![]() |
نىكاھ تۇرمۇشىڭىزدا سوغۇق قان بولۇڭ.
_ سەندەك خوتۇن بىلەن توي قىلغۇچە بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتسەم بولمامتى ؟ بالىنىڭ يۈزىنى قىلمايدىغان بولسام سەن بىلەن ئاللا بۇرۇن ئادا-جۇدا بولغان بولاتتىم…………
ئىشقا كىتىۋاتىمەن، كېچىچە قوشنامنىڭ ئۆيىدىن ئاڭلانغان گەپلەر قۇلاق تۈۋىمدىن كەتمەيدۇ، ئەللۋەتتە، قوشنامنىڭ ئايالىغا قاقشىشى تۇنجى قىتىملىق ئىش ئەمەس، بەزىدە شۇنداق چاغلادا ئۇلاغا نەسىھەت قىلماقچى بولىمەن-يۇ، باشقىلارنىڭ ئەر-خوتۇننىڭ ئىشىغا ئارلاشمىغۇلۇق دىگەن گىپىنى يادىمغا ئىلىپ توختاپ قالىمەن، شۇنداقتىمۇ بۇ ئايىغى چىقمايدىغان تاپا-تەنە، تىل-ئاھانەتلەر ھامان مىنى ئويلىنىشقا سىلىپ قوياتتى.
_ ئاراڭلادىكى زىددىيەتنىڭ سەۋەبى زادى نىمە؟_دەپ سورۇدۇم بىر كۈنى قوشنامنىڭ ئايالىدىن، ئۇ بىر دەملىك سۈكۈتتىن كىيىن پىكىر بىردەكلىكنىڭ كەملىكى، ئېرىنىڭ دايىم ‹مەن دىگەن ئەر كىشى، دىگىنىم ھىساپ› دەپ ئۇنىڭ پىكرىگە قەتئىي ھۆرمەت قىلمايدىغانلىغى، ئىككىسىنىڭ شۇ سەۋەپ بىلەن جىدەللىشىپ قالدىغانلىغى، ئۇلانىڭ پەقەت بالىنى دەپ نىكاھنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بەردى.
بىلسەك، ئەرلەر ئاياللانىڭ ئائىلە يۈكىنى زىممىسىگە ئىلىشى بىلەن خىزمەتتە ئالغا باسىدۇ، ئاياللا ئەرلىرىنىڭ دەل شۇ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە، ئۇتۇق، شان-شەرەپلىرىدىن پەخىرلىنىپ ياشايدۇ، ئەگەر ئەر-ئايال ئوتتۇرسىدا تۇرمۇش، خىزمەت قاتارلىق نۇرغۇن جەھەتلەردە پىكىر بىردەكلىكى بولمىسا بۇنداق ئائىلىنىڭ بەخىتلىك بولالىشى ناتايىن.
ئەرلەر ئەر بولۇپ تۆرۈلۈپ قالغانلىغىدىن ئەمەس،بەلكى ئائىلىدىكى مەسئوليىتى،خوتۇن-بالىلىرىغا بولغان ۋاپادارلىقى،شۇنداقلا. ئائىلە، خىزمەت، جەميەتتىكى بۇرچىنى تولۇق تونۇپ يىتىپ، ئۇنى جان پىدالىق بىلەن ئادا قىلالغانلىغى بىلەن ھەقىقى ئەركەك سانىلىدۇ.
ئايالنىڭ ۋاپادارلىقى، ساداقەتمەنلىكى ئەرلەنىڭ قەددىنى رۇسلاپ، خىزمەتلىرىدە نەتىجە قازىنىشىغا تۈرۈتكە بولسا، ئەرلەرنىڭ چىن سويگۈسى، ھۆرمىتىگە ئېرشىشى ئاياللارغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھىس قىلدۇردۇ، ئەر-ئاياللار بىر-بىرىگە سادىق بولۇپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلالغاندىلا ھاياتنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى چۈشۈنۈپ يىتەلەيدۇ، شۇڭا، نىكاھ تۇرمۇشىدا يولۇققان ئىشلارنى سوغۇققانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ، بۇ جەرياندا ئەرلەر تەشەببۇسكار بولۇپ، سەۋەنلىكنى كۆپرەك ئۈستىگە ئېلىشى، ئاياللارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىشى زۈرۈردۇر. بۇ ئەر كىشى ئۈچۈن ئەقەللى مەجبۇريەت، باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيەتتۇر.
مەنبە : شىنجاڭ قانۇنچىلىق گىزىتى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3314