سالاملىشىش ئەدەبلىرى
قەدىرلىك بالام، سەن قىرانىڭغا يىتىش يولىدىكى ئالتۇندەك ئىسىل چاغلىرىڭدا تۇرۋاتىسەن. ئىسىل پەزىلەتلەر ساڭا يار بولسا، ئىزگۈ خىسلەتلەرنى ئۆزۈڭگە ھەمراھ قىلساڭ كېيىنكى ھاياتلىق يولۇڭ تېخىمۇ مەنىلىك، جۇشقۇنلۇق، پاكىزلىق ئىچىدە ئۆتكەي. سەن كىشىلەر بىلەن قىزغىن، سەمىمىي ئالاقە ئورنىتىپ، ھەممىسىنىڭ ھۆرمەت نەزىرىدىكى ئىززەت ساھىبى بولۇشنى خالامسەن، بالام ؟ ئۇنداق بولسا كەل، مەن ساڭا كىشىلەرنىڭ مەيلىنى ئۇتۇپ، دىلنى رام قىلىش، ئۆزۈڭنىڭ ئىسىل پەزىلىتىڭنى، پاكىز كۆڭلۈڭنى كىشىلەرگە، خەلقىئالەمگە ئىزھار قىلىشتىكى موھىم ئەدەپتىن بىرنى تەلىقىن قىلاي. ئۇ ھەل سالام ئاتلىق مەرھابا سۆزدۇر.
بالام، كىشىلەرگە چوڭقۇر ئەدەب، ھۆرمەت بىلەن سالام بەر. ھالام قەلىبلەردىن قەلىبلەرگە ئوچۇق يول ئاچىدۇ. سەن بىراۋغا سەمىمىي، خۇش چىراي، ئىللىقلىق بىلەن ئىگىلىپ ئەدەب بىلەن سالام بىرىۋاتقىنىڭدا ئۇنىڭ قەلب داستىخىنى سەن ئۈچۈن بىھېساب كەڭلىكتە يىيىلىدۇ ۋە سىنى “ مەرھابا، مەرھابـا “ دەپ ئۆزىنىڭ قەلب سارىيىنىڭ تۆرىگە ئەزىزانە مېھمان سۈپتىدە چىللايدۇ. شۇڭا بالام، سالام قىلغان ئىكەنسەن، خۇش چىراي، ئىللىقلىق بىلەن بەجا كەلتۈر. سالامغا كىبىر ئارلاشتۇرما، سالامدا چوڭچىلىق قىلما، سەن تۇرمۇشتا بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى، نوپۇزى، ھوقۇقى، ئابرويى ياكى ئاتا – ئانىسىنىڭ يۈز ئېتىبارى بىلەن كىشىلەرگە سوغۇق موئامىلىدە خالار – خالىماس سالامدا بولىدىغىنىنى كۆرۈپ قالىسەن. ئەپسۇس دېمەككى، بالام سالامدا نوپۇز يوق، سالامغا كىبىر، ئابرۇي – ئىناۋەت ئەسلا كېرەك ئەمەس. ھۆرمەت – ئىززەت ئىتىبارىدا قۇل بىلەن شاھنىڭ سالام – سەھىتىنىڭ قىممىتى ئوخشاشتۇر. ئەمما بىز نىمىشقا بەزىلەرنىڭ سالىمىغا خالار – خالىماسلا باش لىڭشىتىپ قويىمىز، ئەمما يۈزى، ئىناۋىتى، ھوقۇقى، پۇل – مىلى يۇقىراراق بىرىنىڭ ئەڭ ئادەتتىكىچە باش لىڭشىتىپ، خالار – خالىماس كۈلۈمسىرەپ قويۇشىغىمۇ ئېگىلىپ – پۈكۈلۈپ كىتىمىز. بىز بەزىدە بىراۋلارنىڭ قانداقتۇر مەلۇم بىر شەخس بىلەن كۆرۈشۈۋالغىنىدىن كېرىلىپ، ئۆزىنى چەكسىز بەختلىك ھېس قىلىپ كەتكىنىنى ئاڭلاپ قالىمىز. تۇرمۇش ھاياجاننى، تەنتەك ھېسلارنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئوخشاش بىر سالاملىشىش، كۆرۈشۈشكە ئىككى خىل مۇئامىلە قىلىش ياخشى پەزىلەت، ئادەت ئەمەس. شۇڭا ھەممە نەرسىگە ئىلمىي، سەمىمى مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋال. كىمدۇر بىراۋنىڭ كۈلۈمسىرەپ سالام قىلىپ قويۇشىدىن خۇدۇڭنى يوقىتىپ قويما. شۇنداقلا يەنە كىملەرنىڭدۇر سوغۇق سالاملىرىدىن ئۆرتىنىپ كەتمە. ئىنسان ئەڭ ئالدى بىلەن ئۆزى شەيئىلەرگە ئىللىق مۇئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى كېرەك. تۇرمۇشقا يېتەرلىك ئەجىر سىڭدۈرەلىگەن ئادەم ئاندىن ھاياتتىن بەھرە تەلەپ قىلالايدۇ. شۇڭا، ئەڭ ئالدى بىلەن كىشىلەرگە ئىللىق، ئوخشاش، ئوچۇق چىراي سالام قىل، كىشىلەرنىڭ ساڭا بولغان قارىشىنى ياخشىلا، شۇندىلا كىشىلەردىن ساڭىمۇ مۇھەببەتلىك ھالاملار ياغىدۇ.
بالام، سالام بىر – بىرىگە بولغان ياخشى تىلەك، ئارزۇدۇر. شۇڭا ئۇنى قوپال، غەيرى يۇسۇنلارغا ئايلاندۇرۇپ قويما. بىز بەزى ئوغۇللارنىڭ بىر – بىرى بىلەن مۇشتلىشىپ، تىللىشىپ، ھەتتا شۇ قەدەر مەينەت، بېزەپ ئىبارىلەر بىلەن سالاملىشىدىغىنىنى ئاڭلاپ قالىمىز. سالام ـ پاكىز تىلەك بولغانكەن، ئۇنىڭ ئەدەب – ھايا ئىچىدە بولغىنى ياخشى. گەرچە بەزى قوپال چاقچاقلىشىپ ئەھۋال سورىشىش پەۋقۇلئاددە يېقىنلىقنىڭ ئالامىتى بولسىمۇ، لىكىن ئاممىۋى سورۇنلاردا بۇ خىل قوپاللىق ۋە سەت تىللار ئەتراپتىكى باشقا كىشىلەرگە بىئاراملىق ئىلىپ كىلىشى مومكىن.
داۋامى بار…
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1616