مۇبادا، ئۇ سىزگە باش ئەگسە…
مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى، ھەرگىزمۇ تالان- تاراج قىلىش ۋە ئىگىلىۋېلىش بولماستىن ، بەلكى پەرۋىش قىلىشتۇر !
بىز مۇھەببەت باسقۇچىدىكى باغۋەن بىلەن مىۋىگە ئوخشايمىز . ئامەتلىك كىشىلەر ئۆزى تىككەن كۆچەتنىڭ مىۋىسىگە ئېرىشىدۇ . بەزىلەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ ئۆز مىۋىسىنى باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قويۇپ ، باشقىلار تىككەن كۆچەتتىن مىۋىگە ئېرىشىدۇ .
ئەينى يىللاردا رانا قىز دوسلىرىنىڭ ئىچىدە كىشىنىڭ مەسلىكىنى كەلتۈرىدىغان بىر قىز ، ئۇ ئۆزىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان قامەتلىك بىر ئوغۇل دوست تاپتى . ئۇ ئوغۇل دوستىغا پەقەت ئىچ ئاغرىتقاندەكلا كۈلۈپ قوياتتى . رەنا ھەر دائىم بىزنىڭ ئالدىمىزدا ئوغۇل دوستىنى ئۇ ناھايىتى بوشاڭ دەيتتى . ھېچكىمدە يوق مىجەز ئۇنىڭدا بار دەپ زارلىناتتى ، ئۇنىڭدىن باشقا ھەممە ئادەم بۇ قاملاشمىغان ئىگىز بالىنىڭ رەنانىڭ ئالدىدا بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىشىنى پەقەت رەنانى ياخشى كۆرگەنلىكتىن بولغان ، بۇنىڭدا ئىككىنچى بىر سەۋەپ يوق ، دەپ قارايتتى رەنا ھال ئوقىتى ياخشى بىر ئائىلىدە چوڭ بولغان بولۇپ بىرلا قىز ئىدى شۇڭا ئويىدىمۇ دىگىنى دىگەن .
رەنا باشتىن ئاخىر بۇنى چۈشەنمىدى . تويدىن كېيىنمۇ ئۇ دائىم جىدەل قىلىپ تۇراتتى . جىدەل قىلغاندىمۇ بىر باشلىسا ۋالاقلاپ توختىمايتتى ، ئۆيدىمۇ ناھايىتى ئاز تۇراتتى . ئۇ ھامان تۇتامغا چىقمايدىغان ئىشلار ئۈچۈن جىدەل قىلاتتى كىمنىڭ توغرا ، كىمنىڭ خاتا بۇ ھەقتە سۆزلەشكىلى بولمايتتى . ھەر دائىم رەنا يىغلامسىراپ تۇرۇپ ماڭا ئۆيدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بېرىۋاتقان ۋاقىتتا ئېرىدىن تېلىفون كېلەتتى . ئەتىسى سەھەردە ئېرى ئەنسىرگەن ھالدا ئۇنى ئالغىلى كېلەتتى -دە ئۇنىڭ يىغىدىن ئىشىپ كەتكەن كۆزلىرىنى كۆرۈپ ناھايىتى ئازاپلىناتتى . خۇددى خاتا ئىش قىلىپ قويغان كىچىك بالىدەك بېشىنى ساڭگىلىتىپ تۇرۇپ ھەممىسى مېنىڭ كاساپىتىم دەيتتى . مەن ئىچكىرلەپ ئارلىشاي دىسەم ئەر-خۇتۇن ئىككىسىنىڭ كىچىدىكى جىدەل ماجراسى تۇرسا . ھەر دەپ باقاي دەيمەنيۇ يەنە ئۆزەمنى بېسىۋالىمەن . چۈنكى مەن بۇ ھەقتە بىر قېتىم بۇرنۇمغا يىگەنتىم .
مۇشۇنداق ئىش بىرنەچچە قېتىم تەكرارلاندى . ئېرىمۇ بۇ ئىشلارغا بارغانسىرى پەرۋاسىز قارايدىغان بولدى . ئاخىرقى قېتىم رەنا يەنە بىزنىڭ ئۆيدە قونۇپ قالدى . كەچلىكى ئۇنىڭدىن تېلىفونمۇ كەلمىدى ، ئەتىسى سەھەردە ئۇنى ئالغىلىمۇ كەلمىدى ، بۇنداق ھالەت توپتوغرا بىر ھەپتە داۋاملاشتى. بۇ ئىش ماڭا ناھايىتى نورمالسىز تۇيۇلۇپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بىللە باردىم ، ئېرى رەنانىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپمۇ خوشال بولمىدى . چىرايىمۇ ئېچىلمىدى ، رەنانىڭ چىرايىمۇ ناھايىتى تاتىرىپ كەتكەن ئىدى . مەن ئىككى ئادەمدىن بىرىنىڭ ئاۋۋال باش ئىگىشى لازىملىقىنى ، بولمىسا مۇھەببەتنىڭ مەۋجوتلىقىنى يوقىتىدىغانلىقىنى بىلىمەن . بۇ ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدىكى سوغوق مۇناسىۋەتلەر ئۇرىشى ئۈچ ئاي داۋاملاشقاندىن كېيىن ، ئۇلار ئاجرىشىپ كەتتى . ئاجراشقاندىن كېيىن رەنا نۇرغۇن ئەرلەرنى كۆرۈپ باقتى ، ھەرقانداق قىلىپمۇ لېكىن ئېرىگە ئوخشاش ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغان ئەر كىشىنى ئىككىنچىلەپ ئۇچرىتالمىدى . رەنا ئېرىنىڭ گېپىنى پەقەت ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدىغان بولدى . ئۇ ئاشۇ سوغاق مۇناسىۋەت بىلەن ئۆتكەن ئۈچ ئاي ئىچىدە ، مەن ئۇنىڭ مىجەزىنىڭ چۇس ئەركەك ئىكەنلىكىنى بىلدىم ، بىراق نىمىشقا بۇرۇن ئۇ ماڭا شۇنچە مۇلايىم مۇئامىلىدە بولغاندۇ ؟ – دەيتتى . مەن _ ئۇنىڭ مۇلايىم بولىشىنى سېنى ياخشى كۆرگەنلىكتىن بولغان ، كېيىنكى تاش يۈرەكلىكى _ سېنىڭ ئۇنىڭ دىلىنى رەنجىتكەنلىكىڭدىن بولغان ، سېنى يەنە ياخشى كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغانلىقتىن بولغان ،_ دېدىم رەناغا چۈشەندۈرىپ . بىرسىگە باش ئېگىش ھەرگىزمۇ كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىش ئەمەس . ئۇ پەقەت سېنى ياخشى كۆرگەنلىكى ئۈچۈنلا باش ئەگكەن .
كىمدۇر بىرسى ، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ئىككەيلەننىڭ ئارىسىدا ئىختىلاپ كۆرۈلگەندە ، تۇنجى بولۇپ باش ئەگكىنىنى مۇھەببەت پەرىشتىسى دىسە بولىدۇ ، باش ئىگىش زاۋال تېپىش گىرداۋىدىكى مۇھەببەتنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ دىگەنىكەن . گۈزەل مۇھەببەت مۇساپىسىدە ھامان سان – ساناقسىز باش ئىگىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ، پەقەت مۇھەببەت پەرىشتىسى ھايات بولسىلا ، مەشئىلى مەڭگۈ لاۋۇلداپ تۇرىدۇ .
مۇھەببەت باسقۇچىدىكى ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى رەناغا ئوخشايدۇ . ئېھتىمال ئۇلارنىڭمۇ ئۆزىگە قارىتا ئىشەنچىسى كەمدۇ ياكى قارشى تەرەپنى تازا چۈشىنىپ كەتمىسە كېرەك . ئۇلار ھەمىشە كىچىككىنە ئىشلار ئۈچۈن ئالەمنى مالەم قىلىشىدۇ ، غەۋغا بېسىققاندىن كېيىن ئاشىقى باش ئېگىپ تالاي قېتىم ئەپو سورىسىمۇ ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى نەپرەتنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قارشى تەرەپنىڭ قەلبىدىكى يۈكسەك ئورنىنى بىلگەنلىكى ئۈچۈنلا شۇنداق جاھانغا پاتماي قالىدۇ . شۇنداق ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئاياللارنىڭ مۇھەببىتى باشقىلارنى ياخشى كۆرىشىدىن ، ئۆزىنى ياخشى كۆرىشىنى ئەۋزەل دەپ بىلىدۇ . ئۇلار ھاكاۋۇر ئەرلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىدا باش ئىگىپ تۇرغاندىكى رايىش ھالىتىدىن ھوزورلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خاتا قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ سەۋەنلىكىنى تونىشىنى كۈتىدۇ . سەن رەنانى ياخشى كۆرىسەن ، مەن ساڭا خوجايىن دەپ ، ئويلايدۇ . نىمىلا دىگەنبىلەن قارشى تەرەپ سىزنى قانچىلىك چوڭقۇر دەرىجىدە ياخشى كۆرگەن ھالەتتىمۇ ئۇ قايتا – قايتا باش ئىگىشكە مەجبورلانسا ، ئۇنىڭمۇ ھامان ھاردۇق يەتكەندەك تۇيغۇغا كىلىپ قالىدىغان چاغلىرى بولىدۇ . ھەر قېتىم باش ئەگكەندە ئۇنىڭ قەلبى ئۇنىڭ سىزگە بولغان مۇھەببىتىنى چۈشىنىشىڭىزگە ، ئۆزىگە ئوخشاش دەرىجىدىكى مۇھەببەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرىشىڭىزغا ئىنتىزار بولىدۇ . مۇبادا سىز باش ئەگسىڭىز ، ئۇنىڭ ئالدىنقى قېتىملىق ناماقۇللىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىسىز . ئۇ يۈرەكتە ساقلىنىپ سۆيگۈ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ بارىدۇ .
مۇھەببەت مۇساپىسىدىكى باش ئىگىش ھەرگىزمۇ سەۋەنلىك ئۈچۈن ئەمەس ، ھەقىقىي توغرا بىلەن خاتىنىڭ قانداق مۇھىم تەرىپى بار ؟ مەن سېنى سۆيىمەن ، شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سەندىن ئەپۇ سورىدىم مانا بۇ ئەرلەرنىڭ نەزەريەسى .
ئەرلەر رايىشلىقنىڭ ماھىيىتىنى چۈشەنمەيدىغان ، ئايالنىڭ ئالدىدا ئون قېتىم ، ھەتتا يۈز قېتىملاپ باش ئىگىشكە چىداپ تۇرىشى ، پەقەت مەن خاتا قىلدىم دىگەن سۆزلا بولماستىن قەلب ئەقىدىسىگە بېرىلگەن جاۋاپتۇر . ئۇ ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ مۇھەببىتىنى قەدىرلىيەلمەيدىغان بىر ئايالنى ياقتۇرۇپ قالغانلىقىغا كۆزى يېتىدۇ . ئۇ چاغدا ئۇ بىر بولسا كۆڭلى ئازار يەپ چېكىنىدۇ ، بىر بولسا قەلبى ئازاپقا تولىدۇ . نىمە ئۈچۈن ھەر دائىم مەنلا كەچۈرىم سورايمەن دىگەن خىيالدىن كەچكەندە ، ئەمدى باش ئەگمەسلىك قارارىغا كېلىدۇ .
ئاياللار ھەمىشە نۇرغۇن يىللاردىن كېيىن ئەرلەرنىڭ ئۆزىگە باش ئىگىشىنىڭ مۇھەببەت ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى ، ئۆزىنىڭ ئەينى چاغدا مۇھەببەتنى تەخسىدىكى مەرۋايىتتەك ئويلاپ يۈرگەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ . مۇھەببەتنى ناھايىت ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزىتىپ ، ئاندىن تونۇرغا ئوتنى قاچان يېقىپ ، قاچان ئۆچۈرىشتە خۇددى ۋاقىتقا ئەھمىيەت بەرگىنىڭىزدەك ئۇنىڭغىمۇ شۇنداق ئەھمىيەت بېرىشىڭىز لازىم . مۇبادا سىز مۇھەببەتنى نابۇت قىلماقچى بولسىڭىز ئۇنداقتا سىز ئەبەدىي ئىگىلمەڭ . پەقەت ئۇنى باش ئەگدۈرىش كويىدا بولۇڭ . ئەگەردە سىز مۇھەببەت ھوزورىنى سۈرەي دىسىڭىز ئاچچىقى كەلگەندە باش ئىگىپ ئەپو سوراشنى ئۆگىنىڭ .
ئاخىرىدا دىمەكچى بولغىنىم ؛ مۇشۇنداق قالايماقانچىلىققا تولۇپ كەتكەن جەمىيەتتە ياشاۋاتقان ئىكەنمىز ئۆزىمىزنىڭ ھەر تەرەپلەردىكى ساپايىمىزنى ئۆستۈرىپ . گۈزەل بولغان ئائىلىمىزنى مۇستەھكەم قىلايلى شۇندىلا ئىناق ئائىلە قۇرغىلى بولىدۇ .
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2677