تۇرمۇش خاتىرىسى

خاتىرجەملىكنىڭ قىممىتى

بىر پادىشاھ بىلەن بىر قۇل كېمىدە بىرگە سەپەر قىلىپتۇ . ئۇ قۇل ئەزەلدى دېڭىزنى كۆرۈپ باقمىغان ، كېمىدە يۈرۈشنىڭ جاپاسىنى چېكىپ باقمىغاچقا ، يول بويى يىغلاپ – قاقشاپ ، غالىلداپ تىتىرەپ كېتىپتۇ . كۆپچىلىك ئۇنىڭغا تەسەللى بەرسىمۇ ، يەنىلا غەلۋە قىلىۋېرىپتۇ . ئۇنىڭ غەلۋىسىدىن پادىشاھمۇ خاتىر جەم ئارام ئالالماپتۇ . كۆپچىلىك ھەر قانچە قىلسىمۇ ئۇنى تىنجىتىشنىڭ ئامالىنى قىلالماپتۇ . كېمىدە بىر پەيلاسوپ بولۇپ ئۇ پادىشاھقا :
__ئالىيلىرى  ماڭا رۇخسەت قىلسىڭىز ، مەن ئۇنى تىنجىتالايمەن ، – دەپتۇ .
پەيلاسوپ دەرھال ئادەم چاقىرىپ ، ئۇ قۇلنى دېڭىزغا تاشلىتىپ ، بىر قانچە قېتىم چۆكۈپ چىققاندىن كېيىنلا ئاندىن كېمىگە تارتىپ چىقىرىپتۇ . شۇندىلا ئۇ . ئىككى قولى بىلەن كېمىنى چىڭ تۇتۇپ ، بىر بۇلۇڭدا ئۈن – تىنسىز ئولتۇرۇپتۇ .
پادىشاھ رازى بولۇپ ، پەيلاسوپتىن :
__ سېنىڭ بۇ ئۇسۇلىنىڭ سىرى قەيەردە ؟ – دوپ سوراپتۇ .
پەيلاسوپ :
__ ئەسلىدە ئۇ سۇغا غەرىق بولۇشنىڭ ئازابىنى بىلمەيدۇ .شۇڭا تېنچ كېمىدە ئولتۇرۇشنىڭ قىممىتىنى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدۇ . ئومۇمەن بىر ئادەم ئازاپ – ئوقۇبەت كەچۈرمىشىگە ئىگە بولغاندىلا ، ئاندىن خاتىرجەملىكنىڭ قەدىرىگە يېتىدۇ ، – دەپ جاۋاب بېرىپتۇ .

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3227

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-04-15
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تەرجىمە - تەرمىلەر
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: