تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ياخشىلىق سىزگە ھەمراھ بولسۇن !

بىز ئۇيغۇرلار قويۇق جامائەت تۇرمۇشى شەكلىگە كۆنۈككەن، خەير – ئېھسان، ياخشىلىق، ساخاۋەتنى ئالىي تۇرمۇش مىزانى قىلىپ كەلگەن. بىزدىكى “ ياخشىلىققا ياخشىلىق ھەر كىشىنىڭ ئىشى، يامانلىققا ياخشىلىق ئەر كىشىنىڭ ئىشى ”، “ قول قولنى يۇسا، قول بېرىپ يۈزنى يۇيار “ دېگەندەك ماقال – تەمسىللىرىمىز بۇنىڭ دەلىلى.

ھاياتلىق قەدىمىمىزدە ئامەت بىلەن ئاپەت، ئۇتۇق بىلەن مەغلۇبىيەت ھامان ياندىشىپ كىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىلىقى ناھايتى يىقىن، ئەمما شۇنىسى ئىنىقكى، دىلدۇرۇس بولساق، ئۆزىمىزنى ئوراپ تۇرغان ھاياتلىق چەمبىرىكىدە ياخشىلىقنى يار قىلىپ، باشقىلارنىڭ بەختىگە دوئا قىلالىساق، ئىشلارنىڭ نەتىجىسى كۆپرەك ياخشى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ. بۇ ھەقتە مۇنداق بىر ھىكايەت بار :

بىر ئىكىسپېدىتسىيەچى بىر ھاممالنى ئېلىپ چۆل – جەزىرىگە قىدىرىپ تەكشۈرۈشكە كىرىپتۇ. بىر كۈنى ئېكسىېدىتسىيەچى كوكۇس كىسىۋىتىپ بىخەستەلىكىدىن بىر بارمىقىنى كىسىۋاپتىكەن، چەتتە قاراپ تۇرغان ھاممال دەرھال:

ــ بەك ياخشى بولدى، تەڭرى سىزگە ياخشىلىق ئاتا قىلدى ــ دەپ ۋارقىراپتۇ. ئېكىسپېدىتسىيەچى ھاممالنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ غەزەپلىنىپ، ئۇنى چوڭقۇر ئازگالغا ئىتتىرىۋىتىپ ئۆزى يالغۇز ئالدىغا قاراپ مىڭىۋىرىپتۇ.

ئىككىنچى كۈنى بىر توپ يەرلىك كىشىلەر ئۇنى تۇتۇۋاپتۇ ۋە بېشىنى كىسىپ، نەزىر قىلماقچى بوپتۇ. بۇ چاغدا تۇيۇقسىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرىنىڭ كۆزى ئېكىسپېدىتسىيەچىنىڭ  بىر بارمىقىنىڭ يوقلۇقىغا چۈشۈپ قاپتۇ – دە :

ــ بۇ نوقسانسىز نەزىرلىك ئەمەسكەن، ــ دەپتۇ ۋە يەرلىك كىشىلەر ئۇنى قويۇۋىتىپتۇ.

مۇشۇ چاغدىلا ھاممالنىڭ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەن ئېكىسپېدتسىيەچى ھاممالنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ، ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراپتىكەن، ھاممال :

ــ كەچۈرۈم سورىمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە مىنى بۇ يەرگە تاشلاپ قويغىنىڭىزمۇ تەڭرىنىڭ شاپائىتى، ــ دەپتۇ.

ئېكىسپېدىتسىيەچى ھەيران بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبىنى سوراپتىكەن، ئۇ :

ــ چۈنكى، مەن سىز بىلەن ماڭسام يەرلىكلەر مىنى نەزىرلىك قىلۋىتىشى مۇمكىن ئىدى، ــ دەپتۇ.

تۇرمۇشتا زىيادە ئاچچىقلىنىش، باشقىلاردىن رەنجىپلا يۈرۈشمۇ مەنىۋىيىتىڭىزنى خورىتىدۇ. سىز باشقىلارغا كۈلۈپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلسىڭىز، ئۇلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىگە مەنپەئەت توقۇنۇشلىرىدىن مۇستەسنا ھالدا مېھرىبانلىق ۋە سەمىمىيەت بىلەن جاۋاپ قايتۇرسىڭىز شۇنىڭغا ئىشىنىڭكى، سىزنى كۈتۈپ تۇرغان رىئاللىق چۈشكۈنلۈك ۋە مەغلۇبىيەت بولماستىن، بەلكى ئۈمىد ۋە جوشقۇنلۇققا تولغان زەپەر دەرۋازىسىدۇر. پۈتۈن ساخاۋەت ۋە ياخشىلىقنى نىيەت قىلسىڭىز، بەلكىم شەيتانلىرىڭىزمۇ ئامەت ۋە ئىقبال تىلىشى مۇمكىن. ئەكسىچە، گۇمانخۇرلۇق، پىتنىخۇرلۇق، مەنپەئەت ۋەسۋەسىلىرى كۆزىڭىزنى غەلەتلەپ، روھىڭىزنى قامال قىلسا، ئىقبال سىزگە يۈزىنى ياققان تەغدىردىمۇ، قوقاس ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك ئازابلىق تولغىنىشىڭىز مۇمكىن…

مېھىر – شەپقەت، ياخشىلىق ۋە ساخاۋەت سىزگە ھەمراھ بولسۇن. باشقىلارنىڭ كۈلكىسى سىزنىڭ كۈلكىڭىز، باشقىلارنىڭ قايغۇسى سىزنىڭ قايغۇڭىزدۇر !

 

بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=784

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-03-12
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: