![]() |
دۆڭكۆۋرۈكتىكى موزدوزنىڭ ئۆزگىچە تىجارىتى
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى: موزدوز دىگەن سۆز تىلغا ئېلىنىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا سايمانلىرىنى كۆتۈرۈپ كوچىدا ئاياغ يامايدىغان كىشىلەر نامايەن بولىدۇ. ئەمما دۆڭكۆۋرۈكتىكى كونا موزدوز ئابدۇراخمان تۇرسۇننىڭ موزدوزلۇق ھاياتى ۋە نىشانى باشقا ئوخشاش كەسىپتىكىلەرنىڭكىگە ئانچە ئوخشىمايدۇ.
300كۋادرات مېتىرلىق دۇكاندا ئون شاگىرت جىددىي ھالدا ئاياغ ئوڭشاش، ئاسراش، بۇيرۇتمىلارنى تىكىش، ۋە خۇرۇم ئاياغلارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتاتتى. خوجايىن ئابدۇراخمان بولسا تىكىلىپ بولغان يېڭى ئاياغلارنى رەتلەۋاتاتتى. ئۇنىڭ قولىدىكى ئاياغ قىپى ئۈستىدىكى ”ئابدۇراخمان“ دىگەن خەت ئالاھىدە كۆزگە چېلىقاتتى. ئابدۇراخمان 2008-يىلى بۇ ماركىنى رويخەتكە ئالدۇرغاندىن كېيىن، بۇ ماركىدىكى ھەرخىل پاسونلۇق ئاياغلار شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايىغا تارقالدى.
ئابدۇراخمان تۇرسۇن دۇكىنىدا خېرىدارلارغا قولدا ئىشلەنگەن ئۆتۈكنى تونۇشتۇرماقتا.
ئۈرۈمچى دۆڭكۆۋرۈككە جايلاشقان ‘ئابدۇراخمان ئاياغ تىكىش مەركىزى’ دە مۇخبىر ئالتە تۇياق كالىنىڭ تېرىسىدىن ئىشلەنگەن، 100كلوگرام ئېغىرلىقتىكى بىر پاي قولدا تىكىلگەن خۇرۇم ئاياغنى كۆردى.ئابدۇراخمان چۈشەندۈرىشىچە، بۇ ئاياغنىڭ شەكلىنى قەشقەردىكى مەمتىمىن ئاخۇن قاتارلىق ئۈچ كىشى زور مىقداردىكى ياغاچتىن پايدىلىنىپ 25كۈندە پۈتتۈرۈپتۇ. بۇ شەكىل ئۈرۈمچىگە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئابدۇراخمان ئىككى شاگىرتى بىلەن پاختا يىپ، سېرىقتال قوۋزىقى، مىس مىخ قاتارلىق ماتىرىياللاردىن پايدىلىنىپ، 115كۈندە ئۇزۇنلۇقى 2.11مېتىر، كەڭلىكى75 سانتىمېتىر قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىدا ئىشلەپ چىقىپتۇ. بۇ بىر پاي ئاياغ ئابدۇراخماننىڭ ئۆزى ئەڭ رازى بولىدىغان ئەسىرى ئىكەن. “ ھۈنىرىمنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى سىنىغاچ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى نەقىش سەنئىتىنى بۇ ئاياغدا نامايەن قىلىشنى ئويلىدىم“ دەيدۇ ئۇ.
ئابدۇراخمان 12ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا، يۇرتى قەشقەردە موزدۇزلۇققا شاگىرتلىققا كىرىپ، ئاياغ تىكىش، ياماش ھۈنىرىنى ئۆگىنىپتىكەن. دۆڭكۈۋرۈكتە موزدوزلۇق قىلىۋاتقىنىغىمۇ 28 يىل بوپتۇ. ھۈنەرگە پۇختىلىقى، مۇئامىلىسىنىڭ ياخشىلىقى ۋە سەمىمىيلىكى بىلەن خېرىدارلىرى بارغانچە كۆپىيىپتۇ. 2000-يىلى ئۇ كوچىدا يايما يىيىپ موزدۇزلۇق قىلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، 30كۋادرات مېتىرلىق دۇكاندىن بىرنى ئىجارىگە ئېلىپ، ئىككى شاگىرت قوبۇل قىلىپتۇ ۋە خوجايىنغا ئايلىنىپتۇ.ۋە كونا پاسۇندىكى ئاياغلارنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قۇيۇپ، خېرىدارلارنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشىپتۇ.
2010-يلىغا كەلگەندە ئابدۇراخماننىڭ دۇكىنى 300كۋادرات مېتىرغا كېڭىيىپ، شاگىرتى 10غا يېتىپتۇ. ئاياغ ياماش، ئاسراش، لاھىيىلەش، يېڭىلاش قاتارلىق ئىش تەقسىماتلىرى ئايدىڭلىشىپ، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كۈتۈرۈلۈپتۇ، بۇيرۇتمىلارنىڭ سانىمۇ ئىشىپتۇ. ھازىر بۇ مەركەز ھەر ئايدا ئاز دىگەندە 100جۈپ خۇرۇم ئاياغ سېتىپ چىقىرالايدىكەن.
“ ئاياغ ئوڭشاش بىرخىل قول-ھۈنەر سەنئىتى. ئىلگىرىكى تىكىش ۋە مىخلاشتىن ئىبارەت ئىش تەرتىپى ھازىر بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىپ بېرىۋاتىدۇ. يايمىدا موزدۇزلۇق قىلىش ھامان شاللىنىپ قالىدۇ، موزدۇزلارمۇ ”جاپالىق، مەينەت خىزمەت“ دىگەن نامدىن قۇتۇلۇپ، يورۇق، ئازادە دۇكانلاردا ئىشلەشكە قاراپ يۈزلىنىدۇ“دېدى ئابدۇراخمان ۋە يەنە بۇندىن كىيىنكى ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭنىڭ خۇرۇم مەنبەسىنىڭ مول بۇلۇشتەك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، كەسىپ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ساياھەت قول-ھۈنەرۋەنچىلىك بۇيۇملىرى، سومكا-چامادان ئىشلەپ چىقىرىش ۋە ئۆي بېزەش قاتارلىق كەسىپلەرگە يۈرۈش قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3235