تۇرمۇش خاتىرىسى

مەيدانغا بارىدىغان يول بىرلا ئەمەس

ئېلىزا ( ئامېرىكا )

بىر قېتىم دادام مېنى چېركاۋنىڭ ئېگىز مۇنارىغا باشلاپ چىقتى. ئاياغ ئاستىمىزدا يۇلتۇزلاردەك تارقالغان يېزىلار رىم شەھىرىنى ئوراپ تۇراتتى. ئۆمۈچۈك تورىدەك كېسىشكەن كوچىلار بىر – بىرلەپ شەھەر مەيدانىغا تۇتاشقانىدى.

ـ ياخشىراق قارىۋال، قەدىرلىك بالام، ـ دېدى دادام مۇلايىملىق بىلەن، ـ شەھەر مەيدانىغا بارىدىغان يول بىرلا ئەمەس، تۇرمۇشمۇ شۇنداق. ئەگەر سەن بۇ يول بىلەن مېڭىپ، كۆزلىگەن جايغا يېتىپ بارغىلى بولمايدىغانلىقىنى بايقىساڭ، باشقا يول بىلەن مېڭىپ مېڭىپ سىناپ باقساڭ بولىدۇ.

شۇنىڭدىن كېيىن، مەن دادامنىڭ تەلىمىنى ئىزچىل كۆڭلۈمگە پۈكۈپ كەلدىم.

مېنىڭ ئارزۇيۇم مودا كىيىم لايھىلىگۈچىسى بولۇش ئىدى.

بىر كۈنى مەن بىر دوستۇم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم. ئۇنىڭ يۇڭ پوپايكىسى سىدام بولسىمۇ، لېكىن ئىنتايىن ماھىرلىق بىلەن توقۇلغانىدى.

ـ نېمىدېگەن چىرايلىق پوپايكا بۇ ؟ ئۆزۈڭ توقۇغانمۇ ؟ ـ دەپ سورىدىم.

ـ ياق، ـ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ، ـ بۇنى ۋېدىئان خانىم توقۇغان، ئۇ بۇنى ئامېرىكىدا ئۈگەنگەنىكەن.

كۆز ئالدىم تۇيۇقسىز تورۇپ كەتكەندەك بولۇپ، بىر دادىل پىكىر “ يالت “ قىلىپ چاقنىدى. مەن نېمە ئۈچۈن پوپايكىدىن تۇتۇش قىلىپ، مۇدا كىيىملەرنى ئۆزۈم لايھىلەپ، ئۆزۈم ئىشلەپ، ئۆزۈم ساتمايمەن ؟

مەن بىر ۋاراق ئاق قەغەزگە رەڭسىز كېپىنەك گۈللۈك پوپايكا لايھىسىنى سىزىدىم ـ دە، ۋېدىئان خانىمغا بىرنى توقۇتتۇم. باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى كۆزىتىش ئۈچۈن، ئۇنى كىيىپ بىر مودا كىيىم سودىگىرىنىڭ چۈشلۈك زىياپىتىگە قاتناشتىم. نەتىجىدە، بىر چوڭ سودا ساراينىڭ دىرېكتۇرى نەق مەيداندا 40 پوپايكا زاكاز قىلىپ، مەن بىلەن ئىككى ھەپتە ئىچىدە مال تاپشۇرۇشنى توختاملاشتى. مەن خوشاللىقتىن قىن – قىنىمغا پاتماي، خۇددى بەخت بۇلۇتى ئۈستىدە لەيلەپ تۇرغاندەك بولۇپ كەتتىم.

ـ ئىككى ھەپتە ئىچىدە 40 پوپايكا ئالامدىكەن ؟ موتلەق موكىن ئەمەس ! ـ دېدى ۋېدىئان خانىم، مەن ئۇنىڭ ئالدىغا بارغىنىمدا، ـ بىلىشىىز كېرەككى، مۇشۇ بىر پوپايكىنى توقۇش ئۈچۈن، بىر ھەپتىدەك ۋاقتىم كەتكەن.

بايىقى بەخت بۇلۇتى بىردىنلا غايىب بولدى، مەن روھىم چۈشكەن ھالدا ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم. يېرىم يولدا قەدىمىم تۇيۇقسىز توختاپ قالدى. كۆڭلۈمدە : بۇنداق پوپايكا ئۈچۈن، گەرچە ئالاھىدە ماھارەت زۆرۈر بولسىمۇ، لېكىن پارىژدا ئۇنى توقۇشنى بىلىدىغان باشقا ئاياللار چوقۇم بار، دەپ ئويلىدىم.

مەن ۋېدىئان خانىمنىڭ ئۆيىگە يۈگۈرگىنىمچە بېرىپ، ئۇنىڭغا ئويلىغانلىرىمنى ئېيىتتىم. ئۇ بۇ ئويۇمنىڭ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن بىللە چېپىپ يۈرۈپ، قولى چېۋەر 20 ئايالنى تاپتىم. ئىككى ھەپتىدىن كېيىن، 40 پوپايكا يېڭى ئىچىلغان مودا كىيىم دۇكىنىمدىن چەت ئەلگە ماڭغان مال پاراخودىغا قاچىلاندى. شۇنىڭدىن تارتىپ، بىر مودا كىيىم ئېقىمى دۇكىنىمدىن ئېقىپ چىقىشقا باشلىدى.

كېيىن، مەن بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى مودا كىيىم كۆرگەزمىسى ئېچىشنى پىلانلىدىم، لېكىن كۆرگەزمىنى ئېچىشقا  كۈنلا قالغاندا، تىكىمچى قىزلار يەنە بىر مودا كىيىم دۇكىنىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن قېچىپ كەتتى. ئەمدى قەيەردىن چىقىش يولى تاپسام بولار ؟ قارىغاندا، مودا كىيىم كۆرگەزمەمنى ئارقىغا سۈرمىسەم بولمايدىغان ئوخشايدۇ. بولمىسا، تىكىلمىگەن كىيىملەرنى كۆرگەزمە قىلالمايمەن ـ دە. توغرا، تېخى پۈتمىگەن مودا كىيىملەر كۆرگەزمىسى ئاچسام نېمىشقا بولمايدىكەن ؟

مودا كىيىم كۆرگەزمىسى قەرەلىدە ئېچىلدى. بۇ ھەقىقەتەن ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان كۆرگەزمە بولۇپ، بەزى كىيىملەرنىڭ يەڭلىرى يوق، بەزىلىرىنىڭ بىرلا يېڭى بار، بەزىلىرىنىڭ پەقەت بىر پارچە رەخت ئۈلگىسىلا بار ئىدى. گەرچە مېنىڭ كۆرگەزمە قىلغان مودا كىيىملىرىم تېخى پۈتمىگەن كىيىملەر بولسىمۇ، لېكىن پۈتكەندىن كېيىنكى رەڭگى ۋە پاسونىنى يەنىلا كۆرۈۋىلىشقا بولاتتى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە خېرىدارلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغاپ، مال زاكاس قىلغۇچىلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى.

دادامنىڭ “ مەيدانغا بارىدىغان يول بىرلا ئەمەس “ دېگەن تەلىمىدىن مەن ئۆمۈر بويى بەھرىمەن بولدۇم.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2072

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-07-22
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئەدەبىيات گۈلزارى
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: