تۇرمۇش خاتىرىسى

    

نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار

بارلىق كىشىلەر نىكاھىنىڭ ئاداققىچە داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، بىراق نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشى كۆپ ھاللاردا تاسادىپىي بولىدۇ شۇنداقلا نىكاھنى بۇزىدىغان سەۋەبمۇ ئاددىي بولىدۇ.

تۆۋەندىكىلەر نىكاھنى بۇزىدىغان سەككىز تۈرلۈك ئىش بولۇپ، بۇنىڭغا دىققە قىلىش كېرەك:

1. ئەر – ئايال جىدەللىشىپ قالغاندا بىر – بىرىنىڭ زىتىغا تېگىش ۋە قارشى تەرەپنى كەمسىتىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋېلىش.

2. ئىككى تەرەپ ئەخمىقانە باھانە تېپىپ بىر – بىرى بىلەن جىدەللىشىش. كىچىككىنە ئىشنى دەپ تۈگىمەس جېدەل چىقىرىش.

3.ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىش، ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىۋېلىش.

4. كۈندەشلىك قىلىش. ئالاقىدار بىلىم ۋە تەجرىبە كەمچىل ئەھۋال ئاستىدا قارشى تەرەپنىڭ ياردىمىنى قوبۇل قىلماسلىق.

5. بىر تەرەپ ئۆزىنىڭكىنىلا راست قىلىپ، جورىسىغا ياتلارغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىلىش.

6. ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدا بىرەيلەن ئالدامچىلىق قىلىش، نىكاھ سىرتىدا ئاشنا تۇتۇش.

7. ھەر قانداق ئىشقا پەرۋاسىز قاراش، رېئاللىقتىن قېچىش، ھەر قانداق ئىشنى كۆڭلىدە ساقلاپ باشقىلارغا ئاشكارىلىماسلىق.

8.ئەر – ئايال ئوتتۇرىسىدا ھەر قانداق شەكىلدە ئالاقە بولماسلىق. مەسىلەن، خەت يېزىش، ئېلىكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئەۋەتىش دېگەندەك. بۇ خىل ئەھۋالمۇ نىكاھنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3520

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-04-23
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: