![]() |
قوشنام، ھالىڭىز قانداقراق ؟
كىشلىك تۇرمۇشتا مۇئەييەن كىشىلەر توپى ئارىسىدا ياشاپ، شۇلار بىلەن ئارلىشىپ ئۆتىمىز. بۇ كىشىلەر توپى بىزنىڭ تۇرمۇش، ھاياتىمىزغا ناھايتى چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەيلى توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراق ئىشلىرى بولسۇن، بۇ كىشىلەر توپى بىلەن نۇرغۇن ئىھتىياجلىرىمىز قانائەت تاپىدۇ. قولۇم – قوشنا، جامائەتلىرىمىز دەل شۇ كىشىلەر توپىدۇر.
بۈگۈنكى جەمئىيىتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، قوشنا، جامائەتلىرى بىلەن ئارلاشمايدىغان، ئۆزىنىڭ مۇڭى بىلەنلا ئالدىراش ياشاپ كىتىۋاتقان، ئوينايدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان قىسمەن دوستلىرى بىلەنلا ئۆتۈپ كىتىۋاتقان كىشىلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. قولۇم – قوشنىلىرى بىلەن ئەپ ئۆتمەيدىغان، كىچىككىنە ئىشلار بىلەن قوشنىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ – جىدەللىشىپ، تەتۈر قارىشىدىغان، نەتىجىدە جىدەل – ماجىرالار سەۋەبىدىن قوشنىلىرى ئۆي – ماكانلىرىنى سېتىۋېتىپ باشقا جايلارغا كۆچۈپ كېتىدىغان ئىشلارنى پات – پات ئۇچرىتىمىز، بۇنداق قوشنىلار ئولتۇرغان كوچىلارنى مەھەللىدىكىلىرىنىڭ « ۋېتنام كوچىسى »، «چاۋشىيەن كوچىسى » دېگەندەك يۇمۇرىستىك ناملار بىلەن ئاتىۋالىدىغان كۈلكىلىك پاراڭلىرىنىمۇ ئاڭلاپ قالىمىز.
بىز قولۇم – قوشنا، ئەھلى مەھەللە ئارقىلىق، قوۋم، مىللەت بولۇپ ئۇيۇشالايمىز ھەمدە ئۆزىمىزگە خاس ئەخلاق، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى روياپقا چىقىرالايمىز، بىز مىللەتنىڭ ئەڭ تۈپ تۇرمۇش ئادەت، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى قولۇم – قوشنىلار ۋە ئەھلى جامائەت ئارا مۇناسىۋەت ۋە مۇراسىم قائىدىلىرىدە ئەڭ روشەن ئەكس ئېتىدۇ.
قوشنىلار ئارا ئەپ ئۆتۈڭ دوستۇم. قوشنىلار سىز بىلەن ئەڭ غەرەزسىز ھالدا ئالاقە قىلغۇچىلاردۇر. ھەر قانچە يېقىن تۇغقىنىڭىزمۇ بەزى ھاللاردا ھالىڭىزغا ھال، مۇڭىڭىزغا مۇڭ بولۇپ بولالماسلىقى مۇمكىن. بېشىڭىزغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، سىزنى يۆلەيدىغىنى، قىيىنچىلىق تۈپەيلى چىرايىڭىز زەپراندەك سارغايغاندا، سىزگە مەدەت بېرىدىغىنى، تۈرلۈك توي – تۆكۈن مۇراسىملىىرىدا كېمىڭىزنى تولۇقلاپ، غېمىڭىزنى قىلىدىغىنى قولۇم – قوشنىڭىزدۇر. شۇڭا كونىلار: قوشنىلارنىڭ بىر – بىرىدە تۆت ھەققى بار، دەپ قارايدۇ. بىر – بىرىنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتماي، ئىناق ئۆتسۇن؛ بېخىللىق قىلمىسۇن؛ تەمەدىن يىراق بولسۇن؛ بىر – بىرىنىڭ ئەھۋالىنى سوراپ، قولىدىن كىلىشىچە ياردەم بېىرىپ تۇرسۇن. دېمەككى، بىر – بىرىگە ياخشىلىق يەتكۈزۈش، ئىناق – ئىجىل ئۆتۈش، ياردەم بىرىش، بىر – بىرىنىڭ ھالىغان يېتىش قوشنىنىڭ قوشنا ئۈستىدىكى ھەققىدۇر. تۆمۈر ئىشىكنى مەھكەم تاقاپ، چىڭ سولىنىپ ئولتۇرۇش، كىشىلەرنى دۇنيادىن، جەمئىيەتتىن، ئەل – جامائەتتىن يىراقلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
مەيلى سىز قانچىلىك جىددىي خىزمەت قىلىڭ ياكى قانداق يوقىرى مەرتىۋىلىك بولۇڭ، ھامان قولۇم – قوشنىسىز ۋە ئۇلارنىڭ يۆلىكىسىز ياشىيالمايسىز. قوشنىلارنى ھۆرمەتلەڭ، ئىززەتلەڭ، باي – كەمبەغەل دەپ ئايرىپ مۇئامىلە قىلماڭ، ئۇلارنىڭ ھال – ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇڭ ۋە قويۇق بېرىش – كېلىش قىلىڭ، قولۇم – قوشنىڭىزنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈنلەر كەلگەندە، مەيلى سىز ياردەم بىرەلمىسىڭىزمۇ، ئەمما ئىككى ئېغىز مەدەت – تەسەللى سۆزىڭىز بىلەن ھالىنى سوراپ قايغۇسىغا ئورتاق بولۇڭ، ئەھلى – مەھەللىدە بولغان ئىشلاردىن خەۋەردار بولۇپ تۇرۇڭ… ئوينايدىغان، كۆڭۈل ئاچىدىغان دوستلارنىڭ كەينىدىنلا سوكۇلدىماي، ئۆلگەندە جىنازىڭىزنى كۆتۈرىدىغان، قەدرىڭىزنى قىلىپ تۇپراق بېشىڭىزغىچە ھازا باغلاپ چىقىدىغان يېقىن سەبداشلىرىڭىزغىمۇ ئەستايدىل مۇئامىلە قىلىڭ. قوشنىلار ئارا ئىجىل – ئىناقلىق سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىزدىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە بەخت تۇيغۇلىرىنى تېخىمۇ بېيىتىپ، سىزنىڭ ھاياتلىق ئىرادىڭىزنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3403