تۇرمۇش خاتىرىسى

بۇ مەزمۇنغىمۇ دىققەت قىلىڭ

ئۆينىڭ چىقىغى بۇزۇلغىلى خېلى بولدى، شام يورۇقىدا تاماق يېيىش بالىلارغا دەسلەپتە روماتىك يۇيۇلغىنى بىلەن، كېيىنچە ھەممەيلەننىڭ دىلىنى خىرە قىلدى.

گاز ئوچاق بۇزۇلدى. ئوچاقتىن چىققان قاپقارا ئىس قازان، كورىلارنى، ئاشخانا ئۆينى ئىسلاپ بولدى. ھاجەتخانا بۇزۇلدى. ئۇنى داسقا سۇ ئىلىپ يۈرۈشتۈرۈشكە توغرا كەلدى.

تۇرۇبا بۇزۇلدى، ئۇنىڭدىن تامغان سۇ كەيپىياتقا تەسىر قىلدى…

مانا بۇ ئۆي، بۇ ئۆيدە ئادەم يوقمۇ؟ بۇ نەرسىلەرگە قارايدىغانغا، ئوڭشايدىغانغا ئادەم يوقمۇ؟ ئەلۋەتتە بار، ئادەم يوق جاي، ئۆي بولامدۇ؟

1 – چىسلا ، ئا خانىم تاماق ئەتكەچ ئېرىنىڭ يولىغا باقتى، بالىلار تاپشۇرۇق ئىشلەۋاتاتتى، ئا ئەپەندى كىردى، ئا خانىم ئۇنىڭ ئالدىغا تاماق كەلتۈردى، ئا ئەپەندىم تاماقنى ھاپلا – شاپلا يەپلا سىرتقا ماڭماقچى بولدى.

ـ ئاشخانا ئۆينىڭ چىرىغىنى ئوڭشاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن، قاراڭغۇدا قىينىلىپ قالدىم، ـ دېدى ئا خانىم.

ـ سىرتقا ماڭغىنىمنى كۆرمىدىڭمۇ؟ بىر نەچچە كۈن شام يېقىپ تۇر، ـ دېدى ئا ئەپەندى جاۋابەن.

3 – چىسلا :

ـ گاز ئوچاقنى ئوڭشاتمىساق بولمىدى، ئىس چىقىۋېرىپ، قازان – قومۇچلار، ئاشخانا ئۆيىنىڭ تورۇسلىرى قارىداپ كەتتى، ـ دېدى ئا خانىم.

ـ گاز ئوچاق دېگەن شۇنداق بولىدۇ، ئىسلاشقان بولسا تازىلاپ ئىشلەتكىن، ـ پەرۋاسىز جاۋاپ قىلدى ئا ئەپەندى.

6 – چىسلا ، قاراڭە، بۇ تۇرۇبىدىن سۇ ئېقىۋاتقىلى ئىككى ھەپتە بولدى، ئوڭشاپ قويسىڭىزچۇ؟ ئىسراپ بولغان سۇغا ئىچىم ئېچىشىپ كەتتى.

ـ بەكلا كوتۇلدايسەنغۇ خوتۇن، ئاقسا نېمە بوپتۇ؟ ۋاقتىم چىققاندا ئوڭشاپ قويىمەن…

بۇ ئىجتىمائىيىتىمىزدە مەۋجۇت ھادىسە. ئېنىقكى، ئەر دېمەك مىللەتنىڭ يۈرىكى، بىلىكى، ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى – ھىماتى. شۇنداق ئىكەن، ئەرلەرنىڭ ئائىلىگە مۇناسىۋەتلىك ھەر قانداق ئىشتا بالىلارغا ئۈلگە بولۇپ، ئائىلىگە يۈزلەنگەن مۇئەممالارنى ئاكتىپ ھەل قىلىشى ئەرلىك مەجبۇرىيەتتۇر.

ئاپتۇرى: رەناگۈل ئەركىن. شىنجاڭ گىزىتىدىن ئىلىندى.

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3108

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-01-18
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تۇرمۇش رۇجەكلىرى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: