تۇرمۇش خاتىرىسى

    

باينىڭ ۋەسىيىتى

 روبېرت كاتتا باي ھەم داڭلىق كومپېيوتېر ئۇستىسى بولۇپ،ئۇنىڭ ئوغلى جېك بولسا بايۋەچچىلىك قىلىپ،ھەر كۈنى ۋاقتىنى قاۋاقخانا ۋە تانسىخانىلاردا ئۆتكۈزىدىكەن.روبېرت بەخىتكە قارشى ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىپ،جان ئۈزۈش ئالدىدا،جېكقا بىر پارچە ۋەسىيەتنامە قالدۇرۇپتۇ:
-مەن بايلىقىمنى بىخەتەرلىك ئىشكاپىدا قالدۇردۇم،بىخەتەرلىك ئىشكاپىنى ئاچىدىغان پارولنى كومپېيوتېردا ساقلاپ قويدۇم،سەن كومپېيوتېر سېستىمىسىنىڭ پارولىنى يەشسەڭلا،مېنىڭ بايلىقىمغا ۋارىسلىق قىلالايسەن.ئەگەر بىخەتەرلىك ئىشكاپىنى چېقىپ ئېچىشقا ئۇرۇنساڭ، بىخەتەرلىك ئىشكاپىدىكى بايلىق ئۆزلۈگىدىن كۈلگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
دادىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن جېك تولىمۇ قايغۇرىدۇ،ئەمما بارلىق بايلىقنى ئۆزىگە قالدۇرۇپ كەتكەنلىكىدىن خۇرسەن بولىدۇ.جېك دادىسىنىڭ جەسىتىنى قويۇپ بولغاندىن كىيىن،دادىسىنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ياردەمچىسى مورادنى چاقرىتىپ،ئۇنىڭدىن كومپېيوتېر سېستىمىسىنىڭ پارولىنى يېشىپ بېرىشنى ئۆتۈنىدۇ.لېكىن موراد،-داداڭ يېتۈك كومپېيوتېر تالانت ئىگىسى تۇرسا،پارولنى مەن قانداق يېشەلەيتىم،-دەيدۇ.
جېك ئىچىدە ھەق بەرسەم ئۇنايدىغۇ دىگەن ئۈمىدتە،-خاتىرجەم بولۇڭ،دادامنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن بايلىقى نەچچە ئون مىلىيوندىن ئاشىدۇ،پارولنى يېشىپ بەرسىڭىزلا،بايلىقنىڭ %10 بويىچە سىزگە ھەق بېرىمەن،-دەيدۇ.موراد ئويلانغاندىن كىيىن،سىناپ بېقىشقا ماقۇل بولىدۇ.
لېكىن،موراد ھەرقانداق قىلىپمۇ بىخەتەرلىك ئىشكاپىنى ئاچالمايدۇ.كىيىن،جېك نۇرغۇن كەسىپ ئەھلىنى ئىزدىگەن بولسىمۇ ھېچ ئامال قىلالمايدۇ.جېكنىڭ ئاچچىقى كېلىپ،جوزىنى مۇشتلاپ تۇرۇپ،-دادامنىڭمۇ بىر كاللىسى،ئىككى كۆزى بارغۇ،ئۇمۇ ئادەم،ئىلاھ ئەمەس،مەن چوقۇم ئۆزۈم يېشىمەن!،-دەيدۇ.
شۇنىڭدىن باشلاپ،جېك كومپېيوتېر ئاساسىي بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشىپ،كومپېيوتېرغا ئائىت نۇرغۇن كىتابلارنى تۈگىتىدۇ.كىيىن يەنە بىر نەچچە ئۇنۋېرستېتقا بېرىپ داڭلىق كومپېيوتېر دوكتورلىرىدىن تەلىم ئالىدۇ.بەش يىل ئۆگىنىش ئارقىلىق،پارولنى يېشىشكە باشلايدۇ.
جېك خۇددى يىراققا سەپەر قىلغاندەك،ئىپتىدائىي قاراڭغۇلۇق قاپلىغان ئىپتىدائىي ئورمانلىقتىن بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئادەمزات ئاياغ باسمىغان چۆللەرنى كېزىپ،ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريالاردىن ئۆتۈپ،ئېگىز تاغلارغا يامىشىپ چىقىپ……بوشاشماي ئۈچ يىل تىرىشىش ئارقىلىق،ئاخىرى دادىسىنىڭ پارولىنى يېشىدۇ ۋە بىخەتەرلىك ئىشكاپىنى ئاچىدۇ.بىراق، بىخەتەرلىك ئىشكاپىدا بىر پارچە قەغەزدىن باشقا ھېچنىمە يوق ئىدى.
قەغەزگە مۇنداق خەتلەر يېزىلغان ئىدى:مېنىڭ ئۆمۈرلۈك بايلىقىمغا ۋارىسلىق قىلغىنىڭنى تەبرىكلەيمەن،پۇل پەقەت بىر ساندىنلا ئىبارەت،خالاس.بىلىم ئىگىلىكى دەۋرىدە پۇل بىر ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك بايلىقىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ،پەقەت بىلىملا بايلىق ھېسابلىنىدۇ.مەن تاپقان پۇللىرىمنى ھايات ۋاقتىمدا قۇتقۇزۇشقا ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە يوشۇرۇن ئىئانە قىلىۋەتتىم،ساڭا پەقەت ئۈزلىكسىز ئۆگىنىش، ئوڭۇشسىزلىقتىن قورقماسلىق ۋە توختىماي ئالغا بېسىش روھىنى قالدۇردۇم،مانا بۇ سەن بىر ئۆمۈر ئىشلەتسەڭمۇ تۈگىمەيدىغان بايلىق.
جېك دادىسىنىڭ سەمىمىي نىيىتىنى ئاخىر چۈشىنىدۇ.كىيىن، ئۇ دادىسىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ مول بىلىمى ۋە قەتئىي مەغلۇپ بولماستەك روھىغا تايىنىپ، ئىنتېرنېت دەۋرىدىكى ھۆكۈمرانغا ئايلىنىدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1909

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: