![]() |
پەقەت بىر قەدەمنى ئارتۇق باسسىڭىزلا كۇپايە…
بايلىق دېگەن ھەممىلا يەردە تولۇپ تېشىپ تۇرىدۇ، ئەگەر سىز ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىسىڭىز، ئۇنداقتا سىزنىڭ ھايات يۈرۈشىڭىزنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمايدۇ. تۇرمۇشتا بىز تىخى چۈشىنىپ بولالمىغان نەرسىلەرگە دۇچ كىلىپ تۇرىمىز، باشقىلارغا قارىغاندا كۆپرەك ئويلىساق، بىر قەدەمنى ئارتۇق باسساق، ئاندىن مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ سىرىنى ئاچالايمىز. ئىلگىرى مۇنداق بىر ھىكايىنى ئاڭلىغان ئىدىم: ئاكا – ئۇكا ئىككەيلەن دالىدا سەپەرگە ئاتلانغانكەن، گۈگۈم چۈشكەندىن كىيىنمۇ بىرەر ئۆينىڭ قارىسىنىمۇ كۆرەلمەپتۇ، شۇڭا ئۇلار كىچىنىڭ سىياھتەك تۇم قاراڭغۇلىقىدا مۈدۈرۈپ – قوپۇپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەپتۇ. ئۇلار بىر ئىگىزلىككە يامىشىپ چىققاندىن كىيىن، ئاكىسى ئالدىغا قاراپ چوڭ بىر قەدەم تاشلاپتىكەن، بوشلۇققا دەسسەپ سىلىپ دومىلاپ كىتىشكە تاسلا قاپتۇ، ئەگەر ئىنىسى ۋاقتىدا تۇتۇۋالمىغان بولسا، ئۇ چوقۇم چوڭقۇر “ ھاڭ ” غا چۈشۈپ كىتەتتىكەن. ئۇ ئىككىسى ئالدىدىكى يولنىڭ تىك قىيا ئىكەنلىكىنى بىلىپ كەينىگە يىنىشنى ئويلاپ تۇرىشىغا، كەينىدىكى ئورمانلىقتىن ئىچىرقاپ كەتكەن بۆرىنىڭ ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. ئىككىيلەن يا ئارقىغا يىنىشقا، يا ئالدىغا مىڭىشقا پىتىنالماي، ئاشۇ تىك قىيادا تۈنەش نىيىتىگە كەپتۇ. ئەمما ئىنىسى ئۈمىدىنى ئۈزمەستىن، ئالدىغا قارىتى تاش ئىتىپتۇ، بىراق تاشنىڭ يەرگە چۈشكەن ئاۋازى ئاڭلانماپتىكەن، بۇ ئىككىيلەن تىخىمۇ قورقۇپ ئەنسىزلىككە چۈشۈپتۇ، چۈنكى ھەر قانداق تەجىرىبىلىك ئادەم بۇ تىك قىيانىڭ ئاز بولغاندىمۇ نەچچە مىڭ مېتىر چوڭقۇر ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى، ئەلۋەتتە!
ئۇلار ئەنە شۇنداق دەككە – دۈككە ئىچىدە تاڭنى كۈتۈۋاپتۇ، شۇ چاغدىلا بۇ ئاكا – ئۇكىلار ئولتۇرغان يىرىنىڭ يەردىن ئاران يېرىم مېتىرچە ئېگىز تاش ئۈستى ئىكەنلىكىنى، ئىنىسى ئاتقان تاشنىڭ گويا دېڭىزدەك دولقۇنلاپ تۇرغان پاختىدەك يۇمشاق ئوتلاققا چۈشكەچكە، ئاۋازى چىقمىغانلىقىنى بايقاپتۇ. مانا قاراڭ، پەقەت بىرلا قەدەم، ئەگەر ئۇلار بىر قەدەم مىڭىشقا جۈرئەت قىلغان بولسا، بۇ قورقۇنچلۇق جايدىن ئايرىلغان بولاتتى. ئەمما، ئۇلار بۇ ئىنتايىن ھالقىلىق بىر قەدەمنى بېسىشقا جۈرئەت قىلالمىغان. بۇ نېمىدىگەن ئىچىنىشلىق ئەھۋال – ھە ؟!
شۇنىڭغا ئوخشاش، بەزىدە بىزنىڭ ئىدىيىمىزمۇ ئەنە شۇنداق بىر پارچە تاشقا باغلىنىپ قالغان بولىدۇ، بىز ئايغا سانسىز قىتىملاپ قاراپ باققان بولساقمۇ، لىكىن كوپېرنىكتەك ئاسمان جىسىملىرىنىڭ ھەرىكىتىنى ئويلاپ باقمىغان؛ سانسىز قىتىملاپ سۇ قايناتقان بولساقمۇ، ئەمما ۋاتقا ئوخشاش پار قازاننى ئىجاد قىلالمىغان. بۇنداق چاغدا ئىدىيىمىزنىڭ ئاشۇ بىر پارچە تاش ئەتىراپىدا لەيلەپ يۈرگەنلىكىنى بايقىيالايمىز، بىراق سەل ئىلگىرلەپ ئويلاپ باقمىغانلىقىمىزغا، بىر قەدەمنى كۆپرەك باسمىغانلىقىمىزغا پۇشايمان قىلساقمۇ، پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايمىز. ئاشۇ ئويلاپ باققانلار، بىر قەدەمنى كۆپرەك ماڭغانلار بولسا، بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ ھەۋەس قىلىدىغان مەبۇدىمىزغا، ئىنتىلىدىغان نىشانىمىزغا ئايلانغانلاردۇر. تۇرمۇش بىلوگى سىزگە شۇنى تەۋسىيە قىلىدۇكى، تۇرمۇشتا پەقەت بىر قەدەمنى ئارتۇق باسسىڭىزلا كۇپايە…
تۇرمۇش بىلوگى يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=629