![]() |
كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئۈچ سوئال
كىشلىك تۇرمۇشتىكى ئۈچ سوئال
مەلۇم ئوتتۇرا تىخنىكوم ئوقۇش پۈتكۈزۈشكە ئاز قالغان ئوقۇغۇچىلارغا “ كىشلىك تۇرمۇش دەرسى “ تەسىس قىلىپتۇ. ئاخىرىقى بىر سائەتلىك دەرستە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن مۇنداق ئۈچ سوئال سوراپتۇ :
ــ 1-سوئال : ئاتا-ئاناڭلارنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار.
قىز ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن قول كۆتۈرۈپتۇ، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار ئاساسىي جەھەتتىن قول كۆتۈرمەپتۇ.
ــ 2-سوئال : بىز تۇرۇۋاتقان ئوقۇتۇش بىناسىدا ئۈچ نەپەر تازلىق ئىشچىسى بار، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىككىسىنىڭ ئىسمىنى بىلىدىغانلار قول كۆتۈرۈڭلار.
ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ، ئۈچ يىلدىن بىرى بۇ ئىشقا ھىچكىم دىققەت قىلمىغانكەن. ئوقۇتقۇچى سوئالنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
ــ 3-سوئال : ئۆزىگە شاپلاق ئۇرۇپ باققانلا قول كۆتۈرۈڭلار.
ساۋاقداشلارنىڭ ھەممىسى كۈلۈپ كىتىپتۇ، كىممۇ بۇنداق ئەخمەقلىق قىلسۇن !
ئوقۇتقۇچى ئاخىرىدا مۇنداق دەپتۇ:
ــ سىلەرگە كىشلىك تۇرمۇش سەرىسىنى ئۆتۈشىمىزدىكى مەقسەت سىلەرنى توغرا كىشلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە دۇنيا قاراش تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، بۇندىن كىيىنكى جاھاندارچىلىق ئىشلىرىنى ئۆگىتىش. بايا مەن سورىغان ئۈچ سوئال سىلەر ئۈچۈن سىناق.
ــ ئاتا-ئانىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋىلىڭ، ــ ئوقۇتقۇچى شۇنداق دېگەچ دوسكىغا “ ۋاپادارلىق “ دېگەن خەتنى يىزىپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ۋاپادارلىق ئادەمنى ياخشى يولغا باشلايدۇ، ۋاپادار ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ئاق كۆڭۈللۈكنىڭ خىمىرتۇرۇچى بولىدۇ، ئاق كۆڭۈل ئادەم چوقۇم ياخشى جاۋاپقا ئىرىشىدۇ.
ــ ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ ئىسمىنى ئېسىڭىزدە تۇتۇۋىلىڭ، ئوقۇتقۇچى دوسكىغا “ ھۆرمەت “ دېگەن خەتنى يىزىپ مۇنداق دەپتۇ، ــ باشقىلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا ئاندىن ھۆرمەتكە ئىرىشكىلى بولىدۇ. باشقىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئادەت ئادەمگە كەڭ قورساقلىق، مەردانىلىكنى ئۆگىتىدۇ، بۇنداق ئادەم ئىشلارنى ۋۇجۇتقا ئېلىپ چىقالايدۇ. ئوقۇتقۇچى ئاخىرىدا دوسكىغا “ ئۆزى ھەققىدە ئويلىنىش “ دىگەن خەتلەرنى يىزىپ مۇنداق دەپتۇ:
ــ ۋاپادارلىق بىلەن ھۆرمەتنى بىلمەي يۈرگەن بولسىڭىز، ئۆزىڭىزگە شاپلاق ئۇرۇشىڭىز كىرەك. ئۆزى ئۈستىدە ئويلانغاندا، ئىشنىڭ تىگىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئىشنىڭ تىگىگە يەتكەندىلا، ئاندىن ئالغا ئىلگىرلىگىلى بولىدۇ ھەمدە ياراملىق ئادەمگە ئايلىنىش مومكىنچىلىكى تۇغۇلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ ئاق كۆڭۈل ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە كارغا كىلىش – كەلمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ؛ كەڭ قورساق ياكى ئەمەسلىكى ئۇنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشىنى بەلگىلەيدۇ؛ ئۆزى ئۈستىدە ھەر ۋاقىت ئويلىنىپ تۇرۇش – تۇرماسلىقى ئۇنىڭ توختاۋسىز ئالغا ئىلگىرلەش – ئىلگىرىلىيەلمەسلىكىنى بەلگىلەيدۇ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=557