ،بۈگۈنكى بىر كۈنلۈك بازاردا ئۇششاق يايمچىلارغا ئوڭچە قالغانىدى. چوڭ يولدىكى تىقما-تىقما ئادەملەر توپى ئارسىدا بىردە ماشىنا –موتسىكىلىتلار يېقىمسىز سىگناللىرى ئارقىلىق ئادەملەرنى ھەر تەرەپكە ئۈركىتىپ ئۆتۈپ كەتسە،بىردە تۇرۇپلا، ئوزايىدىن توپا يېغىپ تۇردىغان بومبا ساقاللىق بوۋايلار،قورۇلۇپ مۇشتەك بۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ،كۆزلىرىدىن يېشىل نۇر چاقناپ تۇردىغان ياشقا چوڭ مومايلار،تۈگۈلۈپ ئولتۇرغان كونا پوسۇندىكى ئىشەك ھارۋىلىرى پەيدا بۇلۇپ ئادەملەر توپىغا ماس ھالدا ھەتەرەپكە چايىقلاتتى، ھارۋىلارغا ھىچكىم يول بېرىداندەك ئەمەس قىلمايتى. يونىڭ ئىكككى قاسنىقىدىكى قاقىرامچىلقتا تەرلەپ-پىشىپ ئولتۇرشۇپ ئۆز ماللىرىغا خېرىدار ساقلاۋاتقان يايمىچىلار تاقەتسىزلىك ئىچىدە ھەر تەرەپكە بۇيۇنداشقىنچە جىمجىت ئولتۇرشاتتى. بىرەر كىنىڭمۇ ئۆز ماللىرىنى ماختاپ ياكى خېرىدار چاقىرىپ ۋارقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلىغلى بولمايتى.
بىز بازارچىلار توپى ئىچىدە تاسقىلىپ يۈرۈپ ،يېزىلىق ھۆكۈمەتنىڭ قىيپاش ئۇدۇلىدىكى دەرۋازىدىن ئۈتۈپ ئاستا ئىلگىرلەشكە باشلىدۇق. سەل كەڭرىچىلككە چىققاندا كۆردۈمكى ئەسلى بازار تۆت ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان مۇشۇ قاقاس ھويلا ئىچىدە قىزىيدىكەن. سايرام ھەم قوشنا يېزىلاردىن ،ناھىيە ئىچىدىن ھەتتا كۇچا قاتارلىق قوشنا ناھىيلەردىن كەلگەن سودىگەرلەرنىڭ تۈرلۈك-تۇمەن ماللىرىدىن قوراشتۇرۇلغان بۇ چوڭ بازار بەئەينى غىزالىرى مول تىزىلغان داستىخانغا ئوخشايتى… مانا مۇشۇ بەرىكەتلىك داستىخان سايرام دېھقانلىرنىڭ جان ھۇزۇرى ،كۆڭۈل شادلىقى ھەم ھەپتىدە بىر يايرىۋالدىغان جەننىتى ئىدى. لكىن سودا-سېتىق ھەر قانچە قايناق بولسىمۇ بازاردا شاۋقۇن-سۈرەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى. ھەممە ئادەم سايە تاشلىغۇدەك بىرەر تۈپ تېرەكمۇ ئۇچىرمايدىغان ئوچۇقچىلقتا ھاسىراپ-ھۆمىدەشكىنچە ئۆز ئىشى بىلەن بەنىت ئىدى.
سايرامدىكى قېتىق بازىرى
بىز دوپپا بازىرىدىن ئۈتۈپ ئوڭ تەرەپتىكى كەڭرى بوشلۇققا ئەكىلشمىز بىلەنلا قېتىق بازىرىغا دۇچ كەلدۇق ھەم بىر-بىرمىزگە قاراشقىنمىزچە كۈلۈپ كىتىشتۇق.
-ئۆمەرجان، ئىسسىق ئۈتۈپ كەتمىسۇن،بىرەر چىنىدىن قېتىق ئىچىلى،ئاۋۇ ئايالدىن سېتىۋاتقانلىرى ،نىمىنڭ قېتىقى دەپ سوراپ باقسىلا.- دىدى تۇرسۇنجان چىرايىنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ.-ئاناڭنىڭ قېتىقى ،دەپ تىللاپ كەتسە قانچە خوش بۇلۇپ كېتەسىلە ھە،-دىدىم مەنمۇ بوش كەلمەي.
قېتىق بازىرى ناھايىتى قىزىپ كەتكەندەكلا قىلاتتى. بىر چەتتىكى توپ تارقىتىدىغان قېتىقچىلار ماشىنا-بولكىۋايلارغا تۇڭ-ئىدىشلارغا قاچىلانغان قېتىقلارنى بېسىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ئۇلارنىڭ بىر-ئىككى چىنىدىن قۋتىق ئالدىغانلارغا قاراشقا چولىسى يوقتەك قىلاتتى. شۇ ئارىدا قېييۇمكام:
-ئاقسۇ،كۇچا،قەشقەر،ئاتۇشلاردىكى دوغاپچىلارمۇ سايرامدىن قېتىق يۆتكەيدۇ. ئاخىرى بېىرىپ ئۆزىمىزگە تەگمەيىدىغان ئوخشايدۇ بۇقېتىقمۇ،-دىدى قۇلىقمغا شىپىرلاپ تۇرۇپ
بىز قېتىق ئىچىش ئۈچۈن بۇلۇڭدىكى پارچە قېتىقچىلارنىڭ ئالدىغا باردۇق. پارچە قېتىقچىلارنىڭ ئالدىمۇ خېللا ۋالۋاش بۇلۇپ ،ھەممە يەر يوغان چىنىلەرگە ئۇيۇتۇلغان،ئۆپكىدەك لىغىرلاپ تۇردىغان قايماقلىق قېتىقلارنى خۇددى ئاش ئىچىۋاتقاندەك خۇلۇپشىتىپ ئىچىشىپ ئولتۇرغان كىشلەر بىلەن تۇلۇپ كەتكەنىدى. بىز چىڭقى چۈشنىڭ كۈچلۈك ئاپتىپىدا بوشىشىپلا كەتكەچكە ،بىر ئارلىققا قىسىلدۇق-دە، خېلللا ياشىنىپ قمالغان بولسىمۇ ئوبدانلا ياسىنىپ-تارىنۋالغان ئاقپىشماق مومايىدىن تۆت چىنەقېتىق ئېلىپ ھۇزۇرلىنىپ ئىچىشكە باشلىدۇق. بىر كەمدە قېتىقچى موماي بىزگە قايرىلىپ تۇرۇپ : غۇجىلىرىم ،نەدىم كىلىشتىلە؟ نىمىنىڭ قېتىقى دەپ سوراپمۇ قويۇشماي ئىچىپ كېتىشتىلىغۇ؟،- دەپ بىزگە گەپ ئاتتى. بىز ئاغزىمىزدىكى قېتىق يۇقىندىنلىرىنى بىر-بىرمىزگە پۇرقىرىشىپ تۇرۇپ تېلىقىپ كۈلۈشتۇق. كۈلكىدىن ئاران بېسىقىپ تۇرۋىدۇق، قۇربان مولنىياز ئىش تاپتى. ئۇ :
- مۇڭگۈزى يوقنىڭ بۇلاپ قالمىسلا چاتاق چىقمايدۇ ،- دەپ مومايغا چاققچاق ئارىلاش گەپ قايتۇرۋىدى، موماي:
ـ بايدىن مۈڭگۈزى بارنىڭكىگە ئامراق بىر كىملە ،كېلىۋاتىدۇ دەپ ئاڭلاپ ، مۈڭگۈزى بانىڭ قايمىقىدىن ئېپ كەلگەن، خاتىرجەم ئىچىشىۋەرسىلە،- دەپ تېز ئنكاس قايتۇرۇپ بىزنى يەنە كۈلدۈرۋەتتى. قۇربان مولنىياز ئىچىۋاتقان قېتىقىنى يەرگە قۇيۇپلا كېتىپ قالدى. بىز بۇ موماي بىلەن بىردەم پاراڭلشىپ تۇرغاندىن كېيىن ،ھاپىز ھاكىم ئىسىملىك ئەلنەغمىچى بىلەن كۈرۈشۇش ئۈچۈن بازار سىرتىغا ماڭدۇق. تۇرسۇنجان قېتىقنىڭ بىر چىنىسىگە ئىككى كويدىن پۇل ھىساپلاپ پۇل تۆلىدى.
ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك غەيرىي مەدىنيەت مىراسى-سايرام قېتىقى
بىز قايناق بازارنىڭ دومۇشىدىكى ئاشخانىدا تاماق يىگەچ ھاپىز ھاكىمنى ساقىلىدۇق. ئاشخانا خوجايىنى ئالدىمىزغا ئىككى چىنە قېتىقنى ئەكىلىپ قۇيۇۋىدى، پارىڭىمىزنىڭ تىمىسى يەنە قېتىققا يۆتكەلدى.
ـ سايرام قېتىقىنىڭ داڭلىق بۇلۇشى، بۇ يۇرىت مۇھىنتىنىڭ ساپ-پاكىزلىقى ھەم سۇ ئوت-چوپلىرىدىكى مېنراللىق تەركىپ، دورىلىق ماددىلارنىڭ كۆپ بۇلۇشىدىن باشقا يەنە يەرلىك ئاھالىلىەرنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كېلۋاتقان ئالاھىدە قېتىقن ئۇيۇتۇش تېخنىكىسى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك . مەسلەن: سايراملىقلار سېرىق كالنىڭ سۈتىدە قېتىق ئۇيۇتۇشنى ئاساس قىلىپ كەلگەن. مىدىتسىنامۇ سېرىق كالنىڭ سۈتىدە ئوزۇقلۇق ماددىلارنىڭ ئالاھىدە كۆپلۈكىنى تىلغا ئېلىندىكەن. ئۇندىن باشقا سايراملىقلار سۈت قايناتقاندا ئوتنى سۇس قالاپ ، سۈتنى توختىماي سورۇپ، سۈتتىكى سۇ تەركىبىنى پارغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ. ئاندىن سۈتنى چىنىلەرگە قۇيۇپ، بىر قوشۇقتىن كۈنەگە سالغاندىن كېيىن ئۈستىنى يۆگەپ قويىدۇ. ئالاھىزەل سەككىز سائەتلەردىن كېيىن قېتىق ئۇيۇيدۇ،- قېييۇمكام چوڭ چىنىدىكى قېتىقلارنى پىيالىلەرگە بۈلۈۋېتىپ شۇنداق دېدى.
ـ ئۇندقتا ، ئېشەك قېتىقى ، دېگەن گەپ نەدىن كەلگەن؟- قېييۇمكام سورىغان سۇئالغا قۇربان مولنىياز جاۋابەن ئارلاشتى:
ـ ئېشەك قېتىقى ئىچكەن سايراملىق ، دېگەن گەپنى دەمسىز ؟ مەن بۇ ھەقتە بىر ماقالە يازغان، بۇنىڭ مۇنداق تارىخى ئاساسى بار ئىكەن. ئېيتىلىشىچە بۇندىن 500يىللار ئىلگىرى يەكەن خانلىقىنمىڭ تۇرپاندا تۇرۇشلۇق باش ۋالىيسى ئەپىس دېگگن كىشى باي ناھىيسىنى تالان-تاراج قىلغاندا ، ئۇنىڭ بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرى سايرامغا كەپتۇ ھەم سايرام قېتىقىغا ئامراق بۇلۇپ قاپتۇ. ئۇلار يەرلىك خەلىقىنى كۆپلەپ قېتىق بىلەن تەمىنلەشكە قىستاپتۇ. ئۇ چاغلاردا سېرىق كالا ئاز بولغاچقا، سايراملىقلار ئۇنچە زور قوشۇننى قېتىق بىلەن تەمىنلەپ بۇلالماپتۇ. ئەسكەرلەر ئۆيمۇ-ئۆي ئاقتۇرۇپ قېتىق ئىزدەشكە كىرىشىپتۇ، نۇرغۇن ئاھالە باشقا جايلارغا كېتىشكە مەجبۇر بوپتۇ. بىر كۈنى بىر ئەقىللىق ئايال ياخشى بىر ئامالنى ئويلاپ تېپىپتۇ. ئەسكەرلەر قېتىق ئىزدەپ يۈرۈپ ، دەل شۇ ئايالنىڭ ئىشىكى ئالدىغا كەلگەندە ئۇ ئايال:« بۈگۈن قېتىق ئۇيۇتالمايدىغان بولدۇق، تەخەي ئشكىنى ئىمىۋاپتۇ ئەمەسمۇ؟» دەپ ۋارقىراپتۇ، بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر ھۆ قىلشىپ ،سايرام قېتىقىنى ئىچكەنگە پۇشايمان قىلشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ ، سايرام خەلىقى قېتىق ئالۋىڭدىن قۇتۇلۇپ قاپتۇ. لېكىن ئەسكەرلەر بارغانلا يېرىدە « سايراملىقلار ئېشەك قېتىقى ئىچىدىكەن» دەپ گەپ تا رقىتىپتۇ، بۈگۈنكى سايراملىقلار ئۇ گەپنى ئۆزئارا چاقچاق ئورنىدا ئىشلىتىدۇ.
مەن يەنە سۇئال تاشلاي دەپ تۇرشۇمغا، سىرىتتىن بىرسىنىڭ:
ـ سارام( سايرام) سەنىمىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئاپتۇنۇم رايۇندىن كەلگەن رەھبەرلەر قايسى بوشاڭدا؟- دېگەن بۇغۇق ئاۋاز ئاڭلاندى. ئارقىدىنلا گەۋدىلىك، سېمىز كەلگەن بىر كىشى بىز ئولتۇرغان ئايرىمخانىغا ئۈسسۈپلا كىردى. ئۇ بىز ساقلاۋاتقان ھاپىز ھاكىم دېگەن كىشى ئىكەن.
ھاپىزكام ئىنتايىن قىزغىن ، سەنئەت دېسە جېننى بېرىدىغا، كىلشەڭگۈ كىشىكەن. ئۇ سورۇنغا كىرىپلا تاقەتسىزلىك بىلەن قايناپ سۆزلەپ كەتتى:
ـ ئۆزلىرىنى كەپتۇ دەپ ئاڭلاپ بەك خوشال بولدۇم، بۇرۇنراق بىلگەن بولساق ، بۇ چاغقىچە نەچچە قېتىم ئەكىلىپ بولىتۇق سارامغا ، بۇ ياققا يېنىپ كەلسىلە، زىرىكىپ قالىللا بايدا . بىزدە بۇرۇندىن داۋاملىشىپ كېلۋاتقان بىر يۈرۈش سەنەم پەدىلىرى بار ئىدى، ئۆزلىرىگە بىر دوكىلات قىلساق ، مۇشۇ ئىشىمىزنى قوللاپ، غەمخورلۇق قىپ قويسىلا بۇپتىكەن، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدىن بەزىلەر كىلىپ تەكشۈرگەن ، لېكىن كۇچا ئاڭاڭلىرىغا ئوخشايدىكەن، سارام سەنىمى دەپ ئاتاشقا بولمايىدىكەن دەپ كېتىپ قىلىشتى. بۇيەردىكى مەسلە سارامنىڭ تارىخنى بىلمەسلىكىتىن كىلىپ چىققان. سارام دېگەن ئۆز دەۋرىدە ۋىلايەت بولغان جاي تۇرسا ، ئۆز ئالدىغا سەنەملىرى بولماي قالارمۇ؟ تېخى يېقىنقى چاغلارغىچە توقسۇن، ھەتتا قېيىر يېزىلىرىمۇ بىزگە قالايتى. كۈسەن مەدەنىيتى دېگەنمۇ يالغۇز كۇچانىلا كۆرسەتمەيدۇ، كۇچانى مەركەز قىلغان ئەتراپتىكى جىمى يۇرىتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نۇرغۇن ئېرىق-ئۆستەڭلەر بىرلىشىپ دەريا ھاسىل قىلغاندەك گەپ بۇ. شۇنداقكەن، سارام سەنىمىدە كۇچا ئاڭاڭلىرىغا ئوخشاش تەرەپلەرنىڭ بۇلۇشى تەبئىي-دە. قوپاشسىلا بىزنڭىكىگە كېتىلى، مەن نەغمىچىلەرگە خەۋەر قىلاي، بۇ ئىشنى يەنە كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ…..
ھاپىزكام قول تېلفۇننى چىقىرپ كىملەرگىدۇر خەۋەر قىلىشقا تەمشلۋېىدى، مەن كىيىنكى ھەپتىسى مەخسۇس سايرام سەنىمنى تەكشۈرۈشكەن كېلىدىغانلىقىمنى بىلدۈرۈپ ئۇنى پەيلىدىن تەستە ياندۇردۇم. بىر ئۇنىڭ بىلەن تەستە خوشلۇشۇپ ناھىيە بازىرىغا قايىتتۇق .
كىيىنكى ھەپتىسى مەن سايرامنىڭ بازار كۈنىگە توغۇرلاپ پىشقەدەم شائىر زوردۇن ئىمىرنىڭ ھەمرالىقىدا سايرامغا ئىككىنچى قېتىم باردىم.ھاپىزكام بىر قانچە نەغمىچىلەر بىلەن يولىمىزغا قاراپ تۇرغانكەن، بىزنى يېزا بازىرىنىڭ قۇيرۇق تەرپىدىكى چوڭ مەرىكە زالىغا باشلىدى. چايدىن كېيىن، ھاپىزكامنىڭ تەشكىللىشدە نەغمە باشلاندى، ئۇنىڭ ئوغلىمۇ تەمبۇر بىلەن تەڭكەش قىلشىپ بەردى. نەغمىچىلەر ئىنتايىن قىزغىن ، شوخ ئىدى. تېخى بايىلا كوچىدا ئەسكى چاپان ئىچىدە دۈگدىيشىپ تۇرۇشقان بۇ كىشلەر مانا ئەمدى، داپلارنى ئوينىتىپ چېلىشىپ ، شوخ ،جۇشقۇن ناخشىلىرىنى ئەگىتىپ ئۇقۇپ زالنى بىر ئالدى. پۈتۈن ئاھاڭ ئو تۆت يۈرۈش بۇلۇپ ، تۇلۇق ئورۇنداپ بۇلۇشقا بىر سائەتتىن ئارتۇق ۋاقىت كەتتى. زوردۇنكام ئىككىمىز تەھلل قىلىش ئارقىلىق ، پۈتكۈل ئاھاڭ ئىچىدىكى كېيىنكى بەش ئاھاڭنىڭ نەخ كۇچا ئاھاڭلىرىنىڭ ئۆزى ئىكەنلىكىنى، قالغان توققۇز يۈرۈش ئاھاڭنى ئىنىچكە تەتقىق قىلىش زۈرۈ رلىكىنى جەزىم قىلدۇق. نەغمىدىن كېيىن ھاپىز ھاكىم « سايرام سەنەملىرى ھەققىدە » سەرلەۋھىلىك قېلىن بىر قوليازمىسىنى ماڭا تاپشۇردى. مەن مۇھىم جايلىرىنى ئامال قىلىپ ژورنىلىمىزدا ئېلان قىلىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. ناخيە بازىرىغا قايتۋېتىپ زوردۇنكامدىن ھاپىز ھاكىمنىڭ ئىلگىرى ئۇزۇن يىل سايرام يېزىسىنىڭ مائارىپ ئىشلىرىغا مەس.ۇل بۇلۇپ نۇرغۇن ياخشى .ئىشلارنى قىلغانلىقىنىن ، ئارامغا چىققاندىن كېيىن يېزا تەۋەسىدىكى نەغمىچىلەرنى تەشكىللەپ ، سايرام سەنىمىنى رەتلەشكە تۇتۇش قىلغانلىقىنى بىلىۋالدىم.
6-ئىيۇن ( جۈمە )كۈنى سەھردە، مەن بۈگۈنكى باي زىيالىيلىرنىڭ مۇھىم نامايەندىسى ئۆمەر كېرەم باشلىق ، تۇرسۇن تەۋەككۈل، ئېزىز قادىر،ئىبراھىم سۇلايمانلارنىڭ ھەمرالىقىدا ئۈچىنچى قېتىم سايرامغا سەپەر قىلدىم. بۈ قېتىم ناھىيلىك كوپراتىپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئېزىې قادىر ئۆزى ماشىنسىنى ھەيدەپ چىققانىدى. بىز باي مەدىنيتىنىڭ مۇھىم ئوچىقى كونا سايرامغا يۈرۈپ كەتتۇق.
موللا مۇسا سايرامى قەۋرىسى
بىز توقسۇن يېزىسىدا قىسقىلا توختاپ ، موللا مۇسا سايرامىنىڭ يول ئۈستىدىكى قەبىرىسنى ھەم توقسۇن خانىقاسىنى زىيارەت قىلغاىندىن كېيىن ، سايرام تەۋەسىدىكى كۆتەمە ئۆستەڭ ئارقىلىق ساي زەرەتنى ئەگىپ كونا سايرام يولىغا چۈشتۇق.دەل شۇ چاغدا ئۆمەر كېرەم قارادۆڭ بۇلاقتا 103ياشلىق بىر كىشىنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئېلىپ قالدى. بىز قاراياغاچ بۇلاقنىڭ شەرقىگە ئىككى كىلومىتىرچە مېڭىپ ئىسمايىل ئېلى ئىسىملىك بۇ ئۆمۈر چولپىننىڭ ئائىلىسىگە يىتىپ باردۇق. ئۇ كىشى بىزگە كونا سايرامغا دائىر خېلى كۆپ نەرسىلەرنى سۆزلەپ بەردى. قايتىش ئالدىدا ئېزىزجان ماشىنسىنىڭ ئارقا بۆلمىسىدىن 150 يۈەن قىممىتىدىكى يۈرۈشلۈك« ئارمان قۇۋۋەت تالقانلىرى ‘نى چىقرىپ « ماۋۇ ئۆمەرجاننىڭ كۆڭلىكەن’دەپ ئىسمايىل ئاكىنىڭ ئالدىغا قۇيۇپ قويدى.
بىز قارا دۆڭ بۇلاقنىڭ شەرقى، كونا سايرامنىڭ يولىنىڭ جەنۇبىدىكى مەيدە مەھەللىسى، تەتۈر مەھەللىسى، چاڭچى بۇلاق، چامغۇر مەھەللىسى قاتارلىق كونا جايلاردىن ئۆتۈپ ناھايىتى يوغان قارا تېرەكلەر بىلەن كۆجۈملىشىپ تۇرغان قەدىمىي بىر بوستانلىق بويىدا توختىدۇق. ئۆمەر كۋرەم ماڭا ئەتراپتىكى ناتۇنۇش مەنزىرىنى تۇنۇشتۇرۇشقا باشلىدى:
- مۇشۇ يولنىڭ جەنۇبىنى يان بۇلاقنىڭ بېشى دەيمىز ، يولنىڭ شىمالىدىكى ئاۋۇ قارا تېرەكلىك جايىدا كونا سايرام باشلانغۇچ مەككتىپى بارتى. كونا ئوتتورا مەكتەپ روس پاسۇنىدا تاجتايلىق قىلىپ ياسالغان بۇلۇپ 1972-يىلىدىىن كېيىن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. باي ناھىيسىدە پەننى مائارىپ سايرامدىن باشلانغان، مانا مۇشۇ جايلاردا 1934-يىلىدىن باشلاپ پەننى مەكتەپلەر قۇرۇلغان.
بىز قوچاق يەتكۈسىز قەدىمىي تېرەكلەر،ئەسلى ھالىتىنى يۇقاتمىغان جىگدىلىك ، يىراقلارغا سوزۇلغان يايلاق -ئېدىرلىق ھەم شىرىلداپ ئېقىپ تۇرغان بۇلاق سۇلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆجۈملىشىپ تۇرغان كونا سايرام يولىنى بويلاپ داۋاملىق شەرىققە مېڭىپ ، يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى دەڭ، تاشقى سودا پنكىتى، ئۇلاق بازىرى، سېپىل قالدۇقى، باجخانا، گۇڭشې ئورنى….قاتارلىق خارابە-ئىزلارنى ئارقىمىزدا قالدۇرۇپ ، كونا دادۈي ( ھازىر ئائىللىك رايۇنى) ئورنىدىن جەنۇپقا قەرىلدۇق. ماشىنا ئاق تېرەك، ئۈژمە،جىگدە كۆچەتلىرى قۇيۇق سايە تشلاپ تۇرغان، ئىككى قاسنىقىغا تۇتاش ئائىللىك ئۆيلەر جايلاشقان تار يولغا چۈشۈشى بىلەن ئۆمەر كېرەم:
__ مانا مۇشۇ كوچا ئىلگرى قېتىق-قايماق بازىرى ئىدى ، جەنۇبى ئۇچى مازار بۇلاققا تۇتۇشۇپ كېتىدۇ. ئۆز ۋاقىتىدا بۇ كوچىنىڭ غەربىي قاسنىقىغا مەمتىمىن ئازناخۇنۇم قاتارلىق بىر قانچە مۆتىۋەر كىشىنىڭ ئۆيلىرى ھەم بوتكا-دۇكانلار جايلاشقانىدى. شەرقىي قاسىنىقىدا مەمەترېھىم ئەلەم، قاسىم ھاجى، مەمەترېھىم ياغلىق قاتارلىق يۇرىت كاتتىلىرىنىڭ ئۆيلىرى بارتى. بۇ كوچا ئۇلاغ بازىردىن باشلىندىغان ئوتتۇرا يولنىڭ جەنۇبى رەستىسى ئىدى. ئېزىزجان ئىككىمىزنىڭ ئۆيى ئالدى تەرەپتىكى توغرا يولدا ئىدى.- دەپ تۇنۇشتۇرغاچ ماڭدى.
بىر قېتىق-قايماق بازىرىدىن چىقىپ، غىربىي قاسناقتىكى مەشھۇر سايرام خانىقاسىنى قىسقىلا زىيارەت قىلغاىندىن كېيىن داۋاملىق جەنۇپقا يۈرۈپ، نازار بۇلاققا يېتىپ كەلدۇق. ئۆمەر كېرەم ناھايىتى يوغان بىر تۈپ تېرەك قېشىغا باشلاپ بېرىپ:
___ مانا مۇشۇ جاي موللا مۇسا سايرامى مۇدەرىسلىك قىلغان سايرام مەدرىسىنىڭ ئورنى. ئەنە ئاۋۇ ئىسكىلات ئۆيلەر ئورنىدا بۇرۇن 18 ئېغىزلىق مەرىس ئۆيلىرى باركەنتۇق، كېيىن بۇلاق بېشى ئەتىرتى ئىشخانا ئورنىدا ئىشلىتىپتىكەن، بەك كونىراپ كەتكەندىن كېيىنن ئىسكىلاتقا ئۆزگەرتىۋەتكەن. ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى مەمەترېھىم ئەلەمنىڭ زېمىنى ئىدى . ئالدىمىزدىكى پەس تەرەپتە بىر ئېرىق بار ، ئۇ يانبۇلاقتىن تارىتىپ خېلى كۆپ جاينى سۇغۇردۇ. جەنۇپ تەرەپ تاكى چۆل تاغقا بارغۇچە سايلىق، چۆلتاغ باغىرىدا مۇزات دەرياسى بار . بۇ جايدا بۇلاق كۆپ ، .ەنە ئاۋۇ قەبىرستانلىقنىڭ ئايغىدا كۆز ئاغرىقىغا پايدا قىلدىغان بىر بۇلاق بولىدىغان، بۇ كەمگە قۇرۇپ كەتتىمىكىن،- دېگىنچە ئەتراپنى تۇنۇشتۇرۇپ چىقىتى.
مازار بۇلاقنىڭ گۈزەل مەنزىرسى، ساپ ھاۋاسى قەلبىمدە ئۆچمەس تەسىرات قالدۇردى. مەن بىز دەسسەپ تۇرغان ئىگىز قىيالىقتىن جەنۇپقا سۈرۈلگەن يايسىمان ئېدىرلاردىكى تەبئىي يەر تۈزۈلشىگە ئاساسەن ياسالغان پارچا-پارچە پەلەمپەي شەكىللىك ئېتىزلارنى ، سەيلىكلەرنى خېلى ئەتراپلىق كۈزەتكەندىن كلېيىن « بۇ يۇرت خەلىقى يالغۇر قارا كۈچىگىلا ئەمەس، يەنە پاراسىتىگىمۇ تاينىپ ياشايىدىكەن» ،- دېگەنلەرنى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم . بۇ چاغدا ئۆمەر كېرەم بىلەن ئېزىزىجان جەنۇپ تەرەپتىكى ئويمانلىقتا سۇزۇلۇپ ياتقان ، قويۇق دەرەخلەر ئارسىدىكى گىرىمسەن شوللىلار ئارسىدا خىرە كۆرۈنۈپ تۇردىغان يايلىق- ئېدىرلارنى ئىما قىلىشىپ ، پىخىلداپ كۈلۈشكىنچە قىزىق پاراڭغا چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.
سايرامدىكى مۇزات دەريا ۋادىسى
كېيىن زىيارىتىمىنز شەكىل-قورۇلما جەھەتتىن يېقىنقى قەشقەر شەھىرىنىڭ كونا شەھەر رايۇندىكى خالتا كوچىلاردىن قىلچە پەرىقلەنمەيدىغان ئەگرى-بۈگرى تار كوچىلارنى ئايلىنىش شەكىلدە داۋاملاشتى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتە ، سايرام خانىقاسىنىڭ 70ياشلىق ئىمامى ئۆمەر كېرەم، 100ياشتىن ئاشقان ئۆمۈر چولپىنى ئوسمان ئىسلام قاتارلىق كىشلەر بىلەن سۆزلىشىش ئارقىلىق كونا سايرامنىڭ ئىلگىرىكى چاغلاردا ئاھالىلەر ئىنتايىن زىچ ئورۇنلاشقان، كوچا-رەستىلەر ،بوتكا-دۇككانلار بىلەن ئاۋاتلىشىپ تۇرغان، سودا-سېتىق گۈللەنگەن قايناق بازار ئىكەنلىكى ، يەر شەكلى كېڭىيىپ قۇرۇشقا پايدىسىز دەپ قارىلىپ، 1972-يىلى يېزا مەركىزى ھازىرقى ئورنىغا كۆچۈرۈلگگندىن كېيىن، بۇ بازارنىڭ ئاۋاتلقى بارا-بارا يۇقاپ، ئاھالىلەر تەرەپ-تەرەپكە كۆچۈپ كۋتىپ تەدرىجى چۆللىشىشىكە يۈزلەنگەنلىكى ،شۇنداقتىمۇ يەرلىك ئاھالە ئۆز يۇرتىنىڭ ئىلگىرى چوڭ بازار بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدىغاىنلىقى ، ھازىرمۇ ئەتراپتىكى قوشنا يېزىدىكىلەرنىمۇ « سەھرالىق» دەپ ياراتمايدىغانلىقى ، يېقىنقى زاماندا بايدا دەۋىر سۈرگەن داڭلىق كىشلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ مۇشۇ كونا سايرامدىن چىققانلقى……قاتارلىق ئەھۋاللارنى بىلىۋالدىم.
بىز كونا سايرام بازىرنىڭ غەربىي قاسنىقىدىكى قېلىنلىقى بىر يېرىم مىتىر ، ئىگىزلكى ئۈچ مىتىر كىلدىغان سېپىل قالدۇقلىرىنى زىيارەت قىلغاچ ، شىمالغا سوزۇلغان تار كوچا ئارقىلىق تاختا كۆۋرۈك بويىغا چىقىتۇق. يوغان پور تېرەكنىڭ سايىسىدا 8-10 دېھقان قارتا ئويناپ ئولتۇرغانكەن، ئۆمەر كۋرەم بىلەن ئېزىزجانلارنى كۈرۈپ ئالمان-تالمان ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى.
ـ ئېزىز لوبەن، سەرادا پۇل تاپالماي ، شەگە كەپلادە سودا قىلغىلى،- شاپاق دوپپىسىنى قىستۇرۇپ كيۋالغان 65 ياشلاردىكى شاپ بۇرۇت، قاتاڭغا چىراي بىرەيلەن تىنچلىق سوراشنىڭ ئورنىغا ئېزىزجانغا گەپ ئاتتى.
ـ ھە پوچى سارالىقلا، بازانىڭ كىندىكىدىن كەلدۇق ىبز . سايرامنىڭ سۈيى زىيان قىلدىمۇ؟ بازاغا باماس بوپكەتتىلا، شۇڭا ئالدىڭلىغا سالامغا كەلدۇق،- ئېزىزجان شۇنداق دىيشىگە ، بومبا ساقال، قۇش بۇرۇن، كۆز بۇركۈتنىكىڭىدەك چاقناپ تۇردىغان 75 ياشلاردىكى ئۇستىخانلىق بوۋاي:
ـ بازا دېگەن سارام بىلەن تۈگىگەن ئۇكام، ئۈژمىلىك بوممىسا ئۇ، بارىمەن دەپلا بېرىۋىرىدىغان. ياش چاغلىرىمىزدا ھە….. سارامنىڭ بازىرى كۈنى، كېچىچە ئۇخلىماي چاچ-ساقاللىرىمىزنى ياساپ، كوسەي- ئۆتۈكلىرىمىزگە قېيىرنىڭ قارا گۈللىرىنى ئۇرۇپ، مايلاپ چىقاتتۇق. ئەتىسى سەھەردە قايسى ئۆستەڭ قۇرۇق بولسا شۇنىڭ قىنىغا كىرىپ ، پۇتىمىزنى تىزىمىزغىچە قۇمغا پاتۇرۇپ تۇرۇپ نەچچە يۈز قەدەمدىن ماڭاتتۇق. ئۆتۈك پارقىراپ ، چىرايىمىز كۈرۈنگىدەك ھالەتكە كەگەندىلا شەگە، كۆپە تۇماقلىرمىزنى قىرلاپ كىيىپ ، قولىمىزنى بەلۋاغقا قىستۇرغىنمىزچە قېتىق بازىرىغا كىردىغان بولساق ، ھەي ئۇكام…..چوكانلا كۆزىنى ئۈزەلمەي قالاتتى دەيمەن،- دېدى مەيدىسىكى قۇيۇق ئاق تۈكلەرنى قاشلاپ تۇرۇپ.
ـ يامان ئوغرى ھاي بۇ، بىر قېتىم قېتىقچى خوتۇنغا قېتىق بېرەملا، دېمەي، قېتىپ بېرەملا ديشىگە ، ئېرى ئاڭلاپ قېلىپ تازا ساپتىكەن. راسمۇ-يا دەپ گەپ قىستۇردى ياشراق بىرەيلەن.
چاقچاق، پو ئېتىشلار شۇ يۇسۇندا خېلى ئۇزاق داۋاملاشقاندىن كېيىن ، بىز بۇ زۇۋاندارلار بىلەن خوشلۇشۇپ ، يولنىڭ شىمال قاسنىقىدىكى يەنە بىر سېپىل قالدۇقىنى زىيارەت قىىشقا يۈرۈپ كەتتۇق.
بىر چاغدا ئېزىزجان سائىتىگە قارۋىدى، ئەتىگەندىن بېرى ئۇقۇچان ھالەتتە جىملا يۈرگەن تۇرسۇن تەۋەككۈل تۇلۇمدىن توقماق چىققاندەكلا:
ـ تېزراق قايتىپ ، پۇل تاپقىڭلار كېپ كەتىما؟ كىمگە ماشىنا ھەيدەۋاتقىنىڭلىنى ئۇنتۇپ قالماڭلار جۇمۇ؟ ،- ئېزىزجاننىڭ چىشىغا تەگدى. ئېزىزجان تە بۇلۇپ :
ـ توۋا دېسىلە دەيمەن، ما ئەدەمنى….. گۇاڭجۇدىن كېلدىغان مال بار ئىدى شۇڭا….. سايرام ئۈچۈن بىرەر كىتاپ يېزىلىپ قالدىغان ئىش بولسا جېنىمنىمۇ ئايىمايدىغان ئادەممەن، مەلىم جۈرسىلە، قاياققا ماڭىمىز؟- دېگىنچە ئۆمەر كېرەمنى ئالدىرتىشقا باشلىدى. تۇرغۇنكام بولسا ئىبراھىم سۇلايماننىڭ ئالدىدا پىخىلداپ كۈلەتتى.
داڭلىق سەيلىگاھ قىزىل مىڭئۆيى
بىز كۈن ئولتۇردىغان چاغ بۇلۇپ قالغىنغا قارىماي ، ئۆمەر كېرەمنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىنچە ، قىزىل يېزىسىنىڭ جىگدىلىك كەنىتىگە موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئىزدەپ ماڭدۇق. بۇ مىنىڭ پۈتكۈل باي ساپىرى داۋامىدىكى ئەڭ ئەھمىيەتلىك بىر قەدىمىم بۇلۇپ قالدى. بۇ قېتىم مەن موللا مۇسا سايرامىنىڭ ئەۋرىسى ئابلا قارىم ھەم باشقا تۇغقانلىرىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇلار بىلەن كېچىلەپ ئۆلتۇرۇپ سىردىشىپ، بۇ بۇيۈك ئالىمنىڭ جەمت شەجەرىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە تۇرغۇزۇپ چىقتىم ، ھەتتا موللا مۇسا سايرامىدىن قالغان مىخلىما ساندۇق، قارا چىراغ، قەلەمدان ھەم قوليازما قاتارلىق ماددى بۇيۇملارنى ئۆلچەپ-سىزىپ سۈرەتكە تارتىپ ئارخىپلاشتۇرۋالدىم.
شۇندىن كېيىنكى كۈنلەردە، ئۆزۈم ھەر جايلاردا قاڭقىپ يۈرگەن بولساممۇ ، كۈڭۈل-رىشتىم كاتتا بازىرى كۆچۈۋېتىلگەن بولسىمۇ ، ئەسلىدىكى روھى ئۆچمىگەن كونا سايرامنىڭ تاشلاندۇق، غېرىبانە كوچا-رەستلىرىدە ، بىر زامانلاردا ، سايرام بازىرىدا ياشىغانلىقى بىلەن تۆت ئەتراپدىكىلەرنىڭ كۆزىنى قىزارتىپ ئۆتكەن، « بىز دېگەن شەلىك » دەپ مەيدە مۇشىتلاپ دەۋىر سۈرگەن، ئەمدىلىكتە بولسا تەغدىرىگە تەن بېرىپ دېھقان بۇلۇپ كەتكەن ئاشۇ پاراسەتلىك كىشلەرنىڭ پاكىز ھويلا-ئاراملىرى ئارسىدا قانات قېقىپ يۈردى.
مەنبە: « شىنجاڭ سەنئىتى » ژورنىلى 2008-يىللىق 4-سان ئۆمەرجان ئىمىن يازغان « باي خاتىرلىرى» ناملىق ماقالىدىن ئېلىندى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2233