![]() |
« ئۈچ ئەلگەك »
بىر كۈنى سوقراتنىڭ بىر شاگىرىتى ھاسىراپ – ھۆمۈدەپ ئۇنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە سوقراتقا :
ــ ئۇستاز، مەن سىلىگە بىر ئىشنى دەي، بۇ ئىشنى سىلى ھەرگىز ئويلاپ باقمىغان، ــ دەپتۇ.
ــ توختاپ تۇر، ــ دەپتۇ سوقرات شاگىرىتىنىڭ گىپىنى بۆلۈۋىتىپ، ــ ماڭا دېمەكچى بولغان بۇ ئىشنى ئۈچ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزدۈڭمۇ ؟
شاگىرىتى بۇ گەپنى چۈشىنەلمەي، بىشىنى چايقاپتۇ. سوقرات گىپىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ :
ــ سەن بىراۋغا مەلۇم بىر ئىشنى ياكى گەپنى ئىيتىشتىن بۇرۇن، چوقۇم مۇنداق ئۈچ ئەلگەكتە تاسقاپ بىقىشىڭ كىرەك. بىرىنچىسى، چىنلىق، سەن ماڭا دېمەكچى بولغان بۇ ئىش راست بولغانمۇ ؟
ــ مەن بۇ ئىشنى كوچىدا خەقلەردىن ئاڭلىغان، راستمۇ ياكى يالغانمۇ، بۇنى بىلمەيمەن.
ــ ئۇنداقتا سەن بۇنى ئىككىنچى ئەلگەكتە تاسقاپ بىقىشىڭ كىرەك. ئۇ بولسىمۇ ياخشىلىق، يەنى ئۇ ئىش راست بولمىغان تەقدىردىمۇ، ياخشى نىيەت – مەقسەتتە ئېيتىلغان بولۇشى كېرەك. ماڭا دېمەكچى بولغان ئۇ ئىش ياخشى نىيەتتىكى ئىشمۇ ؟
_ ياق، دەل ئەكسىچە، ــ دەپتۇ شاگىرىتى خىجىللىقتىن بىشىنى تۆۋەن سىلىپ.
سوقرات زىرىكمەستىن چۈشەندۈرۈپتۇ :
ــ ئۇنداقتا بىز ئەمدى ئۈچىنچى ئەلگەكتە تاسقاپ كۆرۈپ باقايلى. ماڭا مۇنچە ئالدىراپ دېمەكچى بولغا ئۇ ئىش موھىم ئىشمۇ ؟
ــ ئانچە موھىم ئەمەس.
سوقرات شۇ يەردىلا شاگىرىتىنى گەپتىن توختىتىپتۇ ۋە :
ــ ئۇ ئىش ئۇنچە موھىم ئەمەسكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياخشى نىيەتتە ئىيتىلماپتۇ، يەنە كىلىپ راست – يالغانلىقىنىمۇ بىلمىگەندىكىن، دېيىشىڭنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ ئۇ ئىشنى دېسەڭ ھەر ئىككىمىزنىڭ كۆڭلى پاراكەندە بولىدۇ، خالاس، ــ دەپتۇ.
سوقرات : “ ھەق – ناھەقنى ئاستىن – ئۈستۈن قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ ۋە تۆھمەتخورلارنىڭ گېپىگە ئىشەنمەڭلار. چۈنكى، ئۇلار ھەرگىز ياخشى غەرەزدە قىلمايدۇ. ئۇلار ئالدىڭىزدا خەقنىڭ يىغىرىنى ئىچىپ، غەيۋىتىنى قىلغانكەن، بىراۋنىڭ ئالدىدا سىزنىڭ غەيۋىتىڭىزنىمۇ قىلماي قالمايدۇ “ دېگەن. شۇڭلاشقا، ئۇ گەپ قىلىشتىن ئاۋال “ ئۈچ ئەلگەك “ تىن ئۆتكۈزۈشنى ئۆزىگە مىزان قىلغان ئىكەن.
پىتنە – پاسات تارقاتماسلىق كىرەك، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ پىتنە – ئىغۋالىرىغىمۇ ئالدىنىپ قالماسلىق كىرەك. پىتنە – ئىغۋا، سۆز – چۆچەكلەر قىلىچتىنمۇ ئۆتكۈر، ئۇ بىر ئادەمگە تۇيدۇرماي زىيان يەتكۈزىدۇ. گەپ سۆزنىڭ راست – يالغانلىقىنى ئىلغىماي، خەق نېمە دېسە شۇنىڭغا ئىشىنىپ كىتىدىغان ئادەملەر ئوڭايلا باشقىلارنىڭ قولىدىكى قۇربانلىق “ پېشكا “ بولۇپ قالىدۇ. بەزىلەر تىلى ئارقىلىق زەر – كۈمۈشكە ئىرىشسە، بەزىلەر كاللىسىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. گەپ – سۆز قىلىشتا سوقراتنىڭ “ ئۈچ ئەلگەك “ مىزانى ھەممىمىزگە ماس كىلىدۇ.
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=761
ھەقىقەتەن قىممىتى بار گەپلەر ئىكەن، مىش – مىش گەپلەرنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيىتى يوقلىقىنى ھېس قىلدىم بۇ يازمىڭىزدىن .