ئائىلە ۋە ئەرلىك مەسئولىيەت
نۇرىمانگۈل ئىدىرىس
يىقىندىن بۇيان ئىجتىمائىيتىمىزدە ئۇچراۋاتقان بەزى مەسىلىلەر مېنى ئائىلە ۋە ئەرلەرنىڭ مەسئوليىتى ھەققىدە ئويلاندۇرۇپ قويدى.
ئەقلىمنى بىلسەم ئىككى ئىنىم تۇغۇلغىىچە دادام ئائىلىمىزدە بىردىنبىر ئەر ئىدى. دادامنىڭ خىزمىتى سىرتتا بولغاچقا، بەزىدە ھەپتىلەپ ئۆيگە قايتالمايتى. ئۆيدە بولسىلا ئانامغا ياردەملىشىپ ئائىلىنىڭ ئېغىر – يىنىك ئىشلىرىنى قىلىشاتتى. دادام يوق ۋاقىتلاردا ئانام بىزگە ھەم ئانا، ھەم دادا بولۇپ، ئائىلىنىڭ ئىشلىرىنى يۈرۈشۈرەتتى. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئائىلە بىلەن سىرتنىڭ ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، ئائىلە ۋە خىزمەت مەسئوليىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، خىزمەتتە ئۇتۇققا، ئائىلىدە بەختكە ئېرىشىۋاتقان، ئۆزى ھەر قانچە جاپا تارتسىمۇ، ئائىلىسىدىكىلەرنى تەڭلىكتە قويماي، ھالال ئەمگەك بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ، ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن بالىلىرىغا ئۈلگە بولۇۋاتقان ئەرلەر كۆپ. ئەمما، ئەر كىشى دېگەن تلانىڭ ئادىمى دەپ، كېچىلەپ ئۆيگە كىرمەيدىغان، ئۆينىڭ بار – يوقى بىلەن كارى بولماي، ئۆزى بىلگەن سەنەمگە دەسسەپ، ئاياللىرىنى ھەسرەتتە قويۇپ، ئىككى ئوتتۇرىدا بالىلىرىنىڭ بوينىنى قىسىۋاتقان ئەرلەرمۇ يوق ئەمەس.
ئەل ئارىسىدا “ ئوغۇل تۇغۇلسا جاھان خۇش“ ، دەيدىغان ھېكمەت، ئوغۇل تۇغۇلسا “ بۆرە تۇغۇلدى “ دەپ سۈپەتلەيدىغان ئادەت بار. بۇ ئەلۋەتتە دىيانەتلىك، ۋاپادار، باھادىر ئەرلەرنى ئۇلۇغلاش ھېسسىياتىنىڭ ئىپادىسى. بىر ئائىلىدە ئەرلەر تۈۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. ئۇلار ئائىلىدىن ئىبارەت شۇ بىرلىك ئىچىدىكى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش كۆز بىلەن قارىيالىسا، ئۇلارنى بىقىش، تەربىيلەشتىكى مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالالىسا، ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يىڭەلىسە، شۇ ئائىلە مۇكەممەل، خاتىرىجەم بولىدۇ. يىڭنە قەيەرگە تاتسا، يىپ شۇ يەرگە ماڭغاندەك، ئائىلە باشلىقى قانداق يولغا باشلىسا، ئائىلە ئەزالىرى شۇ يولغا ماڭىدۇ. ئائىلە باشلىقى ئۆزى توغرا يولغا ماڭالماي، ئائىلە ئەزالىرىدىن دۇرۇسلۇقنى كۈتۈش سۆگەتتىن ئامۇت تاما قىلغاندەكلا ئىش.
مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىپ، جاھانغا تونۇلۇشىدىكى ئختىرا – كەشپىياتلاردا ئەقىل – پاراسىتىنى، غورۇر – ئىپتىخارىنى نامايان قىلىدىغان مەيدانلاردا مەردانىلىك جاسارىتىنى جارى قىلىدىغىنى، ئاياللارنىڭ روھىنى پاكلاپ، جەمەت، مىللەتنىڭ نەسەبى ۋە مەنىۋىيىتىگە پاكىزلىق ئۇرۇقى چاچىدىغىنى، پەرزەنتلەرگە ئۈلگە بولۇپ، ئۇلارنىڭ قەلبىگە ھاياتنى سۆيۈش ھەققىدە مەشئەل ياقىدىغىنى يەنىلا شۇ ئەركەكلەر. ئېتراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، ئارىمىزدا ئەنە شۇنداق ئىسىل پەزىلىتى بىلەن ھەممىنى سۆيۈندۈرگەن پەخىرلىك ئوغلانلار كۆپ. ئۇلاردىن ئالىم، كەشپىياتچى ئاتىلىپ مىللەتكە شان – شەرەپ بەخىش ئەتكەنلەر، ئاتا – ئانىسىغا ۋاپادار ئوغۇل، پەرزەنتلىرىگە مىھرىبان ئاتا، ئايالىغا كۆيۈمچان ھەمراھ بولۇپ ئۆز بۇرچىنى تولۇق ئادا قىلىپ كىلىۋاتقانلار بار. ئەپسوس، بىر قىسىم ئەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىغا ئىتقادسىزلىق، غورۇرسىزلىق ئىللەتلىرىنىڭ يۇقۇملۇق كېسەلدەك يامرىشى ئادەمنى ئېچىندۇرىدۇ. ئۇلاردىكى بۇنداق مەسئوليەتسىزلىك ئاياللاردىكى بۇزۇلۇشنىڭ كۆپىيىشى ۋە ئەۋلادلار ئارىسىدا ئازغۇنلۇقنىڭ ئەۋىج ئىلىشىنىڭ مەنبەسى. ئۇلاردىكى روھى چۈشكۈنلۈك، ۋىجدانى زەئىپلىكنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان ئايالنىڭ كۆزىدىن ئاققان ياش پەرزەنتىنىڭ يۈرىكىگە تامىدۇ. ئۇلارنىڭ دىلى سۇنۇق چوڭ بولىدۇ ياكى ئاتىسىنى دوراپ ئادىمىيلىكىنى يوقاتقان، مەنىۋىيىتى پۈچەك، يارامسىز بولۇپ يىتىشىدۇ. بۇنداق چۈشكۈن موھىتتىكى تەرتىپسىزلىك ئىچىدە ياراملىق روھنىڭ يىتىلىشى مومكىنمۇ ؟! غورۇر، ۋىجداندىن سۆز ئىچىلسا ئۆزىنى جاھاندا بىر سانايدىغان، ئۆز شەخسىيتىگە تىگىدىغان بىرەر ئىغىز سۆز ئۈچۈن ئالا – توپىلاڭ كۆتۈرىدىغان، ھەقىقىي غورۇر ۋە ۋىجداننىڭ مەسئولىيەتتىن دېرەك بىرىدىغانلىقىنى چۈشەنمەي، ئۆزىنىڭ ئەقەللىي ئادىمىيلىك، ئوغۇللۇق، ئاتىلىق، ئەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشتىن باش تارتىپ، ئەقىدە – ئىتىقادسىزلىق پاتقىقىغا پېتىپ قىلىۋاتقان ئاتىلارنىڭ قولىدا تەربىيلىنىپ چىققان ئوغۇللارنىڭ كەلگۈسى قانداق بولار ؟!
بۈگۈنكى كلۈندە ئاياللار جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئائىلە ۋە كەسىپنىڭ يۈكىنى تەڭ كۆتۈرۈپ، ئائىلە تۇرمۇشىنىڭ ياخشىلىنىشىدا ئېغىر مەسئولىيەتنى ئۈستىگە ئالدى. ئىگىلىك تىكلەش يوللىرىنىڭ كېڭىيىشى نەتىجىسىدە ھەر خىل مۇلازىمەت تۈرى راۋاجلىنىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى ئىشىك ئالدىدىلا ھازىرلىنىدىغان بولدى.نەتىجىدە ئەرلەرنىڭ ئائىلىۋى يۈكى يىنىكلىدى. بۇنىڭ بىلەن، بىر قىسىم ئەرلەر ئائىلىنىڭ ئەر – ئايال، ئاتا – ئانا، پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى كۆيۈنۈش، مېھىر – مۇھەببەت ئارقىلىق بەرىكەت تاپىدىغانلىقىنى چۈشەنگەچكە، سىرتنىڭ ئىش – ئەمگەكلىرىدىن بىكار بولغان چاغلىرىنى ئائىلىدىكى ئۆزى قىلالايدىغان ئىشلارغا بىغىشلاپ، ئائىلىۋى ئىللىقلىقتىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. يەنە بىر قىسىم ئەرلەر ئۆزىنى ئائىلىنىڭ ئىشلىرىدىن قاچۇردى. نەتىجىدە بۇنداق ئائىلە ئىقتىسادىي جەھەتتىكى خاتىرجەملىكتىن، كۆڭۈللۈك تۇرمۇش لەززىتىدىن مەھرۇم قالدى.
ئائىلە باشلىقى بولغان ئەرلەر ھەر قاچان ئۆزىنى ئۆيىدە ھەمداستىخان بولۇپ، بىر قاچا ئىسسىق تاماقنى بىللە يىيىشنى ئۈمىد قىلىپ تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان مىھرىبان خوتۇنى، پەرزەنتلىرى بارلىقىنى ئىسىدىن چىقارمىسا، بىمەنە ئويۇن – تاماشىغا سەرپ قىلغان ۋاقتىنى گېزىت، ژورنال ياكى تېلۋىزۇر كۆرۈش، بالىلىرىنىڭ ئۈگۈنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش، بىرلىكتە سەيلى – ساياھەت قىلىش قاتارلىق ئەھمىيەتلىك ئىشلارغا سەرپ قىلىپ، ئائىلىسىنى ئىللىق ماكانغا ئايلاندۇرالىسا، ئائىلىدىن باشلانغان بۇنداق ئىللىقلىق، مېھىر – مۇھەببەت جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، ئىناق ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشتا ئەلۋەتتە رولى بولغان بولاتتى…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1223
ما بىلوگقا يازغان تۇنجى ئىنكاسىم !! ھەمدە تور دۇنياسىنىڭ تەختى بولغان دىۋان !!(ھىجىيىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى !)