![]() |
سۈرىيىگە ساياھەت … ( رەسىملىك )
ۋىزا ئېلىش
بىر قانچە يىل بولدى، قىشلىق تەتىل ۋە يازلىق تەتىللەردە ئالدىراشچىلىقتا تۈزۈكرەك دەممۇ ئالالمىدۇق. مىسىرنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلاتتىم. ياز پەسلىدە ھاۋا بەك ئىسسىق بولىدىكەن دەپ ئاڭلىغاچقا، مىسىرغا قىش پەسلىدە بېرىپ ساياھەت قىلىشنى نىيەت قىلدۇق. مىسىرنىڭ پىلانىنى سوقۇپ ئولتۇرساق، سۈرىيەگە ئوقۇشقا چىقىپ كەتكەن يېقىن دوستۇم نازمىيە تېلېفون قىلىشقا باشلىدى:
- ئاۋۋال سۈرىيەگە كېلىڭلار، بۇ يەردە ئوقۇش ئىشلىرى بەك ياخشى ئىكەن. دەمەشىقنى كۆرگەندىن كېيىن باشقا يەرگە بېرىڭلار. بىزگە ئالغاچ كېلىدىغان نەرسىلەر بارتى…
- ماقۇل، ئۇنداقتا ئاۋال سۈرىيەگە بارايلى. دەمەشقنى ئىككى ئۈچ كۈن كۆرگەندىن كېيىن، مىسىرغا ماڭارمىز. نازمىيە ساڭا ئالغاچ بارىدىغان نەرسىلەر 40 كىلودىن ئاشمىسۇن. بەك ئېغىر بولسا ئاپىرالمايمىز.
- رەھمەت! سەن ئەنقەرەگە بارغاندا دادام ئامانەتلەرنى ساڭا بېرىدۇ.
………………………………………….
بۇ دوستىمىزنى بەك ياخشى كۆرەتتۇق. يولدىشى مەھمەت ئابىمۇ بەك ئېسىل ئادەم ئىدى. بەش ياشلىق بىر قىزى، بىر يېرىم ياشلىق بىر ئوغلى بار ئىدى. ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىىسى بولغان مەھمەت ئابى ئەنقەرەدە بىر قانچە يەردە شەخسى مەكتەپ ئاچقان بولۇپ، ئايالى نازمىيە ھاجەتتەپە ئۈنىۋېرسىتى سوسيولوجى (جەمىيەتشۇناسلىق) كەسپىدە ئوقىغان، توي قىلغاندىن كېيىن ئائىلىدە يولدىشىغا ياردەملەشكەچ بالا تەربىيىلەشنى نىيەت قىلىپ، سىرتتا خىزمەت قىلمىغان ئىدى.
بۇ ئەر-خۇتۇنلار ئەرەپچىنى پىششىق ئۆگىنىش ۋە بالىلىرىنى ياخشى تەربىيىلەشنى نىيەت قىلغاندىن كېيىن، ئۈچ ئاي ئىلگىرى ئەنقەرەدىكى مەكتەپلىرىنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بېرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ ماشىنىسىدا لازىملىق نەرسىلىرىنى ئېلىپلا سۈرىيە دەمەشق شەھرىگە كۆچۈپ كەپتىكەن. سۈرىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ۋىزا قالدۇرۇلغان بولغاچقا، ئۇلار سۈرىيەگە خۇددى خوتەندىن قەشقەرگە بارغاندەكلا بارىدىكەن. (كىچىك ماشىنىدا يەتتە سائەتتە كەلگەنلىكىنى ئېيتتى)
…………………………………………
نازمىيەنىڭ تېلېفونىنى ئالغاندىن كېيىن، يولدىشىم بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئاۋۋال سۈرىيەگە بارىدىغان بولدۇق. يولدىشىم تۈركىيە پۇخراسى، مەن بولسام جوڭگۇ پۇخراسى. سۈرىيە تۈركىيەلىكلەردىن ۋىزا تەلەپ قىلمىغان بىلەن، مەن قولۇمدا ۋىزا بولمىسا، سۈرىيە چېگرىسىدىن كىرەلمەيدىكەنمەن. شۇڭا ئاۋال ماڭا ۋىزا ئالماقچى بولدۇق.
كومپىيوتېرنى ئېچىپ گۇگۇلغا كىرىپ ئىستانبۇلدىكى سۈرىيە ئەلچىخانىنىڭ ئادرىسى ۋە تېلېفون نۇمۇرىنى تېپىپ تېلېفون قىلىۋەتكەندىن كېيىن يولدىشىم مېنىڭ ئىككى تال رەسىمىنى ۋە پاسپورت، ئىقامەتلىرىمنى ئېلىپ سۈرىيە ئەلچىخانىسىغا كەتتى. بىر قانچە سائەتتىن كېيىن بىر جەدىۋەل ئېلىپ كەپتۇ. جەدۋەلنى توشقۇزدۇم. سىز ئىشغال قىلىۋېلىنغان پەلەستىنگە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ دەيدىغان بىر كاتەكچە باركەن، ياق، بارمىغان دەپ توشقۇزدۇم. ئەسلى ئىسرائىلىيگە بېرىپ باققانلارغا سۈرىيە ۋىزا بەرمەيدىكەن ئەمەسمۇ! ئەتىسى جەدۋەلنى تاپشۇرۇپ بېرىپ، ۋىزا پۇلىسىنى بانكا ھېساپ نۇمۇرىغا يوللاپ بىر كۈندىن كېيىن پاسپورتۇمغا ۋىزا چاپلاپ، تامغا بېسىپ بېرىپتۇ. (رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىسىنى يولدىشىم بىجىردى)
ئەمدى نۆۋەت مىسىر ۋىزىسىغا كەلدى. يەنە شۇ گۇگۇلدىن ئادرىس، تېلېفۇن نۇمۇرىنى تېپىپ ئەلچىخانىغا بېرىپ جەدىۋەل ئەكىلىپ توشقۇزغاندىن كېيىن، بىر ھەپتە ساقلاپ، مىسىرغا بىر ئايلىق ساياھەت ۋىزىسى ئالدۇق.
ئەنقەرەگە مەكتىپىمگە بارغانتىم. قايتىدىغان چاغدا نازمىيەنىڭ دادىسى بىلەن ئانىسى قىزىمىزغا، نەۋرىمىزگە كۆپ سالام ئېيتقىن! بالىلار سۈرىيەنىڭ پەينېر، زەيتىن (زەيتۇن)لىرىغا بەك كۆنەلمەپتۇ. قىزىم سېرىق ماي بولمىسا تاماق ئېتەلمەيدۇ. سومكىدا ھەسەل بار… دېگەچ بىر چامىدان ئامانەت بەردى. ئەگەر ۋاقتىدا ماڭالماي قالساق، سومكىدىكى بەزى نەرسىلەرنى توڭلاتقۇغا سېلىپ قويۇشۇم كېرەكلىگىنى ئېيتتى. مەن ئىستانبۇلغا ئۆيگە قايتىپ كەلدىم.
چامىداندىكى ئامانەتلەرنى تىزرەك يەتكۈزۈشنى ئويلاپ بولسىمۇ بىز ئايرۇپىلاندا مېڭىشنى قارار قىلدۇق. ئىستانبۇلدىن دەمەشىققە ئايرۇپىلاندا 2 سائەتتە بارغىلى بولىدىكەن. يولدىشىم ئىستانبۇل-دەمەشىق، قاھىرە-ئىستانبۇل بىلىتىنى بىراقلا ئېلىپ كەپتۇ. 1260لىراغا ئالغانلىقىنى ئېيتتى. شۇنداق قىلىپ، يىگىرمە كۈندىن كېيىنكى قايتىش بىلىتىمىزنىمۇ ئالدىن ئېلىپ قويدۇق.
ئايرۇپىلاندا
12-ئاينىڭ 10-كۈنى جۈمە ئىستانبۇلدا يامغۇر ياغدى. دەەشىققە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلان سائەت 3:00تە ئۇچىدىكەن. ئۇچۇشتىن ئەڭ ئاز ئىككى سائەت ئاۋۋال ئايدرومغا چىقىپ بولمىساق بولمايدىكەن. مەن سائەت 11:30 دە نەرسە كېرەكلەرنى تەق قىلىپ بولۇپ، كومپىيوتېردا چ چ دا دوستلار بىلەن پاراڭلاشقاچ تۇردۇم. يولدىشىمنىڭ ئىدارىسىدىكى شوپۇر يىگىت بىزنى ئايدىرومغا ئاپىرىپ قويماقچى بوپتىكەن. سائەت 12:00گىچە ساقلىساقمۇ ماشىنا كەلمىدى. تېلېفون قىلىۋىدى، بۈگۈن جۈمە، نامازدىن كېيىنلا بارىمەن، دېدى. بىزمۇ ئۇنداق بولسا تېخى ياخشى. جۈمە نامىزى قەپ قالمىسۇن، دەپ خاتىرجەم ئولتۇردۇق. شوپۇر يىگىت سائەت 1:00 دە ئۆينىڭ ئالدىغا كەلدى. سومكا، چامىدانلارنى ماشىنىغا سېلىپ، بىسمىللاھ دەپ يولغا چىقتۇق. يولغا چىقىپ ئون مىنۇتتىن كېيىن، تېلېفونۇم بىلەن رەسىم تارتىش ئاپىراتىمغا توك قاچىلايدىغان نەرسىنى ئۆيدە ئۇنتۇپ قالغانلىقىم ئېسىمگە كەلدى. تېلېفون ئىشلەتمىسەممۇ مەيلى، بىراق ئاپىراتتا كۆپرەك رەسىم تارتمىساق قەتئى بولمايتتى. قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاقىتنىڭ قىسلىقىدا ئارقىغا قايتىش تېخى مۇمكىن ئەمەس. مۇشۇ چ چ دېگەن نەرسىگە ئازىراق قارىغان بولسامچۇ كاشكى، خەپ!
يامغۇر بارغانسىرى قاتتىق يېغىشقا باشلىدى. ماشىنا تىز سۈرئەتتە كېتىۋاتىدۇ. 2:10دا ئىستانبۇل ئاتاتۈرك ھاۋالىمانى (ئايدىرومى)غا يېتىپ كەلدۇق. كېچىككەن ئىدۇق. چەتئەلگە ماڭىدىغانلار ئەڭ ئاز ئىككى سائەت ئىلگىرى كەلمىسە بولمايدىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۈمىتسىزلەنمەي، ئۆتۈشكە تېگىشلىك ھەر بىر ئۆتكەلنىڭ ئالدىدا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۈچرەتتە تۇرۇپ ساقلاشقا باشلىدۇق.
سائەتكە قارىغانسىرى جىددىيلىشەتتىم. خۇدايىم، ئۆزەڭگە ئامانەت. بىز قەستەن كېچىكمىدۇق. چەتئەلنى كۆرۈش نېسىۋىمىز بولسا، ئوڭۇشلۇق ماڭغىلى نېسىپ قىلارسەن!
تۈركىيە پوقرالىرى باشقا ئۆتكەلدىن، مەندەك چەتئەل پوقرالىرى باشقا ئۆتكەلدىن ئۆتىدىكەنمىز. يولدىشىم بىلەن بۇ ئۆتكەللەر ئالدىدا ئايرىلىپ كەتتۇق. بۈگۈن مېنىڭ ئالدىمدا ئۈچرەتتە تۇرىۋاتقان چەتئەللىكلەر، سېرىق چاچ، كۆك كۆزلەر ئالاھىدە كۆپ ئىدى. يېرىم سائەت ساقلىساممۇ ماڭا نۆۋەت كېلىدىغاندەك ئەمەس. ئۈچرەتنى بۇزۇپ، مەن ماڭىدىغان ئايرۇپىلان ھازىر ئۇچىدۇ، ماڭا يول بېرىڭلار دەپ ئالدىغا بېرىشنى ئويلىدىم، دەل مۇشۇ چاغدا بىر يىگىت ئۈچرەتنى بۇزۇپ شۇنداق قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ ئالدىدىكى كۆك كۆز شادىپاچاقلار ئۇنىڭغا ئالىيىپ، نېمىدىگەن ساپاسىز بىر نېمە-بۇ، دېگەندەك ئەيىپلەشكە باشلىدى. مەن يەنە تۇرۇپ قالدىم. مەنمۇ شۇنداق ئۈچرەتنى بۇزسام، مېنى تىللىىسىغۇ مەيلى، بىراق ماۋۇ بېشىمدىكى ياغلىقىم، كىيىۋالغان ئۇزۇن ئابايىم بىلەن قۇشۇپ، مۇسۇلمان دېگەن زادى مۇشۇنداق… دېسە، دىنىمنىڭ، مۇسۇلمان ئۈممەتنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشۈرگەن، تىللىنىشىغا سەۋەبچى بولغان بولمامدىمەن؟ مەيلى، بىر قېتىم سۈرىيەگە بارمىغانغا نېمە بوپتۇ؟ قالسام، ئۆيدە قالارمەن. يولدىشىم بېرىپ كۆرۈپ كېلەر. كېچىكسەم كېچىكەي. تەمكىنلىك بىلەن خاتىرجەم ھالدا ئۈچرەتتە تۇردۇم. ماڭا نۆۋەت كەلدى. پاسپورتۇمغا تامغا قويۇلغاندىن كېيىن، 504-نۇمۇرلۇق ئىشىككە قاراپ ئۇچقاندەك يۈگۈردۈم. بۇ يولدا ئۈچرەت يوقكەن، كۆپ شۈكۈر. ئاخىرقى بىر ئۆتكەلدە، سومكىدىكى بىر قۇتا مادىتىلھايات بىلەن قايچىنى تەكشۈرگۈچى خادىم چەكلەنگەن بۇيۇم دەپ ئېلىپ قالدى. (ئەخلەتكە تاشلايدۇ ھەقىچان). سائەت 3:02 دە ئايرۇپىلانغا چىقىدىغان ئىشىككە كەلدىم. نۇرغۇن ئادەم ساقلاپ قاپتۇ. ئالدىدىكىلەردىن سوردىم سىلەرنىڭ ئايرۇپىلان سائەت قانچىدە ئۇچىدۇ؟ دەپ، سائەت 3:00 تە دېيىشتى. بۇ چاغدا يولدىشىممۇ يېتىپ كەلدى. ئون مىنۇت ساقلىغان بولساقمۇ بىزگە نۆۋەت كېلىدىغاندەك ئەمەس. بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى ئۈزۈن سەپتىكىلەر ھەممىسى بىز بىلەن بىر ئايرۇپىلانغا چىقىدىغانلار ئىكەن، ئۇھ، خۇدايىمغا يۈزمىڭ شۈكرى! بۇ يەردىكى خادىم بۈگۈن قاتتىق يامغۇر يېغىپ كەتكەنلىكى، ھاۋانىڭ ئۇچۇق ئەمەسلىكى تۈپەيلى دەمەشىققە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلاننىڭ 35 مىنۇت كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاللاھقا يۈزمىڭ شۈكرى. ئەگەر يامغۇر ياغمىغان بولسا، بىز ئېنىقكى 100% كېچىككەن ئىدۇق. چۈنكى، سائەت 3:00تە ئۇچىدىغان ئايرۇپىلانغا ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ سائەت 2:45تە چىقىپ بولمىساق بولمايدىكەن. بۈگۈن خۇدايىم بىزنى ئۆزى ساقلاپ قاپتۇ. سائەت 3:40تا ئايرۇپىلانغا چىقتۇق.
ئايرۇپىلان ئېگىزگە ئۆرلەۋاتقاندا دەرىزىلەرگە يامغۇر تامچىلاپ تۇراتتى. يەردىكى قوڭغۇزدەك ماشىنىلار، ئۈچەيدەك يوللار، چىكىتتەك كۆرۈنىدىغان ئۆيلەر ئاستا-ئاستا بۇلۇتلارنىڭ ئاستىدا قالدى. پاھ، ئايرۇپىلان 9753 مېتىر يۈكسەكلىككە چىققاندا كۆپكۆك ئاسمان، پارلاق قۇياش كۆرۈندى. مامۇق پاختىلارنىڭ، ياق، ئاپپاق بۇلۇتلارنىڭ ئۈستىدە ئۇچۇۋاتىمىز. دەرىزىدە باياتتىنقى يامغۇر تامچىلىرىدىن ئەسەرمۇ يوق. ھاۋا شۇنداق ئۇچۇق. بۇ مەنزىرىنى بەكلا رەسىمگە تارتىۋالغۇم بار ئىدى. ئەپسۇس ئايرۇپىلان ئىچىدە رەسىم تارتىش ئاپراتى ئشلىتىش مەنئى قىلىنغان بولغاچقا رەسىم تارتالمىدىم.
ھازىر يەر يۈزىدىن 11277 مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچۇۋاتىمىز. دەرىزىدىن سىرتقا قارىسام، ئىستانبۇلدا ئاخشىمى پاراخوتتا دېڭىزدىن ئۆتكەن چاغدىكى سۇ يۈزى ئېسىمگە كېلىدۇ. بىر سائەت ئىلگىرىكى يامغۇرلۇق ئاسماننىڭ ئورنىدا كۆپكۆك سۈزۈك ئاسمان بار.
ئايرۇپىلان كۈتكۈچىلىرى ھازىر تاماق تارقاتماقچى بولۇپ كەلدى.
دەمەشق مەنزىرىلىرى ( 1 )
ئايرۇپىلان كۈتكۈچىلىرى تۈرك تائاملىرىدىن ئېلىپ كەلدى. تاتلىق ھالۋا، تۇزلۇق تاماق، يېشىل سالاتا (تۈركچە ئىسمى: روكا، ئۇيغۇرچە ئىسمى: زېغىر ياكى زاغۇننىڭ يېشىل ياپرىقى) ، ئاق پەينېر (پىشلاق) دېگەندەك بولۇپ ئۈچ-تۆت خىل تائام سۇنۇلغاندىن كېيىن، قايسى ئىچىملىكنى ئىچىدىغانلىقىمىزنى سورىدى: كولا، سۇ، چاي، مېۋە سۈيى، قەھۋە… دېگەندەك. مەن قەھۋە، يولدىشىم مېۋە سۈيى تاللىدى. قاچىلار يۇغۇشتۇرۇلغاندىن كېيىن، سائەتكە قاراپ، نامازشام ۋاقتىنىڭ كىرگەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئولتۇرغان يېرىمىزدىلا ئىشارەت بىلەن ئوقۇپ نامىزىمىزنى ئادا قىلدۇق. سەپەردە بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەسلى بارغان يېرىمىزدە خۇپتەن بىلەن جەمئى قىلىپ ئوقۇشىمىزغىمۇ رۇخسەت بار ئىكەن. بىز تاھارىتىمىز بار چاغدا ئامال بار ناماز ۋاقتىنى قاچۇرماسلىقىنى ئەۋزەل بىلدۇق.
بىر دەمدىن كېيىن ئايرۇپىلان باشلىقى مىكروفوندا ھازىر ئايرۇپىلاننىڭ سۈرىيە تەۋەسىگە كىرىپ بولغانلىقىنى، دەمەشق ئايدىرومىغا يېقىنلاشقانلىقىنى، تۆۋەنلەشكە باشلايدىغانلىقىنى، بىخەتەرلىك تاسمىلىرىنى چىڭ باغلىشىمىز كېرەكلىكىنى …ئوقتۇردى. ئادەتتە ئايرۇپىلاندىكى ئېغىزچە ئوقتۇرۇشلار ئاۋاال تۈركچە، ئاندىن ئېنگلىزچە، ئاندىن ئەرەپچە ئوقتۇرۇلىدىكەن. (بىز تۈرك ھاۋا يوللىرى ئايرۇپىلانىغا ئولتۇرغانىدۇق.)
ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپ، چامىدانلىرىمىزنى ئېلىش جەريانىدا بىر ئاز ھايال بولۇپ قالدۇق. ئەسلىدىكى پىلان بويىچە بولغاندا ئايرۇپىلان سائەت 3:00تە ئۇچقان بولسا، 5:00تە كەلگەن بولساق، يېرىم سائەتتە چامىدانلىرىمىزنى ئالغان ۋە 5:30تە سىرتقا چىقىپ، مەھمەت ئابىينىڭ ماشىنىسىنى ساقلىغان بولساق بولاتتى. بىراق بىز ئايدىروم ئىشىكىدىن سىرتقا چىققاندا سائەت 7:10 بولغان ئىدى. سۈرىيەلىك بىر كىراكەش ئەرەپكە چالا پۇچۇق ئەرەپچە تىلدا گەپ ئۇقتۇرۇپ، بىر دوللار بېرىش ھېسابىغا ئۇنىڭ تېلېفونىدىن مەھمەت ئابىگە تېلېفون قىلدۇق. مەھمەت ئابى ماشىنىسى بىلەن يېقىنلا يەردە ئىككى سائەتتىن بېرى بىزنى ساقلاۋاتقان ئىكەن. بىز ئۆزىمىز تۇرۇۋاتقان ئىشىك نۇمۇرىنى دەپ بېرىشىمىز بىلەنلا دەرھال يېنىمىزغا كەلدى. يولدىشىم ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى، مەن سالاملاشتىم.
ماشىنىدا ئايالى نازمىيە بىلەن ئىككى ئوماق پەرزەنتى سەنانۇر ۋە مۇھەممەدمۇ ئىككى سائەتتىن بېرى بىزنى ساقلاۋاتقانىكەن. ئايرۇپىلاننىڭ كېچىكىدىغانلىقىنى ئىستانبۇلدىكى چاغدىلا تېلېفون قىلىپ ئېيتىپ قويمىغانغا پۇشايمان قىلدۇق. مۇھەممەدنى ئىككى ئايلىق بوۋاق چېغىدا كۆرگەنتىم. بىر يىل ئىچىدە تونۇغۇسىز دەرىجىدە ئۆزگىرىپ چوڭىيىپتۇ. ۋاقتىنىڭ قانچىلىك تىز ئۆتىدىغانلىقىنى بەزىدە مۇشۇ بوۋاق بالىلار ئوبدان كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بەش ياشلىق سەنانۇر ئەرەپچە ئارىلاش تۈركچە سۆزلەيدىغان بوپتۇ. (ئۈچ ئايدىن بېرى يەسلىدە ئەرەپچە ئۆگىنىۋېتىپتۇ ئەمەسمۇ.)
ماشىنىدا دوستۇم نازمىيەنىڭ ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتىمىز. نازمىيە مېنىڭ ئالتە-يەتتە يىللىق يېقىن دوستۇم. ئەنقەرەدىكى چاغدا تۇيىغا قاتناشقانتىم. ئادەتتە يېقىن تۇققانلاردەك ئۆتەتتۇق. ئۇمۇ ۋاقتى چىقسىلا بىزنىڭ ئۆيگە كېلەتتى. ھېيت-بايراملاردا، تۇغۇتىدا مەنمۇ كەم قالماي باراتتىم. ئىككىمىزنىڭ يەنە ئورتاق يېقىن دوستلىرىمىز بار ئىدى. ھەر ھەپتە نۆۋەت بىلەن بىرىمىزنىڭ ئۆيىگە يىغىلىشىپ (ۋەتەندە ئاياللار قاتار چاي ئوينىغاندەك يىغىلىشىپ)، يېمەك-ئىچمەكتىن كېيىن، ئىلمىھال كىتابلاردىن ئوقۇپ سەۋىيىمىزنى ئاشۇرۇش ۋە قىيىنچىلىقى بارلارغا قولىمىزدىن كېلىشىچە قانداق ياردەم قىلىشنى مەسلىھەتلىشىش ئادەتكە ئايلانغانىدى. (ئەنقەرەدە ئۇيغۇرلار ئىستانبۇلدىكىدەك كۆپ ئەمەس، ھەم تارقاق ئولتۇراقلاشقان بولغاچقا، ئائىلىسى بار ئۇيغۇر ئاياللار بىلەن ئەنقەردە بېرىش-كېلىش قىلىش پۇرسىتىگە بەك نائىل بولالمىدىم. نازمىيە تۈرك، ئەنقەرەدە ئادەتتە يېقىن ئارىلىشىدىغان ئايال دوستلىرىمىزمۇ ئاساسەن تۈرك (بەزى كۇرتلارمۇ بار)، پەقەت مەنلا ئۇيغۇر. ئەمما ئۇلار بىلەن ئولتۇرغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇيغۇردەكلا ھېس قىلىدىغان بوپ قاپتىمەن.)
دەمەشق كوچىلىرىدا كېتىۋاتىمىز. تۈركلەر شام دەپ ئاتايدىغان بۇ دىيارنى ئۇچ سائەت ئىلگىرى ئىستانبۇل ئايدىرومىدا داماسكۇس دەپ ئاتىغانلىقىنى ئاڭلىدىم. ئەرەپلەر دمشق دەپ يازىدىكەن. كوچىلار، يوللاردا كېتىۋاتقان كىشىلەرنىڭ چىرايى ئۇيغۇرغا ئوخشايدىكەن. قالغىنىنى ئەتە كۈندۈزى بەكراق ئېنىق كۆرەرمىز.
مەھمەت ئابىينىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. ئۇلار بۇ يەردە رۇكنەددىن رايونىدا جامىئەتۇ-ئەبۇننۇر مەكتىپىگە يېقىن بىر يەردىن بىر ئايلىقىنى 750 دوللارغا ئۆي ئىجارە ئېلىپ ئولتۇرىۋېتىپتۇ. ئۆيلىرى پاكىزە ۋە ئازادە ئىكەن. 2-قەۋەتكىمۇ لېفىت بىلەن چىقىدىكەنمىز. گەرچە ھازىرقى ئۆيى ئەنقەرەدىكى ئىلگىرىكى ئۆيلىرىدىكىدەك ھەشەمەتلىك بولمىسىمۇ، ئەمما پاكىز ۋە رەتلىك تۇتۇلغانلىقىغا مەستلىكىم كەلدى.
تۈركلەردىن كۆپ ئاڭلايدىغان بىر گەپ بار ئىدى: ھەرەملىك سالاملىق . بۇ گەپنىڭ مەن بىلىدىغان مەنىسى: بۇ ئۆيدە ئەر مېھمان بىلەن ئايال مېھمانلار ئايرىم ئايرىم ئۆيدە ئولتۇرىدۇ. ئايرىم داستىخاندا غىزالىنىدۇ. ئەر-ئاياللار بىر بىرىنى كۆرمەيدۇ دېگەنلىك.
مەھمەت ئابى گەپ باشلىدى:
- سۈرىيەنىڭ ئەھۋالى تۈركىيەدىكىدىن كۆپ ياخشىكەن. بۇ يەردە ھەممە ئۆيلەر ھەرەملىك سالاملىق ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن قىلىپ سېلىنغان. ئۆيلىرىمىز كەڭرى ئازادە. قېنى بۇياققا مەرھەمەت!
يولدىشىم مەھمەت ئابى كۆرسەتكەن ئۆيگە كىرىپ كەتتى. سەنانۇر مېنى باشقا ئۆيگە باشلىدى. ئىككى كارىدور، ئىككى ئوبىرنى، ئىككى مونچا ۋە ئاشخانا ئۆينى ھېساپلىمىغاندا يەنە 5 ئېغىز ئۆي بار ئىكەن. بىز ئەسلى ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ئامانىتىنى قولىغا بېرىپ، بىرەر پىيالە چاي ئىچكەندىن كېيىن، باھاسى ئوتتۇز قىرىق دوللار ئەتراپىدا مۇۋاپىق بىر مېھمانساراي تېپىپ، شۇ يەردە قونۇشنى پىلانلىغانىدۇق. (چۈنكى، باشقىلارغا ئېغىرچىلىق سېلىشنى خالىمايتتۇق ۋە سۈرىيە بەك ئەرزانچىلىق دەپ ئاڭلىغانىدۇق)
ئەمما نازمىيە بىلەن مەھمەت ئابى: سىلەر سۈرىيەدە تۇرغان مۇددەت ئىچىدە بىزنىڭ ئۆيدىن باشقا يەردە قونۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلمايمىز! كۆرمىدىڭلارمۇ ئۆيىمىزنىڭ ئازادىلىكىنى؟! سىلەرگە يۇتقان-كۆرپە، ئۆي ھەممىسى تەييار. يېگۈڭلار بار ئۇيغۇرچە تاماقلارنى نازمىيە بىلەن يامغۇر ئۆزى ئەتسۇن دېدى.
نازمىيە زاتەن كەچلىك تاماقنى تەييارلاپ بوپتىكەن. تاماقتىن كېيىن كېچە سائەت بىرگىچە مۇڭدىشىپتىمىز. مۇھەممەد بىلەن سەنانۇرمۇ شوخلۇق قىلىپ ئوخلىمىدى. بۇ ئىككى شوخ بالىنىڭ ئۆزەم تارتقان بەزى رەسىملىرىنى چىقىرىپ قوياي:
خۇپتەندىن كېيىن، بىزگە راستلانغان ئايرىم ئۆيدە ئۇخلاپ قالدۇق.
ئەتىسى ئەتىگەن ناشتىدىن كېيىن كوچا ئايلىنىشقا چىقتۇق. يامغۇر يېغىۋېتىپتۇ. ئاپىراتنىڭ توكىنى ئاۋايلىغاچ بىر قانچە پارچە رەسىم تارتتىم. تۇنجى كۆرگەن دەمەشق كوچىسى رەسىملىرى:
قۇرئان-كەرىمدىكى ئاللاھ ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ نۇرىدۇر دېگەن ئايەتنى ئۇلار باغچىغا يۇقىرىقىدەك ھۆسنىخەتلەپتۇ.
نەگىلا قارىساق مېۋىلىك دەرەخ كۆرگىلى بولىدىكەن. تۇپرىقى مۇنبەت ئوخشايدۇ.
دەمەشق شەھرى مەنزىرىلىرى ( 2 )
بۈگۈن شەنبە. كوچىدا كېتىۋاتىمىز. يېڭى ياققان يامغۇردا كوچىلار سۇ سېپىپ تازىلانغاندەك پاكىزلانغان. ئاڭلىساق، تۈنۈگۈن جۈمە نامىزىدا دەمەشىقلىقلەر ئاللاھتىن يامغۇر تىلەپ دۇئا قىلغانىكەن. مانا، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، توختىماستىن يامغۇر يېغىشقا باشلىدى. بۇ يەردە قار يېغىپ باقمىغىلىمۇ ئون يىلدەك بوپتىمىش.
ھېلىمۇ ياخشى، ئايرۇپىلاندىن چۈشۈپلا ئايدىروم ئىچىدە پۇل تېگىشىۋاپتىكەنمىز. بىر ئامېرىكا دوللىرى 46 سۈرىيە لىراسىغا تەڭ ئىكەن. بىر تاكسىچىنى توسۇپ، بىزنى ئەمەۋى جامەسىگە ئاپىرىشىنى ئېيتتۇق. 200 لىراغا ئاپىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يەردىكى ئىككى يۈز لىرا ئاران تۆت-بەش دوللار پۇل، ئىستانبۇلغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئەرزانكەن. بىز ماقۇل دەپلا تاكسىغا چىقتۇق. تاكسى بىزنى ھەيۋەتلىك ئەمەۋى جامەسىگە يېقىن يەردىكى ھەمىدىيە بازىرى (تۈركچە ئىسىمى: ھەمىدىيە كاپالى چارشى) ئالدىغا ئەكىلىپ قويدى.
تۈركچە كاپالى چارشى دېگەنلىك، ئۈستى يېپىق بازار دېگەن مەنىدە بولۇپ، سۈرىيەدىكى بۇ بازارنى ئوسمانلى سۇلتانى سولتان ھەمىدخان سالدۇرغان بولغاچقا مۇشۇ ئىسىم قويۇلغان ئىكەن. سۈرىيەدە تۈركچە بىلىدىغان ئەرەپ تىجارەتچىلەر، كۇرتلار قەدەمدە بىر ئۇچراپ تۇرغاچقا، تىل جەھەتتىن ھېچ قىينالمىدۇق. ھەتتا بەزىدە بىز ئەرەپچە گەپ قىلساق، تىجارەتچىلەر بىزگە تۈركچە جاۋاپ بەردى.
بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن سۈرىيەنىڭ جۇغراپىيىسى بىلەن تارىخىدىن ئازىراق گەپ قىلساق ئارتۇقلۇق قىلماس.
سۈرىيە ئەرەپ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 185 مىڭ 180 كوۋادىرت كېلومېتىر. يەنى 247 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىرلىق خوتەن ۋىلايىتىدىن خېلىلا كىچىك؛ 162 مىڭ كوۋادىرات كىلومېتىرلىق قەشقەر ۋىلايىتىدىن ئازىراق چوڭ. نۇپۇسى 22 مىليون ئەتراپىدا.
ئىلگىرى شام دىيارى دەپ ئاتالغان بۇ زېمىندا تارىختا كەنئانلار، ئىبرانىيلار، ئارامىيلەر، بابىللىقلار، پارىسلار، يۇنانلىقلار، ۋىزانتىيەلىكلەر، ئەرەبلەر، سەلجۇق تۈركلىرى، خرىستىيانلار ۋە ئوسمانلى تۈركلىرى ھاكىمىيەت تۇتقان. پايتەختى شام (يەنى ھازىرقى دەمەشق شەھرى) ئەمەۋى خەلىپىلىكىنىڭ مەركىزى بولغان. كېيىن مەملۇك دۆلىتىنىڭمۇ باشقۇرۇش مەركىزى بولغان. 1260-يىلى مەملۇك دۆلىتىنىڭ پايتەختى بولغان شام 1400-يىلى موڭغۇل تىمۇرنىڭ ھوجۇمىدا خارابىگە ئايلانغان. بۇ يەر 1517-يىلى ئوسمانلى تېرىتورىيىسى ئىچىگە كىرگەن. شۇ تارىختىن باشلاپ تولۇق 403 يىل ئوسمانلى دۆلىتىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ ياشىغان. (بۇ يەردىكىلەرنىڭ تۈركچە بىلىشى شۇ سەۋەپتىن…)
شام 1-دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئوسمانلىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1920-يىلدىن 1946-يىلغىچە فرانسىيەنىڭ باشقۇرۇشىغا قالغان. 1946-يىلى مۇستەقىللىق ئېلان قىلغاندىن كېيىن، 1958-يىلى مىسىر بىلەن بىرلىشىپ بىرلەشمە ئەرەپ جۇمھۇرىيىتى قۇرغان. (بۇلارنىڭ شۇ چاغدىكى لوگوسىنى كېيىن مىسىر ئىسكەندىرىيە كۈتۈپخانىسىدا كۆرۈپ رەسىمىنى تارتىۋالغانتىم، ۋاقتى كەلگەندە يوللايمەن) لېكىن بۇ ئىتتىپاقلىق ئارانلا ئۈچ يىل داۋاملاشقان. ئۇلار 1961-يىلى ئايرىلىپ كەتكەن. خوشنىسى ئىسرائىلىيە 1981-يىلى سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكى رايونىنى ئىشغال قىلىۋالغان، ئۇشبۇ سەۋەپتىن خوشنىسى بىلەن جېدەل-ماجرا كەم بولماي كەلمەكتە ئىكەن.
بىز كۆرگەن دەمەشقتىكى ئەڭ ھەيۋەتلىك سېپىل، بىنالار ئوسمانلى ۋاقتىدا سېلىنغان ئىمارەتلەردەك كۆرۈندى كۆزىمىزگە. ئەڭ ئاددىيسى، سىرىتتا شاقىراپ يامغۇر يېغىۋاتقاندا مۇشۇ ھەمىدىيە بازىرى ئىچىگە كىرىپ يامغۇردىن پانالاندۇق. تارىخى يۈز يىلدىن، ئۇزۇنلۇقى بىر كىلومېتىردىن ئاشىدىغان بۇ بازار دەمەشقتىكى ئەڭ چوڭ بازار ئىكەن. ئىچىدە كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، مەسجىد ھەممە نەرسە تېپىلىدىكەن.
بازار ئىچى
نەچچە يىلدىن كېيىنمۇ ئۇنتۇپ قالماي ھەدىيە تەقدىم قىپتۇ.
بۇ مازارنىڭ ئىشىكىدىن چىقىپلا ياندا تورغان تۈرك ھاۋا ئۇچقۇچلىرى شېھىتلىكىنى كۆردۇق. بىر فاتىھە ئوقۇدۇق. بۇلار 1-دۇنيا ئۇرۇشىدا شام (دەمەشق)نى قوغداش يولىدا شېھىت بولغان تۈرك ئۇچقۇچىلارنىڭ قەۋرىسى ئىكەن. ماكانى جەننەت بولغاي!
بۇ مازارنىڭ سىرتتىن كۆرۈنۈشى
بىز يەردىن چىقىپ، يەنە كاپالى چارشى ئىچىگە كىردۇق. ئۇدۇل مېڭىپ چارشىنىڭ چوڭ يولغا قارايدىغان ئېغىزىدىن چىقىپ، سول تەرەپكە بۇرۇلۇپ يىگىرمە مىنۇتتەك ماڭغاندىن كېيىن، بىر قەۋرىستانلىققا كەلدۇق. يامغۇردا بۇ يەرلەر لاي-پاتقاق بولۇپ كېتىپتۇ. ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ، ئۇچرىغانلىكى ئادەمدىن ئەينە بىلال ھەبەشى؟ دەپ سوراپ يۈرۈپ، مەشھۇر ساھابە بىلال ھەبەشىنىڭ قەۋرىسىگە كەلدۇق. بۇ قەۋرىنى تۈركىيە كونيادىكى ساداۋ ۋەخپى رېمونىت قىلدۇرغان ئىكەن.
پەيغەمبىرىمىزنىڭ مۇئەززىنى بولغان بۇ ھەزرىتى بىلالنىڭ روھىغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ قايتىپ چىقتۇق.
(5) سۈرىيە: خۇمۇس شەھرى، خالىد بىن ۋەلىد جامەسى
سۈرىيەدە باشقا بەزى ئەرەپ دۆلەتلىرىگە ئوخشاش جۈمە ۋە شەنبە كۈنى رەسمىي دەم ئېلىش قىلىپ، يەكشەنبە كۈنى نورمال خىزمەت قىلىدىكەن. جوڭگۇدا بولسا شەنبە، يەكشەنبە دەم ئېلىش كۈنى. تۈركىيەدىمۇ شۇ جوڭگۇدىكىدەك. مەن كۆرگەن سۈرىيە بىلەن مىسىردا جۈمە كۈنى رەسمىي دەم ئېلىش كۈنى ئىكەن. مۇسۇلمان دۆلەت ئەمەسمۇ!
يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنى دەمەشقتە قاتتىق قار ياغدى. ئون نەچچە يىلدىن بويان قار كۆرۈپ باقمىغان خەلق خوش بولۇشۇپ كېتىپتۇ. تاكسى شوپۇرىمۇ بۇ قار ئاللاھنىڭ بىزگە بەرگەن بۈيۈك نېئمىتى! ئەلھەمدۇلىللاھ… دەپ سۆزلەپ كەتتى. قار تۈپەيلى قاتناش توسۇلۇپ قالغاچقا، تاكسىچى بىزنى ئۆيگە يېقىن بىر يولغا ئەكىلىپ، ئوڭغا قاراپ 200 مېتىر مېڭىشىمىزنى ئىشارەت قىلىپ قويۇپ كېتىپ قالدى. پىيادە مېڭىشقا باشلىدۇق. يولدا قارىسام، مەكتەپتىن ئۆيىگە قايتىۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بىر بىرىگە قار ئېتىشىپ ئويناشقىلى تۇرۇپتۇ. مېنىڭ بېشىمغىمۇ بىر قار پومزىكى تەگدى، ئاچچىغىمدا ھومايماقچىدىم، ئەمما ئۇنى خاتا ئېتىپ سالغان كىچىك بالىنىڭ ئوڭايسىزلىنىپ ئەپۇ سورىغان چىرايىغا قاراپ، ھېچقىسى يوق دېگەندەك ئىشارەت قىلىپ ئۆتۈپ كەتتىم. بۇ خەقلەرمۇ بىزگە ئوخشاش قاردا قارلىق تاشلىدۇق، يامغۇدا…. دەپ ئوينايدىغان چېغىۋا.
سەيشەنبە كۈنى قارمۇ توختاپ، ھاۋا گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى. تۈنۈگۈن ياققان قارلارمۇ ئېرىپ بوپتۇ. يوللارمۇ شۇنداق پاكىز يۇيۇلغان. بۇنداق چىرايلىق ھاۋادا كىشىنىڭ كەيپىياتىمۇ باشقىچە ياخشى بوپ كېتىدىكەن. مەھمەت ئابى بىزنى ماشىنىسىدا دەمەشقتىن 180 نەچچە كېلومېتىر يىراقلىقتىكى خۇمۇس شەھرىگە ئاپارماقچى بولدى. سەنانۇر بىلەن مۇھەممەد خوشلۇقتىن سەكرىشىپ كەتتى. نازمىيە بىلەن بالىلارنى ھازىرلاپ مەھمەت ئابىنىڭ كىچىك ماشىنىسىدا خۇمۇس شەھرىگە قاراپ يولغا چىقتۇق. يولدا ئۇچرىغان قەدىمقى جامەلەرنىڭ ئالدىدا توختاپ ئۆتتۈق. مېنىڭ رەسىم ئاپىراتىمغا توك قاچىلايدىغان نەرسە ئىزدەشنىمۇ ئۇنۇتمىدۇق. (ئەپسۇس، سۈرىيە تەۋەسىدە تېپىلمىدى).
ئۈچ سائەت ماڭغاندىن كېيىن خۇمۇس شەھرىگە يېتىپ كەلدۇق. پاھ، بۇ شەھەر دەمەشقتىنمۇ بەكرەك چىرايلىقتەك كۆرۈندى. ئازادە، كەڭرى ۋە پاكىز يوللار، ئېگىز بىنالار، يېشىل دەرەخلەر، يولدىكى يۆنۈلۈشلەرنى ئېنىق، چۈشىنىشلىك كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئېنگلىزچە ۋە ئەرەپچە يېزىلغان يول بەلگىلىرى (تاختايدىكى خەتلەر)، ئاندا-ساندا كۆزگە چىلىقىدىغان تۈركچە ماركا، ۋېۋىسكىلار، ھەيۋەتلىك مەسجىدلەر، خوشچىراي قاتناش ساقچىلىرى… ئىشقىلىپ ھەممە نەرسە كۆزىمىزگە ئىسسىق كۆرۈندى. خالىد بىن ۋەلىد جامەسىگە كېلىپ ناماز ئوقۇدۇق. مەشھۇر ساھابە، مۇسۇلمانلار تارىخىدىكى داڭلىق قۇماندان خالىد بىن ۋەلىد مازىرى مانا مۇشۇ يەردە ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمىغا ئاتاپ سېلىنغان بۇ جامەنىڭ كۈلىمىمۇ چوڭكەن. پەقەت ناماز ئوقۇيدىغان يېرىلا بار ئەمەس، بەلكى يېنىدا خالىد بىن ۋەلىد خەير-ساخاۋەت ۋەخپى، مەدرىسەسى ۋە باشقا ئورگانلىرى باردەك كۆرۈندى. جامە ئالدىدا خېلى كەڭرى مەيدان باركەن. ئون نەچچە ياشلىق بالىلار توپ ئويناۋېتىپتىكەن، مۇھەممەد بىلەن سەنانۇر ئۇلارنىڭ يېنىغا قېچىپ كېتىپ بىزنى خېلى يۈگۈرتتى. بالىلارنى رەسىمگە تارتىپ قويدۇم.
خالىد بىن ۋەلىد جامەسىنىڭ كىرىش ئىشىگى
ساھابە خالىد بىن ۋەلىدنىڭ قەبرىسى (رەسىم ئاياللار ناماز ئۆتەيدىغان يەردە تۇرۇپ تارتىلغان بولغاچقا، پەردىدە تۇسۇلۇپ قالدى)
بۇ قەھرىمان ساھابە جان ئۈزۈش ئالدىدا مۇنداق دېگەنىكەن: ھاياتى ئاللاھ يولىدا ئات چاپتۇرۇپ، قىلىچ پولاڭلىتىپ ئۆتكەن بىر جەڭچىنىڭ ئاجىزلەردەك كۆرپىدە يېتىپ ئۆلۈشى نېمىدىگەن ئېچىنىشلىق-ھە! مېنى ئورنۇمدىن تۇرغۇزۇڭلار. ھېچ بولمىسا قىلىچىمغا تايىنىپ بولسىمۇ ئۆرە تۇرۇپ جان ئۈزەي!
خالىد بىن ۋەلىد جامەسىنىڭ ئالدىدا چىرايلىق بىر باغچە باركەن. مۇھەممەد بىلەن سەنانۇرنى رەسىمگە تارتىپ قويدۇق.
ئەسىر نامىزىنىمۇ مۇشۇ جامەدە ئوقۇغاندىن كېيىن، شەھەرنى ئايلانغاچ، يەنە بىر چوڭ جامەنىڭ ئالدىغا كەلدۇق. بۇ جامەنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن. ئەڭ ئاز ئۈچ تۆت مىڭ كىشى بەھۇزۇر ناماز ئوقۇيالايدىغان چوڭ جامەكەن. ئاياللار 2-قەۋەتكە چىقىدىكەنمىز. تاھارەت ئالىدىغان يەرلىرىمۇ پاكىز ۋە چوڭ ئىكەن. جامە ھەقىقەتەن ئىنساننىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىپ، ئىنسانغا راھەت بېغىشلايدۇ. بۇ يەردە نامازشامنى ئوقىغاندىن كېيىن سىرتقا چىقتۇق.
مەھمەت ئابى بىلەن يولدىشىم ناماز ئوقۇش جەريانىدا بىر ئەرەپ بىلەن تونۇشۇپ قاپتىكەن. ئۇنىڭدىن مۇشۇ ئەتراپتىكى ياخشىراق بىرەر ئاشخانىنىڭ ئورنىنى سوراپتۇ. ئۇ ئەرەپ قىزغىنلىق بىلەن بىزنىڭ ماشىنىغا چىقىپ ئاشخانىغىچە بىللە ئەكىلىپ قويدى.
ئىستانبۇلدىكى تاماقخانىلارغا ئوخشايدىغان بۇ ئاشخانىدا كەچلىك تاماق يېدۇق. سىخ كاۋاپ تۈركلەرنىڭ كاۋىپىدىن پەرقلەنمەيدىكەن. بۇلار سالاتانى چوڭ تەخسىگە ئوخشايدىغان قاچىدا بېرىدىكەن. تۈركىيەدىكىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، تەخسىنىڭ ئۈستىگە كاللەك بەسەينىڭ ئۈچ تۆت پارچە ياپرىقىنى پۈتۈن قويۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە توغرالغان شوخلا، تەرخەمەك، يېشىل پىننە، يېشىل لازا ۋە يەنە ئىككى ئۈچ خىل مەن ئىسمىنى بىلمەيدىغان ئوتياشنى قويۇپ، ئۈستىگە لىمۇن بىلەن زەيتۇن يېغى تۆكۈپ ئەكىلىپ بېرىدىكەن. بىزگە تېتىدى. تاماقتىن كېيىن چاي ئىچىپ بىردەم ئولتۇرغاندىن كېيىن دەمەشىققە قاراپ يولغا چىقتۇق. بۇ يەردىكى ئەرەپلەرمۇ بەكلا مىھماندوست، قىزغىن، ئەدەپلىك ئىكەن.
ئەتىكى سەپەر بېيرۇت.
مةزكذر ساياهةت خاتىرىسى ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى يامغۇر خانىمغا تەۋە.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3138