تۇرمۇش خاتىرىسى

    

« قارا ئوشتۇش » ئۆز يولىدا بولسۇن !

خەلقىمىز ئۆلۈم-يىتىم، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىغا ئەزەلدىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن سەمىمىي خەلق. بۇنىڭ سەۋەبى ئۆز – ئۆزىدىن ئايان بولۇپ، بىزگە ساغلام ئەقىل – پاراسەت ۋە يۈكسەك پەزىلەتنى مىراس قالدۇرغان ئاتا – بۇۋىلىرىمىز ھاياتلىق ياكى ماماتلىق بولسۇن، ئىككىلىسىنىڭ ئىنسانغا بىرلا قىتىم نىسىپ بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتكەن. شۇڭا ھاياتلىقىدا ئەل – ئاۋامغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىش مەنىسىدىكى “ ساۋابلىق تىپىش “ ئەقىدىسىگە ئىزچىل ئەمەل قىلسا، ھايات بىلەن خوشلىشىش ھارپىلىرىدا “ ھاياتلىق نەزىرى “ بىرىش؛ قازا قىلغاندىن كىيىن مەرھۇمنىڭ ئۇرۇق – ئەۋلادلىرى ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ “ ئۈچ ”، “ يەتتە ”، “ قىرىق “ نەزىرىنى ئۆتكۈزۈش ۋە “ قارا ئوشتۇش “ قاتارلىق ئادەت – قائىدىلەرگە ئىزچىل ئەمەل قىلىپ كەلگەن.

ئەمما ئىسلاھات، ئىچىۋىتىش، يەر شارىلىشىش دولقۇنلىرىنىڭ تەسىرىدە جەمئىيىتىمىزدىكى ئايرىم كىشىلەردە تۇرمۇشىمىزدىكى ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن بەزى ئادەتلىرىمىزگە تولىمۇ يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئەل ئىچىدە يىلتىزى چوڭقۇر، مەزمۇنى مۇقىم ئادەتلەرنىڭ خاراكتىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىۋىتىدىغان ناچار خاھىش باش كۆتۈرمەكتە. ئەزەلدىن ماەم كاتىگورىيىسىگە مەنسۈپ بولۇپ كىلىۋاتقان “ قارا ئوشتۇش ”نىڭ ئەرلەردە “ ھاراق ئىچىش “ سورۇنىغا ئايلىنىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئەنە شۇ ناچار خاھىشلارنىڭ تىپىك مىساللىرىنىڭ بىرى دىيىش مومكىن.

ھەممىمىزگە ئايانكى، “ قارا ئوشتۇش “ ھايات – ماماتلىققا ئەزەلدىن ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن خەلقىمىز ئۇزاق تارىخى باسقۇچلاردا تەدرىجىي شەكىللەندۈرگەن مۇقىم ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئادەتتە ئۆلۈم – يىتىم بولغان ئۇرۇق – تۇققان، ئەل – ئاغىنىلەر ئارىسىدا داۋراڭسىز ئۆتكۈزۈلىدۇ. تېخىمۇ كونكرىت ئېيتقاندا، ئۆلۈم – يىتىم بولغان ئائىلىدىكىلەر ۋە مەرھۇمنىڭ بىۋاستە ئۇرۇق – تۇققانلىرى قارىلىق تۇتۇپ 40 كۈن بولغاندا، باشقا ئۇرۇق – تۇققان، ئەل – ئاغىنىلەر جەم بولۇپ، ھازىدارلارغا تەسەللى ئېيتىپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى قارىلىق كىيىملەرنى سالدۇرۇپ، ئەرلەرنىڭ ساقال – بۇرۇتلىرىنى ياسىتىپ قويىدۇ( ئايرىم ئەھۋالدا بىر كىچە – كۈندۈزنى ئىككى كۈن ھېسابلاپ، 20 كۈندا قارا ئوشتۇيدىغان ئەھۋاللارمۇ بار). شۇنىڭ بىلەن بىللە، “ قارا ئوشتۇش ”نىڭ  قۇرۇق گەپ بىلەنلا ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋەزنى يوق ئاددى مۇراسىم بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بەزى يۇرتلاردا قوي سويۇلۇپ “ بىر پىيالە چاي “ ئارقىلىق ياخشى ئىستەكلەر ئىزھار قىلىنسا، بەزى يۇرتلاردا ھازىدارلارنىڭ ئالدىغا ۋەخت، كىيىم – كىچەك قاتارلىق ماددى بۇيۇملار قويۇلىدۇ. بۇ بىر خىل كۆڭۈل ئىزھار قىلىش ئۇسۇلى بولۇپ، يۇرتلار ئارىسىدا شەكىل جەھەتتە ئۇنداق ياكى مۇنداق ئوخشىماسلىقلار بولسىمۇ، لىكىن مەزمۇنى ئاساسەن ئوخشاش. يەنى ھازىدارلارغا ھەممە ئادەمنىڭ بىشىغا كىلىدىغان قازاغا توغرا مۇئامىلە قىلىپ، قايغۇ – ھەسىرەتلەرنى ئارقىغا تاشلاپ، كۆز ئالدىدىكى رىئاللىققا يۈزلىنىش، جۈملىدىن ئۇرۇق – ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيلەپ، ئۇلارنى مەرھۇملارنىڭ روھىنى قۇرۇندۇرمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش قاتارلىق  مەزمۇنلار ئىپادىلىنىدۇ. ئەپسوسكى، ئەقىدە – ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك مۇشۇنداق ۋەزنى ئىغىر ئادەتلەرگىمۇ ئايرىم يۇرتلاردىكى، بولۇپمۇ تاشقى مەدەنىيەت تېز قوبۇل قىلىنىدىغان چوڭ شەھەرلەردىكى ئايرىم كىشىلەرنىڭ تولىمۇ يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ماتەم كاتىگورىيىسىگە مەنسۈپ بولغان “ قارا ئوشتۇش ”نى ھاراق ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋىلىشى ئادەمنى بەكمۇ ئەپسوسلاندۇرىدۇ.

پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى، “ قارا ئوشتۇش ”نى ھاراق ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۋاتقانلارنىڭ نەزىرىدە ھازىدالارغا ھاراق قۇيۇش پەقەت ئۇسۇل ياكى شەكىل مەسىلىسى بولۇپ، ماھىيىتى يەنىلا  “ قارا ئوشتۇش ”، “ كۆڭۈل ئىزھار قىلىش “ بولۇشى مومكىن. يەنە بەلكىم ئۇلار بۇ ئۇسۇلنى يىڭىلىق ياراتقانلىق دەپ قاراپ، “ كونا ئەنئەنىلەرنى يىڭىلاش “ ئويىدا بولغان بولۇشى مومكىن. ئەمما لىللا گەپنى قىلغاندا، بۇ “ ھاراق بىلەن دوستلىشىپ، ئەقىل بىلەن خوشلاشقان ”لارنىڭ  نادانلارچە سۈرگەن خىيالىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ناۋادا ئۇلارنىڭ مەنتىقىسى بويىچە بولسا، “ قارا ئوشتۇش “ رېستۇران – قاۋاقخانىلاردا ھاراق قۇيۇش ئارقىلىق ئۆتكۈزۈلگەنگە ئوخشاش، نەزىر – چىراغ ئىشلىرى، ھەتتا ئۆلۈم ھازىسىمۇ ھاراق قۇيۇش ئارقىلىق ئۇزىتىلىشقا تەرەققىي قىلىشى تۇرغان گەپ. ۋاھالەنكى، بۇ شەك – شۈبھىسىز ئالجىغانلىق بولۇپ، گەرچە دۇنيادىكى 2000 دىن ئارتۇق مىللەت ئىچىدە ئاشۇنداق قىلىدىغانلارنى مۇتلەق يوق، دەپ ھۆددە قىلغىلى بولمىسىمۇ، لىكىن خەلقىمىز بۇنداق ئالجىشنى ئەسلا قوبۇل قىلالمايدۇ.

“ قارا ئوشتۇش ”نى ھاراق ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇۋىلىشنىڭ ھەقىقى ئىچكى سەۋەبىگە كەلسەك، مىنىڭچە بۇ ھاراقكەشلەرنىڭ تاپقان يېڭى باھانىسى بولۇپ، بۇنى بىر خىل پىسخىكىلىق ئاجىزلىق، دىيىش مومكىن. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار ھاراق قۇيۇشقا خەجلىگەن پۇلنى باشقا ئۇسۇل، باشقا شەكىل ئارقىلىق “ قارا ئوشتۇش ”قا سەرپ قىلىپ، ئەنئەنىگە ئايلىنىپ كەتكەن ئادىتىمىزگە ھۆرمەت قىلغان ھەم ھازىدارلارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلمىغان بولاتتى. ئىنىقكى، ھاراق قۇيۇپ ھازىدارلارنىڭ قارىسىنى ئوشتۇش ھازىدارلارغا نىسبەتەن تولىمۇ بىئەپ قىلمىش بولۇپ، ئوچۇق رەت قىلاي دېسە، قارشى تەرەپ ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە ئاتالمىش كۆڭۈل ئىزھار قىلغان بولىدۇ؛ ماقۇل بولاي دېسە، ئەجداتلارغا، ئەل – جامائەتكە، شۇنداقلا ۋاپات بولغۇچىنىڭ روھىغا يۈز كىلەلمەيدۇ. بەزى ھازىدارلار “ قارا ئوشتۇغۇچى ”نىڭ بىر تالاي باھانىلىرىنى ئوچۇق رەت قىلالماي، ھاراق سورۇنىغا داخىل بولۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ، لىكىن ئۇلارنىڭ بۇنداق “ قارا ئوشتۇش ”تىن رازى بولۇشى ناتايىن.

ھاراق قۇيۇپ “ قارا ئوشتۇش “ تىن باشقا يەنە ئايرىم جايلاردا ئەمەلدار ياكى ئەمەلدارلارنىڭ خانى – قىزلىرى ھازىدار بولسا، “ قارا ئوشتۇش ‘ باھانىسىدە خۇشامەتنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ، ئۇلارغا ئالتۇن – كۆمۈش، زىبۇ – زىننەت، ھەتتا نەچچە 10 مىڭ يۈەن نەق پۇل سۈڭگۇتىدىغان ئەھۋاللار تۇرمۇشىمىزدا يوق ئەمەس. مەيلى ھاراق قۇيۇپ “ قارا ئوشتۇش “ بولسۇن ياكى ئالتۇن – كۆمۈش سۈڭگۈتۈش بولسۇن، بۇنداق قىلمىش ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقى مەنىدىكى “ قارا ئوشتۇش ‘ قا نىسبەتەن بىر خىل ھاقارەت ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى ئەقىلى – ھوشى جايىدا ھەر قانداق بىر ئادەم ماتەم كاتىگورىيىسىگە تەۋە “ قارا ئوشتۇش “ سورۇنىدا ھاراق ئىچىپ خوشاللىق تىپىشنى ياكى ئالتۇن – كۆمۈشكە ئىرىشىپ بايلىق توپلاشنى نورمال ئىش دىمەيدۇ. شۇڭا “ قارا ئوشتۇش “ ئادىتىمىزنىڭ خاراكتىرىنى بىلىپ – بىلمەي ئۆزگەرتىۋاتقان بايقۇشلارغا تەۋسىيە شۇكى، چاكىنا شەخسىي غەرەزنى ئومومى ئادەتكە ئارلاشتۇرۋەتمەيلى، “ قارا ئوشتۇش “ مۇ ئۆز يولىدا بولسۇن !

ئاپتۇرى : تۇرسۇنبەگ ئىبراھىم تايماس   “ شىنجاڭ گىزىتى “ دىن ئىلىندى.

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=566

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-25
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تۇرمۇش رۇجەكلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: