![]() |
ئىلى ۋىلايىتى تارىخى… تۇڭگان ئىختىلالى
ئىلى ۋىلايىتى تارىخى
تۇڭگان ئىختىلالى
چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق قالايمىقان ئەھۋالىدىن، ئېغىر كۈنلىرىدىن پايدىلىنىپ گەنسۇدىكى تۇڭگانلار قوزغالدى. مۇسۇلمان دىنىغا مەھكەم بولغان بۇ تۇڭگان قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ سىياسىي ئەمەل ۋە غايىلەر بىلەن تولا چاتىغى يوق ئىدى. گەنسۇ ۋىلايىتىدىكى سالا تۇڭگانلىرى ( ئەسلى تۈرك ) بالدۇر ھوقۇقتا مانجۇلار بىلەن ئوخشاش بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھۆكۈمەت ئارلاشمىغان بولسىمۇ، چىڭ ھۆكۈمىتى جوڭغارلارنى مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، ھۆكۈمەت بالدۇرقى سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن، بۇلارنىمۇ باشقا مۇسۇلمانلارغا ئوخشاش قىسىشقا باشلىغان، يەنى ئۇلارنىڭ دىنىي ۋە ئۆرپ – ئادەتلىرىنى دەپسەندە قىلىشقا باشلىغان ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سالا تۇڭگانلىرى چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ مۇنداق سىياسىتىگە نارازى بولۇپ، ئۇلارغا قارشى قوزغىلىشقا پۈرسەت كۈتۈپ تۇراتتى. شۇڭا بىرىنچى پۈرسەتتىلا قوزغالدى. بۇلارنىڭ قوزغىلىشى جىددىي بولۇپ، ياراق كۆتۈرگىدەك تۇڭگانلارنىڭ بارچىسى جەڭ قىلىشقا ئاتلاندى. ئۇشبۇ تەرىقە جىددى ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە تۇڭگان ئىختىلالچىلىرى ھۆكۈمەت تەرەپدارلىرىنى يېڭىپ، غالىبىيەت قازىنىشقا باشلىدى. ھۆكۈمەت بولسا، قوزغىلاڭ ئوتىنى ئۆچۈرۈشتىن ئاجىز قالدى. بۇ قوزغىلاڭ باشقا يەردىكى مۇسۇلمان قوزغىلاڭلىرىغا تۇترۇق بولدى.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1981