![]() |
ئاتا بولۇڭ، ئاتىدەك بولۇڭ
يېقىندا مەلۇم بىر گېزىتنىڭ ‹پەرزەنت تەربىيەسى›ناملىق سىتونىدا ،ئامرىكا زوڭتوڭى ئوباما ھەققىدە يېزىلغان تۆۋەندىكى قۇرلار دېققىتىمنى تارىتتى. بىر قېتىملىق ئاتىلار بايرىمى ھارپىسىدا ،ئامرىكا زوڭتوڭى ئوباما ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى ۋاقتىنچە قايرىپ قويۇپ،بىر قېتىملىق ئاتىلار بايرىمى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ ،ئۆزىنىڭ بالا تەربىيەلەش ۋە ئاتىلىق بۇرچ توغرىسىدىكى كۆز قاراشلىرىنى يىغىن ئىشتىراكچىلىرى بىلەن ئورتاقلاشقان.
بىر ئوقۇغۇچى ئوبامادىن: « سىزنىڭچە زوڭتوڭ بولۇش سالاھىتىڭىز بىلەن دادا بولۇش سالاھىتىڭىزنىڭ قايسىسى مەنىلىك؟» دەپ سورىغاندا ئوباما: « دادا بولۇشتىنمۇ مەنىلىك ئىش بولمىسا كېرەك » دەپ جاۋاپ بەرگەن.
ئوبامانىڭ ئېيتىشىچە ،ئۇ بىر قېتىم قىزلىرى ئوقۇۋاتقان مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن ئاتا-ئانىلار يىغىنىغا قاتناشقاندا، ئوقۇتقۇچىنىڭ قىزلىرىنى ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي ماختاشلىرىنى ئاڭلاپ ھاياجانلانغان، ئۇنىڭ سوزى بويىچە ئېيىتقاندا،ئەينى چاغدا ئۇ ئۆزىنىڭ زوڭتوڭ بولغان چاغدىكىدىنمۇ بەكرەك پەخىرلىك ھېس قىلغان. ئوبامانىڭ قارىشىچە ،بىر دادىغا نىسبەتەن بالىلار بىلەن بىللە بولغان ھەر-بىر مىنۇتنى خوشال ئۆتكۈزۈشنى قولغا كەلتۈرۈشلا مۇھىم بولۇپ قالماي، ئۇلار مەسىلىگە يولۇققاندا ياردەم بېرىش، ئۇلارغا چىدام ۋە غەيرەت، تىرىشىش ۋە ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەشنى، شۇنداقلا ئۇلاردا توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك قىممەت قاراشنى يېتىلدۈرۈش تولىمۇ مۇھىم ئىكەن، بالىلار قەلبىدە ‹مۇككەممەل دادا› لىق ئوبراز تىكلەش تېخىمۇ مۇھىم ئىكەن.
دۇنيادا ئەڭ تەرەققى تاپقان بىر دۆلەت زوڭتوڭىنىڭ، ئاتىلىق سالاھىتىنى زوڭتوڭلۇق سالاھىتىدىنمۇ ئارتۇق ۋە مەنىلىك ھېس قىلىشى، ئاتا-ئانىلار يىغىنى ئۈچۈن دۆلەت ئىشلىرىنى ۋاقىتلىق قايرىپ قويۇشى، بىزنىڭ ھازىرقى دەۋىردە ياشاۋاتقان، بالا ئۈچۈن دۆلەت ئىشى ئەمەس ھەتتا ئويۇن تاماشىسىنىمۇ ۋاقىتلىق قايرىپ قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىمايدىغان دادىلار ئۈستىدە ئويلاندۇرماي قويمايدۇ.
بۇ دۇنيادا ھەرقانداق بىر ئەركەك دادا بولۇشقا تەلپۈنىدۇ، دادا بولغاندا ئۆزىنى چەكسىز بەخىتلىك ھېس قىلىدۇ، ئەگەر بىرەر ئەر بۇ دۇنيادىن پەرزەنتسىز كەتسە ئۇ ئۆزىنى ئەڭ بەخىتسىز ئىنسانلار قاتارىغا قويىدۇ. مېنىڭچە بالا تېپىش قىيىن ئەمەس، بۇ قۇرۇت قوڭغۇزدىن تارتىپ ئۇچار قۇش ھەتتاكى ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانلىكى جانلىقلار دۇنياسىدىكى ئورتاق خۇسۇسىيەتتۇر. پەرق ئۆزى دۇنياغا ئاپرىدە قىلغان بىر جاننى ئاڭلىق، ئەقىللىق، ئەدەپلىك قىلىپ تەربىيەلەپ ئۆستۈرۈش پەقەت ئىنسانىيەتكىلا خاستۇر.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى بىزدە ئاتىلىرىمىزنىڭ ئائىلىگە بولغان مەسئۇليەتچانلىقىنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىشلار بىزگە قەدەمدە بىر دىگۈدەك ئۇچراپ تۇرۇۋاتىدۇ، بۇنى قىسمەن ئەھۋال دەپ ئۆزىمىزگە تەسەللى بەرسەكمۇ، ئەمما بۇ ھەرگىزمۇ سەل قارىلىدىغان مەسىلە ئەمەس، چۈنكى ئاتىلارغا بولغان ئىشەنچنىڭ سۇسلىشىپ كېتىشىنىڭ ئاقىۋېتى بەك قورقۇنۇچلۇقتۇر، ئاتىلاردا ئىشەنچ قالمىغان ئەلدە ھەممە ئىش تەتۈرگە ماڭىدۇ دىگەن سۆز بار. ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئېقىپ ياشاۋاتقان خىزىر سۈپەت ئاتىلارمۇ ئاز ئەمەس، لېكىن يەنىلا ئۆز ئاتىلىق مەجبۇرىيىتىنى يادىدىن چىقىرىپ قويۇشقان، پەرزەنتنى تېپىپ قويۇپ ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ يۈرگەن ئاتىلارمۇ ئاز ئەمەس. جەمىيەتتە ھازىر ئومۇملىشىپ كەتكەن رەڭلىك سورۇنلاردىمۇ ئەنە شۇ ئاتىلار بار، قىممار سورۇنلىرىدا بالا، ئائىلە دەيدىغان ئۇقۇملارنى چۆرۈپ تاشلاپ، بالىلىرىنىڭ ئۆلۈپ-تىرىلىشى بىلەن كارى بولماي پۇتكۈل ئىقتىسادىنى كۆككە سورۇۋاتقانلار قاتارىدىمۇ ئەنە شۇ ئاتىلار بار، بۇلۇڭ -پۇچقاقلاردىكى ئىشرەتخانىلاردا ‹ھايات پەيزىنى› سۈرۈشۈپ يۈرۈۋاتقانلار قاتارىدىمۇ شۇ ئاتىلار بار، زەھەر چېكىپ بالا نىمە، خوتۇن نىمە، ھەممىنى ئۇنتۇشۇپ، ئاق تۇمانلار ئىچىدىن ھاياتلىق لەززىتى ئىزدەپ يۈرگەن بەڭگىلەر قاتارىدىمۇ ئەنە شۇ ئاتىلار بار…….بىزدە ‹كۆرگەن كۆرگەننى قىلار، كۆرمىگەن نىمىنى قىلار› دېگەن تەمسىل بار، دادا ھايات تۇرۇپ، دادا قىلشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ئانا قىلىۋاتقان ئائىلىلەردىكى ئوغۇللار نىمىنى كۆرۈپ چوڭ بولماقچى؟
ئۆتكەندە ئەمدىلا ئوتتۇز ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر ئانىنىڭ نالىسىنى ئاڭلاپ بەكمۇ ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى، ئەر بىلەن ئايال ئالى مەكتەپتىلا ئاشىق-مەشۇق بولۇشۇپ ئېلىشىپ-تېگىشىپتىكەن، ئەر مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ تەبىئى پەن ئوقۇتقۇچىسى ئىكەن، ئايال مۇقىم خىزمەتكە ئېرىشەلمەپتۇ، شۇ سەۋەپلىك بالىسى ئىككى ياشقا كىرە كىرمەي، ئەر ئاجرىشىش تەلىۋىنى قويۇپتۇ، ئاجرىشىشتىكى بىردىنبىر سەۋەپ ئايالنىڭ خىزمىتىنىڭ يوقلۇقى ئىكەن، ئايال قوشۇلۇپتۇ. سوتتا بۇ باشقىلار تەرىپىدىن، ئىقتىدارلىق دەپ قارالغان، نەچچە قارار ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ چىقارغان ئۇقۇمۇشلۇق ئوقۇتقۇچى، ئايالىنىڭ يەڭگىش ئۈچۈن دوختۇرغا كەتكەن چىقىملىرىدىن تارتىپ، بالا ئاغرىپ بالنىستتا ياتقاندا كەتكەن چىقىملىرىغىچە ھېساپلاپ مۇناسىۋەتلىك تالونلارنى سوتقا كۆتۈرۈپ بېرىپ، چىقىمنىڭ يېرىمىنى ئايالغا تۆلەش تەلىۋىنى قويۇشتەك كۈلكىلىك ئىشنى سادىر قىلغان، ھەتتا بالىغا ھەر ئايدا بېرىدىغان تۆلەمدىن قېچىپ، ئايالدىن بالا تالاشقان، ئايال دىگەن: ‹سەن بالا تەربىيەلەيمەن دىمەي ئالدى بىلەن كوچىدا مەدىكالىق قىلىپ بالىلىرى ۋە خوتۇنىغا ئائىلە ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇرۇۋاتقان، خوتۇن بالىلىرى ئۈستىدىكى ئاتىلىق مەجبۇريىتىنى ئادا قىلىۋاتقان، سەن تەرىپىڭدىن بىلىمسىز، ئەرزىمەس دەپ قارالغان ئەشۇ يالاڭ ئاياق مەدىكارلاردىن دادىلىق ھەققىدە ساۋاق ئال، ئاندىن بالاڭنى مەن ساڭا قوش قوللاپ تۇتقۇزىمەن، مەن سېنىڭ بالىنى باقالماسلىقىڭدىن ئەنسىرىمەيمەن، ئوغلۇمنىڭمۇ ساڭا ئوخشاش يۈزسىز، مەسئۇلىيەتسىز دادا بولۇپ چىقىشىدىن ئەنسىرەيمەن، مەن ئۇنداق دادىلادىن نەپرەتلىنىمەن، سىنىپىڭغا بېرىپ ئاتمىش ئوقۇغۇچۇڭنىڭ چىرايىغا سەپ سېلىپ قاراپ باق، دادىسى بار بالىلارغا قارا، دادىسى تاشلاپ كەتكەنلەرگە قارا، شۇندىلا دادىنىڭ پەرزەنت ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسەن › دەپ جاۋاپ بەرگەن.
بۇنىڭغا نىمە دىيىش، قانداق ئىزاھات بېرىش كېرەك؟ ئاتىنىڭ ئاتىلىق مەسئۇليىتى سۇسلۇشۇپ، ئاتىلىق نامى بۇلغۇنۇپ كەتسە يامان ئاقىۋەتلەرنىڭ ھەممىسى كېلىپ چىقىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بولسا كېرەك ھازىر دادىغا مۇش ئاتىدىغان بالىلار، ئېرىنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئەركەك -سەدەك ئاياللار كۆپەيمەكتە. خوتۇن ۋە سەككىز -توققۇز بالىنى بېقىش مەسئۇليىتىنى غىڭ قىلماي يەلكىسىگە ئالىدىغان، مەرت، مەردانە، جاسارەتلىك، غۇرۇرلۇق، ھەقىقى ئەركەكتەك ئاتىلىرىمىزنىڭ ئوبرازى كۈندىن-كۈنگە خىرەلىشىۋاتقاندەك، نەسلى قۇرۇش گىردابىغا بېرىپ قالغاندەك تۇيۇلماقتا.
بالا تاپقاننىڭ ھەممىسىلا ئاتا بولىۋەرمەيدۇ، ‹ئاتا› دىگەن بۇ سۆزنىڭ مەنىسى تولىمۇ چەكسىزدۇر، مەيلى سىز ياش بولۇڭ ۋە ياكى ئوتتۇرا ياش بولۇڭ، ئاتىلا بولىدىكەنسىز، چوقۇم ئاتىلىقنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى ئائىلىڭىزگە، ئائىلە ئەزالىرىڭىزغا ھېس قىلدۇرۇشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزنىڭ ئىش ھەركىتى بىلەن، پەرزەنتلىرىڭىز قەلبىدە ئاتىلىقنىڭ ھېمىرىلمەس ئابىدىسىنى تىكلىشىڭىز كېرەك…….ھەقىقى ئاتىغا ئالەم يۈكۈنەر!
ئاپتۇرى : روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1707