![]() |
كىچىكلەرنىڭمۇ ھۆرمەتلىنىشكە ھەققى بار
بۈگۈن تازىمۇ قاملاشمىغان ئىش بولدى. سېنى بۇ دوقمۇشتا، بۇ ھالەتتە كۆرۈپ ئۆز كۆزۈمگە ئىشىنەلمەيلا قالدىم دوستۇم. كۆز ئالدىڭدىكى تېخى ئاغزىدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن ئاشۇ ئون نەچچە ياشلاردىكى مايلامچى بالىنىڭ ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاق پايپىقىڭنىڭ كىچىككىنە يىرىگە ئاياغ مېيى تەككۈزۈپ قويغىنى ئۈچۈن بۇ قەدەر ئېغىزغا ئالغۇسىز قەبىھ سۆزلەر بىلەن تىللاپ ھاقارەتلىگىنىڭگە ئارقاڭدا تۇرۇپ ئاڭلاپ مەن چېغىمدا چىدىيالمىدىم. چەكچەيگەن قورقۇنچلۇق كۆزلىرىڭ، قەھىرلىك ھۆرپىيىشلىرىڭدىن بىچارە بالا كۆزلىرى لىققىدە ياش، لاغ – لاغ تىتىرىگىنىچە سەندىن ئەپۇ سوراپ شۇنچە يالۋۇرسىمۇ، يەنە ئۇنى ئۇرۇشقا قول كۆتۈردىڭا ؟! ئەگەر ئارقاڭدىن تۇتۇۋالمىغان بولسام شۇ ئالقانلىرىڭ بالىغا ئەمەس، دەل مىنىڭ يۈرۈگۈمگە تەگمەسمىدى… كىچىككىنە بالىغا بۇقەدەر قەھرى – غەزەپ قىلىشقا چىدىغان زادى قانداق يۈرەك سەندىكى دوستۇم ؟؟؟
ئۆزۈڭنى بىسىۋال… ئۇ تىخى بالا… ئۆزۈڭدىن چوڭلارغا شۇ قەدەر ئەدەپ بىلەن ئىززەت – ئىكرام كۆرسىتىسەنۇ، نېمىشقا شۇ ئىززەت – ئىكرامنىڭ يىرىمىنى بولسىمۇ ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە قالدۇرمايسەن ؟
كىچىكلەر گەرچە ياش، تەجىرىبە ۋە ئىلىمدە سەندىن تۆۋەن تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇلار ھەر قايسى جەھەتلەردىن كىچىك، يۇمران ھالەتتە تۇرۇۋاتقاچقا، ئۇلارغا چىرايلىق گەپ قىل. ئەدەپ بىلەن مۇئامىلە قىل. ئۇلارنىڭ تېنى تېخى يۇمران، قەلبى نازۇك، كىرسىز، شۇنداقلا جاھاننىڭ تۈرلۈك – تۈمەن ئىشلىرىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش توغرۇلۇق مۇكەممەل ئاڭ، قاراش شەكىللەنمىگەن. شۇڭا ئۇلارنىڭ تېنى، قەلبى ئوڭاي زەربىگە ئۇچرايدۇ. كىچىكلەر، ئۆسمۈرلەر ئوڭاي ھاياجانلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاسان رەنجىيدۇ. مەلۇم ئىش – مەسىلىلەرگە ئاسانلا قىزىقىدۇ، ئەمما يەنە قىلىۋاتقان، قىزىقىدىغان ئىشىدىن شۇنداق تېز يالتىيىپ قالىدۇ. ئەتراپىدا يۈز بىرىۋاتقان ئىش – كۈشلەرنى دورايدۇ. شۇلاردىن ئۈگۈنىدۇ ۋە ئاشۇ ئىش – ھادىسىلەرنىڭ تەسىرى بىلەن قانداق قىلىش – قىلماسلىقنى، نېمە قىلىش – قىلماسلىقنى ئۈگۈنىدۇ، ئىيتايلى، سەن بىر ئۆسمۈرنىڭ بىرەر ئىشىنى ھەل قىلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن، سەمىمىي ياردەم بەرگەن بولساڭ، ئۇ جەزمەنكى كىشىلەرگە ياخشىلىق قىلىش، ياردەم قىلىشنى خوشاللىق دەپ بىلىدىغان، شۇنىڭدىن لەززەتلىنەلەيدىغان بالا بولۇشقا تىرىشىدۇ. سېنىڭ كىچىككىنە ياردىمىڭمۇ ئۇنىڭ قەلبىدە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرات قالدۇرۇپ، ئۇنى ياخشىلىق تامان يىتەكلىشى مۇمكىن. ئەگەردە سەن ئۇنى يوقىلاڭ ئىشلارنى باھانە قىلىپ بوزەك ئەتكەن، زومىگەرلىك قىلىپ ئۇنىڭ شەخسىيىتىگە تېگىدىغان قوپال، ھارامزادە ئىشلار بىلەن شۇغۇللانغان بولساڭ، بۇ تۈپەيلى ئۇنىڭ نازۇك كۆڭلى قاتتىق رەنجىشى، كىشىلەرگە بولغان سەمىمىي ئىخلاسى سوۋۇپ كېتىشى ۋە ھەتتا باشقا بالىلاردىن سېنىڭ ئۇسۇلۇڭ بىلەن ئۆچ ئىلىشنى ئۈگۈنۈشى مۇمكىن. يەنى سېنىڭ مۇغەمبەرلەرچە ئۇنى بوزەك قىلىشىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە يامانلىقنىڭ، جىنايەتنىڭ تىكەن – شۇمبۇيىلىرىنى ئۈندۈرۈشى مۇمكىن. ئىشەنمىسەڭ كىچىك بالىغا ئادەم تىللايدىغان ئىككى ئېغىز گەپ ئۈگۈتۈپ باقە، قېنى ؟ ئۇ خوشاللىق بىلەن ئالدىغا ئۇچرىغانلىكى ئادەمنى تىللاپ ئوينايدۇ. ئىككى بالىنىڭ ئالدىدا سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىپ باققىنچۇ ؟ ئۇ ئىككى بالىنىڭ بىردەمدىلا سەن ئىشلەتكەن بەدەۋى گەپلەرنى چۈشەنمىسىمۇ، شۇنى ئىشلىتىپ بۇزۇق ئەلپازدا بىر – بىرىگە ھۈرپەيگىنىنى كۆرىسەن.
شۇنداق دوستۇم، كىچىكلەر ئۆزلىرىگە قىلىنغان ھەر قانداق بىر مۇئامىلە ۋە ياكى ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەر بىر قىلىق – ھەرىكىتىدىن ئىنتايىن زور دەرىجىدە ئۈلگە – ئۆرنەك ئالىدۇ ۋە ئاستا – ئاستا ئۆزىگە خاس خاراكتېر يارىتىشقا باشلايدۇ. ئەمما، ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆزىگە خاس خاراكتېرىدە ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان مۇتلەق خاسلىق بولمايدۇ. ئۇ ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆزى بىلەن ئۇچراشقان ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ مىجەز – خاراكتېرى، ئىش بىجىرىش ئۇسۇلى، ئالاقە سەنئىتى، ھەتتا كۈلۈشى، تاماق يىيىشى، تاماكا چېكىشى، گەپ – سۆز ئىشلىتىشى، بۇرنىنى كوچىلىشى… دېگەندەك ئەڭ ئۇششاق – چۈششەك ھەرىكەتلەردىنمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە ئۆزىگە تەسىر قوبول قىلىدۇ. ئەگەر بىر ئۆسمۈر ئەدەپ قائىدىلىك، ئىلمىي كىشىلەر بىلەن كۆپ ئۇچراشسا، ئۇنىڭ ئىش – ھەرىكەت، خاراكتېرىمۇ تەبئىيلا سىلىق – سىپايە ھەمدە ئىلىمخۇمارلىققا مايىل بولۇپ يېتىشىپ چىقىدۇ. ئەگەردە بىر ئۆسمۈر جېدەل ئۆكسۈمەيدىغان، ئېغىزى شۇ قەدەر بىزەپ، قالايمىقانچىلىق، مەينەتچىلىك، ھۇرۇنلوق، چۈشكۈنلۈك تولغان بىر ئائىلىدە ئۆسۈپ يىتىلسە، ئاشۇ خىل ئادەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرۇش نىسبىتى كۆپ بولسا، ئۇنىڭ تۇرمۇش قارىشى ۋە خاراكتېرىمۇ تەبئىيلا پاسىقچىلىققا، نادانلىققا يېقىن بولۇپ قالىدۇ ۋە بۇ خىل ھالەتتىن يىرگەنمەيدىغان دەرىجىدە مەينەتچىلىككە ئادەتلىنىۋالىدۇ.شۇڭا، غەيۋەتخور خوتۇننىڭ بالىسى پىتنە – پاساتقا ئامراق كىلىدۇ ئەمەسمۇ ؟!
شۇڭا دوستۇم، كىچىلەر ئالدىدا تولىمۇ ئھتىياتچانلىق بىلەن ھەرىكەت قىل. ئەڭ چىرايلىق سۆزۈڭنى شۇلارغا بەر. ئەڭ تاتلىق مېھرىڭنى ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە بېغىشلا، ئەڭ قىممەتلىك سوۋغىلىرىڭنى ئۆزۈڭدىن كىچىكلەرگە سۇن. كىچىكلەر ئەتە- ئۆگۈنلا ئۆسۈپ يېتىلىپ، چوڭ بولىدۇ. سەن كىچىك، ئەرزىمەس بىلىپ، پەرۋاسىز مۇئامىلە قىلىدىغان ئۇكىلىرىڭ، ئىنى – سىڭىللىرىڭ ھامان چوڭ بولۇپ، ئائىلە تەشكىل قىلىدۇ، جەمئىيەتنىڭ تايانچ كۈچلىرىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ قاداقلىقى ماھىيەتتە سېنىڭ ئائىلەڭ، قوۋمىڭ، جەمەتىڭنىڭ قانداقلىقىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. كىچىكلەرگە قىلغان مۇئامىلەڭ كەلگۈسىڭگە قىلغان مۇئامىلەڭدۇر. شۇڭا دوستۇم، كىچىكلەرگە كاتتا ئىززەت كۆرسەت. ئۇلارنى كىچىك، ئىش ئۇقمايدۇ دەپ كۆزگە ئىلمايدىغان ئىشنى ھەرگىز قىلما. دەل ئۇلار ئىش ئۇقمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا ئەڭ چىرايلىق سۆزلىرىڭ، ئەڭ ئېسىل ھەرىكىتىڭ بىلەن ئىش ئۇقتۇر، ئەدەپ ئۈگەت. ئۇلار قانداق ياشاش، ئاتا – ئانا، چوڭلارنى، ئۇستازلەرنى قانداق ھۆرمەتلەش كېرەكلىكىنى، كىشىلەر ئارا ئالاقىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە ھاياتتا نېمىلەردىن ساقلىنىش، قانداق ئىشلارنى قىلماسلىك كېرەكلىكىنى سېنىڭ ھەر بىر ھەرىكىتىڭدىن ھېس قىلالىسۇن. كىچىكلەر ئالدىدا ھەرگىز سەت گەپ قىلمىغىن، ئۇلارنىمۇ قوپاللىق بىلەن تىللىما ۋە دۆشكەللىمە. ئۇلاردىمۇ سېنىڭكىگە ئوخشاش غورۇر بار. ئۇلار گدھىدا ساڭا ئاشكارا ھۆكىرىيەلمىگەن بىلەن ئۆچمەنلىك، نارازىلىقىنى قەلبىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىگە كۆمۈپ ساقلاپ قويۇشى مۇمكىن ۋە بىر كۈنلەردە تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھالدا پارتلاپ قېلىشى مۇمكىن. كىچىكلەرگە زىيانلىق، ئۇلارنىڭ سالامەتلىكى، ئۆسۈپ – يېتىلىشى، پىسخىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان ئويۇن، ئىچىملىك، چىكىملىك ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىنى ئۈگەتمىگىن، ئۇلار ھاياتنىڭ مەنىگە تولغان ئىللىقلىقىدىن زوق ئالسۇنكى، تايىنىسىز ئادەتلەرنىڭ ۋارىسى بولۇپ قالمىسۇن…
قىسقىسى، كىچىكلەر ئالدىدا پاكىز مەغرۇرلۇق بىلەن تىك تۇرالايدىغان، ئۇيالمايدىغان بول دوستۇم !
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2392