ھايا ۋە ئىپپەت ھەققىدىكى بايانلار
ھايا ۋە ئىپپەت تەبئىيكى ئاياللارغا ئادەت بولمىقى لازىم.ھايا بىلەن ئىپپەت ئاياللارنى ئەرلىرىگە سۆيۈملۈك كۆرسەتكۈچى سەۋەبلەرنىڭ ئەڭ قۇتلۇقلاشقا ئەرزىيدىغىنىدۇر،ئايالنىڭ ئەدەپسىز بولمىقىغا ۋە ھاياسىز يۈرمىكىگە ئەرلەرنىڭ ھېچبىر رازى بولماس.ئايالى بىرىنچى دەرىجىلىك گۈزەل بولسىمۇ نۇمۇسسىزلىقىنى بىلگەن ئەرنىڭ شۇ سائەتتە ئىخلاسى قايتۇر،مۇھەببىتى سۇنار ۋە نەپرەتلىنىشكە باشلار.نۇمۇسسىزلىق،ھاياسىزلىق خەلقنىڭ ئالدىدا ھېچ ۋاقىت ئەپۇ قىلىنماس.شۇنىڭ ئۈچۈن تەربىيلىك ئاياللار بىر تەرەپتىن ئەرلىرىنىڭ كۆڭلىنى تېپىش ئۈچۈن،ئىككىنچى تەرەپتىن ھەقنىڭ غەزىپىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن نومۇسسىزلىق ۋە ھاياسىزلىقتىن يىراق بولۇر.ھايالىق كىشىلەر نەقەدەر يوقسۇل بولسىمۇ ئادەملەر ئالدىدا ھۆرمىتى بولۇر.ھاياسىز كىشى نەقەدەر باي بولسۇن ئېتىبارى بولماس.
ھايا ئىسلام دەرىخىدىكى بىر شاخ بولۇپ،تومۇرلىرى جەننەتتىدۇر،بۇ شاخقا يېپىشقان زات ئەلۋەتتە تومۇرلىرىغا يېتىشۇر.ئاياللارنىڭ يۈزىدە بولغان ھايا قىزىللىقى ئەرلەرنىڭ كۆڭۈللىرىگە يېشىنىدىن تېز ۋە قۇتلۇق تەسىر قىلىپ،مۇھەببەت ئۇرۇقلىرىنى چاچۇر.سۆز توشىماق،غەيۋەت قىلماق،يالغان سۆزلىمەك كەبى بۇزۇق خۇلقلار ھاياسىزلىقتۇر،تەربىيلىك ئاياللار سۆز توشماس.غەيۋەت قىلماس،يالغان سۆزلىمەس،يالغان سۆز ئەگەردە ئاياللار تەرىپىدىن ئەرلىرىگە سۆزلەنسە يامانلىقى ئىككى ھەسسە ئارتۇق بولۇر.ئېرىگە يالغان سۆزلىگەن ئايال دۇنيادىكى بىرىنچى دەرىجىلىك بۇزۇق ۋە تەربىيسىز ئايالدۇر،ھەر قاداق كىشى يالغانچىنى خوتۇن قىلىپ تۇتۇش ئۇياقتا تۇرسۇن،خىزمەتچى قىلىپمۇ ساقلىماس،قوپال سۆزلۈك كىشىلەر بىلەن ئورۇنسىز تالاش-تارتىش قىلماق،كىشىگە ياۋۇز دۇئا قىلىما ۋە لەنەت ئوقۇماق،كىشىلەرنى مەسخىرە قىلىپ سۆزلىمەك،ئىككى يۈزلىمىچىلىك قىلىماق،تەكەببۇرلۇق قىلىماق ۋە باشقا ئىللەت ۋە خۇلقلارنى يۇقتۇرماق،ھايالىق ۋە تەربىيلىك ئاياللارنىڭ ئىشى ئەمەس.
ھايا بىلەن ئىپپەت ئاياللارنىڭ مەنىۋى گۈزەللىكىدۇر.بۇ شۇنداق بىر گۈزەللىكتۇركى،تاشقى كۆرۈنۈشى بىرىنچى دەرىجىدە گۈزەل بولغانلار بىلەن تەڭلەشتۈرۈپ بولماس،ھەتتا گۈزەل بولسىمۇ ھاياسىز ۋە ئىپپەتسىز بولسا،ئۇنداق ئايالدىن ئېرى ۋە باشقا يېقىن دوستلىرى تېز ئارىدا نەپرەتلىنىپ،ئۆزىنى چەتكە ئالۇر.
مەنبە؛ ئەدەپ مىزانلىرى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3626