![]() |
تۆشۈك نان
(ھېكايە)
ـــ تۆشۈك ناندىن قارىما، بالام .
ـــ نېمە بولىدۇ ؟
ـــ يامان بولىدۇ .
ـــ يامان بولسا نېمە بولىدۇ ؟
ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ «يامان بولىدۇ» دېگەن سۆزى بىردە چۆچەكلەردىكى بەھەيۋەت دېۋىلەردەك قورقۇنچلۇق تۇيۇلسا، بىر تۇرۇپ رىۋايەتلەردىكى «ئېچىل داستىخان» ياكى «ئالتۇن تېزەكلەيدىغان ئېشەك» تەك سىرلىق، جەلپكار تۇيۇلاتتى .
ـــ چۆچەك ئېيتىپ بېرە، ئانا .
ـــ قايسى چۆچەكنى ئېيتىپ بېرەي ، بالام ؟
ـــ «ئوغۇزخان»نى .
ـــ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئەسكەرلىرى بۆرىنىڭ ئارقىسىدىن ئەگشىپ ….
ـــ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ ئەسكەرلىرى بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىنمۇ ئۆتكەنمۇ ؟
ـــ بىلمەيدىكەنمەن .
ـــ ئەمىسە بىلدىغىنىڭنى سورايمۇ ؟تۆشۈك ناندىن قارىسا نېمە بولىدۇ ؟
ـــ سەن سورىما ، مەن ئېيىتماي .
ـــ ياق، سەن ئېيتىپ بەر،ـــ ئۇ بىردىنلا يىغلامسىرىدى .كۆكۈش، ئېقى يوغان كۆزلىرىدىن قەيسەر، سوغۇق بىر ئۇچقۇن چاچرىدى . ئانىنىڭ تېنى شۈركۈنۈپ كەتتى .
ـــ دەرتە قالارسەنمىكىن ؟ ماقۇل، خۇدايىم ساقلار. تۆشۈك ناندىن قارىسا، ھەر قانداق نەرسىنى كۆرگىلى بولىدىكەن ، مۇبادا ئۆينىڭ سىرتىدا تۇرۇپ ناننىڭ تۆشۈكىدىن قارىسا، ئۆينىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق نەرسىنى كۆرگىلى بولارمىش. سەن ئۇنداق قىلما جۇمۇ، بولمىسا، كۆزۈڭ كۆرمەس بولۇپ قالىدۇ…
شۇندىن باشلاپ بالىنىڭ قورسىقىغا جىن كىردى، بىر نەرسە ئىچىنى غىدىقلاپ ئارام بەرمىدى، ناننى تېشىپ قاراپ باقماقچى بولدىيۇ، يەنىلا قورقتى .
بىر كۈنى ئۇ مەكتەپتىن بالدۇر كېلىپ،ھويلىغا كىرىپلا چۆچۈپ كەتتى.ئۆينىڭ ئىشىكى قىيا ئوچۇق بولۇپ،ئچكىرىكى ئۆينىڭ ئشىكى ئىچىدىن ئېتىۋىتىلگەنىدى. ئۆي ئچىدىن ھاسىراپ-ھۆمىدىگەن ئاۋاز كېلىۋاتاتتى.
ــ ئوغرى،چوقۇم ئوغرى ،ــ بالا قورققىنىدىن ئۆپكىسى گېلىغا قاپلىشىپ نەپەس ئالالماي قالدى.لېكىن ئۇ بىردىنلا دېدىللەشتى، قولىغا دادىسى ئوتۇن يارىدىغان پالتىنى ئېلىپ ،شەپە چىقارماستىن ئىچكىرىكى ئۆينىڭ ئىشكى ئالدىغا كەلدى.
ــ ۋىيەي، ئاستىراق، ئەسكى.
بىر ئايالنىڭ بوش ئەمما ئۈزۈك-ئۈزۈك نازلىنىپ ھاسىرىغان ئاۋازى ئاڭلاندى.
ــ جىم تۇر جېنىم، تىپىرلىما.
ــ دادامنىڭ ئاۋازىغۇ بۇ ،ــ ئۇ بىردىنلا قىزىقسىنىپ دېرىزىدىن مارىدى. دېرىزە پەردىسى چۈشۈرۈۋېتىلگەچكە ،ھېچنەرسىنى كۆرەلمىدى .پەقەت ھاسىراش –ھۆمۈدەشلەر داۋام قىلىۋاتاتتى.
راست، تۆشۈك نان بىلەن …ئۇ ئاشخانا ئۆيدىن بىر گىردىنى ئېلىپ چىقىپ ئوتتۇرسىنى مىڭ تەسلىكتە تەشتى-دە ، قارىدى.قارىدىيۇ، ئۆي ئىچىدىكى كارامەتنى كۆرۈپ ، ئارقىسىغا تىرىڭڭىدە ئۇچۇپ كەتكىلى تاس قالدى . دادىسىى ـــ ئۇنىڭ ئەڭ ئامراق ۋە سۆيۈملۈك، ئىشخانىسىدا گىدىيىپ ئولتۇرۇپ ھاجەتمەنلەرنىڭ ئىلتىماس-ئەرزلىرىگە تەستىق يېزىپ، تامغا باسىدىغان سالاپەتلىك دادىسى سا چۈجىنى پوكىنىغا باسقاندەك بالا باققۇچى قىزنى پوكىنىغا باسقىنچە بوينىغا چىڭ گىرە سېلىپ ئۇنىڭ لەۋلىرىگە چوپۇلدىتىپ «تامغا باسماقتا»
ئىدى…
*** *** ***
ــ ئانا، چۆچەك ئېيتىپ بېرەيمۇ؟
ــ ۋاي ماقۇل ئاپئاق قوزام، سەنمۇ چوڭ بولۇپسەن-دە!
ــ كۆرگىنىمنى ئېيتايمۇ، ئاڭلىغىنىمنىمۇ ؟
ــ كۆرگىنىڭنى .
ـــ دادامنىمۇ چاقىرايلى، ئۇمۇ بىللە ئاڭلىسۇن.
دادىسى كىرىپ ئۇنى قۇچىقىغا ئالماقچى بولغانىدى ئۇ بىردىنلا يۇلقۇنۇپ دادىسىنىڭ قۇچىقىدىن چۈشۈپ كەتتى. دادىسى ئۇنىڭغا تولىمۇ يات، ئادەم قېنىنى شورايدىغان يەتتە باشلىق يالماۋۇزدەك كۆرۈنۈپ كەتتى.
ـــ ئاپئاق قوزام، داداڭنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇر.
ـــ مەن دادامنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرسام، بالا باققۇچى قىز نەدە ئولتۇرىدۇ ؟
ـــ ئاغزىڭنى يۇم، ۋۇ، شۇم!
كۆزلىرىگە زەرب بىلەن تەگكەن تەستەكتىن بالىنىڭ كۆزلىرىگە قىزىللىق تىقىلىپ ئالەم قاراڭغۇلاشتى…
*** **** ****
ـــ ئانا !
ئۇ قاتتىق ۋارقىراپ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتى .
ـــ ئانا چۆچەك ئېيتىپ بەر !
ـــ ئۇخلا بالام، ئەتە داداڭ بىلەن كۆزۈڭنى دوختۇرغا كۆرسەتكىلى بارىسىلەر .
ـــ جېنىم ئانا، ئەمدى كۆزۈم ھەرگىزمۇ ساقايمايدۇ. بولسا ساقايمىسۇن .
ـــ نېمە دېگىنىڭ بۇ، بالام. نېمىشقا ساقايمايدىكەن ؟
ـــ مەن دادامغا تۆشۈك نان بىلەن قارىغان تۇرسام…
ـــ ھە !؟
… … …
ـــ ئانا يەنە توپان بالاسى بولارمۇ؟
ـــ نېمىشقا بۇنداق دەيسەن، بالام؟
ـــ توپان دادامنى ئېقىتىپ كەتكەن بولسىمۇ …
ـــ … … !؟؟
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2054