![]() |
ئەخمەقنىڭ مىنۇتى 2 يۈەن
boiled
بايا ( سائەت 23:40تا ) تېلېۋىزوردىن ئېلان چىقمايدىغان قانال ئىزدەپ XJTV-4كە بېرىپ قاپتىمەن. قارىسام، 5000سوم مۇكاپاتى بار سوئال-جاۋاب پائالىيىتى ئۆتكۈزىۋېتىپتۇ: «ئۆيىڭىزنىڭ سىرتىدا بىر نەرسە بار، ئۇ قانچە تېز ئايلانسا سىزدىن شۇنچە كۆپ پۇل چىقىم بولىدۇ، بۇ نېمە؟» دېۋىدى، «توك سائىتى» دېگەن جاۋاب چاقماق تېزلىكىدە كاللامغا كەلدى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى ئىكراندىن ئىزدەپ تېپىپ بولغۇچە، بىر قانچە خەنزۇ خاتا جاۋابلارنى بېرىۋەتتى، تېلېۋىزورغا يېقىن بېرىپ 125تىن باشلىنىدىغان بىر نومۇرنى تېپىپ تېلېفون قىلىپ بولغۇچە، توغرا جاۋابنى بىرەيلەن بېرىۋەتتى، 5000سوم نەقمەيداندا ئۇنىڭغا بۇيرۇلدى (قايسىبىر جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىنىڭ تامغىلىق ئىسپاتىمۇ ئىكراندا كۆرسىتىلدى)… ئىچىم ئېچىشىپ تۇرسام، ئىككىنچى سوئالنى تاشلىدى، «خام يېگىلى بولمايدۇ، پىشۇرۇپ يېگىلىمۇ بولمايدۇ، پەقەت پىشۇرغاچ يېيىلىدۇ، ئۇ نېمە؟» تاپالماي قالمىسۇن دەپ، بۇنىڭ بىر ھەزىل سوئال ئىكەنلىكىمۇ ئەسكەرتىلدى، ئېنىقلا تاماكا ئىدى بۇ. رىياسەتچى دەيدۇكى، بۇ سوئالنىڭ دەسلەپكى مۇكاپات سوممىسى 500سوم بولۇپ، ئەگەر بىر تاماشىبىن خاتا جاۋاب بەرسە، 500سوم قوشۇلۇپ، جەمئىي مۇكاپات سوممىسى 1000 سوم بولغۇدەك ھەم مۇشۇ تەرىقىدە ئەڭ يۇقۇرى بولغاندا 5000سومغىچە مۇكاپات تەسىس قىلىنغۇدەك. جاۋاب بېرىش ھەققى مىنۇتىغا ئىككى سوم بولۇپ، سۆزلىشىش ھەققى بۇنىڭ سىرتىدا ھېسابلانغۇدەك. ئۆزەمنىڭ خەنزۇچە ئېغىز تىلىدا ئاجىز ئىكەنلىكىمنى بىلسەممۇ، ھەر قانچە بولسىمۇ «تاماكا» دېگەننى خەنزۇچە ئۇقتۇرالارمەن دەپ ئويلاپ قەتئىي غەيرەتكە كېلىپ، قىزىق لىنىيە تېلېفونىغا ئۇردۇم، دەسلەپتە بۇ پائالىيەتتە ماڭا ئۇتۇق تىلەپ بىرەر مىنۇتتەك مەدەت بەردى، ئاندىن بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ئورۇنلارمىكىن بىر قانچە ئورۇننىڭ نامىنى ئاتىدى، كېيىن جاۋاب بېرىشكە تەييارلىقىڭىز پۈتكەن بولسا مانچىنى بېسىڭ، تېلېفون نومۇرىڭىز 138xxxxxئىكەنلىكىنى مۇقىملاشتۇرسىڭىز مانچىنى بېسىڭ… دەپ يوليورۇقلارنى بەردى، ئاڭغىچە بىرقانچەيلەن خاتا جاۋاب بېرىپ، مۇكاپات سوممىسى 3000سومغا چىقىپ كەتتى… تېلېۋىزورغا قارىسام تېلېفون قىلغۇچىلارنىڭ نومۇرلىرى چىقىۋاتىدۇ، مېنىڭ يەنىلا يوق، تېلېفونغا قارىسام 8مىنۇت ۋاقىت ئۆتۈپ بوپتۇ، زەن سېلىپ تىڭشىسام، «قايتا سىناپ باقماقچى بولسىڭىز قۇدۇق كونۇپكىسىنى بېسىڭ» دېگەندەك بىر نېمىلەرنى دەيدۇ، «قۇدۇق» سۆزىنى ئاڭلاپلا ھۇشۇمنى يىغدىم، باياتىن بېرى كەم بولغاندا 16 سوم پۇلۇم «قۇدۇق»قا چۈشۈپ بوپتۇ ئەمەسمۇ؟ تېلېفوننى قويۇپ، TVنى ئۆچۈرۈپ توردىن سۈرۈشتۈرسەم، 17.20سوم چۈشۈپتۇ قۇدۇققا، ھەتتا «چولتۇك» قىلغان ئاۋازنىمۇ ئاڭلىماي قاپتىمەن!
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=401
ھا ھا ھا ….. راسىت سىز ئەخمەق بولدىڭىز؟ ياكى باشقا بىرسى ؟ نەدىمۇ ئۇنداق ئاسان پۇل كېلىدىغان ئىش بولسۇن ؟ بۇ خۇددى كارنىيى يىرتىلىپ كەتكۈدەك ھالەتتە ئەڭ ئەرزان ماللارنى داملاپ ئېلان قىلىدىغانلارنىڭ يەنە بىر پۇل تېپىش ئۇسۇلى …..كىم بىلىدۇ ؟ مۇكاپات ئالغىنى شۇلارنىڭ شىرىكىمۇ تىخى ………………….؟!