تۇرمۇش خاتىرىسى

20 دوللارنىڭ قىممىتى

بىر كۈنى، ئاتا ئىشتىن بەكلا كەچ قايىتتى. ئۇ تولىمۇ چارچىغان بولۇپ، روھسىز كۆرۈنەتتى. ئۇ بەش ياشلىق ئوغلىنىڭ ئىشىككە يۆلەنگىنىچە ئۆزىنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

ـ ئاتا، سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقاي دېگەندىم، ـ دېدى ئوغلى.

ـ نېمە ئىشتى ؟ ـ سورىدى ئاتىسى.

ـ سىز بىر سائەتتە نەچچە پۇل تاپىسىز ؟ ـ سورىدى ئوغلى.

ـ بۇنىڭ سەن بىلەن نېمە ئالاقىسى ؟ ـ ئاتىسىنىڭ سەل ئاچچىقى كەلدى.

ـ مېنىڭ بىلگۈم بار، سىز بىر سائەتتە زادى نەچچە پۇل تاپىسىز ؟ ـ بالا يالۋۇرغان قىياپەتتە يەنە سورىدى.

ـ ئەگەر بەكلا بىلگۈڭ بولسا، مەن ساڭا دەپ بېرەي، مەن بىر سائەتتە 20 دوللار تاپىمەن.

ـ ھە…

بالا بىر ھازا تۇرۇۋەتكەندىن كېيىن، يەنە ئېغىز ئاچتى.

ـ ئاتا، سىز ماڭا ئون دوللار بېرىپ تۇرالامسىز ؟

ـ ئەگەر مەندىن پۇل ئېلىپ قىلچە قىممىتى يوق ئويۇنچۇق ئالىدىغان ئىشىڭ بولسا، ماڭ، ھازىرلا كىرىپ ئۇيقۇڭنى ئۇخلا. ئۆزۈڭنىڭ قانداقلارچە بۇنداق شەخسىيەتچى بولۇپ كەتكىنىڭنى ئوبدانراق ئويلاپ باق. مەن ھەر كۈنى ئۆلگۈدەك ئىشلەۋاتىمەن، سەن بىلەن بالىلار ئويۇنى ئوينايدىغانغا مېنىڭ ۋاقتىم يوق !

بالا ئۈن – تىنسىز ھالدا ھۇجرىسىغا كىرىپ كەتتى.

ئاتىنىڭ ئاچچىقى تېخىچە بېسىلمىغانىدى. بىر ئازدىن كېيىن ئۇ پەسكويغا چۈشۈپ ئويلىنىپ قالدى: “ بالىغا بەك قوپال تېگىپ قويدۇممۇ – نېمە، بەلكىم ئۇنىڭ راستتىنلا بىرەر نەرسە ئالغۇسى بولغىيمىتى، ئىلگىرى ئۇ ئانچە پۇل سورىمايدىغان… ”

ئاتا بالىنىڭ ھۇجرىسىغا كىردى.

ـ ئۇخلاپ قالدىڭمۇ ؟

ـ ياق ئاتا، تېخى ئۇخلىمىدىم، ـ بالا جاۋاب بەردى.

ـ بايا مەن ساڭا قوپاللىق قىلىپ قويدۇم، ئەسلىدە ئۇنداق چېچىلماسلىقىم كېرەك ئىدى، مانا ئون دوللار، ئالغىن.

ـ رەھمەت ئاتا.

بالا خوشاللىقىدىن چاچراپ تۇرۇپ، ياستۇقى ئاستىدىن پۈرلىشىپ كەتكەن پارچە – پۇرات پۇللارنى ئېلىپ ئالدىرىماي ساناشقا باشلىدى.

ـ ئۆزۈڭنىڭ پۇلى بار تۇرۇپ، يەنە مەندىن پۇل سورىغىنىڭ نېمىسى ؟ ـ  سورىدى ئاتا.

ـ مېنىڭدىكى پۇل يەتمەيتتى. مانا ئەمدى يېتىدۇ، ـ دېدى بالا.

ـ ئاتا، ھازىر مەندە 20 دوللار بار بولدى، مەن سىزنىڭ بىر سائەتلىك ۋاقتىڭىزنى سېتىۋالسام بولامدۇ ؟ ئەتە ئىشتىن بىر سائەت بالدۇر كەلسىڭىز، مېنىڭ سىز بىلەن كەچلىك تاماقنى بىللە ئولتۇرۇپ يېگۈم بار.

 

بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=857

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-03-15
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: