تۇرمۇش خاتىرىسى

    

سەت ئاۋاز

ياپونىيىلىك بىر قىزچاق بار بولۇپ كىچىدىنلا ئاۋازى بوغۇق ئىكەن،تەڭ قۇرداشتىكىلەر ئۇنىڭ ئاۋازى  بەك سەت بولغاچقا ئۇنىڭ بىلەن ئوينىمايدىكەن. لېكىن بۇ قىزچاق بۇنىڭلىق بىلەن ئىچى سىقىلىپ يالغۇزسىراپ قالماستىن، ئىزچىل تۈردە ئۆزىنى نامايەن قىلىدىغان پۇرسەت ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىزدىنىپتۇ. ئاخىرى بىر كۈنى ئۇ مەلۇم بىر كوللىكتىپ بىلەن ئويۇن قويۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ. ياپونىيىىك داڭلىق ھەجۋى رەسسام تېڭزى بۇرېن شوڭ شۇ قېتىم بۇ قىزچاق ئوينىغان دىرامىنى كۆرۈپتۇ. ھەم قىزچاقنىڭ باشقىچە ئاۋازى ئۇنى  جەلپ قىپتۇ، چۈنكى بۇ ۋاقىتتا ئۇ دەل فىلىمگە ئېلىنىش ئالدىدا تۇرغان كارتۇن فىلىم << ماشىنا مۈشۈكچاق>>تىكى باش پىېرژۇناسغا ئاۋاز ئارسىتى تاللاۋاتقان ئىكەن. قىزچاقنىڭ بوغۇق ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئۇ گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوشال بولۇپ كېتىپتۇ.قىزچاق كۆپچىلىكنىڭ ئۈمۈدىنى يەردە قويماپتۇ .ئۇنىڭ ئۆزگىچە  ئاۋازى كارتۇن فىلىم ئارقىلىق دۇنيانىڭ ھەرقاي جايلىرىغا  تارقاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن ئۇ پۈتۈن ئادەم تونۇيدىغان، بالىلار تالىشپ تۇرۇپ دورايدىغان تۇغما تالانتلىق ئاۋاز ئارتىسىغا ئايلىنىپتۇ.

قىزچاقنىڭ <<سەت ئاۋازى>>دۇنيانى بويسۇندۇرۇپلا قالماي كىشىلەرگە ئۈمۈدنىڭ قۇدرىتىنى تونۇتتى.ئەمىلىيەتتتە ھەربىر ئادەمدە ھەرگىزمۇ مەڭگۈلۈك بېكىتىۋېتىلگەن كەمچىلىك بولمايدۇ. پەقەت ئۈمۈتتىن ۋاز كەچمىسەكلا غالىپلاردىن بولۇش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرالايمىز.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1977

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-07-09
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: