![]() |
ئاتا ئۆرنەك پەرزەنتلەرگە
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
بىزدە ئەزەلدىن ئانىلار ئۆز جۈپلىرىنىڭ بويلىرىنى پەرزەنتلىرىگە پەخىر بىلەن كۆرسىتىپ ‹ ئاتاڭغا ئوخشىغىن، ئاتا ئوغلى بولغىن › دەپ تەربىيە بېرىپ كەلگەنىدى. ئەمما بۈگۈن ئىشتىن كېلىپلا سالپىيىپ ئىغىناپ ياتىدىغان ياكى كۈندە شىركەيىپ كىلىپ دۇنيادىكى ئەڭ خۇنۈك، ئەڭ ئۇياتلىق تاماشالارنى كۆرسىتىدىغان، قاۋاقخانا ــ رېستۇران، چايخانا – ئاشخانىلاردىن بېرى كېلەلمەيدىغان ئەركەك ئۆز بالىسىغا نېمىنى ئۆگىتىدۇ، توغرىراقى ئۇ شۇ تەرىزدە مۇرەببى بولۇشقا ھەقلىقمۇ؟!… بۇرادەر ئېيتىڭچۇ، بالىنىڭ ئاتىسى تىرىك تۇرسا، ئەمما ئۇنى شۇ تۇرقى بىلەن ئىبرەت ئۈچۈن كۆرسەتكىلى بولمىسا، بۇ يورۇق كۈندە ئانا بىچارە نېمە قىلسۇن ؟ ‹ بالام ئاتاڭنىڭ ئەيىبلىرىلا بار، سەن پالانىغا ئوخشىغىن › دەپ بالىسىغا مەھەللە كويىدىكى نامەھرەم بىر ئەركەكنى كۆرسەتسۇنمۇ ؟ دۇنيادىكى ئەڭ بەختسىز ئايال شۇ. بۇ ئۆيدىكى پەرزەنت ھەم شور پىشانىدۇر.
ئىنسان بوۋاقلىق دەۋرىدە تبىئىي ئېھتىياج سەۋەبلىك ئاساسەن ئانىنىڭ تەسىرى ئاستىدا بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئاق – قارىنى پەرق قىلىشقا باشلىغانسېرى تەدرىجىي يوسۇندا ئاتىنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلىشى كۈچىيىپ بارىدۇ. چۈنكى، ئانىنىڭ تەسىر كۆرسىتىشى ئاساسەن ئوزۇقلۇق، مېھىر – مۇھەببەت بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، ئاتىنىڭ تەسىرى ياشاش يولى، ئىدىيە – كۆز قاراش، ئادىمىيلىك يىتىلدۈرۈش قاتارلىق ئەڭ موھىم تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ. دېمەك، بۇ دۇنيادا ئاتا پەرزەنتىنىڭ ھايات يولىغا ئەڭ چوڭ تەسىر كۆرسىتىدىغان شەخستۇر. شۇنداق بولغانىكەن، ھەر قانداق ئاتا ئۆز پەرزەنتىگە مەردلىك، جاسارەت، بىلىمخۇمارلىق، ئەدەپ – ئەخلاق، ئەمگەكچانلىق، مەسئولىيەتچانلىق… قاتارلىق تەرەپلەردە ھەقىقىي ئۈلگە بولۇش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتىلاردا ساغلام خاراكتېر، مۇكەممەل ساپا بولمىسا بولمايدۇ ھەم بۇ ئەڭ مۇھىم نوقتىلاردىن ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر بىر ئادەمدە ياخشى خىسلەتلەر جەم بولغان خاراكتىر بولمىسا، ئۇنىڭ ساپاسىدىن ئېغىز ئىچىش تەس. شۇنداق ئىكەن، ئىنسان بىلىملىك بولۇش بىلەنلا ساپالىق بولالمايدۇ. پۇلدار بولۇش، ھوقۇقدار بولۇش بىلەن تېخىمۇ بولالمايدۇ. ساپالىق بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ئەدەپ – ئەخلاق، ئېتىقاد، شەرمىي – ھايا، ۋىجدان – غورۇر، كەمتەرلىك، خەلقچىللىق، مۇلايىملىق… قاتارلىق زۆرۈر شەتلەرنى ھازىرلاش كېرەك. مانا بۇلار بولماي تۇرۇپ بىراۋ مەيلى ئىلىمنىڭ قايسى يۈكسەك چوققىسىغا چىقىپ كەتسۇن ، چوقۇقنىڭ قانچىلىك ئېگىز پەشتىقىنى ئىگىلىسۇن، پۇلنى قانچىلىك توپلاپ كەتسۇن، ئۇلارنى ساپالىق دېگىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ساپا ئالدى بىلەن بىراۋنىڭ مەنىۋىيىتىدە يېتىلىدۇ. ئاندىن ئۇ شۇ ئادەمنىڭ سىرتقى ئىش – ھەرىكەتلىرىدە مەلۇم بولىدۇ.
دېمەك، ئاتا بولغۇچىنىڭ ئۆيدىكى ئىش – ھەرىكەتلىرىدىن ئۇنىڭ ساپاسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى مانا مەن دەپلا ئاشكارىلىنىپ تۇرىدۇ. يوقىرىدا تىلغا ئالغاندەك، بالىلىرىنى ھاراق – شاراب ئەكىرىشكە بۇيرۇيدىغان، ئۆيدىن تاماك ئىسى، مەي – شاراب ھىدلىرى بېسىلمايدىغان، پەرزەنتلىرىنىڭ كۆزىچە ئايالىغا غىلجىڭلىق قىلىدىغان، يالغان ئېيتىشتىن، غەيۋەت قىلىشتىن ئۆزىنى تارتالمايدىغان ئاتىلارنىڭ ساپاسىزلىقى تەبئىي يوسۇندا پەرزەنتلەرنىڭ ئېڭىدا « ئىنسان مۇشۇنداق ياشىسىمۇ بولىۋىرىدىكەنغۇ » دېگەن ئوينى ئويغىتىدۇ. دېمەك، بالىلىرىڭىزغا ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىۋاتقان، بىرەر نەرسە ئۈگۈتىۋاتقان ياكى ئۇنىڭغا بىرەر ئىش تاپشۇرۋاتقىنىڭىزدىلا، ئۇنىڭ تەربىيەلەۋاتىمەن، دەپ ئويلىماڭ. سىز ئۇنىڭغا ھاياتىڭىزنىڭ ھەربىر مىنۇتلىرىدا تەربىيە بېرىسىز، سۆزىڭىزدىكى تېرىقتەك ئۆزگىرىشنىمۇ ئۇلار سېزىپ ياكى ھېس قىلىپ تۇرىدۇ. پىكىرىڭىزدىكى ئازراق بۇرۇلۇشمۇ كۆرۈنمەس يوللار ئارقىلىق بالىڭىزغا بىلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۆزىڭىز سەزمەي قالىسىز . شۇڭا سىز ئائىلىڭىزدە پەرزەنىلىرىڭىزگە قانداق ئۆرنەك بولۇۋاتىسىز، بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ كۆرۈشىڭىز كېرەك. بەلكىم، سىز مەن توغرا قىلىۋاتىمەن، ياخشى ئۆرنەك بولىۋاتىمەن، دەپ ئويلايدىغانسىز. لېكىن، ئاگاھ بولۇڭكى، سىزنىڭ ھەممە ئىشلىرىڭىز توغرا بولۇپ، بىرلا خاتايىڭىز بولسىمۇ، بالىڭىز شۇ خاتايىڭىزنى قوبۇل قىلىۋىلىشى مۇمكىن. شۇ بىرلا خاتايىڭىزمۇ سىزگە كېيىن تۈگۈمەس پۇشايمەن كەلتۈرۈشى مۇمكىن. شۇنداق ئىكەن، بىرلا خاتا قىلىشتىنمۇ ساقلىنىڭ. يۈز پىرسەنتلىك توغرا ئۆرنەك بولۇش ئۈچۈن تىرىشىڭ. بۇ ھەقىقىي ئاتىلىقنىڭ بىردىنبىر توغرا يولىدۇر.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2715