ئۇيغۇر ئەرلىرى « غىتمەك » ئەمەس…
ئاپتۇرى: «تىنماس ئېقىىن»
پۈتۈن كۈنلۈك دىجۇرنىلىقىمدا مۇنبەر ئارىلاپ ئېسىل يازمىلاردىن بەھىرلەنگەن بولسام، ئەرلەرنى سۆكىدىغان يازمىلارنىڭ كۆپ ئىكەنلىكىدىن ئىچىم ئاچچىق بولدى. قايسى بىر مۇنبەردە ئەرلەرنىڭ «غىتمەك»لىشىىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بەس-مۇنازىرە خېلىلا قىززىپ ئاخىرى جىدەل بولۇپ تېخى تامام بولماپتۇ …
ئويلۇنۇپ قالدىم، ئۇيغۇر ئەرلىرىمىز راستىنلا «غىتمەك» لىشىپ كەتكەنمىدۇ؟ كۆزۈمنى ئاستا يۇمۇپ ھاياتلىق سەپىرىمدە ماڭا تەسىرى چوڭقۇر بولغان ئەرلەرنى ئەسلەپ ئۆتتۈم……
دەسلەپتىلا كۆز ئالدىمغا ھۈسەنباي كۆن -خۇرۇم زاۋۇتىدا ئىشلەپ، سەككىز بالىسىنىڭ قاتارىدا نەۋرىسىىڭ چوڭى بولغان مېنى قېتىپ، توققۇز بالىنى ئاشۇ ئازغىنە ئىش ھەققىگە تايىنىپ، بارلىقىمىزنى ئۇيغۇرغا خاس ئەقىدە بىلەن تەربىيەلەپ چوڭ قىلغان بوۋامنىڭ ئاشۇ تىىنماس تىرىشچان روھىدىن، بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئادىمىلىكىدىن مەن «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
دادام ئاتا -ئانىسىدىن كىچىكىدىلا ئايرىلغان، كىچىكىدىن تىرىشىپ قىيىنچىلىق ئىچىدىن يول ئاچقان ئىكەن. دادامنىڭ ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى مۇڭ بىلەن ئېيتقاش ماشىنا ھەيدىگەن ھالىتى كۆز ئالدىمدىن پەقەت كەتمەيدۇ. جېنىم دادام ئەسلى دەرت -ئەلەملىرىنى ناخشىسى بىلەن تۈگىتەر ئىكەن. ئاشۇ شوپۇرلۇق كەسپىگە باغلانغان ھالال مىھنىتى بىلەن بىز بەش بالىنى قاتارغا قاتقان قەيسەر روھىدىن مەن «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
دادام -ئاپامغا ئېغىرىنى چۈشۈرمەي ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەپ تۇرمۇش داۋانلىرىدىن ئېشىۋاتقان ئۈچ ئىنىمنىڭ ئاياللىرىغا بولغان مىھرىبابلىقى، بالىلىرىغا بولغان كۈيۈملۈكلىكى، ئىلىم سۆيەرلىكى، ۋىجداننى ھەمراھ قىلىشلىرىدىن مەن نەھايەت «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
ئائىلىنىڭ مۇقەدەسلىكىنى ھەر ۋاقىت سەمىمگە سېلىپ مۇكەممەل ئايال بولۇشۇمغا نىسبەتەن تولىمۇ تەلەپچان، كەسكىن يولدۇشۇمنىڭ ئائىلە، جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى مۇۋاپىق ئادا قىلىشلىرىدىن مەن ئاتالمىش «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
ئۇرۇش فىلىملىرىنى كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدىغان، سەۋەبىنى سورىغىنىمدا جەڭ ماھارىتىنى ئىگەللەۋاتقانلىقىنى، ئەگەر جەڭ بولۇپ قالسا مىنىڭ ئۆزلىرىنى ئالدىنىقى سەپكە كۈلۈپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇشۇمنى تەلەپ قىلىدىغان ئىككى ئوغلۇمنىڭ روھىدىن «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
يىتىملارغا ھەر ۋاقىت ياردەم قىلىپ بېشىنى سىلاشنى ئادەت قىلغان، مەھەللىدە جىدەل بولسا ئاللىكىملەردەك قول قويۇشتۇرۇپ تاماشا كۆرۈپ تۇرۇشنى ئەركەكلىككە زىت دەپ چۈشۈنۈپ ئوتتۇرغا چۈشۈپ ئادىل ياراشتۇرىدىغان، ئۆملۈكنى، ئناقلقنى ئۆزىدىن باشلايدىغان ئاشۇ ئەر خوشنا-خولۇمنىڭ جسمىدىن مەن «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
ئىلگىرى مەكتەپتە بىللە ئىشلىگەن، پىداگۇكىلىق پاراسەتكە ئىگە، تەڭسىزلىككە ئۇچىرىغاندا ئۈستەل مۇشلاپ بۆرىدەك ھۇۋلاپ كېتىشلىرى قەھرىمانلىرىمىزدىكى جاسارەتنى ئەسلىتىدىغان ئاشۇ ئەر خىزمەتداشلىرىمنىڭ روھىدىن مەن «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
تىل ئۆتكىلى بېسىم ئېلىپ كېلىۋاتقان مۇشۇ قىيىن شارئىتتا بىر تەرەپتىن كەسپى تىلنى ئۈگۈنۈپ، بىر تەرەپتىن خىزمەت ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان تىل سەۋەپلىك، بەزىدە غۇرۇرىغا تاقىلىدىغان سۆزلەرگە ئۇچىرىغىنىدا تىرناق تاتىلاپ قاراپ تۇرماي، داۋلى بىلەن غۇرۇرىنى قايتۇرىۋالىدىغان، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلمەس روھىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدىغان ھازىرقى ئىدارەمدىكى ئەر خىزمەتداشلىرىمنىڭ روھىدىن مەن «غىتمەكلىك»نى تاپالمىدىم.
ئاللىكىملەردەك ئايالىنى پۇل تېپىشقا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى ئۇنىڭ كىرىنى يۇيۇپ، تامغىنى ئېتىپ ياشاشنى، بېشى كەتسىمۇ ئۆزىگە راۋا كۆرمەيدىغان ئائىلىنى قامداشنى، خاتىرجەم قىلىشنى، ئەرلىك دەپ چۈشۈنىدىغان بىزنىڭ ئىدارە ئالدىدىكى ئىشلەمچىلەرنىڭ تەلمۈرۈپ تۇرۇپ ئىش كۈتۈشلىرىدىن، جان تىكىپ ئىشلەشلىرىدىن مەن «غىتمەك»لىكنى تاپالمىدىم.
بىر ماتىريالدىن كۆرۈشۈمچە ئادەمنىڭ مېڭىسى سىرىتتىن كىرگەن ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسىنى بىر خىل بۇيرۇق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىدىكەن، ئەگەر سىز «مەن ئەقىللىق» دېسىڭىز، مېڭىڭىز «سەن ئەقىلىق »دەپ پۈتۈن بەدىنىڭىزنى بىر ئەقىللىق ئادەمنىڭ بەدىنى بويىچە پىرۇگىرامىلاشتۇرۇپ بېرىشكە تىرىشىدىكەن. ئويلاپ باقايلى بىز ئۇيغۇر ئەرلىرىمىزنى «غىتمەك »سۆزى بىلەن سۈپەتلەۋەرسەك، بىز ئاڭلاۋەرسەك، مېڭىمىز بەدىنىمىزنى قانداق ھالەتتە پىرۇگىرامىلاشتۇرۇپ قويىدۇ، روھىمىز، ئىرادىمىز، غەيرىتىمىز، بەدەن قۇۋىتىمىز قانداق ھالەتتە بولار؟
شۇنداق خىتاپ قىلغۇم كېلىدۇ : ئۇيغۇر ئەرلىرى«غىتمەك »ئەمەس!
مەنبە : يارپ مۇنبىرى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3614