مېھرى – مۇھەببەت قەيەردىن باشلىنىدۇ؟
تۇرمۇش، ھاياتلىق سەپىرىمىزدىكى بىر ئۇزۇن يول. بۇ يولدا خوشاللىق بىلەن قايغۇ باشتىن – ئاخىر بىزگە ھەمراھتۇر. ھەممىمىز ھاياتلىق سەپىرىمىزدە قايغۇدىن كۆپرەك خوشاللىقنىڭ ئۆزىمىزگە يار بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىمىز ۋە بىر – بىرىمىزگە خوشاللىق تىلەيمىز.
ئەپسوس، قانچىلىغان ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن تىرىشىپ – تىرمىشىپ بۇ يولنى داۋام ئەتكىنىمىزدە، يولىمىزدىكى تۈرلۈك توسالغۇلار، قىيىنچىلىقلار بىزگە شادلىقتىن كۆپرەك قايغۇنى ھەدىيە قىلىدۇ. ئەگەر قەلبىمىزدە ئازراق خوشاللىق، ئازراق ئىلھام، كىچىككىنە مەدەت بولغىنىدا ئىرادە ئىتىمىزنىڭ تىزگىنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈمىدۋارلىق بىلەن يولىمىزنى مەردانە ھالدا داۋام ئىتىمىز.
بىز خوشاللىققا، مېھىر – مۇھەببەتكە مۇھتاج… ئۇنداقتا مېھىر مۇھەببەت قەيەردىن باشلىنىدۇ ؟ خوشاللىق زادى نەدە ؟؟؟
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1966
بۇ يازمىڭىزدىن مېھىر – مۇھەببەتنىڭ ھەقىقى ماھىيىتىنى ھېس قىلغاندەك بولدۇم.