كۈندەشلىكمۇ، كۆڭۈلداشلىقمۇ ؟
روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ
كۈندەشلىك ھەققىدە ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە خاس كۆز قارىشى بار. بولۇپمۇ قەلەم ئەھلىنىڭ ، ئەللامە – ئەدىبلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىمۇ ھەر خىل. يېقىنقى يىللاردىن بىرىماتىرىياللاردا كۆپرەك چىلىقىدىغان قارا: “ كۈنداشلىق – بولمىغۇر قىلىق، يارىماس ئادەت “ دېگەنلىكتىن ئىبارەت بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ ھەقتە ھەر كىم ئۆزى چاغلىغىنىچە بىر نەرسىلەرنى دېيىشى ئىنىق، مەنمۇ ھەم !
ئەمما، بىر تەكىيگە باش قويغان ھەر قانداق ئادەم ئۆز جۈپتىنى ياخشىراق دەڭسەپ كۆرۈشى، ئاندىن كۈنداش كېرەكمۇ ياكى كېرەك ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلىدە ئۆزى چاغلاپ يول تۇتۇشى كېرەك.
ئىنسان – ئىنتايىن مۇرەككەپ جانلىق. ئۇ نېمە ئويلاردا، نېمە كويلاردا بولمايدۇ، دەيسىز ؟ شۇڭا “ كۈنلەش كېرەك ياكى كۈنلىمەسلىك كېرەك “ دەپ مۇقىملاشتۇرۇۋىتىش كالتە پەملىكتۇر. توي قىلىپ بىر ئۆينى بارلىققا كەلتۈرگەن ئىكەنسىز، ئەلۋەتتە جۈپتىڭىزگە ئىشىنىشىڭىز كېرەك. بۇ ئەقەللىي ساۋات. بىراق، ئىشىنىش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك ! سىز ئىشىنىپ قەددىڭىزنى تىك تۇتۇپ يۈرگەن بىلەن جۈپتىڭىز سىزگە خىيانەت قىلىپ يۈرسە، دۇنيادا ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق خورلۇق بولماس ! ئەلۋەتتە، بەزىدە كۈنلەشنىڭ ــ خاتا يولدىن توسۇشنىڭ ئورنىغا “ سەن ئوينىساڭ، مەن ئوينىيالمايتىممۇ ؟ “ دەپ ئۆزىمۇ بىرگە خىيانەت كوچىسىغا كىرىپ كەتكەنلەرنىڭمۇ بارلىقىنى ئەسلەپ قالىمىز. بۇ تېخىمۇ كالتە پەملىك، ئەقىلسىزلىقتۇر. ئەلۋەتتە، كۈنلەش دېيىلگەندە، ئەڭ ئالدى بىلەن ئەر بولغۇچىنىڭ ئايال بولغۇچىنى كۈنلىشىنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرىمىز. چۈنكى، بىز “ ئايال كۈنلىسە ئۆي بۇزۇلار، ئەر كۈنلىسە ئۆي تۈزىلەر “ دەپ قارايمىز. بىراق، ھازىر ئاياللارنىڭ ھەر خىل ئىش ئورۇنلىرىغا كۆپلەپ ئورۇنلىشىشى ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىن ــ جۈپتىدىن ئايرىلىپ، سىرتقى موھىتتا ياشاش ۋاقتىنى زور دەرىجىدە ئۇزارتىۋەتتى. مۇشۇنداق شارائىتتا شۇ ئايالنى كۈنلەشمۇ ئادەمگە كۈلكىلىك تۇيۇلىدۇ. شۇنداق بولغانكەن، ئەلەتتە ئۇلارنى مۇستەھكەم ئىشەنچ باغلاپ تۇرمىسا بولمايدۇ. ئەمما، يەنە شۇنى تەن ئىلىش كېرەككى، يىلدىن – يىلغا كۆپىيىپ كەتكەن ئائىلە ماجىرالىرىنىڭ، يېتىم – يېسىرلارنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىنى “ ئىشەنگەن تاغدا كېيىك ياتمىغان “ لىقنىڭ نەتىجىسى، دەپ قاراش خاتا بولمىسا كېرەك !
كۈنلەش ياكى كۈنلىمەسلىكتە ھەر كىم ئۆزىنىڭ جۈپتىنىڭ مىجەز – خاراكتېرىگە، يۈرۈش – تۇرۇشىغا قارىشى كېرەك. يېقىندا ئاممىۋى ئاپتۇبۇستا كېتىۋىتىپ بىر ئايالنىڭ تېلېفۇندا ( iPhone ) بىرى بىلەن ئۇچۇر ئارقىلىق پاراڭلىشىۋاتقىنىغا دىققەت قىلدىم. ئۇ ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان، مەن ئۇنىڭ يىنىدا تۇتقۇچنى تۇتۇپئ ۆرە تۇرۋاتاتتىم. گەرچە ئۇنىڭ تېلېفۇنىغا ئوغورلۇقچە قاراشنىڭ ئەدەپسىزلىك ئىكەنلىكىنى بىلسەممۇ، بىراق يەنە شۇ ئۇچۇرلارغا قىزىقىپ قالدىم. ھەر بىر ئۇچۇر ئارلىقىدا بىر مىنۇتتەك ۋاقىت ئۆتەتتى.
“ ھېلىقى مېـھمانخانىدىن ياتاق ئۇقۇشۇپ قويدۇم. ئەتە كېچىگە… “ بۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرى ئىدى.
“ تېخى ئىككى كۈن ئۆتتىغۇ؟ يەنە ئىسمىنىدا ئىشلەيمەن، دېسەم ئېرىم ئالدىدا چېنىپ قالىدۇ… “ بۇ ماۋۇ ئايالنىڭ ئۇچۇرى.
بىشىمنى كۆتۈرۈپ ئۇياق – بۇياققا قاراپ ئايالغا كېلىدىغان ئۇچۇرنى تەڭ ساقلاشقا باشلىدىم. بىر چاغدا ئۇنىڭ تېلېفۇنى تىتىرىدى، ئۇ ئۇچۇرغا قارىدى:
“ ئىشقىلىپ بىر ئامالىنى قىلىڭ ! “
ئايال خېلى ئۇزاق جاۋاب قايتۇرماي تېلېفۇننى سىقىمداپ ئولتۇردى ۋە بىر چاغدا ئامال تاپقاندەك خەت يېزىشقا باشلىدى:
“ ئەمدى يېقىن دوستۇمنىڭكىدە قونۇپ كېلىمەن دېسەم بولغۇدەك… “
“ ماقۇل، ئاشۇ ياتاقتا سىزنى ساقلايمەن… “ بۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇچۇرى ئىدى. ئايال “ ok “ دەپ ئۇچۇر يوللىۋەتتى ۋە ئارقىدىنلا بىر تېلېفۇن نومۇرىنى باستى:
ـ ە، ئارزىگۈل، ياخشىمۇ؟ ھە… شۇ، ئالدىراش دېگىنە، ئەگەر يالغۇز بولساڭ، ئەتە سەن بىلەن پاراڭلىشىپ قونۇپ كېلەي، دېگەنتىم… ھا…ھا…ھا… ياماندە سەن، مەن دېمەستە بىلىۋاپسەن… خاتىرىجەم بول، چاتاق چىقمايدۇ. بۇ تۇنجى قېتىملىقى ئەمەسقۇ… ھە ماقۇل، ماقۇل. ھەئە، ھەئە… خۇش، ئەمىسە، ھېلى مەن ئۆيدە چاغدا تېلېفۇن قىل جۇمۇ…
ئايال سۆزلىشىپ بولۇپلا تېلېفۇنىدىكى ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرۈشكە باشلىدى…
كۆڭلۈمدىن “ ئېرى قانداقراق ئادەم بولغىيتتى ؟ “ دېگەنلەرنى ئۆتكۈزدۈم ۋە ئايالغا بىرخىل نارازىلىق تۇيغۇم بىلەن قارىدىم. بەلكىم، بۇ ئايالغىمۇ ئېرى ئىشىنەر، ھەرگىزمۇ “ ئايالىم مىنى ئالداپ باشقىلار بىلەن مېـھمانخانىدا قونۇپ يۈرىدۇ “ دەپ ئويلىماس…
ئەلۋەتتە، بىر ئۆمۈر بىرگە ئۆتىمىز دەپ باش قوشقانلار ئوتتۇرىسىدا “ كۈنلەمچىلىك كۈن ئەمەس !“ ( مۇھەممەتجان راشىدىن ). ئەمما، ھەر قانداق ئىشتا چېكىدىن ئاشۇرۇپ مەيلىگە قويۇۋىتىش مەيلى ئەر بولسۇن، مەيلى ئايال بولسۇن، ئاخىر باشباشتاقلىققا ئىلىپ بارىدۇ. شۇڭا، لايىقىدىكى كۈنلەمچىلىكنىڭمۇ بولغىنى ياخشى! چۈنكى، كۈنلەمچىلىكمۇ مەلۇم جەھەتتە ياخشى كۆرۈشنى ئاساس قىلغان بولىدۇ. ئەمما، كۈنلەمچىلىك قارىغۇلارچە ئەمەس، قارشى تەرەپنى تەربىيلەشنى، ئۆزىنىڭ ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ۋە ئائىلىنى بەختلىك تۇتۇپ تۇرۇشنى شەرت قىلغان ئاساستا بولۇشى كېرەك !
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1135
شۇنداق، كۈندەشلىك چەكتىن ئىشىپ كەتسە بىر كېسەللىككە، ئۆز يولىدا بولغاندا بىر ئائىلىنى قوغداپ تۇرىدىغان ئىسىل دورىغا ئايلىنىدۇ. يازمىلىرىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم.
كۈنلىسە تىخى دەردى، كۈنلىمىسە تىخى… قانداق قىلىدىغان گەپكىنتاڭ بۇ تۇرمۇش دېگەننى