تۇرمۇش خاتىرىسى

بالىلار ئىزدەۋاتقان ئائىلە مۇھىتى

ئائىلە – ئەر – ئايال، پەرزەنتنىڭ بىرىكمىسىدىن تەشكىل تاپقان، ئەر – ئاياللىق مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان، ئاتا – ئانىلىق بۇرچىنى ھېس قىلدۇرىدىغان، ئاتا – ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى رىشتىنى چىڭىتىدىغان، پەرزەنتلەرنىڭ قەلبى مېھىر – مۇھەببەت بۇلاقلىرىدىن سۇغىرىلىپ، ئەخلاق مىزانلىرىدىن دەرس ئالىدىغان، ئەرنى تۇلپارغا، ئايالنى نازىنىغا، پەرزەنتنى شۇڭقارغا ئايلاندۇرىدىغان مۇقەددەس ۋەتەندۇر. ئائىلە – بىر كېمە، ئەر – ئايال بۇ كېمىنىڭ موتورى ياكى پالاق ئۇرغۇچىسىدۇر. پەرزەنت بۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ ئالەمنى كەزگۈچى، دۇنيانى بىلىش ئىستىكىدە يولغا چىققان كەلگۈسىنىڭ ئالىمىدۇر. ئاتا – ئانا بولغۇچى يۈرەك قېنى بىلەن بۇ كېمىنىڭ موتورىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ تۇرۇشى، نىشاننى توغرا بەلگىلەپ بالا بىلەن ئەتراپتىكى شەيئىلەردىن ھوزۇرلىنىشى، شۇ ھەقتە ئورتاق مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشى، شىددەتلىك دولقۇنلاردا كېمىنى غەرق قىلىۋەتمەي ئامان ئۆتكۈزۈشى، بالىنى بوران – چاپقۇن، يامغۇر – يېشىنلاردىن مۇداپىئە قىلىشى ۋە ئانچە – مۇنچە چىنىقتۇرۇشى، بالا بۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ بەختتىن ھوزۇرلانغۇچى بولۇپلا قالماستىن، ئاتا – ئانىسىنىڭ جاپاسىنى ھېس قىلىشى، ئۇلارنىڭ مۇھەببىتىدىن ھەم ھوزۇرلىنىشى، ھەم تەسىرلىنىشى، بەزىدە پالاق ئۇرغۇچىغىمۇ ئايلىنىشى كېرەك. بىر قېسىم ئاتا – ئانىلار بۇ كېمىنى چۆكتۈرۋەتمەي ھەيدەپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، بالىلار ئۇلارنىڭ دەتالاشلىرىنى، بىر – بىرىنى ئەيبلەشلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇرۇشىۋاتقانلىرىنى كۆرۈپ بۇ كېمىدىن خاتىرجەمسىزلىنىدىغان، باشقىلارنىڭ كېمىسى ئۆزلىرىنىڭكىدىن بىخەتەردەك، ئۇلارنىڭ پالاق ئۇرغۇچىلىرى تەدبىرلىكتەك تۇيۇلىدىغان، كېمىگە چىققۇسى كەلمەيدىغان بولۇپ قالماقتا.
ئائىلە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان بولۇپ، بالىلار بۇ مۇھىتتا ئەتراپلىق تەربىيەلىنىشى، بۇ مۇھىت بالىلارنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس تەسىراتلارنى قالدۇرۇشى كېرەك. بەزى ئائىلىلەر ھەشەمەتلىك زىننەتلەنگەن، ئائىلىدىكى ئەر – ئايال زامانغا لايىق كىيىنىپ ياسانغان بولسىمۇ، ئۇلاردا ئەر – ئاياللىق، ئاتا – ئانىلىق ساپا تۈزۈك يېتىلمىگەن بولغاچقا، بالىلارغا كېرەكلىك ئائىلە مۇھىتى ھازىرلاپ بېرەلمەيۋاتىدۇ. ئەر – ئاياللارنىڭ جەڭگى – جىدەللىرى، ئائىلە بىلەن كارى بولماي سىرتتىكى ئىشلارغا بېرىلىشى، بالىنىڭ ماددىيلىقىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، مەنىۋىيلىكىگە سەل قارىشى بالىلارنى تۈرلۈك پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرگە، پىسخىكىلىق مەسىلىلەرگە دۇچار قىلماقتا. بىز ئائىلە مۇھىتىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى سەۋەبلىك پىسخىكىدا مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلارنىڭ دەردلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىمىز.
… مېنىڭ ئەستە ساقلا ئىقتىدارىم شۇنداق تۆۋەن، دەرس ۋاقتىدا ئۈگەنگەن مەزمۇنلارنى دەرستىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كېتىمەن، بۇنىڭغا دادام بىلەن ئاپامنىڭ توختىماي جىدەل قىلىشلىرى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. كېچىك ۋاقتىمدا دادام دائىم ھاراق ئېچىۋېلىپ ئاپامنى ئۇراتتى. بىز دادامنى توسساق بىزنى تىللايتى. مەن ئۇلارنىڭ ھوجرىسىغا كىرىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمايتىم. ئۇلار بىلەن سىردىشىشقىمۇ پۈرسەت مەرمەيتتى. ئاپام بۇرۇن ئاجرىشىپ كېتىمەن دېگەننى ئويلىغان بولسىمۇ، بىزنى دەپ ئاجراشماي سۈكۈت قىلىپ كەلگەندى…
مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتى تۈپەيلىدىن دەرسخانىدا دىققىتىم چېچىلىپ كېتىدۇ. ھەر قانچە دىققىتىمنى يىغىپ دەرس ئاڭلاي دېسەممۇ، يەنە خىياللىرىم ئائىلىدىكى ئىشلارغا كېتىدۇ. ئۆيگە قايىتقۇممۇ كەلمەيدۇ، سىنىپتىمۇ باشقا بالىلار بىلەن ئارىلاشقۇم كەلمەيدىغان بولۇپ قالدى…
مانا بۇ ئوغلۇم بىلەن بىللە دەرس تەكرارلايدىغان، دەرىستە ئارقىدا قالغان بىر سەبىي بالىنىڭ ئىيتقانلىرى…
ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى بىر – بىرىگە ئىشەنمەسلىك، باشقىلاردىن ئالالمىغان دەردىنى ئائىلە ئەزالىرىدىن ئىلىشتەك بىر قاتار سەۋەبلەر ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى زىدىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۋېتىپ، ۋاقىت، سورۇن تاللىماي جېدەللىشىدىغان قىلىپ قويغان. ئەر – ئاياللارنىڭ بىر – بىرىگە يول قويماي جېدەللىشىشى ئۇلارنىڭ ئىناقلىقىنى بۇزىدۇ. بۇ خىل سوغۇق ئائىلە مۇھىتى بالىلاردا ئۆزىنى شۇ ئائىلىدە ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلىشقا، ئاتا – ئانىسىنىڭ بالىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئېسىدىن چىقىرىپ، بالىنىڭ يۈزىنى قىلماي كۆز ئالدىدىلا ئۇرۇشۇپ كېتىشلىرى بالىلارنىڭ غورۇرىغا تېگىپ ئاتا – ئانىسىغا باشقىچە نەزەردە قارايدىغان بولۇپ قېلىشىغا سەۋەبچى بولۇپ قالغان. ئەر – ئاياللار بىر – بىرىگە غۇم ساقلاپ، قېيدىشىپ يۈرسە بالىغا ئىللىق مۇئامىلىدە بولۇشى ناتايىن. شۇنىڭ بىلەن بالىلار ئاتا – ئانىدىن ئېرىشىشكە تىگىشلىك نەرسىلەرگە ئىگە بولالماي، ئائىلىدىن بىزار بولىدىغان، ئۆيگە قايتماي تورخانىلارغا، باشقا ياقلارغا قاترايدىغان بولۇپ قالىدۇ.

بالىلارنىڭ يېمەك – ئىچمىكىنى مول، كىيىم – كېچىكىنى ئېسىل قىلىپ، ئۆيگە كومپيۇتېر سەپلەپ بېرىپ، كېرەكلىك ماتىرىياللارنى ئىلىپ بەرگەنلىك ئائىلە مۇھىتىنى ياخشىلىغانلىق بولمايدۇ. ئۇ شارائىتلار تولۇق بولۇپ، ئەر – ئاياللار دائىم جېدەللىشىپ يۈرسە، ئەر ھاراق ئېچىپ، قىمار ئويناپ سىرتتىن كېرمىسە، ئايال ئۆزىنى ياساپ قاتار چاي ئويناپ يۈرسە، ئائىلە مۇھىتىنى گۈزەللەشتۈرىدىغان، جانلىقلىققا ئىگە قىلىدىغان ئاتا – ئانىنىڭ خۇشال كۈلكىلىرى، ياڭراق « ناخشىلىرى »، سەمىمىي سۆھبەتلەر، بىر – بىرىگە ھەمدەم بولۇشلار، بالىنى چىن مېھرى بىلەن قۇچاقلاپ، مەڭزىگە تاتلىققىنە سۆيۈپ، بۇرنىنىڭ ئۇچىنى تۇتۇپ ئەركىلىتىشلەر، بالىنىڭ قىزىقىشى، ئىش – ھەرىكەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشلەر ئازلاپ كەتسە، بۇ ئائىلىنى قانداقمۇ مۇھىتى ياخشى ئائىلە دېگىلى بولىدۇ؟ بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولىۋاتقان بالا قانداقمۇ خۇشال بولالىسۇن؟ ئائىلىنىڭ ئەر – ئايال، پەرزەنتكە نېسبەتەن ئەھمىيىتى زادى قەيەردە؟ ساغلام ئائىلە مۇھىتى نېمىلەردىن تەشكىل تاپىدۇ؟
ئەر – ئاياللارنىڭ ئىناقلىقى ساغلام ئائىلە مۇھىتىنىڭ يادرۇسىدۇر. ئەر – ئاياللار ئەر – ئايللىق مۇھەببەتتىن بەھرىمەن بولىمىز، ھاياتنىڭ ئۇزاق سەپەرلىرىدە بىز – بىرىمىزگە يار- يۆلەكتە بولۇپ ياشايمىز، پەرزەنتلىك بولۇپ، ئۇنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشۇپ مىللەتنىڭ ياراملىق ئىگىسىگە ئايلاندۇرىمىز، دېگەندەك ئارزۇ — ئىستەكلەر بىلەن ئائىلە قۇرىدۇ. باشقا – باشقا ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان، ئۆزىگە خاس خاراكتېرى بار ئىككىيلەن مۇھەببەتلەشكەندە گېپى بىر يەردىن چىققاندەك، بىر – بىرىنىڭ ئۇسسىغان يېرىگە بارىدىغاندەك ھېسسىياتتا تۇرۇپ بىر ئائىلىگە كىرىدۇ. بىللە ياشاش جەريانىدا مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش، ئائىلە ئىقتىسادىنى باشقۇرۇش، پەرزەنت تەربىيلەش جەھەتلەردە پىكىر ئىختىلابى كۆرۈلمەي، زىدىيەتلەشمەي يېڭى توي قىلغان ۋاقتىدىكىدەك شېرىنلىك ئىچىدە ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ھەر بىر ئىشتا ئەر – ئايالنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق كۆزقارىشى، بىر تەرەپ قىلىش پىلانى بولىدۇ. ھەر ۋاقىت پىكىر – بىرلىكى ھاسىل قىلالىشى ناتايىن. ئەر – ئايال ئوخشىمىغان قاراشلارغا ئىگە بولغاندا ئەر بولغۇچى مەن دېگەن ئەر كىشى، ھەممە ئىشتا مېنىڭ دېگىنىم يوللۇق، دەپ ئۆز كۆزقارىشىنى ئايالىنىڭ قوبۇل قىلىشىغا زورلىسا، ئايالك بولغۇچى مەنمۇ مۇشۇ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى تۇرسام، نېمە دەپ ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ماڭىدىكەنمەن، مېنىڭمۇ قارىشىم، ئۇسۇلۇم يوللۇق دەپ ھەر ئىككىلىسى ئۆزلىرىنىڭكىنى يورغىلاتسا، ئارىدا پىكىر ئىختىلاپى كۆرۈلىدۇ. ئىختىلاپ كۈچەيگەنسېرى زىدىيەت چوڭقۇرلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەر قانداق ئىشتا تالاش – تارتىش قىلىشىپ ئۇرىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەر – ئاياللار توغرا – خاتا، ھەق – ناھەقنى ئېنىقلايمەن دەيدىكەن، زىدىيەت تۈگۈمەيدۇ. ئائىلە توغرا – خاتانى ئايرىپ، ھەق – ناھەقنى قولغا كەلتۈرۈش سەھنىسى ئەمەس. ئەگەر ئائىلە شۇنداق سەھنىگە ئايلىنىپ قالسا ئۇلۇغلۇقىنى يوقىتىپ، ئەر – ئاياللارنىڭ ئويۇن قويۇش سەھنىسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. بالا بۇ سەھنىدىكى نومۇرلارنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىمۇ باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان، ھەممە ئىشتا ئۆزۈمنىڭ راست دەيدىغان، ئۆز مەنپەئەتىگە ئازراقلا زىيانلىق بولسا، شۇ ئىشنى قىلىشتىن باش تارتىدىغان ئادەم بولۇپ چىقىدۇ. ئالىم ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ئەر – ئايللاردىكى بىر – بىرىگە قېيداپ ئائىلىنىڭ ئىچكى مۇلازىمەتلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەسلىكىنى ناھايتى ئوبرازلىق قىلىپ « ئائىلە چىرىغىنىڭ مايسىراپ قېلىش ئىللىتى » دەپ ئاتىغانىدى. ئەر – ئايال بىر – بىرىگە قېيداپ ئائىلىنىڭ ئىشلىرى بىلەن كارى بولمىسا، بالىغا كۆيۈنمىسە، بۇنداق ئائىلە گۇمران بولماي قالمايدۇ. ئائىلە ئەر – ئايالنىڭ دىل بىرلىكىگە قۇرۇلغان كىچىك جەمئىيەت بولۇشى كېرەك. ئەر – ئايال بۇ جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەن، يولۇققان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا ئورتاق پىكىرگە كېلىشى، كېمنىڭ يوللۇق بولسا، شۇ بويىچە ئىش كۆرگىنى ئەۋزەلدۇر. ئائىلە مۇشتۇرمزورلۇقنى، دىكتاتورنى كۆتۈرەلمەيدۇ. ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدا دىل بىرلىكى بولسا، مېھىر – مۇھەببەت كۈچىيىدۇ. مېھرى – مۇھەببەتكە تولغان ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەت ئىناقلىققا تولغان ئائىلە مۇھىتىنى يارىتىدۇ. ئەر – ئايال ئىناق بولسا بالىلارنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كۈچلۈك، ئالغا ئىنتىلىشچان، باشقىلار بىلەن ئوڭاي چىقىشالايدىغان بولۇشقا ئاساس سالىدۇ. « ئايال ئائىلىنى بىنا قىلغۇچى، ئىسلاھ قىلغۇچى، گۈزەللەشتۈرگۈچى، پاراۋانلاشتۇرغۇچى، ئىناقلاشتۇرغۇچى مۇرەببە » ( ئابدىشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن ). ئەرنىڭ غەيرى خۇيلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، ئۇنىڭغا ماسلىشىپ، ئۇنى بىلىندۈرمەي ئۆزگەرتىپ، ئەرلىك جاسارەت، ئەرلىك پەزىلەتكە ئىگە قىلىش ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى ئەڭ ھالقىلىق خىزمىتىدۇر. ئايال ئەر بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرماي ئۇنىڭ بىلەن ئىناق ئۆتۈشنىڭ ئېپىنى بىلەلىسىلا ئەر – ئايال زىدىيەتلەشمەيدۇ. ئۆتكۈزۋېتىشكە، سۈكۈت قىلىشقا تىگىشلىك ۋاقىتتا بولدى قىلىۋەتسە، تالىشىپ ئولتۇرمىسا، ئەرلەر ئۆزلىرى سۆزلەپ ئاچچىقى يېنىپ قالىدۇ – دە، كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، ئاياللىقمۇ بىر سەنئەت. تاتار ئالىمى رىزائۇددىن ئىبىن فەخرۇددىن ئەر ئۈستىدە توختىلىپ: « ئەرنىڭ پېقىر – گادايلىق ئۇنىڭ ئۈچۈن نوقسان ئەمەس، ئەرنىڭ بايلىقىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن پەزىلەت ئەمەس، ھورۇنلۇق، ھاراقكەشلىك ۋە سەلبىي خۇلق ئەرنىڭ پاجىئەلىك ئىللەت نوقسانى ھېسابلىنىدۇ » دېگەنىدى. ئەر ئەرگە خاس خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، ئايالىنى قايىل قىلالايدىغان، ئايالىنى ھېيىتتۇرالايدىغان ئەمەللىرى، خىسلەت – خۇلقلىرى بولغاندىلا ئاندىن ئەر ئايالنىڭ يۈلەنچۈكى، بالىنىڭ غەمگۈزارى بولالايدۇ.
بالىلارنى ياخشى تەلىم – تەربىيە مۇھىتىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۇنجى مەكتىپى بولغان ئائىلە مۇھىتىنى ياخشىلاش زۆرۈر. بالىلار ئارزۇ قىلىۋاتقان ئائىلە مۇھىتىنى ئەر – ئايالنىڭ ئۆز مەسئولىيىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە تونۇش، ئەر – ئاياللىق مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ، ئاتا – ئانىلىق قەلبىنى ھەقىقى رەۋىشتە ئىلمىي ئىپادىلەپ، ئائىلىنى بالىنىڭ ئەڭ خاتىرىجەم ماكانىغا، خۇشاللىققا ئىگە بولىدىغان گۈلزارلىق بېغىغا، بەخت تۇيغۇسىغا چۆمۈلۈپ تۇرىدىغان جەننەتكە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق بەرپا قىلغىلى بولىدۇ. ئاتا – ئانىسىدىن ھەقىقى رازى بولغان، ئاتا – ئانىسىغا ئىچ – ئىچىدىن قايىل بولغان بالا ئائىلە مۇھىتىدىن رازى بولىدۇ. بالىلارغا كېرەكلىك نەرسىلەرنى بېرەلىگەن ئاتا – ئانىلار بالىلار تەلەپ قىلىۋاتقانئائىلە مۇھىتىنى ھارىلىيالايدۇ. شۇڭا بالىلىرىمىز يېتىمسىراپ، غىرىپسىنىپ قالماسلىقى، ئائىلىدە ياشاپ تۇرۇپ ئائىلىسىدىن بىزار بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاتا – ئانىلار ئۇلارنىڭ قەلب تىۋىشلىرىنى ئاڭلاشنى ئۇنتۇپ قالمايلى. ئۇلار بۇلاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇسسۇز قالمىسۇن. ئائىلە ئۇلار سەسكىنىدىغان جايغا ئايلانمىسۇن.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3333

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-02-17
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئائىلە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: