تۇرمۇش خاتىرىسى

تەڭرىنىڭ سورايدىغانلىرى

تەڭرى قانداق پىكاپ ھەيدىگەنلىكىڭىزنى ئەمەس، قانچە ئادەمنى پىكاپقا سېلىۋالغانلىقىڭىزنى سورايدۇ،

تەڭرى ئۆيىڭىزنىڭ قانچىلىك چوڭلۇقىنى ئەمەس، غېرىب – غۇراۋادىن نەچچىنى ئۆيىڭىزدە قوندۇرغانلىقىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى كىيىملىرىڭىزنىڭ ئېسىللىقى ۋە سانىنى ئەمەس، زىمىستاندا قالغان قانچە بىچارىگە كىيىم بەرگگنلىكىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى مەنسىپىڭىزنىڭ دەرىجىسىنى ئەمەس، رىئاللىقتىكى ئىش – ئەمەللىرىڭىزنىڭ ئىش – ئەمەللىرىڭىزنىڭ قىممىتىنى سورايدۇ.

تەڭرى مال – دۇنيارىڭىزنىڭ سانىنى ئەمەس، سىزنىڭ ئۇ مال – دۇنيارىڭىزنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالغان – قالمىغانلىقىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى تاپاۋېتىڭىزنىڭ قانچىلىكلىكىنى ئەمەس، ئۇنىڭ ئادىمىيلىكىڭىزنى يوقىتىش بەدىلىگە كەلگەن – كەلمىگەنلىكىنى سورايدۇ.

تەڭرى خىزمىتىڭىزنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان – چىقمىغىنىڭىزنى ئەمەس، خىزمەتكە قانچىلىك جان كۆيدۈرگەنلىكىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى ئاتا – ئانىڭىزنىڭ سىزگە قانچىلىك ئىش قىلىپ بەرگىنىنى ئەمەس، ئاتا – ئانىڭىز ئۈچۈن نېمە ئىش قىلىپ بەرگەنلىكىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى ئۆزىڭىز ئۈچۈن قانچىلىك كاللا قاتتۇرغىنىڭىزنى ئەمەس، باشقىلار ئۈچۈن قانچىلىك تەر تۆككىنىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى دوستلىرىڭىزنى سانىنى ئەمەس، قانچە ئادەمنىڭ دوستى بولغىنىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى قوشنىڭىزنى قانداق ئادەملىكىنى ئەمەس، قوشنىڭىزغا قانداق مۇئامىلىدە بولغانلىقىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى قانچە قېتىم راست گەپ قىلغىنىڭىزنى ئەمەس، قانچە قېتىم يالغان سۆزلىگىنىڭىزنى سورايدۇ.

تەڭرى چىراي – تۇرقىڭىزنى ئەمەس، ئەخلاق – پەزىلىتىڭىزنىڭ قانداقلىقىنى سورايدۇ.

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەييارلىغان

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3405

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-03-18
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: