ياخشىلىق…
بىر كۈنى دۇنيادا پۈتۈن ھاياتىنى ئەسكىلىك ۋە جىنايەتلەر بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر ئادەم ئۆلدى. ئۇ ئادەم ئۇدۇل دوۋزاققا ئېۋەتىلدى. ئادەم دوۋزاققا كىرىدىغان ۋاقىتتا دوۋزاقنىڭ ئىشىگىنى باقىدىغان مالائىكە ئۇ ئادەمگە شۇنداق دېدى:
- ئەگەر سەن دوۋزاققا كىرمەيمەن دىسەڭ، ھاياتىڭدا قىلغان بىر تال بولسىمۇ ياخشىلىغىڭ بولسا ئېيتقىن يېتەرلىك بولىدۇ، ياخشى ئويلان دېدى.
ئۇ ئادەم ناھايىتى ئۇزۇن ئويلاندى ۋە ئاخىرى قىلغان ياخشىلىغىنى ئەسلىيەلىدى.
- بىر قېتىم ئورمانلىقتا كېتىۋاتقان ئىدى يولدا بىر ئۆمچۈكنى كۆردى ۋە ئۇ ئۆمچۈكنى دەسسىۋالماسلىق ئۈچۈن يولىنى ئۆزگەرتكەن ئىدى.
ئۇ ئادەم ھاياجان بىلەن بۇ ئەھۋالنى ئېيتىپ بەردى.
مالائىكە كۈلۈمسىردى ۋە ئۇ ئادەمگە بىر ئۆمچۈك تورىنى چۈشۈرۈپ بەردى. ئۇ ئادەم بۇ ئۆمۈچۈك تورىغا ئېسىلىپ جەننەتكە كىرەلەيتتى. ئادەم ئۆمچۈك تورىغا ئېسىلىپ يوقۇرىغا چىقىۋاتقىنىدا دوۋزاققا مەھكۇم بولغانلاردىن بىرقانچىسى بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ جەننەتكە كىرىۋېلىش ئۈچۈن ئۇ ئۆمچۈك تورىغا ئېسىلىپ يامىشىشقا باشلىدى.
ئۇ ئادەم ئارقىسىغا قاراپ ئۇ كىشىلەرنى كۆردى ۋە ئۆمچۈك تورىنىڭ ھەممىسىنى كۆتىرەلمەي ئۈزۈلۈپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇلارنى تىپىپ چۈشۈرۈۋەتمەكچى بولدى. دەل شۇ ۋاقىتتا دىگەندەكلا ئۇ ئۆمچۈك تورى ئۈزۈلۈپ كەتتى- دە، باشقىلار بىلەن ھىلىقى ئادەممۇ بىللە دوۋزاققا چۈشۈپ كەتتى.
”ئىسىت“ دېدى مالائىكە.
ئۇ ئادەمنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ھاياتىدا قىلغان بىردىن- بىر ياخشى ئىشىنىمۇ يامان ئىشقا ئايلاندۇرىۋەتتى. ئۇ ئىنسانلارغا شەپقەت قىلالىغان بولسا ئىدى، ئۆمۈچۈك تورىنىڭ ھەممە كىشىنى كۆتۈرەلەيدىغانلىغىنى كۆرەلەيتتى…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2112