![]() |
گۈزەل مالدىۋى… ( رەسىملىك )
مالې مالدىۋىنىڭ پايتەختتى شۇنداقلا ئەڭ چوڭ شەھىرى. بىراق ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پايتەختلەرنىڭ بىرى، كىچىكلىكتە ھەتتا ئايرودۇرۇمىمۇ يوق. مالدىۋى ئايرودورومى قوشنىسى ھولھيۇل ئارىلىغا سېلىنغان. ئايرودۇرۇمدىن پىيادە بەش مىنۇت ماڭسىلا پرىستاننى كۆرگىلى بولىدۇ. دونېي كېمىسى، كارتېر، سۇ ئۈستى ئايروپىلانى ئايرودۇرۇم بىلەن ھەرقايسى مېھمانخانىلار ئارىسىسدىكى ئاساسلىق قاتناش قوراللىرى.
مالدىۋى تاكسىسى ـــــــ دونېي كېمىسى
مالېنىڭ يەر مەيدانى ئارانلا 2.5 كۋادىرات كىلومېتىر كېلىدۇ، 60 مىڭ نوپۇسى بار، Henveyru، Galolu،Machchangoli،Maafannu قاتارلىق تۆت رايونغا بۆلۈنىدۇ. بۇ يەردە مەخسۇس ياسالغان ئاسفالت يول يوق. بۇ يەردە ئۆي-ئىمارەتلەر ئېگىز سېلىنىدۇ. ئىلگىرى ئەنگىلىيەنىڭ تاجاۋۇز قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقتىن، بەزى ئىمارەتلەردە قويۇق ئەنگىلىيە پۇرىقى ئىپادىلەنگەن. بۇ شەھەرنىڭ كىچىكلىكىدىن ھەتتا ئاپتوموبىل ھەيدەشمۇ ھاجەتسىز ئىدى، كىشىلەر پىيادە يول يۈرۈش ۋە ۋېلىسپىتنى ئاساسلىق قاتناش قورالى قىلغانىدى.
مالې ـــ مالې ھالقىسىمان مارجان ئارىلىنىڭ مەركىزى، پۈتكۈل مالدىۋى دۆلىتىنىڭ ئىقتىسادى، سىياسى ۋە مەدەنىيەت مەركىزى ھەمدە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلار توپلاشقان شەھەر. بۇ ئارال مالدىۋى ئارىلىنىڭ كىچىكلىتىلگەن قىياپىتى.
MarineDrive ئاق يولى مالېدىكى مۇھىم كوچا. بۇ يەردە نۇرغۇن مېھمانسارايلار ۋە 1913-يىلى سېلىنغان ھۆكۈمەت مەھكىمىسى بار. بۇنىڭدىن سىرت يەنە، 1656-يىلى سېلىنغان قەدىمىي مەسچىت، 1675-يىلىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئىسلام دىنى مۇنارى بار بولۇپ، ئاق رەڭلىك قۇرۇلۇشتا قۇرئان ئابىدىسىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.
مالې- تاقىم ئاراللارنىڭ مۇھىم سودا رايونى. تاقىم ئاراللاردىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇ جايغا كېلىپ سودا-تىجارەت قىلىشىدۇ. بۇ يەردىكى تاۋارلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىمپورت قىلىنغان ماللار. بارلىق دۇكان-سارايلار ئاساسىي جەھەتتىن بۇ شەھەرگە ئورۇنلاشقان. بۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەر ئاددى-ساددا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە ئادەتتلەنگەن، ئەگەر يەرلىك كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز بېلىق بازىرىغا بېرىپ كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇ پۈتۈن مالدىۋى بويىچە دېڭىز مەھسۇلاتلىرى سېتىلىدىغان مەركەزلىك بازار.
مالې كوچىلىرىدىكى دۇكانلار بەك چوڭمۇ ئەمەس. كۆپىنچىسى ھۈنەر-سەنئەت بۇيۇملىرى دۇكىنى بولۇپ، ياغاچتىن ئۇيۇلغان بېلىق ھەيكىلى، كوكۇس ياڭىقى شاكىلىدىن ياسالغان كېمە، گۈزەل رەسىملەر سېتىلىدۇ. يەنە بەزىلىرىدە غەۋۋاسلىق بۇيۇملىرى سېتىلىدۇ.
بۇ شەھەردە يەنە سۇدان خاندانلىقى باغچىسى بار بولۇپ، 1968-يىلى مالدىۋى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان، ئەمما يەنىلا بىر قەدەر مۇكەممەلل سۇدان مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قالغان.
مالدىۋى مەنزىرىسى
مالدىۋى مەركىزى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=991
مالدىۋىدا ھازىر سىياسىي ئۆزگۈرۈش بولاۋىتىپتۇ، بەك قالايمىقان دەيدۇ. ئىزىپ – تىزىپ ساياھەتكە بىرىپ يۈرمەڭلار جۇما
قۇلاق بەك ئۇزۇن جۇما سىلىنىڭ سەمەن قارىم …