قوياش ھەر كۈنى يېڭى
مەن بىرىنىڭ “ قوياش ھەر كۈنى يېڭى “ دېگەن ھىكمەتلىك سۆزىنى ئوقۇغىنىم ئىسىمدە. ئويلاپ باقسام، بۇ جۈملىگە چوڭقۇر ھايات ھىكمەتلىرى يوشۇرۇنغانىكەن. بۇ جۈملىگە مۇجەسسەملەنگەن ئۈمىدۋارلىق روھى مېنى ئىلھام ۋە كۆرەشكە يېتەكلەيدۇ.
بىز ھاياتقا كۈلۈپ مۇئامىلە قىلىشىمىز، ئۇنى قىزغىن مۇھەببىتىمىز بىلەن سۆيۈشىمىز كېرەك. دەريا – ئۆستەڭ سۇلىرى دېڭىزغا قاراپ ئاقىدۇ، گۈل – گىياھلار قوياشقا قاراپ تەبەسسۈم قىلىدۇ، كىشلىك ھاياتمۇ ئوخشاش. بىز ئۇنىڭغا ئىخلاس بىلەن يانداشساق، ئۇمۇ بىزنى قوينىدا قەدىر – قىممەتكە ئىگە قىلىدۇ. ھايات سۈكۈتتە تۇرغان چاغلىرىمىزدا ناخشا ئىيتىدۇ، ئۇخلاۋاتقىنىمىزدا چۈشلىرىمىزنى قۇراشتۇرۇپ چىقىدۇ.
ھايات سىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدىكى، سىز يىغلاشقا يۈز سەۋەب تاپالىغان چىغىڭىزدا، كۈلۈشكە مىڭ سەۋەب تىپىپ ياشاڭ. ئۆتمۈشىڭىزدىن ھەرگىز ئەپسوسلانماڭ. بەلكىم سىز قاباھەتلىك ھىس قىلغان تەرەپلەردىن سىزنىڭ پارلاق تېڭىڭىز يورۇپ قېلىشى مومكىن.
سىزگە بىر ھېكايە سۆزلىگۈم كىلىۋاتىدۇ:
بىر يولۇچى سەپەر ئۈستىدە چەكسىز قۇملۇققا دۇچ كېلىپ قاپتۇ. ئىچكىرلەپ كىرگەنسېرى ھاردۇق يىتىپ، ماغدۇرسىزلىنىشقا باشلاپتۇ. بىر چاغدا ئىچىدىغان سۈيىمۇ تۈگەپتۇ. پەقەت يانچۇقىدا بىر تاللا ئالما قاپتۇ. ھارغىنلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئۇنى قاتتىق قىيناپتۇ. شۇنداقتىمۇ ئۇ ئالمىنى ئەڭ بولالمىغان ۋاقىتتا يېيىش ئۈچۈن ساقلاپ قويۇپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. ھەر قېتىم ھالسىزلىنىپ يىقىلغاندا، يانچۇقىنى سىلاپ تۇرۇپ: < مەن تىخى ئەڭ خەتەرلىك ھالغا چۈشۈپ قالمىدىم، يانچۇقۇمدا ئالما بارغۇ ؟!> دەپ، ئالغا قاراپ ئىلگىرلەۋىرىپتۇ… ئاخىر قۇملۇقتىن چىقىپ بوستانلىققا ئۇلىشىپتۇ. ئۇ بىر خىل ئەزگۈ ھېسسىياتتا يانچۇقىغا قارىسا، ئالما ئاللىقاچان قۇرۇپ قالغان ئىكەن.
بىز ھەممىمىز ھايات سەپىرىدىكى بىر يولۇچى. گاھىدا تۇرمۇشنىڭ بوران – چاپقۇنلىرىدا سەپىرىمىزنى داۋام ئەتسەك، گاھىدا تۇرمۇشنىڭ قاغچىرىغان چۆل – جەزىرىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كىلىدۇ. تۇرمۇشتا داغدام يولنى تېپىش ئۈچۈن، قەلبىمىزدىكى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىشىمىز، ئۈمىدۋارلىق بىلەن مەنزىلىمىزگە قاراپ مەردانە قەدەم ئالمىقىمىز ئىنتايىن موھىم. غەم – ئەندىشە بىزگە چۈشكۈنلۈكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ھاياتلىقنىڭ ئۆزى بىر ئەينەك، كۆرسىتىدىغىنى دەل بىزنىڭ ئەكسىمىز. بىز يىغلىساق ئۇمۇ يىغلايدۇ؛ بىز كۈلسەك، ئۇمۇ كۈلىدۇ.
ئۈمىدۋارلىق تىنىقلىرىمىزغا قوشۇلۇپ كەتسۇن، قىيىنچىلىق ۋە مەغلۇبىيەت ئالدىدا تىز پۈكمەي، ھاياتلىقنى مىھرىمىز بىلەن قۇچاقلاپ مەنزىل تامان يۈرگەندىلا، ئەتىكى قوياشنىڭ تىخىمۇ يېڭى ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. قىنى دوستۇم، ھاياتلىق مۇساپىڭىزدە “ يانچۇقىڭىزدا ئالما بولسۇن ”، شۇندىلا چوقۇم ئاخىرقى مەنزىلىمىزگە يېتىپ بارالايمىز. بۈگۈنكى كۆز يىشى ھەرگىزمۇ ئەتىمىزنىڭ بىشارىتى ئەمەس، قوياش ھەر كۈنى يېڭى…
بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈپ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1048
شۇنداق ، قۇياش ھەر كۈنى يېڭى ، شۇنداقلا تۇرمۇش ھەر كۈنى يېڭى ، ھەئە ، ‹‹ تۇرمۇش ›› مۇ ھەر كۈنى يېڭى …
ھا…ھا…ھا…، ئىنكاسلىرىڭىز بەك چوڭقۇر مەنالىق جۇمۇ ئەلپىدا