![]() |
مېھىر – مۇھەببەت ھەر جايدا بار
ئاينۇر دولقۇن
“ شىنجاڭ گېزىتى ”نىڭ بۇ يىل 10 – ئاۋغۇسىتتىكى سانىغا “ ئانىغا يېتىپ كەتكەن < ئوغلى > نى ئىزدىشىپ بىرەيلى “ ناملىق بىر خەۋەر بىسىلدى. خەۋەردە قارىماي شەھرىنىڭ جەرەنبۇلاق رايۇنىدىكى مەلۇم خوجىلىق بۆلۈمنىڭ تازلىق ئىشچىسى ۋاڭ گولەننىڭ ئوغلى ھايات چېغىدا ئانىسىغا قالدۇرغان سۆزى ئېلىنغان يان تېلېفۇننى يۈتتۈرۈپ قويغاندىن كېيىنكى ئىزدەش ۋە تىپىش جەريانى ئەكىس ئەتكەن. ۋاڭ گولەننىڭ يان تېلېفۇننى ئىزدەش ئېلانى توردا تارقالغاندىن كېيىن، 140 مىڭ تورداش بۇنىڭغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇلارنىڭ “ يان تېلېفۇننى تىپىۋالغان ياخشى نىيەتلىك كىشىنىڭ ئۇنى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بىرىشى، لازىم بولسا، تىپىۋالغۇچىغا يېڭى يان تېلېفۇندىن بىرنى سوۋغا قىلىشنى خالايدىغانلىقى ”، “ كىمكى يان تېلېفۇننى قايتۇرۇپ بەرسە، ئۇنىڭغا 10 مىڭ يۈەن سۆيۈنچە بىرىمەن “ دېگەندەك پىكىرلىرى؛ “ قارىماي گېزىتى ”، قارىماي رادىئو ئىستانىسىسىنىڭ مەخسوس يان تېلېفۇن ئىزدەش قىزىق لىنىيىسى ئاچقانلىقى؛ جەرەنبۇلاق رايۇنلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ جىنايى ئىشلار ساقچى چوڭ ئەتىرىتىدىكى ساقچىلارنىڭ 4000 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ بۇ يان تېلېفۇننى ئاخىرى تاپقانلىقى توغرىسىدىكى بايانلار كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى بىز توردا ياكى رىئال تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. ئەمما، يەنە كىشى كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان بەزى مەسىلىلەرمۇ يوق ئەمەس.
13 – سىنتەبىر كەچتە دوستۇم بىلەن تاماقلىنىپ ئولتۇرۇپ، تېلۋىزۇردىن “ بۈگۈنكى سۆھبەت “ پىرۇگىراممىسىنى كۆردۈم. ئۇ كۈنكى سۆھبەتنىڭ باش تېمىسى “ ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشسە يۆلەش كېرەكمۇ ؟ “ دېگەن مەزمۇندا ئىدى. شۇ ئەسنادا ئۇدۇلۇمدىكى ئورۇندا تاماق يەۋاتقان ئاتا – بالىنىڭ پارىڭى دىققىتىمنى تارتتى.
ئاتا : كۆكتات بازىرىنىڭ ئىغىزىدا 80 ياشلىق بىر موماي يىقىلىپ چۈشسىمۇ، يۆلەيدىغان ئادەم چىقماپتۇ. كىشىلەردە مىھىر – مۇھەببەت قالمىدىمۇ نېمە ؟
بالا : ئۇنداق مۇتلەقلەشتۈرۈشكە بولمايدۇ. ئەگەر بىرى موماينى يۆلىسە، ئۇ يۆلىگەن كىشىنى “ مېنى يىقىتىۋەتتىڭ “ دەپ ئىسىلىۋالسا، “ كۆڭۈلچەكنىڭ كۆتى ئوچۇق “ بولمامدۇ؟…
مېنىڭچە “ ياشانغانلار يىقىلىپ چۈشسە يۆلەش كېرەكمۇ ”دېگەن بۇ سوئالغا، ھەممە ئادەم “ ئەلۋەتتە يۆلەش كېرەك “ دەپ جاۋاب بىرىدۇ. لېكىن، ھېلىقى ئاتا – بالىنىڭ پاراڭلىرى جەمئىيتىمىزدە ساقلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى، كىشىلەرنىڭ ئىڭىدىكى بىر قىسىم خۇدۈكسىرەش ۋە بىپەرۋالىقنىڭ ئىغىرلىشىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە جەمئىيتىمىزدىكى كىشىلەردە ھەقىقەتەن مېھىر – مۇھەببەت قالمىدىمۇ ؟ ياق، ئۇ ھەممە جايدا، ھەر خىل ئىپادىدە مەۋجۇت ! مېھىر – مۇھەببەت ئىنسان تەبىئىتىدە ئەسلىدىنلا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، بۇ كىشىلەرنىڭ ئۇنى قانداق ئىپادىلىشى ۋە بېيتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەگەر سىز يولدىكى بىر تال بانان شۆپىكىنى باشقىلار تىيىلىپ كەتمىسۇن، موھىت بۇلغانمىسۇن دەپ ئېلىپ ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىۋەتسىڭىز؛ ئاپتۇبۇسقا چىقىشتا ياشانغانلار ۋە ئاجىز – مىيىپلارغا يول بەرسىڭىز، بىرەرسى سىزدىن يول سورىغىنىدا، سەمىمىيلىك بىلەن كۆرسىتىپ قويسىڭىز، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئىرىشكىنىڭىزدە كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ رەھمىتىڭىزنى بىلدۈرسىڭىز، شوپۇر بولسىڭىز، بىر ياشانغان كىشى ئاپتۇبۇسقا چىقىشتا قىيىنىلىپ، ۋاقىت سەل ئۇزۇراپ كەتسىمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈپ، ئۇنىڭغا ئىمكان يارىتىپ بەرسىڭىز، ئۆز كەسپىڭىزنى بار تىرىشچانلىقىڭىز ۋە مۇھەببىتىڭىز بىلەن تىرىشىپ ئىشلىسىڭىز… دېمەك، تۇرمۇشنىڭ مانا مۇشۇنداق ھەر بىر كىچىك ھالقىسىدا مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ئىپادىلىنىدىغانلىقى ئىنىققۇ !؟
كۈلۈمسىرەڭ، سەمىمىي كۈلكىڭىز سىزگە باققان يۈرەكلەرنى كۈلۈمسىرىتىدۇ.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1155
ھەقىقەتەن تۇرمۇشقا يېقىن يازمىلارنى يېزىۋاتىسىز تېخىمۇ تىرىشىڭ ، ئىستىقبالىڭىز پارلاق !!!
رەھمەت قىرىندىشىم، قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى بىرىپ تۇرغايسىز…