تۇرمۇش خاتىرىسى

    

خانىم سىز كاپىتان ئەمەس…

«ئائىلە مىسالى بىر كىمە . بۇ كېمە دۇلقۇنلۇق دېڭىز سەپىرىنى ئۇتۇقلۇق تاماملاش ئۈچۈن بىرلا كاپىتاننىڭ قۇماندانلىقىغا مۇھتاج . سىز دەل بۇ ئاددى ھەقىقەتنى ھېس قىلالمىغان بۇلىشىڭىز مۇمكىن ».بۇ «زامانىمىمىز ئائىلىلىرى گېزىتى » نىڭ بىر بەخىتسىز ئايال مۇشتەرىنىڭ سۇئالىغا بەرگەن جاۋابى.
بۇ ئايال مۇشتەرىمۇ كۆپ سانلىق مۇنەۋۋەر ئاياللارغا ئوخشاش كىچىككىنە ئائىلىسى ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان ،ئوغلىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلەن بىللە ئائىلىسىنىڭ ئېغىر – يىنىك بارلىق يۈكىنى زىممىسىگە ئالغان . ئىرى ئىش ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغاندىن كىيىن ،ئۇ بىر جۈپ بىلىكىگە تايىنىپ ئائىلە ئىقتىسادىنى قامدىغان. ئەپسۇس، ئوغلى 8 ياشقا كىرگەن يىلى ئېرى ئۇنىڭدىن چېنىپ ، سىرىتتا باشقا بىرەيلەننى تېپىۋالغان.ئۇنىڭ 9 يىللىق تىرىشچانلىغى، ئائىلىسى ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرى بىكارغا كەتكەن. ئىرى كېتەر چاغدا:«بۇ ئۆي ئۈچۈن مىنىڭ ھېچقانداق لازىمىم يوق ئىكەن» دېگەن سۆزنىلا قىلغان. ئايال ئۆزىنىڭ قايسى ئىشنى خاتا قىلغانلىغىنى ، نىمە سەۋەنلىك ئۆتكۈزۈپ قويغانلىغىنى زادىلا بىلەلمىگەن.
بۇ ئايالنىڭ نىكاھ مەغلۇبىيتى ئاياللارنى ئويلىشىپ كۆرۈشكە ئۈندەيدۇ.ئۇ بىر مۇنەۋۋەر ئايال، ياخشى ئانا بۇلۇش سۈپىتى بىلەن بەخىتلىك بۇلۇشى ، ئىرىنىڭ ئىتراپ قىلىشى ۋە قەدىرلىشىگە ئىرىشىشى لازىم ئىدى. بىراق تەقدىر ئۇنىڭ كۈتكۈنىدەك بولمىغان.
پىسخولوگلار ئەرلەردىمۇ كۈچلۈك يۆلىنىۋېلىش خاراكتىرىنىڭ بارلىقىنى بايقىغان.ئەرلەر تاكى توي قىلغۇچە ئۆزىنىڭ بالىلىق مىجەزىنى تاشلىمايدۇ. « نىكاھ » تىن ئىبارەت بۇ باسقۇچ ئۇلاردا مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئويغىتىدۇ.ئەرلەر بۇ سىناق مەيدانىدا ئۈزلۈكسىز چېنىقىپ بىر پىشقان ، مۇكەممەل ئەرگە ئايلىنىدۇ. دۇنيادا ئائىلىسىدە پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قىلىشنى ،« كاپىتان» ھوقۇقىنى ئايالىغا تارتقۇزۇپ قويۇشنى خالايدىغان بىرمۇ ئەر بولمايدۇ.ئەقىللىق ئاياللار دەل بۇ نۇقتىنى ھېس قىلالىغاچقا ، ئېرىگە ئائىلىدە بىر يىتىلىش پۇرسىتى ئاتا قىلىدۇ.دادىللىق بىلەن ئائىلىدىن ئىبارەت بۇ كىمىنڭ «كاپىتان»لىق ھوقۇقىنى ئېرىگە تۇتقۇزىدۇ.
خانىم سىز كاپىتان ئەمەس. شۇڭا بۇ ھوقۇقنى يەنىلا ئېرىڭىزگە بىرىڭ،شۇندىلا ئۇ، ئۆز مەسئۇلىيتىنى تۇنۇپ يىتەلەيدۇ. بۇ كېمە ھاياتلىق دولقۇنلىرىدا غەرق بولماي ، نىشانغا يىتەلەيدۇ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1835

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-06-02
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: