تۇرمۇش خاتىرىسى

ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزنىڭ مۇۋاپىق بولغىنى ياخشى

كىشى ئۆزىنىڭ نېمىگە ھاجەت ياكى نېمىگە بىھاجەت ئىكەنلىكىنى بىلىش تۇرمۇشتىكى ئەڭ چوڭ ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك. ھاياتتا، مۇۋاپىق ئارزۇ – ئارمان يوللۇق ھېسابلانسىمۇ، ئەمما بەك كۆپ نەرسىلەرنى قوغلىشىش ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى كىشەن بىلەن كىشەنلىگەنگە باراۋەر. قەلبى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم بولغان كىشىدە زەررىچە شادلىق بولسۇنمۇ؟ شۇنداق، زۆرۈرىيەتسىز ئارمان بويۇنتۇرۇقىنى چۆرۈپ تاشلىغاندىلا، بەختلىك تۇرمۇشقا نائىل بولغىلى بولىدۇ.

تۈرلۈك – تۈمەن گۈللەر ئېچىلغان باغچىدىن پەقەت بىر تاللا گۈل ئۈزسىڭىزمۇ قولىڭىز گۈل پۇرايدۇ. بۇ جۈملىدە، بىر خىل شۈكۈر – قانائەتلىك پىسخىكىلىق ھالەت تەسۋىرلەنگەن. ئەمما رىئال تۇرمۇشتا، تۈرلۈك ئىزىقتۇرۇشلار تۈپەيلىدىن شۈكۈر – قانائەتچان بولۇش ناھايتى تەس.

تۇرمۇشتا، كىشىلەر ھەمىشە تۈرلۈك – تۈمەن ئارزۇ – ئارمانلار بىلەن پايپىتەك بولۇپ يۈرىشىدۇ، ئارزۇ – ئارمانلىرى كۆپىيىپ ۋە كىڭىيىپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندا، ئۇلار بۇنداق ئېغىر يۈككە بەرداشلىق بىرەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىشىدۇ.

مۇنداق بىر قىز بولۇپ، ئۇنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرى ناھايتى كۆپ ئىكەن، ئۇ ھەر قانچە قىلىپمۇ بۇ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى قاندۇرۇپ بولالماپتۇ. مەسىلەن، ئۇ نۇرغۇن پۇلتېپىپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە پۇتكۈل دۇنيانى ساياھەت قىلماقچى؛ نۇرغۇن كىيىم – كېچەك، ئاياغ، سومكا ۋە زىبۇ – زىننەت بۇيۇملىرىنى سېتىۋالماقچى؛ نۇرغۇن قىممەت باھالىق گىرىم بۇيۇملىرى ۋە تېرە ئاسىراش بۇيۇملىرىغا ئېرىشمەكچى بوپتۇ. ئۇنىڭچە شۇنداق قىلالىسىلا، كۆڭلى ئېچىلىپ ھەقىقىي بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە بولىدىكەن.

كېيىن ئۇ پۇلنىڭ كۆزىگە قارىماي قىممەت باھالىق ئۈنچە – مەرۋايىت، ئالىي دەرىجىلىك كىيىم – كېچەكلەرنى  بولۇشىغا سېتىۋاپتۇ… پۇل دېگەن نەرسە خەجلەۋەرسە ھامان تۈگەيدۇ، ئۇزاققا بارماي ئۇ ئۆزىنى شۇنداق ھارغىن ھېس قىپتۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ خىل تۇرمۇش ئۇنى ئىنتايىن چارچاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ تېشى پال – پال بولسىمۇ، ئەمما كۈنلىرى تولىمۇ مەنىسىز بىلىنىپتۇ. شۇنداق قىلىپ ئۇ زىيادە ئارزۇ – ئارماننىڭ ئېغىر يۈكىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قاپتۇ. دېمەك، زىيادە ئارزۇ – ئارمان سەۋەبلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ھېس قىلالمايمىز. ئارزۇ – ئارمانغا قانچە بىرىلگەنسېرى تۈرلۈك باش قىتىنچىلىقمۇ شۇنچە كۆپىيىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئىلكىمىزدىكىنىڭ ئازلىقىدىن ئەمەس، بەلكى ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزنىڭ كۆپلۈكىدىن پىسخىك نامراتلىققا دۇچار بولىمىز.

قەدىمقى زاماندا بىر پادىچى بولۇپ، ئۇ بىر قېتىملىق تاساددىپىي پۈرسەتتە بىر چوڭ غارغا كىرىپ قاپتۇ. ئۇ قىزىقىش ئىچىدە غارنىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ مېڭىۋېرىپتۇ. تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا غارنىڭ چوڭقۇر يېرىدە كۆزنى قاماشتۇرىدىغان خەزىنە ئۇچراپتۇ. ئاھ تەڭرىم، بۇ، كىشىلەر ھەمىشە ئېغىزىدىن چۈشۈرمەيدىغان يەر ئاستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان تەڭداشسىز خەزىنە شۇمىدۇ؟ پادىچى ئىچ – ئىچىدىن خۇشاللىققا چۆمۈپتۇ. چۈنكى ئۇ ئەزەلدىن مۇنچە كۆپ بايلىقىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىكەن، ئۇ نەچچە مىڭ توننا كەلگۈدەك تاغدەك دۆۋىلەكلىك ئالتۇندىن ئاۋايلاپ كىچىككىنە بىر پارچە ئاپتۇ – دە، ئۆز – ئۆزىگە : « ئەگەر باي مېنى قوي باقتۇرمىغان بولسا، قولۇمدىكى بۇ بايلىق مېنىڭ بىر مەزگىل تىرىكچىلىك قىلىشىمغا يەتكەن بولاتتى « دەپتۇ. ئۇ ئۆز – ئۆزىگە سۆزلىگەچ خەزىنىدىن قوي بىقىۋاتقان تاغقا قايتىپ چىقىپتۇ – دە، « مۇشۇلا يىتەرلىك، مۇشۇلا يىتەرلىك « دېگىنىچە، ئادەتتىكىدەكلا پادىلىرىنى ھەيدەپ باينىڭ ئۆزىگە قايتىپتۇ. ئۇ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، بايغا بولغان ئەھۋاللارنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە سۆزلەپ بېرىپتۇ، يەنە تېخى ئۆزى ئېلىپ كەلگەن ئالتۇننى بايغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ راست – يالغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. باي ئالتۇننى ئېلىپ كۆرۈپ، سىلاپ، چىشلەپ باققاندىن كېيىن، پادىچىنى خالىي يەرگە تارتىپ خەزىنە يوشۇرۇنغان غارنىڭ ئورنىنىڭ نەدىلىكىنى جىددىي تەلەپپۇزدا سوراپتۇ. پادىچى غارنىڭ ئورنىنى دەپ بەرگەندىن كېيىن، باي دەرھال غوجىدارى ۋە قول ئاستىدىكىلەرنى پادىچى دەپ بەرگەن تاغقا قاراپ ئاتلىنىشقا بۇيرۇپتۇ، ئۇ يەنە پادىچىنىڭ دېگەنلىرىگە تازا ئىشەنچ قىلالماي، ئۇنى يول باشلاشقا بۇيرۇپتۇ. باي خەزىنىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىدىن ھوشىدىن كەتكىلى تاس قاپتۇ، ھوشۇنى يىغىپ ئالتۇنلارنى ئالمان – تالمان خۇرجۇنلىرىغا سىلىشقا باشلاپتۇ، بىللە كەلگەنلىرىنى قانچىلىك ئالالىسا شۇنچىلىك ئىلىشقا بۇيرۇپتۇ. پادىچىنى بولسا غاردىن قۇرۇق قول ھەيدەپ چىقىرپتۇ. ئۇلار بارلىق بايلىقىنى ئىلىپ كەتمەكچى بولغاندا، غاردىن : « ئەي ئىنسانلار، ئۇنچىۋالا ئاچكۆزلۈك قىلماڭلار، بولمىسا جاھان قاراڭغۇلىشىپ غارنىڭ ئېغىزى ئىتىلىپ قالىدۇ، ئۇ چاغدا بايلىققا ئىرىشىش تۈگۈل جىنىڭلارنىمۇ ساقلاپ قالالمايسىلەر » دېگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپتۇ. ئەمما بۇ گەپلەر باينىڭ قۇلىقىغا كىرمەپتۇ. دەھشەتلىك گۈلدۈرلىگەن ئاۋازدىن كېيىن، يەر ئاستىدىن كۆتۈرۈلگەن ماگما پۈتكۈل غارنى كۆزنى يۇمۇپ – ئاچقۇچە بولغان ئارلىقتا يۇتۇۋېتىپتۇ، شۇنداق قىلىپ باي يانار تاغ ۋولقانلىرى ئىچىدە ھاياتىدىن ئايرىلىپتۇ.

زىيادە ئارزۇ – ئارمان ھاياتتا كىشىنى چارچىتىۋېتىدۇ، دېگەن سۆز ناھايتى جايىدا ئېيتىلغان. ئەمما ھاياتتا ئارزۇ – ئارمان بولمىسىمۇ بولمايدۇ. خۇددى مىلان كۇندېرا ئېيتقاندەك « ئارزۇ – ئارمان بىر خىل گۈزەل ھېس – تۇيغۇ » بولۇپ، مۇۋاپىق ئارزۇ – ئارمان مۇۋاپىقىيەتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىدۇر.

ئەمەلىيەتتە، ساغلام تەن، ئىللىق ئائىلە، يېتەرلىك پۇل – بايلىق… دېگەنلەر نەختلىك ھاياتنىڭ زۆرۈر شەرتى بولسىمۇ، ئەمما قوغلاشمىسا بولمايدىغان نەرسىلەر ئەمەس، مۇھىمى قەلب بوشلۇقىمىزنى زىيادە ئارزۇ – ئارمانلار بىلەن دەم ئالالمىغۇدەك دەرىجىدە تولدۇرۋەتمەسلىكىمىز كېرەك. ئارزۇ قانچە چوڭ بولسا، ئارمانمۇ شۇنچە چوڭ بولۇپ، ئۈمىدسىزلىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىڭىزگە ئېرىشىپ ئارزۇ – ئارمىنىڭىز قانائەت تاپقان ئاشۇ دەقىقە ئۆتۈپلا كەتسە، سىزدە يەنە ئاۋالقىدەك قىزىقىش قالمايدۇ. بۇنىڭدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، زىيادە ئارزۇ – ئارمان كىشىنى خۇشاللىققا ئېرىشتۈرەلمەيدۇ، پەقەت كىشىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدۇ، ھەتتا ئۇ ئادەمنى زور خۇشاللىق ۋە زور قايغۇدىن ئىبارەت تۇراقسىز ھالەتكە مۇپتىلا قىلىدۇ. بىر كىشىنىڭ ئارزۇ – ئارمىنى چەكتىن ئېشىپ ئاچكۆزلۈك دەرىجىسىگە يېتىپ، كونترول قىلغىلى بولمايدىغان ھالەتكە كەلسە، ئۇ باشقىلارغا ۋاستە تاللىماي زىيانكەشلىك قىلىپ، ئاخىرىدا تۇرمۇشنىڭ لەززىتىدىن مەھرۇم قېلىشى مۇمكىن.

ئۇنداقتا، تۇرمۇشتا ئارزۇ – ئارمانغا زىيادە بېرىلىشنى قانداق تىزگىنلەش كېرەك؟

ئاۋال ئېھتىياجنى تۈرگە ئايرىپ، ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرنى « زۆرۈر لازىمەتلىكلەر » ۋە « ئىككىنچى ئورۇندىكى بۇيۇملار » دەپ ئايرىۋېلىش كېرەك. ئاندىن ئارزۇ – ئارماننى بېسىشتا ئۆزىنى كونترول قىلىش تۇيغۇسىدىن پايدىلىنىشنى ئۆگىنىۋېلىش كېرەك. مەسىلەن، دائىم سودا سارايلارغا بېرىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان، ئەمما سېتىۋىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغان كىيىملەرنى كۆرۈپ تۇرغاندا، شۇ كىيىمنى ھەقىقى سېتىۋالغاندىنمۇ بەكرەك خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. كىشى ئۆز قىزىقىشىنى ئۇنتۇپ قالماستىن، قىزىقىشىغا مۇۋاپىق ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ئاچكۆزلۈككە باشلايدىغان زىيادە ئارزۇ – ئارمانلاردىن كىشىنى نېرى قىلالايدۇ، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرالايدۇ.

ئىسىڭىزدە بولسۇنكى، ھاياتلىق بىر قولۋاققا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭغا ئارزۇ – ئارماندىن ئىبارەت يۈكنى زىيادە قاچىلىۋالسىڭىز كۆزلىگەن نىشانغا بارالماسلىقىڭىز، ھەتتا يېرىم يولدا دېڭىزغا غەرق بولۇشىڭىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا بۇ قولۋاققا چىققانكەنسىز، زۆرۈر نەرسىنى چوقۇم ئېلىشىڭىز، زۆرۈريىتى بولمىغان نەرسىلەردىن بىردەك ۋاز كېچىشىڭىز كېرەك.

قەلبىڭىزدە ئارزۇ – ئارمىنىڭىز قانچىكى كۆپ بولسا، قەلبىڭىز شۇنچە بوغۇچلىنىپ قالىدۇ. شۇڭا بۇنداق ۋاقىتتا بىزنىڭ بىردىنبىر قىلىدىغىنىمىز ئىككى قولىمىزنى كەڭ ئېچىپ، ئۆزىمىزگە مەنسۈپ بولمىغان « قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش « تىن قول ئۈزۈپ، ئۆزىمىزنى ئۆز ئەركىمىزگە قويۇۋېتىشتۇر.

ئىلكىدىكىنى قەدىرلەش، ئېرىشەلمىگەنگە ھەسىرەت چەكمەسلىك، ئۆز بەختىنى باشقىلارنىڭ نەزىرىدە ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ ئەقىل كۆزىدە كۆرۈش كېرەك. ئۆز بەختىنى بىلىش ۋە ئۇنى قەدىرلەش، شۈكۈر قانائەت قىلىپ خۇشال ياشاش ئاقىلانە ھەم بەختلىك ھاياتتۇر.

تۇرسۇنجان روزى تەرجىمىسى

 

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=3408

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2013-03-20
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: كۆڭۈل ئىزھارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: