![]() |
ئۆزۈڭ توغرا بولساڭ، دۇنيا توغرا بولىدۇ
مەن ناپالېئون خېلولنىڭ « ئۆزۈڭ توغرا بولساڭ، دۇنيا توغرا بولىدۇ» دېگەن سۆزىگە تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشىنىمەن ۋە كىشىلەرنىڭ قىلغان ھەربىر خاتا ئىشى ۋە سۆزى ئۈچۈن ھامان بەدەل تۆلەيدىغانلىقىنى، قىلدىن كەتسە قىرىقتىن كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ يېتىمەن.
بۇ توغرىدا دانالىرىمىز ئاللىبۇرۇنلا «تەدبىرىنىڭ قانداق بولسا تەقدىرىڭ شۇنداق بولۇر» دېگەن ھېكمەتنى قالدۇرغان بولۇپ، كىتابلاردا « بۇ دۇنيا مۇناسىۋىتى سەۋەب – نەتىجە مۇناسىىۋىتى. شۇڭا، ئۇ ئەمەل بىلەن تەقدىرداش» دېيىلگەن. نۇرغۇن تەربىيەچىلەر بۇ دۇنيادا ئىستىقبالسىز كەسىپ يوق، ئەمما ئىستىقبالسىز ئادەم بار، ناچار ئىش ـ ئەمگەك يوق، بەلكى ناچار ئىدىيە، كۆزقاراش، ناچار مىجەز ـ خارەكتېر ۋە ناچار ئۇسۇل ـ چارىلەر مەۋجۇت، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
دېمەك، خارەكتېر تەقدىر دېمەكتۇر. ئادەم بولۇشىنىڭ يولى ئىش قىلىش ۋە گەپ قىلىشنى بىلىشتە، نىيىتى دۇرۇس ئادەمنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق بولىدۇ. دېمەك، بىراۋنىڭ بەخىتلىك ياكى بەخىتسىز بولۇشى ئىشنى توغرا قىلغان ياكى خاتا قىلغانلىقىغا باغلىق. مەغلۇبىيەتچىلەرنىڭ مەغلۇبىيىتى خاتا جايدا، خاتا ۋاقىتتا خاتا ئىش قىلغانلىقتىن كەلگەن.
شۇڭا تۇرمۇشتا زادى خوشاللىق تاپالمىساڭ، ئۆز ـ ئۆزۈڭنى تەكشۈرۈپ كۆر. زادى ئىلگىرى باسالمىساڭ، ئۆز ـ ئۆزۈڭنى ئاختۇرۇپ باق. كۆڭۈلسىزلىك ۋە ئازاپتا قالساڭ، ئالدى بىلەن مەسىلىنى ئۆزىڭدىن ئىزدە.
سەن بەلكىم نەسىھەتكە قۇلاق سالمىدىڭ ياكى ئامال تاپالماي باھانە تاپتىڭ. ئەجىر قىلماي ماراپ ياتتىڭ. مەسىلىنى باشقىلاردىن كۆرۈشكىلا ئادەتلەندىڭ، ئۆز ـ ئۆزۈڭگە ھەيدەكچىلىك قىلمىدىڭ ياكى ناچار ئادەتلىرىڭنى تۈزەتمىدىڭ. سەندە تەشەببۇسكارلىق كەمچىل. ئۆزۈڭگە بەك ئىشىنىپ كەتتىڭ ياكى ئۆزۈڭگە ئىشەنمىدىڭ. دەيدىغان گەپنى دېمەي، دېمەيدىغان گەپنى دېگەن بولۇشۇڭ، تىرىشمىغان ياكى ئالدىرمىغان، پۇرسەت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن.
ئەقىللىق ئادەم بىلەن كەم ئەقىل ئادەمنىڭ پەرقى قانداق چاغدا قانداق ئىش قىلىشنى بىلىشتە. ئەقىللىق ئادەم مۇۋاپىق پەيىتتە، كەم ئەقىل ئادەم نامۇۋاپىق پەيىتتە ئىش قىلىدۇ. مەسىلىنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭدىن ئىزدەپ باقساق، ھەممە ئىشنىڭ تۈگۈنى يېشىلىدۇ.
ئۆز ئىشىڭنى ياخشى قىلماي تۇرۇپ باشقىلارغا مەسلىھەتچى، تەنقىدچى بولۇۋالساڭ، ئالدىراپ باھا بەرسەڭ، يەڭگىل ئېغىزلىق قىلساڭ، كەم ئەقىللىق قىلغان بولىسەن. ماختاشقىلا ھېرىسمەن بولۇپ، تەنقىد بىلەن ئۆچەكەشسەڭ زاۋالىققا يۈز تۇتىسەن. ئەگەر مەسىلىنى باشقىلاردىن كۆرشكىلا ئادەتلەنسەڭ، مەڭگۈ تىنىچلىق تاپالمايسەن، توسالغۇنى ئاچالمايسەن، چىگىلەڭنى يېشەلمەيسەن. ئەگەر بەرگىنىڭ بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، ئالغىنىڭنى ئۇنتۇپ قالساق، مەھرۇم بولغىنىڭغىلا كۆز تىكىپ، ئېرىشكىنىڭنى بىلمىسەڭ، سەن بىر ئاغرىنغۇچىغا ئايلىنىپ، كۆڭلۈڭنى راۋان قىلالمايسەن.
ئاقىلانىلىكنىڭ بىرىنچى قەدىمى ئۆز – ئۆزۈڭنى بىلىشتە. ئۆزۈڭنى بىلگەندە ئاندىن توغرا قىلغىلى، ئەقىل – ئىدىرىكگە ئۆزى خوجا بولغىلى ۋە كونتروللۇقىنى ساقلىغىلى، شۇنداقلا رېئاللىققا چۆككىلى بولىدۇ. باشقىلارنى توغرا قىلسۇن دېسەڭ، ئاۋۋال ئۆزۈڭ توغرا قىل. باشقىلاردىن ئالىمەن دېسەڭ، ئاۋۋال ئۆزۈڭ بەر. ھاياتتا ماسلىشىش بىلەن ھەمكارلىشىشنى، مەسىلىگە ئۇچىرىغاندا ئاۋۋال ئۆزۈدىن كۆرۈشنى ۋە ئۇنى تۈزىتىپ توغرا قىلىشنى ياشاش پىرىنسىپى قىلىش كېرەك.
بۇرۇن بىر كىشى پۈتۈن دۇنيانى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلاپتۇ ۋە نەچچە ئون يىل دۇنيانى كېزىپمۇ بۇ مەقسىتىگە يېتەلمەپتۇ. كېيىن ئۆز يۈرتىنى ئۆزگەرتىشكە بەل باغلاپ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بۇنىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالماپتۇ. شۇ ئاچچىقىدا ھەممىنى تاشلاپ ئۆز ئائىلىسىنى ئۆزگەرتىشكە كىرىشىپتۇ. ئەپسۇس، بۇنىمۇ قىلالماپتۇ. ئاخىر قېرىپ ھالىدىن كەتكەندە ئاندىن بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىپتۇ. ئۇ بولسىمۇ « ئەسلىي ئۆزگەرتىشكى تېگىشلىك ئادەم ئۆزۈمكەنمەن. ئەسلىي ئۆزۈم توغرا بولغان بولسام، پۈتۈن دۇنيا توغرا بولاتتىكەن» دەپ بىر ئۆمۈر ھەپىلىشىپمۇ ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان تىرىشچانلىقىىڭ سىرىنى يېشىپتۇ.
بىز پەقەت ئىشنى توغرا قىلىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز ۋە ئۆگىنىمىز. ھاياتتا بىلىشكە ۋە چۈشىنىشكە تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار. بىز ئۇنى بىلمىسەك، نۇرغۇن جاپادا قالىمىز.
ھاياتقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان نەرسە ئىدىيە. ئىدىيە ئوبرازىمىزنى، قارار ۋە ھۆكۈمىمىزنى ھەتتا تەقدىرىمىزنى يارىتىدۇ. ئادەم ئىدىيەسىنىڭ قوماندانلىقىدا ھەرىكەت قىلىدۇ، ئىدىيە پىكىردىن كېلىدۇ. دېمەك، توغرا پىكىر ئىدىيەنى، ئۆزىمىزنى ۋە گۈزەل ھاياتنى يارىتىدۇ.
ھايات چۈشمۇ ئەمەس، خام خىيالمۇ ئەمەس، ئۇ بىر ئەمەلىيەت. ئەگەر ۋۇجۇدىمىزدىكى توسقۇنلۇقتىن چىقالماي، تۈنۈگۈننى يېشەلمەي، ئۆزىمىزنى ئاق، پاك، بىلەرمەن چاغلاپ، توغرىنى خاتا، خاتانى توغرا، دەپ يۈرسەك، ئاخىر بىر كۈنى توغرا ـ خاتانى، ئاق ـ قارىنى ئايرىپ چىقىدىغان ھاياتتىن ئىبارەت بۇ ئەينەكتە ئۆزىمىزنى تولىمۇ كۆرىمسىز، چۈشكۈن ۋە بىچارە ھالەتتە كۆرۈپ قالىمىز. ئۇ چاغدا ھەممە ئۆتۈپ كېتىدۇ. كېيىن بىلىپ توغرا قىلىشقا، باشتىن باشلاپ تامامەن كېچىكىمىز.
ھاياتتا توغرا دۇنيا قاراشقا ئىگە كىشىلەر ھامان خاپىلىقنى ئاز تاتىدۇ. مەسىلىلەرنى ئۆزىمىزنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپلا ئويلىۋالساق، ھەممە ئىش خاتادەك بىلىنىدۇ. مەسىلىنى باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپمۇ ئويلايدىغان ئىلمىي روھ، ئەتراپلىق دۇنيا قاراش يېتىلدۇرسەك، ئاندىن قەلبىمىزدىكى توسقۇنلۇق، چىگىلگەن كۆڭۈل يېشىلىدۇ، قۇلۇپلانغان قەلب ئېچىلىدۇ.
تۈگۈن يېشىلسە، ئىدىيەمىزدىكى توسقۇنلۇق ئېچىلسا، ئاندىن رېئاللىقنى كۆرەلەيمىز. بىزدە ھازىر رېئاللىق ھەم مۇھىت بىلەن چىقىشالمايدىغان ئادەملەر ناھايىتى كۆپىيىپ كەتتى. ئۇلار رېئاللىقنى، مۇھىتنى ئۆزىگە بويسۇندۇرۇشنىلا ئويلايدۇ. دۇنيادا ھەممىدىن مۇھىمى، ئۆز ـ ئۆزىدىكى نۇقساننى بويسۇندۇرۇشتۇر. ئۆز ـ ئۆزىدىكى ئىللەت ۋە نۇقساننىڭ كۆپ بولۇشى دۈشمەننىڭ كۆپ بولۇشىدىنمۇ خەتەرلىكتۇر.
پەقەت ئىرادىلىك، پەزىلەتلىك، توغرا تەپەككۇرلۇق ئادەملا ئۆز ـ ئۆزىدىكى كەمچىلىك ۋە ناباب مىجەز ـ خاراكتېر ئۈستىدىن غالىپ كېلەلەيدۇ.
دالى كارنىڭ ئۆز كىتابىدا مۇنداق بىر مىسال كەلتۇرگەن. بىر داڭلىق ئەرباب ئۆزىنىڭ چوڭ خاتالىقىنى يېزىپ چىقىپ ، ئۆز خاتالىقى بىلەن ئىككى يىل كۆرەش قىلىپ، ئاخىرى ئاددىي ئادەمدىن ھۆرمەتكە سازاۋەر مۆتىۋەر ئەربابقا ئايلانغان. ئۇ مۆتىۋەر مۇنداق دېگەن:
« مەن ئۆزۈمنىڭ ئېغىر ھەم چوڭ خاتالىق دەپ قارىغان سەككىز خىل يېتەرسىزلىكىمىنى يېزىپ چىقتىم. بۇنىڭ ئىچىدە باشقىلارنىڭ پىكىرىگە رەددىيە بېرىش، باشقىلار بىلەن تالاش –تارتىش قىلىش، قارشى پىكىرگە يول قويماسلىقتىن ئىبارەت مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشقا توسالغۇ بولىدىغان زىيانلىق ئۈچ چوڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقنى تۈزىتىشكە، شۇنداقلا كۆڭۈل ـ كۆكسىمنى كەڭ تۇتۇشقا بەل باغلاپ، ھەر كۈنى خاتىرە قالدۇرۇپ ئەمەل قىلالمىسام 0 نومۇر، ئازىراق ئەمەل قىلسام 1 نومۇر ، تولۇق ئەمەل قىلسام 2 نومۇر قويۇپ يېتەرسىزلىكىمىنى تۈزىتىشنى ئۆزۈمگە ۋەزىپە ۋە نىشان قىلىۋالدىم. مېنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىم خاتالىقىمنى تۈزىتىشتىن ۋە ئۆز – ئۆزۈمنى تونۇشتىن ئىبارەت توغرا تەپەككۈر قارىشىندىن كەلگەن » دەپ ئېيتقان. نۇرغۇن تەجىربىلەر ئىسپاتلىدىكى، مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، تۇرمۇشتا خاپىلىق ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرنى ئاز تارتقان كىشىلەر ھامان توغرا تەپەككۈر قارىشىغا ئىگە، ئىشنى توغرا قىلغان كىشىلەردۇر.
مەغلۇپ بولغان كىشىلەر دەل كەمچىللىك ۋە نۇقسانغا يەم بولغان، ئىدىيەسىدىكى توسقۇنلۇقتىن چىقالماي، چىگىش كۆڭلىنى يېشەلمەي يۈرگەن كىشىلەردۇر.
مۇۋەپپەقىيەت ئالاھىدە كىشىلەرنى يارىتىدۇ، شۇنداقلا ئالاھىدە كىشىلەر مۇۋەپپەقىيەتنى يارىتىدۇ.
ئەگر قەلبىڭدە ئۈمىد ـ ئىشەنچ ياشىسا، ئاجايىپ مېھىرلىك ۋە نۇرلۇق ئادەمگە ئايلىنىسەن. ئەگەر مۇۋەپپەقىيەت ۋە ئاكتىپ روھى ھالەتتە ياشىساڭ، ئاجايىپ سالاپەتلىك ۋە روھلۇق ئادەمگە ئايلىنىسەن. ئەگەر مېھرى ـ مۇھەببەت، ئىنسانىي بۇرچ ياشىساڭ، ئاجايىپ جەلىپكار ۋە سېھىرلىك ئادەمگە ئايلىنىسەن.
ئەكىسچە، مېھرى ـ مۇھەببەتسىز، كۆڭلۈڭ قۇپقۇرۇق، باشقىلارنى كۆرەلمەيدىغان، ئۆز مەنپەئەتىڭدىن كېچەلمەيدىغان ئادەم بولساڭ، كۆزلىرىڭ ئاچ ۋە نۇرسىز، چىرايىڭ تەمەگە، ئاغرىنىشقا تولغان، كۈلەي دەپمۇ كۈلەلمەيدىغان، بېرەي دەپمۇ بېرەلمەيدىغان، ھېچنىمىدىن كېچەلمەيدىغان، سەتلەشكەن ۋە ياتلاشقان ئادەمگە ئايلىنىسەن. ساڭا قارىغان ئادەمنىڭ كەيپى ئۇچىدۇ.
دېمەك، تۇرمۇش بىر ئەينەك. شۇڭا، تۇرمۇشتا خاتىرجەملىك ئىزدىگەن ئادەم ئۆز – ئۆزىنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك.
مۇنەۋۋەر ئەھمەت پولات
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3370