تۇرمۇش خاتىرىسى

پۇل يىغىش ئادىتىڭىز بارمۇ ؟

نىلۇپەر قاسىم

ـ سىڭلىڭىز يولدىشى بىلەن ئوبدان ئۆتۈۋاتقاندۇ ؟…

سوئالىمنىڭ ئاخىرى تۈگىمەيلا دوستۇم كايىپ كەتتى.

ـ روناق تاپمىغان ئائىلە بولغاندىكىن كېيىن ياراشمىسىمۇ بوپتۇكەن، پۇل يىغىش، پۇل تىجەش تۈگۈل، بۇرۇنقىدىن بەتتەر ئىسراپچىلىق قىلىپ، يا قىلغان .ئىشىنىڭ، يا ئالغان نەرسىسىنىڭ تايىنى يوق، مائاشىنى يەتكۈزەلمەي ئەتىدىن كەچكىچە يوقنىڭ غېمىنى قىلىپ يۈرگەن، تەربىيە قىلسىڭىز ئاچچىقى كەلگەن. ئۇلار بىلەن تەڭ خىزمەتكە چىققان، توي قىلغانلار ئۆي، ماشىنا ئېلىپ خاتىرجەم يۈرىۋاتىدۇ. يولدىشىدىن : مائاشىڭلار ئۆسكەندىكىن پۇل ئىقتىساد قىلىۋاتقانسىلەر ؟ دەپ سورىسام، تەپ تارتماي، ؟ “ پۇل دېگەن كۆپ بولسا كۆپچە، ئاز بولسا ئازچە كېتىدىكەن، بۇرۇنقىدىن ئانچە پەرق يوقتەك قىلىدۇ “ دەيدۇ. كۈيئوغۇلنىڭ ئىدارىسىدىن ئۆي سىتىپ بىرىدىغان بولۇپ، ئۇلارغا پۇل كېرەك بولۇپ قالدى. قىرىنداشلار ئاز – تولا ياردەم قىلدۇق. ئەپسوس، ئۆزلىرىنىڭ يىققان پۇلى بولمىغاچقا، ئۇنچىۋالا كۆپ پۇلنىڭ ئورنىنى قىلالماي ئۆيدىنمۇ قۇرۇق قالدى.

يېقىندا يۇرتتىن كەلگەن بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئىلگىرى يولدىشى سودا قىلىپ ئوبدان پۇل تاپقان. نەچچە يۈز مىڭ يۈەنگە قورۇ – جاي، ماشىنا سېتىۋالغان. بىر ئائىلە كىشىلىرى ئوبدان يەپ، ئوبدان كىيىپ، خېلى ئوبدان دەۋىر سۈرگەن ئىكەن. كېيىن تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن يولدىشىنىڭ سودىسى يۈرۈشمەي، قەرىز بولۇپ قالغان. ھازىر ئەر – ئايال ئىككىيلەن ئىش – ئوقەت قىلىش ئۈچۈن ئوقۇۋاتقان ئىككى بالىسىنى ئىلىپ، ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆي ئىجارە ئىلىپ ئولتۇرۋىتىپتۇ. ئامال بولسا بىر يەردە ئىشلەپ، پۇل تاپقاندىن كېيىن ئاشخانا ئىچىش ئويى بار ئىكەن، ھازىر يانچۇقى قۇرۇق بولغاچقا، قەرىز پۇل ئىلىپ بىر ئىشنىڭ ئېپىنى قىلىشنى ئويلىشىۋىتىپتۇ. بۇلارنى ئاڭلاپ ئويلىنىپ قالدىم.

19 – ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بىرەيلەن شىۋېتسارىيەدىكى مەكتەپلەرنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەكشۈرگەندە، ھەممە ئوقۇغۇچىنىڭ شىۋېتسارىيە بانكىسىغا قويغان ئامانەت پۇلى بار ئىكەن. چۈنكى مەكتەپ بۇنى ئوقۇغۇچىلاردا ئىقتىسادچىل بولۇپ پۇل يىغىدىغان ئادەتنى يىتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان ئىكەن. مەكتەپ مودىرى دائىم ئوقۇغۇچىلارغا : قولۇڭلاردا يىغقان ئازراق پۇلۇڭلار بولسا، خاتىرىجەم كۈن ئۆتۈزەلەيسىلەر، چوڭ بولۇپ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە قاتراپ يۈرگەن چىغىڭلاردا، پۇل يىغىشنىڭ نەقەدەر موھىملىقىنى ھېس قىلىسىلەر… قانداق قىلىپ ئوبدان تۇرمۇش كەچۈرۈشنى پۇل يىغىشنى ئۆگىنىشتىن باشلاڭلار، دەيدىكەن.

شۇنداق، تۇرمۇش ھەر ۋاقىت گۈزەل بولىۋەرمەياۇ. داۋاملىق خاتىرىجەم ئۆتىمەن، ئىقتىسادتىن قىينالمايمەن، دېگىلى بولمايدۇ، تۇرمۇشتا يا ئۇنداق، يا مۇنداق ئىشلار، ئوڭۇشسىزلىقلار بولۇپ تۇرىدۇ. بەلكىم تۇرۇپلا ئىش ئورنىڭىزدىن قىلىشىڭىز ياكى تىجارىتىڭىز روناق تاپماي ئىقتىسادتىن قىينىلىپ، پۇلغا جىددى ئىھتىياجلىق  بولۇپ قېلىشىڭىز مومكىن. تۇيۇقسىز يۈز بىرىدىغان ئەھۋاللارنى ئويلىساقمۇ، قېرىغاندا بولسىمۇ قانداق قىلىشنى ئويلىشىمىز لازىم. چۈنكى قېرىغاندا كۈچىمىزدىن قالىمىز، كېيىنكى تۇرمۇشىمىزنى ئوبدان ئۆتكۈزىشىمىز ئۈچۈن بالدۇر تەييارلىق قىلىپ قويۇشىمىز لازىم.

پۇل يىغىپ قويساق ھامان كېرەك بولىدۇ، پۇل يىغساق، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ. ناۋادا، يوقىرىدا تىلغا ئىلىنغانلار پۇل يىغىشنى ئويلىغان، پۇل تاپقاندا ئاز – تولا پۇل يىغىپ قويغان بولسا مانا ھازىر ئەسقاتقان، ھېچكىمگە سارغايمىغان، بۈگۈنكىدەك تەس كۈنگە قالمىغان بولاتتى. يىغقان پۇلىمىز بولمىسا، باشقا كۈن چۈشكەندە يۆلەنچۈكسىز قالىمىز. “ ئۆزۈڭدە يوق ئالەمدە يوق “ دېگەندەك، جىددىي ئەھۋالغا دۇچ كەلگەندە ئۆزىمىز قىينىلىمىز. شۇڭا ئاز – ئازدىن بولسىمۇ پۇل يىغىپ قويساق، ھامان كېرىكى بولىدۇ، ئىش – ئوقەتنىڭ ئىپىنى ئىلىۋالغۇچە ياكى يېڭى خىزمەت تىپىۋالغۇچە بولسىمۇ ئەسقاتىدۇ. ھازىر 400 _ 500 يۈەن بايلار، مۇقىم كىرىم مەنبەسى بار كىشىلەر ئۈچۈن ئانچە كۆپ پۇل ھېسابلانمىغىنى بىلەن، كرىم مەنبەسى يوق، چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلارغا نىسبەتەن كۆپ پۇل. 500يۈەن بىلەن بىر ئوقۇغۇچىنىڭ بىر ئايلىق تۇرمۇشىنى قامدىغىلى بولىدۇ.

يىغقان پۇلىمىز بىزنى ھالقىلىق پەيىتتە، يامان خىياللاردىن ياندۇرۇپ، توغرا تۇرمۇش يولىغا باشلايدۇ. تۇرمۇشنىڭ قىممىتىنى پۇل بىلەن ئۆلچىگىلى بولمىسىمۇ، پۇلنىڭ تۇرمۇشتا ئوينايدىغان رولىغا سەل قارىماسلىقىمىز، پۇلغا توغرا قاراشتا بولىشىمىز لازىم. يېتەرلىك ئىقتىساد بولمىسا، ئىناق، خاتىرىجەم تۇرمۇش بولمايدۇ. پۇل يىغىشنى ئۆگىنىش تۇرمۇش ئۆگىنىشنىڭ باشلىنىشى. كىرىمىمىز قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئاز – ئازدىن بولسىمۇ پۇل يىغىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، پۇل يىغىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىمىز لازىم.

 شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى

بولۇگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1258

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-04-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 2دانە
  1. ببۇرۇن بۇ توغۇرلۇق ئانچە ئويلىنىپ كەتمەپىتىكەنمەن.بۇلۇپمۇ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدا دائىم پۇل سوراش،بەتخەجلىك جىق.بۇنداق ئىشلار مەندىمۇ بار.مەنمۇ بۇ توغۇرسىدا ئويلىنىپ باقسام بولغۇدەك.

    • شۇنداق، ياخشى كۈنلەردە يامان كۈنلەر ئۈچۈنمۇ تەييارلىقىمىز بولسۇن …

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: