تۇرمۇش خاتىرىسى

بوۋاينىڭ كونا پايپىقى

     بۇرۇن بىر سودىگەر ئۆتكەن ئىكەن. ئۇ  ياش ۋاقىتلىرىدا كۈن بويى سودا بىلەن بولۇپ ئۆيىدە ئولتۇرماس ئىكەن.  ياشىنىپ، پۇت- قولىدا ماغدۇر قالمىغىنىدا ئۇنىڭ ئوغلى ئۇنىڭ كەبى ئۆيدە ئولتۇرمايدىغان سودىگەرلەردىن بولۇپتۇ. بىر كۈنى ئۇ كىشى ئوغلىغا :«جان بالام،كۆزۈمنىڭ نۇرى،  پۇت-قولۇمدىن ماغدۇر  كەتتى، بىر كۈن يېنىمدا ئولتۇر، بازارغا چىقمىغىن! قارا،  مۇشۇ ئايۋان سارايلارنى ئەينى چاغدا دادامنى ياتقۇزۇپ قويۇپ  يۈگۈرۈپ يۈرۈپ پۇل تېپىپ سالغان ئىدىم. مانا ساڭا قەسىر-ئىمارەت سېلىپ بەردىم. تاپقان مال دۇنيايىم نەۋرەمگىچە يېتىدۇ. بىر پەس ئالدىمدا ئولتۇر جان بالام، ساڭا ئىككى ئېغىز گېپىم بار. بىرىنچى ۋەسىيىتىم مۇشۇ پۇتۇمدىكى كونا پايپاققا كۆنۈپ قالدىم، مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن مېنى مۇشۇ پايپىقىمنى  كىيگەن پېتىم يەرلىككە قويۇڭلار! ئىككىنچىسىنى مۇشۇ ۋاراقچىگە يېزىپ قويدۇم. مېنى يەرلىكىمگە قويۇپ بولغاندىن كېيىن ئېچىپ كۆرگىن.» دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ. ئاتا ئوغلىغا شۇ گەپلىرىنى ئېيتىپ بولۇپ ئەتىسى ئالەمدىن ئۆتۈپتۇ.  ئوغۇل مېيىتنى يۇيىدىغانلارغا :«ئاتام ۋەسىيەت قىلغان، پايپاقنى سالدۇرماڭلار» دەپتۇ. ئۇلار ئوغۇلغا :«پايپاقنى يەشمىسە سۇ بىلەن يۇيغىلى بولمايدۇ، بۇ شەرىئەتتە يوق» دەپتۇ. ئوغۇل ئۇلارغا :« ئاتام شۇنداق ئېيتقان…» دەپتۇ. ئۇلار ئوغۇلغا :« ئاتاڭ جان سەكراتتا ئېيتقان گەپلەر ئۇ، بۇنداق قىلىشقا بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنىمىساڭ ئۆزۈڭ يۇيۇپ، كىپەنلەپ يەرلىكىگە قوي، بىز كىتىپ قالايلى…» دېيىشكەندىلا ئوغۇل چارىسىز قېلىپ ماقۇل بولۇپتۇ. ئۇ كىشى شەرىئەت بويىچە يۇيۇپ، كىپەنلىنىپ يەرلىكىگە قويۇلۇپتۇ. مېيىت نامىزىدىن كېيىن ئوغۇل ئاتىسىنىڭ ئىككىنچى ۋەسىىيىتى يېزىلغان ۋاراقچىنى ئېچىپ ئوقۇپتۇ. خەتتە مۇنۇلار يېزىلغان ئىدى :« كۆردۈڭمۇ بالام، راسا مال دۇنيا تاپتىم. ئاقىۋەتتە بىر ئەسكى پايپاقنى ھەم ئۆزۈم بىلەن ئېلىپ كىتەلمىدىم. مۇشۇنىڭغا قاراپ مېھىرلىك بولغىن، ئادىمىزاتنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېسىڭدىن چىقارما.  مەنمۇ ئىلگىرى پۇل تاپىمەن دەپ  دادامنى تاشلاپ قويۇپ كېتىۋىرەتتىم، يۈگىرەۋىرەتتىم.  مىڭ ئەپسۇسكى، دادامنىڭ ئالدىدا بىر ئاز بولسىمۇ ئولتۇرغان بولسام…».
 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1841

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-10
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: