تۇرمۇش خاتىرىسى

ئۇ سىزنىڭ دوستىڭىز بولسۇن…

نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇن

ئادەم كىشلىك جەمئىيەتتە، ئىنسانلار توپى ئىچىدە ياشايدۇ. بىر ئادەمنىڭ يەككە – يېگانە، يالغۇز، مۇتلەق مۇستەقىل ھالدا ياشايمەن دېيىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. دېمەككى، سىز ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلغان ئىكەنسىز، سىزگە ئەسقاتىدىغان، ياخشىنى تەۋسىيە قىلىپ، ياماندىن توسىدىغان دوستىڭىزنىڭ بولمىقى زۆرۈر. بىزدە بىرەر قېتىم كۆرۈشكەن ئادەملەرمۇ بىر – بىرىنى دوست، ئاغىنە، بۇرادەر دەپ ئاتىۋېلىپ، سۆرىشىپ يۈرىدىغان ئىشلارنى ماڭدامدا بىر ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئەمما، بىرەرسىنىڭ بېشىغا ئازراقلا كۈن چۈشتىمۇ دولىڭىزغا ئېسىلىپ ماڭغان يەنە بىرىنى ئىزدەپ تاپقىلىمۇ بولمايدۇ. ئەقىدىسى بىر بولمىغان دوستلۇقتىن ۋاپا كەلمەيدۇ. دوست ئەڭ ئالدى بىلەن سىز بىلەن تىلداش، دىلداش بولۇشى، سېزنىڭ ئوي، ھېس – تۇيغۇلىرىڭىزغا ئورتاقلىشىپ بېرەلىشى ۋە كەلگەن كۈلپەتلەرگە تەڭ مۈرە تىرەپ بېرەلىشى، ھېچ بولمىغاندا، بېشىڭىزغا كۈن چۈشكەندە قۇيرۇقىنى قىسقىنىچە قاچماسلىقى كېرەك. داستىخاندىكى، رېستۇراندىكىسى دوست ئەمەس، ھەمداستىخان، ھەمجور تاماشا؛ كوچىدا بىللە مېڭىشىپ، ھاراقنى بىللە ئىچىشىپ، پۇلنى بىرلىكتە خەجلىشىپ، بىر ئىشخانىدا، بىر كەسىپتە بىللە ئىشلەپ يۈرگىنى دوست ئەمەس، بەلكى ئىشداش، يولداش، رومكىداش؛ دوست ئۆزىنىمۇ، سىزنىمۇ ھەر ۋاقىت ئويلاپ تۇرغۇچىدۇر، ئۆزىگە راۋا كۆرگەننى سىزگىمۇ تەۋسىيە قىلىدىغان، سىزنى يامان قىلىق – ئادەتلەرنىڭ چىرىتىشىدىن توسىيالايدىغان، ئائىلىڭىزنىڭ خاتىرجەملىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، سىرىڭىزنى ساقلىيالايدىغان ( سىرىڭىزنى ئەڭ ياخشىسى ئۆزىڭىزلا ساقلاڭ )، ئوي، كەيپىياتىڭىزغا غەرەرسىز ئورتاقلىشالايدىغان، خوتۇن – بالىلىرىڭىزغا ھامىيلىق، ئاتىدارچىلىق قىلالايدىغان، ھەر قانداق ئېغىر كۈنلەردە ياكى شادلىق كۈنلەردىمۇ يېنىڭىزدا مەھكەم بىرگە تۇرالايدىغان، سىزنى كۆرەڭلەپ ئۆزىنى يوقۇتۇشتىن ياكى جوشقۇنلىشىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرۈۋېلىشتىن ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرالايدىغان خالىس ھەمراھىڭىزدۇر. ئۇ باي بولۇشىمۇ، كۆك نامرات بولۇشىمۇ، چوڭ – كىچىك بولۇشىمۇ مۇمكىن. ئەمما، دوستلۇق ساداقىتىدە چىن دوست پەرقسىزدۇر، بىباھا تەڭداشسىزدۇر.

سىز « بىكارمۇ سەن » دەپ جىددىي ئىشىڭىزنى تاشلاتقۇزۇپ ئىچىشكىلى، چېكىشكىلى ۋە يەنە بىر نېمىلەرنى قىلىشقىلى سۆرەپ ئېلىپ ماڭىدىغان بىراۋنى دوستۇم، ئىشەنچلىك، يېقىن ئاغىنەم دەپ ئۇنىڭغا بېرىلىپ كەتمەڭ. « كىشىنىڭ دىيانىتى ئۆزىنىڭ دوستىنىڭ دىيانىتىگە قارىتا بولىدۇ، شۇڭا سىلەر ئارلىشىۋاتقان ئادىمىڭلارغا قاراپ ئارلىشىڭلار » ( ھەدىستىن ). دوست ھەرگىزمۇ دوستقا ھارامنى، خىيانەت، جىنايەتنى تەۋسىيە قىلماس. دوستنىڭ ئىززىتى، ئابرۇيى، غۇرۇرى، پەزىلىتىنى قوغدىسا قوغداركى، ھەرگىز ئۇنى زىيانغا ئۇچراتماس، بۇزۇق، تۇيۇق يوللارغا باشلىماس. ناچار دوست يامان كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇ سىزنىڭ تامامەن ئەپتى – بەشرىڭىزنىڭ ھەممىسىنى خەلقىئالەمگە ئاشكارىلىۋېتىپ، سىزنى پۇچۇق تىيىنغا ئالغۇسىز رەسۋا قىلىۋېتىشى مۇمكىن.
ئۇ سىزنىڭ دوستىڭىز بولسۇن، سىزگە ياخشىلىقنى، گۈزەللىكنى تەۋسىيە قىلسۇن. تاماكا چېكىپ، ھاراق ئىچىۋاتقان بولسىڭىز قولىڭىزدىن تاماكا – رومكىلارنى يۇلۇپ تارتىۋېلىپ « سەن بىزگە لازىم » دېيەلەياىغانلارنى دوستۇم دەپ بېشىڭىزدا كۆتۈرۈڭ. « بىرنى چېكىپ، ئىچىپ قويغانغا نېمە بوپتۇ؟ يۈزۈمنى قىلمامسەن؟ ئاغىنەم دېسەڭ كۆتۈرۋەت… » دېگەندەك پەلىپەتىش گەپلەر بىلەن زىيانلىق نەرسىلەرنىڭ زەنجىرىگە قىستىغانلارنىڭ خۇمپەرلەرچە قىرغىنچىلىقىغا قاراپلا ئۇلارنى دوستۇم دەپ تاپىنىغا سۆيمەڭ. دوست دوستقا زەھەرنى راۋا كۆرەمدۇ؟…
ھەر قانداق كىشىگە ئوڭايلا ئىشىنىپ كەتمەڭ… دوستنى بالا – قازا سىنايدۇ. سىنىلىپ بولغۇچە ئۇنىڭغا پۈتۈن سىرىڭىزنى ئاشكارلىماڭ ھەمدە پەزىلەتسىز دوستلىرىڭىزدىن ئاستا – ئاستا يىراقلىشىپ كېتىڭ. « پىيازنىڭ پوستى تولا، ئەخمەقنىڭ دوستى » دېگەندەك تاينى يوق ئادەملەر بىلەن تولا ئارلىشىپ كەتمەڭ. ئارلاشسىڭىزمۇ ھەددىدىن زىيادە يېقىنلىشىپ كەتمەڭ.
دوستقا ئېرىشىش ئۈچۈن سىزمۇ باشقىلارغا سەمىمىي، دوستانە مۇئامىلە قىلىڭ. باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشكە تىرىشىڭ. ساختىپەزلىك، ۋىجدانسىزلىق، نائەھلىلىك قىلماڭ. دوستىڭىزنىڭ ئىززەت ئابرۇيىنى ھەر جايدا قوغداڭ. كىشىلەر سىزدىنمۇ ئىشەنچلىك، غەرەرسىز دوستانىلىقنى ھېس قىلالىسا ئاندىن سىزگە دوستلۇق كۆڭلىنى سۇنىدۇ. قاپاق پۇچىقىغا ھېچكىم ئالتۇن تاۋاقنى پار قىلماس.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3230

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-02-05
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: