ئەرگە ئىتائەت، ئايالغا ھۆرمەت…
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
بىىر ئۆينىڭ بېشى بولۇپ قالغان ئەر – ئايالنىڭ زىممىسىگە تالاي ۋەزىپىلەر يۈكلەنگەن بولىدۇ. بۇ ۋەزىپىلەرنىڭ بەزىلىرى نوقۇل ھالدا ئەر ياكى ئايالنىڭ تىرىشچانلىقىنى ئەمەس، بەلكى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بىر تەرەپنىڭ تىرىشچانلىقى بولماي قالسا، ئاخىرقى ھېسابتا ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. بەلكىم، بىر ئائىلىدىكى ئىشلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمى شۇنداق بولسا كېرەك. ئەھۋال مانا شۇنداق بولغانىكەن، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىدىكى مەسئولىيەتنى ئاڭلىق ھالدا تونۇپ يېتىشىگە، قارشى تەرەپ بىلەن تەڭ ھەمكارلىشىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمما، بۇ يەردە چوقۇم ئەمەل قىلىنىشقا تىگىشلىك بىر نوقتا باركى، ئۇ بولسىمۇ بۇ تىرىشچانلىقتا، ھەمكارلىقتا چوقۇم بىر تەرەپ ئاۋانگارت رول ئوينىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەرنىڭ ئايال قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلاردا ئالدىغا ئۆتۈپ قېلىشى، ئايالنىڭ ئەر قىلىدىغان ئىشلاردا ئالدىغا ئۆتۈۋىلىشى قانۇنىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇنداق قىلىپ مەلۇم ئىشلار يۈرۈشۈپ كىتىشى مومكىن. ئەمما، قانۇنىيىتى قالايمىقان بولۇپ يۈرۈشكەن ئىشنىڭ تېگىدە كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان كۆڭۈلسىزلىك ياتىدۇ.
مۇنداق بىر ۋەقەنى بۇنىڭ مىسالى قىلىپ كەلتۈرۈش مۇمكىن: مەلۇم بىر ئائىلىدە ئۆيلۈك يەر مەسىلىسى سەۋەبلىك قانداقتۇر بىر باشلىق بىلەن كۆرۈشۈش زۆرۈريىتى تۇغۇلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەر بولغۇچى ئايالغا “ سېنىڭ تىلىڭ تاتلىق، شۇڭا سەن كۆرۈشۈپباققىن “ دەپ ئايالىنى باشلىقنىڭ قېشىغا يولغا سېلىپ قويۇپ، ئۆزى ئۆيدە تاماققا تۇتۇش قىلىپ قاپتۇ. بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن ئايالى ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق پۈتكەنلىكىنى ئېيتىپ قايتىپ كەپتۇ. ئەرمۇ بۇنىڭدىن خوشال بولۇپ، خاتىرىجەم بوپتۇ. ئەمما، كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىشنىڭ پۈتۈش جەريانىدا يۈز بەرگەن غەيرى ئىشلارنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسى مەلۇم بوپتۇ. باشلىقنى ئوڭدا قويۇش غەرىزىدە يۈرىۋاتقان، يەنى بىراۋ ئىلىۋالغان سىنئالغۇ كۆرۈنۈشىدە ئايال ھېلىقى ھوقۇقدار بىلەن قاتتىق قارىشلاشقان، ئەمما، ئاخىرقى ھېسابتا ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلمىگەنىكەن…
مانا بۇ قانۇنىيەتنىڭ قالايمىقان بولۇشىدىن كېلىپ چىققان تېخىمۇ چوڭ كىلىشمەسلىكتۇر. ئەسلىدە بۇ ئەر بېجىرىشى كېرەك بولغان ئىش ئىدى. ئايالمۇ ئىرىگە بۇنداق قىلىشنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىشى كېرەك ئىدى.
دېمەك، بىر ئائىلىدە ئەر قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم ئەر قىلىشى، ئايال قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى چوقۇم ئايال قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، بۇنىڭ ئۈچۈن قارار چىقىرىش ھوقۇقى چوقۇم ئەردە بولىدۇ.
بىز كۆپىنچە ئىشلارنى غەربكە ئارتىپ ئۆزىمىزنى ئاقلىماقچى بولىمىز. ئەمما، “ ئوسۇرغاققا ئارپا نىنى باھانە “ دېگەندەك ھەممىنى غەربكە ئارتىپ قويۇش بىلەن مەسىلىنى ئىزاھلاش ئاقىلانىلىك ئەمەس. چۈنكى، ھېلىھەم غەربلىكلەر غەربتە، شەرقلىكلەر شەرقتە ياشاپ كىلىۋاتىدۇ. ھەر بىر ئەلنىڭ قانداق ياشىشى، نېمىنى قوبۇل قىلىپ، نېمىنى قوبۇل قىلماسلىقى ئۆزىنىڭ تاللىشىغا باغلىق. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، يىقىندا %91 ئاھالىسىنى مۇسۇلمانلار تەشكىل قىلىدىغان مىسىردا، ئاياللار “ تارىختا ئەرلەر بىزنى تالاق قىلىپ كەلگەن، ئەمدى بىز ئەرلەرنى تالاق قىلىشىمىز كېرەك “ دەپ نامايىش قىلغان. دېمەك، ئاياللارنىڭ ئىختىيار – ئەركىنلىكى قەدەممۇ – قەدەم راۋاجلىنىپ بېرىۋاتماقتا. ئەمما، ئىنساندىكى ئىختىيار – ئەركىنلىكنىڭ زۆرۈرىيەت تەلىپى بىلەن ئاقىلانە، ئەقىلگە بويسۇندۇرۇلغان رەۋىشتە چەكلىنىشى، يەنى نىسپىيلەشتۈرۈلۈشى نەزەردىن چەتتە قالماقتا. ھەر قانداق ئەركىنلىك چېكىدىن ئاشسا، ئۇ پۈتۈن ئەلنىڭ پاجىئەسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە تېخى ئاياللار “ ئەمدى ئەرلىرىمىزنى بىز تالاق قىلىشىمىز كېرەك “ دەپ ئىسيان كۆتۈرگۈدەك دەرىجىگە بارمىدى. لىكىن، بىزدىمۇ ئەر – ئاياللىق ئورنىغا ئېغىر دەرىجىدە دەز كەتكەنلىكى پىنھان ئەمەس. بۇنى بىزنىڭ ئائىلىلىرىمىزدىكى پاجىئە دېيىشكە بولىدۇ. مەن بۇ سۆز بىلەن ئايال بولغۇچى نوقۇل ھالدا ئەرنىڭ تەپەككۈرى بويىچە ئويلىشى، نېمە دېسە ( خاتانى دېسىمۇ ) شۇ بويىچە قىلىشى كېرەك ، دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەمما، “ ئائىلە – بىر كىچىك دۆلەت “ دېگەن ئۇقۇمنى توغرا تاپقان ئىكەنمىز، چوقۇم بۇ دۆلەتنىڭ پادىشاھى بىلەن ۋەزىرىنىڭ ئورنى تەڭلىشىپ قالماسلىقى كېرەك. بىر دۆلەتتە ئىككى پادىشاھنىڭ مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، چۇنكى، ھىچقاچان “ بىر قازاندا ئىككى قوچقارنىڭ بېشى قاينىماس“. ئەگەر شۇنداق بولسا، بۇنداق دۆلەتتە قاچانكى بىر تەرەپ يەنە بىر تەرەپنى تەلتۆكۈس يوقاتمىغۇچە، ئامانلىق بولمايدۇ، ئۇرۇش – جىدەل تىنچىمايدۇ.
بەزىدە شۇنى تەن ئىلىپمۇ قالىمىز، بىر ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ تۇرۇۋاتقىنى ئەر ئەمەس، ئايال بولۇشى مۇمكىن. ئەر ئۆز مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلالمىغان، مەسئوليىتىنى ئىسىدىن چىقارغان ۋاقىتتا شۇ ئائىلىدىكى جانسۈرۈك ئايالنىڭ مەيدانغا چىقىپ ئائىلىسىنى تەرتىپكە سېلىشى قوللاشقا ئەرزىيدىغان ئىشتۇر. ھەتتا بەزى ئائىلىلەردە ئەرنىڭ ئەڭ كېرەكسىز بىر نوپۇسقا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، ئايالنىڭ ئىقتىساد، ھوقۇق، قارا قاتارلىق مەسىلىلەردە مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلەلەيمىز. ئەگەر بۇنداق ئائىلىدە ئايال بولغۇچى ئەرنىڭ دېگىنىنى قىلىمەن، نېمە دېسە شۇنىڭغا بوي سۇنىمەن، دەپ ئولتۇرىدىغان بولسا، ھالاكەتنىڭ يۈز بەرگىنى شۇ !
شۇنىڭ ئۈچۈن، “ ئايال ئەرگە شەرتسىز بويسۇنۇشى كېرەكمۇ ؟ ئەر ئايالغا چوقۇم دېگىنىنى قىلدۇرۇشى كېرەكمۇ ؟ “ دېگەن مەسىلىدە ھەر قانداق ئائىلە ئۆز ئەھۋالىغا قاراپ ئىش تۇتقىنى تۈزۈك. ئەمما، بىر نوقتىنى ئەستىن چىقارماسلىق كېرەككى، ئەردە مەسئوليەتچانلىق، پەم – پاراسەت، ھەقىقىي ئەرلىك سالاپەت، ئايالدا ھەقىقىي ئاياللىق خۇسۇسىيەت بولغان ئائىلىدە ھېچقاچان ئايال كىشى ئەر كىشىنىڭ گەجگىسىگە مىنىۋالمايدۇ، ئەر كىشىمۇ ھېچقاچان ئايال كىشىنىڭ كۆرپىسىگە ئايلىنىپ قالمايدۇ. بۇنداق بولۇشىنى ئايالمۇ، ئەرمۇ ئۆزىگە نۇمۇس دەپ بىلىدۇ. چۈنكى ئەرنىڭ ئەرلىكى ئايالدىن ئۈستۈن تۇرۇش بىلەندۇر، ئايالنىڭ نازاكىتى ئۆزىنىڭ ئاياللىق سۈپىتىنى ساقلاپ ياشاش بىلەندۇر.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1497
رەسىملەرگە سەل دىققەت قىلسىڭىز