تۇرمۇش خاتىرىسى

    

نىكاھ دېگەن دەل مۇشۇ

بىر كۈنى، ئەپلاتون ئۇستازى سوقراتتىن: « مۇھەببەت دېگەن نېمە ؟ » دەپ سوراپتۇ، سوقرات ئۇنىڭ سوئالىغا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەي، ئۇنى بۇغدايلىققا بېرىپ ئەڭ چوڭ باشاقتىن بىرنى ئۈزۈپ كىلىشكە بۇيرۇپتۇ ھەمدە بۇ جەرياندا پەقەت ئالدىغا قاراپ مېڭىشقىلا بولىدىغانلىقىنى، كەينىگە يېنىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ قويۇپتۇ.

ئەپلاتون ئۇستازىنىڭ تەلىپى بويىچە ئېتىزلىققا بارغان بولسىمۇ، لېكىن قۇرۇق قول قايتىپ كەپتۇ، ئۇستازى ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن باشاق ئۈزۈپ ئەكەلمىگەنلىكىنى سورىغانكەن، ئۇ : « كەينىمگە يانسام بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ھەر چوڭ باشاقلار ئۇچرىغان بولسىمۇ، لېكىن ئالدىمدا بۇنىڭدىنمۇ چوڭلىرى بولۇشى مۇمكىن دەپ ئويلاپ، ئۈزمەي مېڭىۋېرىپتىمەن، ئەمما بۇغدايلىقنىڭ ئۇ بېشىغا ئاز قالغانسېرى، ئەڭ چوڭ باشاقلارنىڭ كەينىمدە قالغانلىقىنى، پۈرسەتنىڭ قولدىن كەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، نەتىجىدە بىر تالمۇ باشاق ئۈزەلمەي كەلدىم » دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.

يەنە بىر قېتىم، ئەپلاتون ئۇستازى سوقراتتىن نېمىنىڭ نىكاھ ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. سوقرات بۇ قېتىممۇ ئۇنى ئورمانلىققا بېرىپ، مىلاد دەرىخى سۈپتىدە ئۆيگە قويۇپ قويۇشقا ھەممىدىن بەك ماس كىلىدىغان، ئەڭ چوڭ، ئەڭ باراقسان دەرەختىن بىرنى كېسىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ. بۇ جەرياندىمۇ ئوخشاشلا پەقەت ئالدىغا قاراپ مېڭىشقىلا بولىدىكەن، كەينىگە يېنىپ قايتىدىن تاللاشقا بولمايدىكەن.

ئەپلاتون ئۇستازىنىڭ دېگىنى بويىچە ئورمانلىققا بېرىپ ئىشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ، ئەمما ئانچە باراقسان ئەمەس، بەك ناچارمۇ ئەمەس، ئادەتتىكى بىر تۈپ دەرەخنى ئېلىپ كەپتۇ، بۇنى كۆرگەن ئۇستازى ئۇنىڭدىن نېمە ۋەجىدىن ئادەتتىكىچىلا بىر دەرەخنى كېسىپ كەلگەنلىكىنى سورىغانىكەن، ئەپلاتون مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ : « بۇ قېتىم ئۆتكەنكى تەجرىبە – ساۋاقنى يەكۈنلىدىم، ئورمانلىققا كىرىپ يولنىڭ يېرىمىنى بېسىپ بولغاندا، بۇ دەرەخنىڭمۇ خېلى يامان ئەمەسلىكىنى، بىرەر دەرەخنى ۋاقتىدا تاللىۋالمىسام، پۈرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ قۇرۇق قول قالىدىغانلىقىمنى بايقاپ، ئۇنى كېسىپ ئەكەلدىم. »

سوقرات ئۇنىڭ جاۋابىدىن مەمنۇن بولۇپ شۇنداق دەپتۇ: « توغرا، نىكاھ دېگەن دەل مۇشۇ. »

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3507

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-04-17
خەتكۈشلەر : ,
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: