![]() |
« ئـۇ… » تۇرمۇشىڭىزغا قىستۇرۇلۇۋالغاندا…
‹‹ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا بىلدۇرۇشنى خالىمايدىغان سىرلىرى›› دىگەن كىتاپتا مۇنداق دىيىلگەن:
ئەگەر نىكاھلىق بىر ئەر تالاغا قاراپ قالغان بولسا، ئۇ شۇ ئەرنىڭ ئۆيدىن كوڭلى سۇ ئىچمىگەنلىكىنىڭ بەلگىسى، ئەگەر نىكاھلىق بىر ئايال تالاغا قاراپ قالغان بولسا، ئۇ شۇ ئايالنىڭ بۇزۇق خۇتۇن ئىكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى. ئەرلەر راستىنلا :بىز تۇغۇلىشىمىزدىنلا مۇشۇنداق ھۇكۇمرانلىق قىلىش ھۇقۇقىغا ئىگە، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە سىز ئۇلارنىڭ مىڭىسىنى يېڭىۋاشتىن ئۈزۇل- كېسىل يۇيۇشقا ياردەملەشكەندىلا ئۇلار ئۆزگىرىدۇ. ئۇنداق بولمىغاندا، ئۇلار ئۆمۇرۋايات مۇشۇنداق ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋېرىدۇ .
ئەرلەرنىڭ ساداقەتسىز ھەركەتلىرى قەدىمدىن ھازىرغىچە تۇگىگىنى يوق. گەرچە يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان بۇ خىل ئەھۋاللار ئاياللاردىمۇ كۆپىيىشكە باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما سان جەھەتتىن قارىغاندا، ئەرلەر يەنىلا مۇتلەق كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ. ‹بىراق، ئوبدان ئويلايدىغان بولسىڭىز، بىر ئەر بۇزۇقچىلىق قىلغان يەردە چۇقۇم بىر ئايال بار ئەمەسمۇ؟›.
بۇ خىل ساداقەتسىزلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي ئەخلاققا يات دەپ قارىلىپ، جامائەت پىكرىنىڭ ئەيىپلىشىگە ئۇچرايدۇ. بۇلۇپمۇ مۇشۇ ئارقىلىق ئائىلە، ئەر-خۇتۇنلار ئوتتۇرسىدا پەيدا بولغان سۇركىلىشلەر ئۆزىگە، شۇنداقلا مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرگە غايەت زور بېسىم پەيدا قىلىدۇ.
بىراق ئەمىلىيەتتە «ئوۋ» ئوۋلاشنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئەرلەر ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ. ئەمەلىي ئەھۋالنىڭ قانداق بۇلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەركەكلا بولىدىكەن، كۆپىنچىسىنىڭ مۇشۇنداق سىناپ بېقىش ئويى بۇلىدۇ. شۇنداق بولغان تەغدىردىمۇ، كۆپ قىسىم ئەرلەر ئايالىدىن ۋاز كېچىپ، باشقا ئاياللار بىلەن توي قىلمايدۇ. چۇنكى ئايالىنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئانىنىڭ مېھرىگە ئوخشاش مېھرىبانلىققا ئېرىشەلەيدۇكى، بۇنداق مېھرىبانلىقنى« ئۇچۇنچى شەخىس»نىڭ
ئۆزىگە ئاتا قىلالىشى مۇمكىن ئەمەس.
شۇڭا ئايالىغا بىلىندۇرمەسلىك ئۇچۇن ئۇلار ھەر دائىم دەككە-دۇككە ئىچىدە يۇرۇيدۇ. سىرتلاردا تازا «ياشاپ بۇلۇپ» ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئايالىغا ئالاھىدە يېقىنچىلىق قىلىپ كېتىدۇ. ئەگەر ئايالى ئۆزىدىن گۇمانلىنىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ شۇئانلا قەتئىيلىك بىلەن رەت قىلىدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇنداق قىلىشىمۇ بۇ ئائىلىنى بۇزۇشنى خالىمىغانلىقىدۇر. ناۋادا ئۆزىنىڭ قىلمىشى ئەڭ ئاخىرى يەنىلا ئاشكارىلىنىپ قالىدىغان بولسا، ئۇ ھالدا كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئائىلىنى ئويلاپ ، ئايالىنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ گۇناھىنى گەدىنىگە ئالىدۇ.
ئەگەر بۇ ئەھۋاللار سىزنىڭ ئىرىڭىزدىمۇ سادىر بۇلۇپ قالسا، ئەگەر توغرا بىر تەرەپ قىلىش پوزىتسىيىسى قوللانماي، بەلكى ھە دىسىلا ئىرىڭىزنى ئەيىپلەۋەرسىڭىز، ئەكسىچە ئېرىڭىزنى پۇتۇنلەي «ئۇچۇنچى شەخىس» نىڭ قوينىغا ئىتتىرىپ قۇيۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈزۇل-كىسىل ئايرىلىپ قېلىشىڭىز مۇمكىن.
ئۇمۇمەن، ئېرىڭىزنىڭ ساداقەتسىزلىككە قارىتا ھەم زىيادە چالۋاقاپ كەتمەسلىكىڭىز ھەم بىپەرۋالىق قىلماسلىقىڭىز لازىم. ئەڭ ياخشىسى سەۋرىچانلىق بىلەن ئىش كۆرگەن تۇزۇك.
ئەگەر سىز ھەقىقەتەن ئۇنى ئۈستىدىن تۇتىۋالغان بولسىڭىزمۇ غەزەپلەنمەڭ، بۇنداق ئەر ئاللىقاچان سىزنىڭ ئېرىڭىز بۇلۇش سالاھىتىنى يوقاتقان بۇلىدۇ. «ۋاپاسىز ئەرنى خۇددى پاشنىسى چۇشۇپ قالغان ئەسكى ئاياقنى چۆرىۋەتكەندەك تاشلىۋىتىڭ. چۇنكى ئۇ سىزنى بىر تېپىپ يىقىتىۋەتتى ئەمەسمۇ ؟» بۇنداق ئەر سىزنىڭ ئاھ- زار چېكىپ ئازاپلىنىشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ.
شۇنداق، باشقا ئىشلارنى «ۋىجدان سوتى» ۋە « خەلىق سوتى» بىر تەرەپ قىلسۇن. داۋلىلىرىڭىز بولسا ۋارقىراپ كېتىشنىڭ، بىر ئادەمنى جازالىغاندا بېشىنى يېرىپ ، قېنىنى تۇكۇشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇ جاھان بەكمۇ ئۇزۇن جاھان ھىچكىمنىڭ ھىچكىمدە قالمايدۇ .
تۇرمۇشنى قىزغىن سۇيۇش دىگىنىمىز، ئەر- ئايال ئورتاق ياشاش، تۇرمۇشنى چۇشۇنۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماستىن ، بەلكى ئەپۇ قىلىش، يېڭى تۇرمۇش يارىتىشنىمۇ ئۆز ئچىگە ئالىدۇ .
دوستۇم ، ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، نىكاھلاشقانلار نىكاھلاشقۇچە كۆزلىرىنى چوڭ ئېچىپ بىر- بىرىنى كۇزىتىشى، نىكاھتىن كېيىن بىر كۆزىنى قىسىپ ياشىشى كېرەك .
مەنبە ؛ « ئاياللارغا 101 تەكلىپ » دىن ئېلىندى
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2672