تۇرمۇش خاتىرىسى

    

ھىجازدىكى كۈنلەر ۋە تۈنلەر…( ساياھەت خاتىرىسى ) داۋامى

خەيرخوش، مەدىنە

ئابدۇۋەلى ئەلى

تۈنۈگۈندىن باشلاپ مەدىنىنىڭ تېمپېراتۇرىسى بىردىنلا تۆۋەنلەشكە باشلىدى. بۈگۈن ئەتىگەن مەن ھەرەم شەرىفتىن چىققاندا ئازراق مۇزلىغاندەك بولدۇم. شۇڭا، ئۈستۈمگە يەنە بىر قەۋەت كىيىم كىيىۋالدىم. بۈگۈن مەن ھەرەم شەرىفنى ئەڭ ئاخىرقى قېتىم زىيارەت قىلدىم.
ھەرەم شەرىفتىن قايتىپ ياتاققا كەلسەم، ئۈرۈمچىلىك ھېلىقى تۆت خۇيزۇ ھەدىلەر تېخى قايتمىغانىكەن (ئۇلار قۇربان ھېيت بولغانغا قەدەر مەدىنىدە تۇرماقچى ئىدى). مەن نائىلاج ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ماڭغانلىقىمنى ئەسكەرتىپ باغاقچە يېزىپ قالدۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، نەرسە – كېرەكلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ بولۇشۇمغا سائەت توققۇز بولدى، مەن مېھمانخانا ئالدىدا توختىتىلىپ قويۇلغان «بېنز» ماركىلىق 90 كىشىلىك ئاپتوبۇسقا چىقىپ تۇرۇشۇمغا، ئاپتوبۇس ئورنىدىن قوزغىلىپ مەدىنىدىن مەككىگە قاراپ يۈرۈپ كەتتى. مەن ئۇنتۇلماس سەككىز كۈن ۋە سەككىز تۈننى ئۆتكۈزگەن، مېنىڭدە ئىنتايىن چوڭقۇر ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان ئەل رەسۇل شەھىرى  گۈزەل مەدىنىدىن كۆز قىيالمىغان ھالدا ئايرىلدىم.

بىز ئولتۇرغان ئاپتوبۇس جەنۇبقا قاراپ يېرىم سائەتتەك ماڭغاندىن كېيىن، مەككىگە بارىدىغان يول ئېغىزىدىكى «ئەبيار ئەلى» (ئەلى قۇدۇقى) دېگەن يەرگە كېلىپ توختىدى. بۇ يەر ھازىر زۇلھەلىفە، دېيىلىدىكەن. ئۇ مەدىنىدىن مەككىگە بارىدىغانلار ئېھرام باغلايدىغان  چېگرا بولۇپ، مەدىنىنىڭ غەربىي  جەنۇبىغا 18 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان قەدىمكى بىر ئۆتەڭ ئىكەن. بۇ يەردە ھەج قىلىدىغانلارغا لازىمەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى سېتىلىدىغان كىچىك بازار بار ئىكەن.
ئەرلەر باغلايدىغان ئېھراملىق ئىككى مېتىر يىگىرمە بەش سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى، بىر مېتىر يىگىرمە بەش سانتىمېتىر  كەڭلىكتىكى ئىككى پارچە توقۇلما لۆڭگە رەخت بولۇپ، بىر پارچىسى ھېچقانداق كىيىم كىيىلمىگەن يالىڭاچ ھالەتتىكى بەدەننىڭ ئۈستىگە مۈرىدىن باشلاپ ئورىلىدىكەن. يەنە بىر پارچىسى بەلنىڭ ئوتتۇرىسىدىن تاكى بەدەننىڭ ئاستىدىكى ئىككى پۇتنىڭ ئوشۇقىغىچە  ئورىلىدىكەن. ئېھرام باغلاشتىن ئاۋۋال تىرناق ئېلىش، چاچ – ساقالنى ئالدۇرۇش ۋە باشقا تەييارلىق ئىشلىرىنى ئالدىن ئوبدان قىلىۋېلىش زۆرۈر ئىكەن. ئاندىن  بەدەن تازىلىقى قىلىش ئۈچۈن غۇسۇل  تاھارەت ئېلىپ، ئېھرام باغلاش ئۈچۈن نىيەت قىلىش كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭدىن كېيىن ئالدىن تەييارلانغان ئېھراملىقنىڭ بىر پارچىسىنى بەلدىن تاكى ئىككى پۇتنىڭ  ئوشۇقىغىچە ئورىغاندىن كېيىن، كېيىنكى تاۋاپ پائالىيىتىدە ئالىمادىس يېشىلىپ كەتمەسلىكى ياكى كەئبە ئالدىدا سەجدە قىلغاندا ئېچىلىپ كېتىپ، بەدەننىڭ ئاستى قىسمى  كۆرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئېھرامنىڭ بەل قىسمىنى ۋە چەكلىرىنى مېتال ئىلغۇچ بىلەن چىڭ بېكىتىپ قويۇش كېرەك ئىكەن. بەلنىڭ ئاستى قىسمىغا ئېھراملىق ئورالغاندا، ئىككى چاتنى كەڭ كېرىپ تۇرۇپ ئوراش لازىم ئىكەن. بولمىسا، ئېھراملىق تار ئورىلىپ قېلىپ، كەئىبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلغاندا ۋە مەرۋى – سەفا ئوتتۇرىسىدا سەئىيە قىلىش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ ماڭغاندا، ئېھراملىق تارتىشىپ قېلىپ، ھەرىكەت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدىكەن.
ئېھراملىقنىڭ يەنە بىر پارچىسىنى بەدەننىڭ ئۈستىگە ئورىغاندا، ئوڭ قولىنى يالىڭاچ قالدۇرۇپ، سول مۈرىنىڭ ئۈستىدىن باشلاپ ئوراش  لازىم ئىكەن ۋە كېيىنكى تاۋاپ پائالىيەتلىرىدە ئالىمادىس يېشىلىپ كېتىپ، بەدەننىڭ ئۈستى قىسمى ئېچىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، بەدەننىڭ ئۈستى قىسمىغا ئورالغان ئېھراملىقنىڭ چاك – جىيەكلىرىنىمۇ مېتال ئىلغۇچ بىلەن ئىلىپ چىڭ بېكىتىپ قويۇش كېرەك ئىكەن. خوتۇن – قىزلارنىڭ ئېھراملىقىغا ئۆزلىرىنىڭ كىيىمى ھېساب بولىدىكەن. كىيىمىنىڭ رەڭگى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، پەقەت رەتلىك، يىرتىلمىغان ۋە پاكىز بولسىلا بولىۋېرىدىكەن.
بىز زۇلھەلىفەدە ئېھرام باغلىغاندىن كېيىن، ئەينى ۋاقىتتا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بېكىتكەن سۈننەت – پەرز بويىچە  مەسچىتى  مىقاتتا ئىككى رەكىئەت ناماز ئوقۇدۇق.
مېنىڭ قولۇمدىكى ۋىيزا رامىزان مەزگىلىدىكى ساياھەت ۋىيزىسى بولغانلىقتىن، مەن پەقەت ھەج تەمەتتۇ  «بەھرىمەن ھەج» قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىكەنمەن.
«بەھرىمەن ھەج»  مەككە مۇكەررەمدىكى بەيتۇل ھەرەمدە كەئبىنى يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلىش، زەمزەم سۈيى ئىچىش، سەفا – مەرۋى تېغى ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم سەئىيە قىلىش، ئاندىن چاچ كېسىپ ئېھرامدىن چىقىش قاتارلىق بىر قاتار تاۋاپ پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
بىز «مەسچىت  مىقات»تا ئېھرام باغلاپ، زۇلھەلىفەدىن مەككىگە قاراپ يولغا چىققاندا، سائەت ئون يېرىم بولغانىدى. دېمەك، ئېھرام باغلاشقا ساقمۇ – ساق بىر سائەت ۋاقىت كېتىپتۇ.
يولدا  سەئۇدى ھەربىي – ساقچىلىرى بىز ئولتۇرغان «بېنز» ماركىلىق ئاپتوبۇسنى ئىككى – ئۈچ  قېتىم توختىتىپ تەكشۈردى. ھەر قېتىم توختىغاندا، سەئۇدى ساقچىلىرى ماشىنىغا چىقىپ مېنىڭ بىلەن يەنە بىر زانگىبارلىق نېگىر ئىككىمىزنىڭلا پاسپورتىنى ناھايىتى ئىنچىكىلەپ تەكشۈرەتتى. بىراق بۇ تەكشۈرۈش ماڭا ياكى ھېلىقى نېگىرغىلا قارىتىلغان مەخسۇس تەكشۈرۈش بولماستىن، بەلكى سەئۇدى ھۆكۈمىتىنىڭ مەككە مۇكەررەمگە پاسپورتسىز كىرىدىغانلارنى قاتتىق تىزگىنلەش ئۈچۈن قوللانغان زۆرۈر تەكشۈرۈش تەدبىرلىرى يۈزىسىدىن بولۇۋاتقان بىر ئىش بولغاچقا، مەنمۇ، ھېلىقى زانگىبارلىق نېگىرمۇ سەئۇدى ھەربىي – ساقچىلىرىنىڭ قايتا – قايتا تەكشۈرۈشىگە قىلچىمۇ تېرىكمەستىن ئاكتىپ ماسلاشتۇق. شۇڭا ساقچى بىلەن بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا چۈشەنمەسلىكتىن يۈز بېرىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەر سادىر  بولمىدى. پېشىن نامىزى بىلەن دىگەر نامىزىنى يولدا ئوقۇپ ماڭدۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت تۆت يېرىمدا  بىز ئۇزۇندىن بېرى بىر بېرىپ تاۋاپ قىلىشنى زارىقىپ كۈتكەن تىنچلىق شەھىرى مەككە مۇكەررەمگە ئاخىر يېتىپ كەلدۇق!…

مەدىنىدىن يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى، مەن مەككە XX ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئىلمىي مۇدىرى ئادىل قۇربان قەشقەرىگە: «بۈگۈن كەچقۇرۇن مەككىگە يېتىپ بارىمەن» دەپ تېلېفون قىلىۋەتكەنىدىم. بىز مەككىگە يېتىپ كەلگەندە، ئۇ تېلېفوندا ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئادرېس بويىچە شوپۇر مېنى مەككىدىكى مىسفېل كوچىسىنىڭ دوقمۇشىغا ئەكېلىپ قويدى. بۇ چاغدا، ئادىل قۇربان قەشقەرى ئۆزىنىڭ ئابدۇللا، ئۆمەر دېگەن ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە شۇ يەردە مېنى ساقلاپ تۇرغانىكەن. ئالدىنقى يىلى  ئۇ ئۈرۈمچىگە ساياھەتكە كەلگەندە، مەن ئۇنىڭ بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە تونۇشۇپ قالغانىدىم.
ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ئىككى ئوغلى مېنىڭ يۈك – تاقلىرىمنى ئاپتوبۇستىن چۈشۈرۈپ دادىسىنىڭ كىچىك ماشىنىسىغا باستى. ماشىنىنى ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ چوڭ ئوغلى ئابدۇللا ھەيدىدى. ماشىنا ئون مىنۇت ماڭغاندىن كېيىن بىز ئۇنىڭ ئۆيىگە يېتىپ كەلدۇق. بۇ چاغدا سائىتىمگە قارىسام، ئىپتارغا يەنە بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىكەن.
ئادىل قۇربان قەشقەرى مېنىڭ كۆڭلۈمدىكىنى چۈشەندى بولغاي، ئۇمۇ سائىتىگە بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن:
مۆھتەرەم ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى، بىز سىلىنى بەيتۇل ھەرەمگە باشلاپ بارايلى. سىلە تاۋاپ پەرزىنى ئادا قىلىۋەتسىلە. ئۆزلىرى ئىلمىي ئادەم، ئېھرام بىلەن يۈرسىلە  بىئەپ بولۇپ قالىدۇ، دېدى.
بىز ھايالشىمايلا كىچىك ماشىنا بىلەن بەيتۇل ھەرەمگە قاراپ يۈرۈپ كەتتۇق. بىز ئولتۇرغان كىچىك ماشىنا ئېگىز بىر تاغنىڭ ئاستىدىكى تونىلدىن ئۆتۈشىگە، ھەشەمەتلىك بەيتۇل ھەرەم كۆز ئالدىمىزدا ئايان بولدى. ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا بىز ماشىنىدىن چۈشتۇق. ئادىل قۇربان قەشقەرى ئىككى ئوغلىغا: «مۆھتەرەم ئەپەندى تاغاڭلار بەيتۇللا ھەرەمگە كېلىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئۇ تىل ئۇقمايدۇ. بۈگۈن ھەرەمدە  تاۋاپ قىلىدىغانلار كۆپ ئىكەن. مەن مۆھتەرەم تاغاڭلارنى باشلاپ تاۋاپ پەرزىنى ئادا قىلدۇرۇپ چىقاي. ئۇنىڭغىچىلىك شام نامىزىنى ئۆتەپ، بىزنى مۇشۇ يەردە كۈتۈپ تۇرۇڭلار!» دەپ جېكىلىدى.
مەن ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدا تاۋاپ پەرزىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بەيتۇل ھەرەمگە ماڭدىم.
ھەيۋەتلىك بەيتۇل ھەرەمنىڭ تۆت ئەتراپى باشتىن – ئاياغ كۆكۈش مەر مەر تاش بىلەن قوپۇرۇلغان، تولىمۇ ئېگىز ئىككى قەۋەت تام بىلەن ئورالغانىدى. ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ مەرمەر تاش تامنىڭ ئېگىزلىكى 21 مېتىر كېلىدىكەن. بەيتۇل ھەرەمنىڭ 64 يەردە چوڭ – كىچىك ئىشىكى بار بولۇپ، بىز كىرىپ كېتىۋاتقان ئىشىك «ئابدۇلئەزىز ئىشىكى» دەپ ئاتىلىدىكەن. ئىشىكنىڭ ئۈستىدىكى ئېگىز ئۈچ مۇنار ۋە سەفا تېغى تەرەپتىكى مۇنارلار  بىلەن قالغان تەرەپتىكى مۇنارلارنىڭ ئېگىزلىكى ئايرىم – ئايرىم ھالدا 90 مېتىر كېلىدىكەن. ھازىر زاۋال ۋاقتى بولۇپ قالغاچقا، بۇ مۇنارلار ئەتراپتىكى پروژىكتورلارنىڭ كۈچلۈك نۇرىدا ئاپئاق چاقناپ، قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. شۇ دەقىقىلەردە ماڭا ئوخشاش  ئاق رەختتىن ئېھرام باغلىغان كىشىلەر بىر خىل مۇقەددەس ئېتىقاد كۈچىنىڭ تۈرتكىسىدە بەيتۇل ھەرەمنىڭ ئىچىگە خۇددى سەلدەك ئېقىپ كىرىۋاتاتتى. ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ھەمراھلىقىدا مەنمۇ ئاشۇ  ئاپئاق ئادەم ئېقىمىغا قوشۇلۇپ بەيتۇللانىڭ ئىچىگە قاراپ سىلجىدىم.

مەككە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئىسلامىيەت ۋە بەيتۇللانىڭ قىسقىچە تارىخى ھەم ئۇلار توغرىسىدىكى ئاجايىپ رىۋايەتلەر

    ئادىل قۇربان قەشقەرى مەككە، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئىسلامىيەت ۋە بەيتۇللا توغرىسىدا كۆپ نەرسىلەرنى بىلىدىكەن. بوش ۋاقىتلاردا ئۇ ماڭا بۇ ھەقتە نۇرغۇن ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.
قەدىمكى زاماندا، ۋېزانتىيە ئىمپېراتورلۇقى (شەرقىي رىم)دىن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى باي، مۇنبەت ئۆلكىلەرگە بارىدىغان چوڭ سودا يولى قىزىل دېڭىز ياقىسىدىكى ھىجاز ۋادىسى ئارقىلىق ئۆتەتتى. شەرقتىكى ھىندىستان، جۇڭگو، ۋە ئافرىقىدىكى ھەبەشىستان قاتارلىق باي ئەللەردىن شىمالدىكى بابىل، سۈرىيە، كىچىك ئاسىيا، ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى ھەرقايسى ئەللەرگە بارىدىغان سودا يوللىرىمۇ مۇشۇ ھىجاز ۋادىسىدىن ئۆتەتتى. ئەرەبىستاننىڭ جەنۇبىدىكى يەمەندىن چىقىدىغان مۇشكى، ئەنبەر قاتارلىق خۇش پۇراق  ماتېرىياللار يۇنانىستاندا قىممەت باھادا سېتىلاتتى، بۇنداق ماللارنى توشۇيدىغان يوللارمۇ ھىجاز ئارقىلىق ئۆتەتتى. شۇڭا، ھىجازدىن ئۆتىدىغان  بۇ سودا يوللىرى تارىختا «ئەترىيەت يولى» دەپمۇ ئاتالغانىدى.
«ئەترىيەت يولى»نىڭ كېسىشكەن يېرىدە پەيدىنپەي بىرنەچچە مەشھۇر سودا تۈگۈنلىرى  شەھەرلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى. بۇ شەھەرلەر ئارىسىدا ھىجازنىڭ جەنۇبىدىكى ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان قاقاس تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان مەككە شەھىرى كارۋانلار توختاپ سودا قىلىدىغان مۇھىم بىر جاي سۈپىتىدە يىراق – يېقىنلاردا مەشھۇر ئىدى. ھەر يىلى باھار پەسلى يېتىپ كېلىشى بىلەن تەڭ ئۇدا تۆت ئاي داۋام قىلىدىغان «ئوكاز يەرمەنكىسى» ۋاقتىدا، مەككە شەھىرى ئەتراپتىكى ئەللەردىن بۇ يەرگە سودا – سېتىق قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەر بىلەن تولۇپ كېتەتتى. قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ئادەت قانۇنى بويىچە «ئوكاز يەرمەنكىسى» بولۇۋاتقان بۇ تۆت ئاي «ئوغرىلىق، ئۇرۇش، بۇلاڭچىلىق، قاتىللىق ھارام قىلىنغان» «ئەزىز ئايلار» يەنى «ھەرام ئايلىرى» دەپ ئېلان قىلىنغانىدى.
ئوكاز يەرمەنكىسىدە كىشىلەر ئۆزئارا سودا – سېتىق قىلىشقاندىن سىرت، شائىر، خاتىپ (ناتىق)، مەدداھلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلايتتى. قىماردا دو چىقىشىپ، ئۆز بەخت – تەلىيىنى سىنىشاتتى.
مەككە ئەتراپىدا سۇ بولمىغاچقا، تېرىلغۇ يەر، ئوتلاق، مېۋىلىك باغ يوق ئىدى. شۇڭا، سودا – سېتىق شەھەر ئاھالىسىنىڭ مۇھىم كەسپىگە ئايلانغانىدى. سودا كارۋانلىرىنى قارشى ئېلىش، ئۇلارنى يولغا سېلىشقا شەھەر ئاھالىسىنىڭ ھەممىسى قاتنىشاتتى. ئۇلار تاقەتسىزلىك بىلەن كارۋان كۈتەتتى، بىر – بىرىگە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشەتتى. كارۋان بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىسا، پۈتۈن شەھەردىكى ئەر – ئايالنىڭ ھەممىسى قوراللىنىپ ياردەمگە چىقاتتى. ئاياللار ئۇرۇشتا باتۇرلارچە يار – يۆلەكتە بولۇشاتتى.

مەككىنىڭ ئاساسلىق ئاھالىسى قۇرەيىش قەبىلىسىدىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدە تادان غېنىلەر، تەمەگەر سودىگەرلەر، ئاچكۆز سۈتخورلار تۇراتتى. قۇرەيىشلەرنىڭ ئاقساقاللىرى كىشىلەرنى سودىغا قىزىقتۇرۇپ، سۈتخورلۇق قىلاتتى، ئۇلار بۇنداق ئاسارەت زەنجىرى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە قارام قۇل قىلىۋالغانىدى.
شۇ چاغلاردا مەككە بايلىرى نۇرغۇن ئات – تۆگىلەرنى ۋە نۇرغۇن بايلىقىنى تىزگىنلىۋالغانىدى، ئۇلار قوللىرىدىكى بايلىقتىن پايدىلىنىپ قۇلپۇرۇشلۇقمۇ قىلىشاتتى. قەرزلىرىنى ئۈزەلمەي، پۈتۈن ئىشلەپچىقىرىش ۋاسىتىلىرىدىن مەھرۇم بولغان ئۇششاق تىجارەتچى، ھۈنەرۋەن – كاسىپ، شەھەر كەمبەغەللىرى مەككە بايلىرىنىڭ تۈرلۈك زوراۋانلىقلىرىدىن تولىمۇ نارازى ئىدى. مەككە شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تائىف شەھىرىنىڭ ئاھالىسى مەككە بايلىرىنى ھەر خىل كۆكتات، مېۋە – چېۋىلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرىدىغان قارانچۇق مەدىكارلارغا ئايلىنىپ قالغانىدى. مۈلكىي تەڭسىزلىك كۆپەيگەنلىكتىن، ھەرقايسى تەبىقىلەر ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى.

مەككە شەھىرىنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدا تۆت تېمى جىگەر رەڭ قارا تاشتىن قوپۇرۇلغان، تۆت بۇرجەكلىك «كەئبە» دەپ ئاتىلىدىغان بىر مۇقەددەس تاۋاپگاھ بار ئىدى. ئۇ ئەسلىدە مەككىدىكى ئاساسلىق قەبىلە  قۇرەيىشلەرنىڭ ئىبادەتخانىسى ئىدى. كېيىنكى چاغلاردا باشقا ئەرەب قەبىلىلىرىمۇ ئۇنى تاۋاپ قىلىدىغان بولغاندىن كېيىن، ئۆزلىرى چوقۇنىدىغان بۇت – سەنەملىرىنى «ئوكاز يەرمەنكىسى» مەزگىلىدە مەككىگە توشۇپ يۈرمەسلىك ئۈچۈن، ئاشۇ كەئبە ئىچىگە قويۇپ قويىدىغان بولدى. كەئبە ئىچىگە قويۇلغان بۇت – سەنەملەرنىڭ سانى ئەڭ كۆپ يىللىرى 360 قا يېتەتتى.
قەدىمكى مەككە شەھىرى ھىجازنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي مەركىزى بولغاندىن باشقا، يەنە «ئوكاز يەرمەنكىسى» مەزگىلىدە ھەرقايسى ئەرەب قەبىلىلىرى تاۋاپ قىلىدىغان دىنى مەركەزلىك رولىنىمۇ ئاتقۇرۇشقا باشلىدى.
ئىسلام دىنىنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادى 571 – يىلى (توشقان يىلى) 4 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ھازىرقى مەككە شەھىرىدىكى ئەبۇ قۇبەيس تېغى ئېتىكىگە جايلاشقان سۇقرائىل كوچىسىدىكى ئابدۇللا بىن ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ ئۆيىدە دۇنياغا كەلدى.مۇھەممەد خۇزەرى: «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 1983 – يىل 1 – ئاي 1 – نەشرى، 10 – بەت.
«سەييارە نەبى» دېگەن كىتابتا يېزىلىشىچە، مۇھەممەد پەيغەمبەر خەتنە قىلىنغان ھالدا تۇغۇلغانىكەن. ئۇنىڭ يۈزىدە «نەبى»لىك نۇرى يېنىپ تۇرغان؛ بېشىنىڭ ئارقىسىدا «نەبى»لىك مۆھرى (پەيغەمبەرلىك ئالامىتى) بولغانىكەن.
مۇھەممەد پەيغەمبەر ئىنىك ئانىسى ھەلىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ قولىدا تەربىيىلىنىپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە، تالادا ئويناپ يۈرسە، ئاق كىيىملىك ئىككى كىشى ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، يەرگە ياتقۇزغان، ئاندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆكرىكىنى يېرىپ يۈرىكىنىڭ شەيتان لەئىن ۋەسۋەسە سالغان قىسمىنى  بۇزۇق قېنىنى تازىلاپ ئېلىۋەتكەن. مۇھەممەد پەيغەمبەر بۇ چاغدا تۆت ياشتا بولۇپ، ئۆزى بۇنى زادى سەزمىگەن ئىمىش. ئىسلام ۋەقەشۇناسلىرى بۇنى «شەققى سەدىر» يەنى «كۆكرەكنى يېرىش» ۋەقەسى دەپ ئاتىغان.
دۇنيادىكى ھەرقانداق دىن مۇقەررەر تارىخىي ھادىسە بولۇش سۈپىتى بىلەن مۇئەييەن تارىخىي ماكان ۋە مۇئەييەن تارىخىي زاماندا مەيدانغا كەلگەن بولىدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئاللانىڭ ۋەھىيسى ئارقىلىق بەرپا قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ مەيدانغا كېلىشىمۇ ھىجازدىكى كۆچمەن ئەرەب بەدەۋىلىرى ۋە  مەككە شەھەر ئاھالىسى ھاياتىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي بوھران ۋە تۈرلۈك كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى.

ئىسلامىيەتنىڭ مەككىدە پەيدا بولۇشىمۇ بۇ شەھەردە يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. بۇ ھادىسىلەر مەككە شەھەر كەمبەغەللىرىنىڭ ۋە ئۇششاق سودىگەرلەرنىڭ قۇرەيىش چوڭلىرىغا نىسبەتەن تۈرلۈك قارشىلىقلىرىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى ئىدى. چۈنكى قۇرەيىش چوڭلىرىنىڭ زۇلمىدىن پەقەت ئۇششاق سودىگەرلەر زىيان تارتاتتى. كارۋان سودىسىدىن كىرىدىغان پايدىنى تەقسىم قىلغاندا، قۇرەيىش چوڭلىرى ئۇلارغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قىسىپ قېلىپ بەرمەيتتى. سۈتخورلارمۇ ئۆزلىرى بەرگەن قەرزلەرنى قايتۇرۇۋالغاندا، ئۇلاردىن ھەسسىلەپ  پايدا ئۈندۈرۈۋالاتتى. شۇڭا، ئىسلامىيەتنىڭ مۇقەددەس كىتابى «قۇرئان كەرىم»دىكى مەككە سۈرىلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىمۇ تارازىدىن ۋە ئۆلچەمدىن ئۇرىدىغان پاسسىق بايلارنى، كاززاپ سۈتخورلارنى قارىلايدىغان مەنە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ.
ھىجازدىكى شەھەر ھاياتىنىڭ، سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشى تەسىرىدە بارلىققا كەلگەن مەككە ۋە تائىف سودا ئىگىلىكى، مەدىنىدىكى دېھقانچىلىق ئىگىلىكى ۋە ئەرەب بەدەۋىلىرىنىڭ چارۋىچىلىق ئىگىلىكى ئاساسىدا شەكىللەنگەن تۈرلۈك ئىجتىمائىي – ئىقتىسادىي تۈزۈملەر ئىسلام دىنىنىڭ بارلىققا كېلىشىدىكى تۈپ سەۋەب ئىدى. شۇڭا، قەدىمكى ئىسلامىيەت بىر تەرەپتىن مەككىدىكى سودىگەرلەر تەبىقىسىنىڭ ئىدېئولوگىيىسىنى ئۆزىگە سىڭدۈرگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن مەدىنىدىكى ناتۇرال جامائە ئىگىلىكى بىلەن ئەرەب بەدەۋىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئىپتىدائىي خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ ئەكس ئەتتۈردى.
ئەسلىدە ئەرەب بەدەۋىلىرى چوقۇنىدىغان مەجۇسىيىلىك (بۇتپەرەسلىك) ئەمدى شەھەر خەلقىنىڭ تۈرلۈك مەنىۋى ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرالمايدىغان بولۇپ قالغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشۇ كۆچمەن ئەرەب بەدەۋىلىرىمۇ يېڭى ئىدىيىگە موھتاج ئىدى. ھالبۇكى، بۇنداق يېڭى ئىدىيە زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ئارقىلىق مەۋجۇت بوھراننى ھەل قىلالايدىغان  مەلۇم بىر خىل قائىدە – ئىنتىزامنى تۈزۈشكە ئاساس بولالايدىغان ئىدىيە بولۇشى كېرەك ئىدى. بۇ ھەقتە «ئەخلاقۇل مۇھسىنىن» دېگەن كىتابتا: «ئادەملەرنىڭ تەبىئىتى شەھەرگە  مۇۋاپىقتۇر. يەنى ئۇلارغا بىر – بىرى بىلەن تېپىشىپ، بىر شەھەردە ياكى بىر ماكاندا جەم بولۇپ ئولتۇرماي ئىلاج يوق. لېكىن ھەقتائاللا ئۇلارنىڭ مىجەزلىرىنى بىر – بىرىگە ئوخشاشمايدىغان قىلىپ ياراتقانلىقتىن، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەئىشەتلىرى ئىنتىزام تېپىپ، پاساد ۋە خاتالاردىن يىراق تۇرۇش  ئۈچۈن بىر قائىدە كېرەك بولىدۇ. بۇ قائىدە  شەرىئەتتۇر. ئۇنىڭ ئاساسىنى ھەق ۋە پاك تەڭرى ياراتقان بولۇپ، ئۇنى زۇھۇرغا كەلتۈرۈپ ئاشكارا قىلغۇچى پەيغەمبەر، دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگەن.
ھىجازدىكى مەككىدە  تۇغۇلۇپ، مەككىدە ياشىغان ۋە سودا ئىشلىرى بىلەن ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ باشقا جايلىرىغا بارغان مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئەرەب قەبىلىلىرى ئوتتۇرىسىدا سودا مەنپەئىتى تۈپەيلىدىن تۇغۇلىدىغان ئۆزئارا دۈشمەنلىكنى تۈگىتىش، قۇمدەك چېچىلىپ كەتكەن ئەرەب قەبىلىلىرىنى ئورتاق مەنپەئەت يولىدا بىرلىكتە كۈرەش قىلىدىغان  قىلىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلاشتۇرۇش مەقسىتىدە، ئەرەبلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتقان قەبىلە – ئۇرۇقداشلىق تۈزۈلمىسىنىڭ ئورنىغا قەبىلە – ئۇرۇقتىن ئۈستۈن تۇرىدىغان يېپيېڭى بىر خىل تۈزۈمنى  مۇسۇلمانلار جامائەسىدىن ئىبارەت يېڭى تۈزۈمنى، يەنى ئىسلامىيەتنى دەسسەتتى. بۇ يېپيېڭى ئىسلامىيەت تۈزۈمى ھېچبىر ئىستىسناسىز ھالدا پۈتۈن شەھەر ئاھالىسىنى، قۇل – ھەقىرلەرنى، كۆچمەن بەدەۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بەرپا قىلىپ چىققان يېپيېڭى ئىسلامىيەت تۈزۈمى كىشىلەرنى ئەمدى ئىلگىرىكىدەك قەبىلە – ئۇرۇققا ياكى مەرتىۋە – مۈلۈككە قاراپ ئەمەس، بەلكى دىنغا  قاراپ ئايرىيدىغان بولدى. دېمەك، ئىسلام دىنى: «ئەرەبلەرنىڭ ئويغانغان مىللىي ئېڭىنىڭ ئىپادىسى ۋە نەتىجىسى ئىدى.»«ماركس، ئىنگلىز ئەسەرلىرى»، 21 – توم، 495 – بەت.شۇڭا، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بىلەن ئىسلامىيەتنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقا يەردە ئەمەس، بەلكى قاقاس ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدىكى ھىجازدا دۇنياغا كەلگەنلىكىنى چۈشەنسەك، ئۇ ھالدا يەھۇدىي دىنىنىڭ نېمە ئۈچۈن  قاقاس سىناي يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولغانلىقىنىڭ ۋە خرىستىئان دىنىنىڭ نېمە ئۈچۈن قاقاس پەلەستىندە پەيدا بولغانلىقىنىڭ سەۋەبىنىمۇ چۈشەنگەن بولىمىز.
ئادىل قۇربان قەشقەرىنىڭ ماڭا سۆزلەپ بېرىشىچە، بەيتۇل ھەرەم  ئەرەبچە: «ئۇرۇش – تالاش، جېدەل – ماجىرا قىلىش مەنئىي قىلىنغان ئورۇن» دېگەنلىك بولىدىكەن؛ كەڭ مەنىدىن  ئېلىپ ئېيتقاندا، بەيتۇل ھەرەم  مەككىنى، مەككىدىكى پۈتۈن مەسچىتى  ھەرەمنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىنى كۆرسەتسە؛ تار مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بەيتۇل ھەرەم مەسچىتى  ھەرەمنىڭ ئىچىدىكى سەينانىڭ قاپ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان «كەئبە» دەپ ئاتىلىدىغان بەيتۇللانى كۆرسىتىدىكەن.
نوپۇزلۇق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، «كەئبە»  ئەرەبچىدىكى «مۇكەئئەب» سۆزىنىڭ تۈرلەنگەن ۋارىيانتى «كۇئۇب» دېگەن سۆزدىن كەلگەنىكەن.

كەئبە  تاملىرى جىگەر رەڭ قارا تاشتىن تەكشى قوپۇرۇلغان تۆت تەرەپ، تۆت بۇرجەكلىك ئېگىز بىر بىنا ئىكەن. بۇ تۆت بۇرجەكنىڭ غەربىي  شىمال تەرەپتىكىسى  «ئىراق بۇرجىكى»، غەربىي  جەنۇب  تەرەپتىكىسى  «سۈرىيە بۇرجىكى»، شەرقىي  جەنۇب تەرەپتىكىسى  «يەمەن بۇرجىكى» دېيىلىدىكەن. شەرقىي شىمال بۇرجىكى  «ھەجەرۇل ئەسۋەد» بۇرجىكى بولۇپ، بۇ بۇرجەكنىڭ  يەردىن بىر يېرىم مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىسمىدا كۈمۈش رامكا بىلەن چەمبەرلەنگەن بىر قارا تاش  «ھەجەرۇل ئەسۋەد»  بولغانلىقتىن، شۇنداق دەپ ئاتالغانىكەن. «ھەجەرۇل ئەسۋەد» كەئبىنى تاۋاپ قىلىشتىكى باشلىنىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن. تاۋاپچىلار ھەر قېتىم كەئبىنى ئايلىنىپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، «ھەجەرۇل ئەسۋەد»نى سىيلاپ سۆيۈشىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئىنتايىن سىلىقلىشىپ كېتىپتۇ. مەنمۇ كەئبىنى مۇشۇ يەردىن باشلاپ سول قولۇمنى بېسىپ يەتتە قېتىم ئايلىنىپ تاۋاپ قىلدىم. كەئبىنى ئايلىنىپ تۆتىنچى قېتىمغا كەلگەندىلا، ئاندىن «ھەجەرۇل ئەسۋەد»نى سىيلاشقا مۇشەررەپ بولالىدىم.
كەئبىنىڭ شەرقىي تېمىنىڭ يەردىن 50.1 مېتىر ئېگىزلىكتىكى قىسمىدا ئىككى قانىتى ئالتۇن بىلەن قاپلانغان  بىر  ئىشىكى بار ئىكەن. ئالتۇن ئىشىكنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئەينەك جاۋەن ئىچىدە «مەقامە ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاش بار ئىكەن. رىۋايەتلەردە ئېيتىلىشىچە، ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئورتاق بوۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەئبىنى بىنا قىلغاندا، كەئبىنىڭ تاش تېمىنى مۇشۇ تاشقا دەسسەپ تۇرۇپ قوپۇرغانىكەن. كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ مۇشۇ «مەقامى ئىبراھىم»غا كەلگەندە ئىككى رەكئەت نەفلى ناماز ئوقۇلىدىكەن. كەئبىنىڭ غەربىي تېمىنىڭ كەينىدە ئېگىزلىكى بىر مېتىر كېلىدىغان  بىر پاكار تام بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى بوش  جاي «ھەتىم» دەپ ئاتىلىدىكەن. بۇ يەر ئەسلىدە كەئبىنىڭ ئىچىدىكى يەر بولۇپ، مۇھەممەد پەيغەمبەر كەئبىنى قايتا ياساتقاندا، كىشىلەرنىڭ پىتنىسىدىن قورقۇپ بۇ يەرنى كەئبىدىن ئايرىپ ياساتقانىكەن. «ھەتىم» گەرچە كەئبىدىن ئايرىپ ياسالغان بولسىمۇ، شەرىئەت ھۆكۈمىدە يەنىلا كەئبىگە ھېساب بولىدىكەن. كەئبىنىڭ شەرقىي  جەنۇب تەرىپىدە مۇقەددەس زەمزەم قۇدۇقى بار ئىكەن. مەن كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن، قائىدە بويىچە بۇ يەردە زەمزەم سۈيىنى ئىچتىم.
سەفا – مەرۋى تېغى  كەئبىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، ئارىلىقى 500 مېتىر  كېلىدىغان ئىككى پاكار تاغ ئىكەن. مەن سەفا تېغى ئۈستىدە تۇرۇپ كەئبە تەرەپكە قاراپ سالام قىلغاندىن كېيىن، سەئيە قىلىش ئۈچۈن مەرۋى تەرەپكە قاراپ ماڭدىم. يەتتە قېتىمدا جەمئىي 3500 مېتىر مېڭىپ، چېچىمنى كېسىپ، تىرناق ئالدۇرۇپ ئۆمرە ھەج تاۋىپىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پائالىيىتىنى مەرۋى تېغىدا ئاخىرلاشتۇردۇم ۋە ئادىل قۇربان قەشقەرى بىلەن بىللە مەسچىتى  ھەرەمدىن قايتىپ چىقتۇق…
ئاخشىمى ئادىل قۇربان قەشقەرى بىلەن ئۇزۇنغىچە پاراڭلاشتۇق. ئۇ ماڭا كەئبە، زەمزەم بۇلىقى، مەرۋى – سەفا تېغى ھەققىدە نۇرغۇن ئاجايىپ قىزىقارلىق گۈزەل رىۋايەتلەرنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە: ئەرەبلەر بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئورتاق بوۋىسى ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئىراقتا تۇغۇلغان ۋە ئۆسكەنىكەن. ئۇنىڭ دادىسى مەجۈسى بولۇپ، ياغاچتىن بۇت ياساپ ساتىدىغان ياغاچچى ئىكەن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام مەجۇسسيلىككە ئىنتايىن ئۆچ كىشى بولغانلىقتىن، مەجۇسىيلەر بۇتخانىسىغا كىرىپ، پۈتۈن بۇتلارنى چېقىپ تاشلاپ، ئايالى سارە بىلەن پەلەستىنگە قېچىپ كېتىپتۇ. كېيىن ئۇ يەردىن يەنە مىسىرگە بېرىپ، ھەجەر ئىسىملىك بىر قۇلنى چۆرىلىككە ئاپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ سارە دېگەن ئايالى تۇغماس ئىكەن. ھەجەر ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بېرىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا «ئىسمايىل» دەپ ئات قويۇپتۇ.

سارەنىڭ كۈندەشلىكى قاتتىق ئايال ئىكەن. ئۇ ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنى قىستاپ، «ھەجەر بىلەن بالىسى ئىسمايىلنى مىسىردىن قىرىق كۈنلۈك يىراقلىقتىكى ھىجازغا ئاپىرىۋېتىسەن» دەپ تۇرۇۋاپتۇ. نائىلاج ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ھەجەر بىلەن ئىسمايىل ئانا – بالا ئىككىسىنى تۆگىگە مىندۈرۈپ، ھىجازدىكى مەككە جىلغىسىغا ئاپىرىپ قويغاندىن كېيىن، بىر چەللە – باراڭ ياساپ، ئۇلارنى شۇ يەرگە جايلاشتۇرۇپ قويۇپ قايتىپ كېتىپتۇ. ئۇ چاغلاردا مەككىدىكى ھازىرقى بەيتۇللانىڭ ئورنىدا كىچىك قىزىل تاشلىق بىر دۆڭ بار ئىكەن.
ئۇزاققا بارماي، ھەجەر بىلەن ئوغلى ئىسمايىلنىڭ يەيدىغىنى بىلەن ئىچىدىغىنى تۈگەپ قاپتۇ. ھەجەر بالىسىنى ياتقۇزۇپ قويۇپ، سۇ ئىزدەپ سەفا بىلەن مەرۋى دېگەن ئىككى تاغنىڭ ئارىلىقىدا يەتتە قېتىم چېپىپ بېرىپ كېلىپ، ئاخىر سۇ تاپالماي، بالىسىنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلسە، ئىسمايىل تېپچەكلەپ ياتقان يەردىن سۇ ئېتىلىپ چىقىۋاتقۇدەك. بالىسىنىڭ سۇغا چېلىنىپ ياتقانلىقىنى كۆرگەن ھەجەر ئىختىيارسىز: «زەمزەم! زەمزەم» دەپ ۋارقىرىۋەتكىنىنى تۇيماي قاپتۇ. «زەمزەم» ئەرەبچىدە: «توختا، بولدى قىل!» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. شۇڭا، ھېلىقى بۇلاق كۆزىدىن ئېتىلىپ چىقىۋاتقان سۇمۇ دەرھال پەسلەپ، ھازىرقىدەك بىر خىل تەرىزدە چىقىدىغان بولۇپ قاپتۇ. ھاجىلارنىڭ ھەج ۋاقتىدا سەفا  تېغى بىلەن مەرۋى تېغى ئوتتۇرىسىدا يەتتە قېتىم يۈگۈرۈپ سەئيە قىلىشى ۋە «زەمزەم» بۇلىقىنىڭ سۈيىنى ئىچىشى ئاشۇ چاغدىن ئۇدۇم قالغان ئىش ئىكەن.
ھەجەر بىلەن ئىسمايىل ئانا – بالا ئىككىسى زەمزەم بۇلىقىنىڭ يېنىنى ماكان تۇتۇپ شۇ يەردە ياشاشقا باشلاپتۇ.

بىر كۈنى، ئەرەبلەرنىڭ  جۇرھۇم قەبىلىسىنىڭ ئادەملىرى قاقاس مەككە جىلغىسىدا سۇ پەيدا بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، «زەمزەم» بۇلىقىنىڭ قېشىغا كېلىپتۇ ۋە ھەجەردىن ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇ يەردە ماكانلىشىپ قېلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى سوراپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئانا – بالا ئۇلار بىلەن ياشاشقا باشلاپتۇ. ئىسمايىل چوڭ بولۇپ، جۇرھۇم قەبىلىسىدىن بىرسىنىڭ قىزىغا ئۆيلىنىپتۇ.
نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپتۇ. ئاللا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆڭلىگە ئوغلى ئىسمايىلنى كۆرۈش ئىستىكىنى سېلىپتۇ. بۇ چاغدا ئۇ بەك قېرىپ كېتىپتىكەن. شۇڭا،  ئۇ ئۆز ۋاقتىدا خوتۇنى ھەجەر بىلەن ئوغلى ئىسمايىلنى تاشلىۋەتكەن مەككە جىلغىسىغا كېلىپتۇ. بۇ چاغدا خوتۇنى ھەجەر ئاللىقاچان ۋاپات بولۇپ كەتكەنىكەن. ئوغلى ئىسمايىل ئۆيىدە يوق ئىكەن. بوۋاينىڭ ئالدىغا ياش بىر كېلىنچەك چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋاپتۇ.  قارىسا، بۇ كېلىنچەك ئوغلى ئىسمايىلنىڭ خوتۇنى ئىكەن. قېينئاتا بىلەن كېلىن تونۇشۇپتۇ. كېلىن قېينئاتىسىنى قىزغىن مېھمان قىلىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كەتمەكچى بولۇپ تالاغا چىقىپتۇ. ئۇ ئېتىغا مىنمەكچى بولۇپ، پۇتىنى ئۆزەڭگىگە قويۇپتىكەن، پۇتى يەتمەپتۇ. كېلىنى ئۆيدىن بىر تاشنى كۆتۈرۈپ چىقىپ قېينئاتىسىنىڭ پۇتىغا قويۇپ بېرىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام كېلىنى قويۇپ بەرگەن ھېلىقى تاشقا دەسسەپ ئاتقا مىنىپتۇ – دە، خوشلىشىپ قايتىپ كېتىپتۇ. ھېلىقى تاشتا ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزى قاپتۇ. بۇ تاش كېيىنكى چاغلاردا «مەقامە ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىغان بولۇپتۇ.
قېرىپ كېتىپ قاراقسىز قالغان ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىپتۇ ۋە مۇشۇ مەككە جىلغىسىدىكى «زەمزەم» بۇلىقى يېنىدا ئوغلى ۋە كېلىنى بىلەن بىللە ياشاشقا باشلاپتۇ.
كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئاللادىن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا كەئبىنى بىنا قىلىش ھەققىدە ۋەھىي كېلىپتۇ. ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كەئبىنىڭ ئۇلىغا تاش بېسىپ، كەئبىنىڭ تېمىنى قوپۇرۇشقا باشلاپتۇ. تاش تام ئېگىزلەپ، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامنىڭ بويى يەتمەيدىغان بولۇپ قاپتۇ. ئوغلى ھېلىقى «مەقامە ئىبراھىم» دەپ ئاتالغان تاشنى دادىسىنىڭ پۇتىغا قويۇپ بېرىپتۇ.
كەئبىنىڭ تېمى پۈتەي دەپ قالغاندا، بىر تاش كەملەپ قاپتۇ. بۇ چاغدا مەشرىق تەرەپتىكى ئاسماندىن بىر دانە تاش يەرگە چۈشۈپ، بىر يېرىم مېتىر ئىگىزلىككە كەلگەندە، داۋاملىق چۈشۈشتىن توختاپ،  بوشلۇقتا مۇئەللىق تۇرۇپ قاپتۇ. بۇ تاش كېيىنكى چاغلاردا «تاش مۇئەللەق» دەپ ئاتىلىپتۇ. ئۇ قىزغۇچ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان، يۈزىدە سارغۇچ چىپار سىزىقچىلار بار قارا رەڭلىك سىلىق بىر تاش ئىكەن.
ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام بىلەن ئوغلى ئىسمايىل ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەزىزلىشىگە مۇيەسسەر بولغان ھەمدە كېيىنكى چاغلاردىن تا ھازىرغىچە  مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇلۇغلىشىغا مۇيەسسەر بولغان بۇ  مۇقەددەس كەئبە ياكى بەيتۇللا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ مۇقەددەس سەجدىگاھى بولغانلىقتىن، كەئبىنىڭ شەرقىي  جەنۇبى  بۇرجىكىدىكى كۈمۈش رامكا بىلەن چەمبەرلەنگەن قارا تاش  «ھەجەرۇل ئەسۋەد» كەئبىنى ئايلىنىپ تاۋاپ قىلغۇچىلار تۇنجى قەدىمىنى باسىدىغان باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپ قاپتۇ.
ئادىل قۇربان قەشقەرى ئاخىرىدا مۇنۇلارنى قوشۇمچە قىلدى:
ئىسلامىيەت ھەرقانداق مەجۈسىيلىككە قارشى تۇرىدۇ، دېدى ئۇ، شۇڭا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ۋاقتىدا كىشىلەرنىڭ «ھەجەرۇل ئەسۋەد»كە چوقۇنۇشىدەك مەجۇسىيلىك ساقىتىنى تۈگىتىش ئۈچۈن، بۇ قارا تاش ئالدىدا تۇرۇپ: «ماڭا ئايان، سەن زىيىنىڭمۇ، پايداڭمۇ يوق بىر پارچە تاشتۇرسەن» دېگەن، ئاندىن قارا تاشنى سۆيگەن. بۇنىڭ بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ قارا تاشقا ئەسلا چوقۇنمايدىغانلىقىنى، ئۇنى پەقەت ئۆزىدىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەردىن قالغان نىشان سۈپىتىدىلا ئەزىزلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. تۇنجى خەلىپە ئەبۇ بەكرى ھەج – تاۋاپ قىلغاندا «ھەجەرۇل ئەسۋەد»گە يېقىن تۇرۇپ: «سېنىڭ كىشىلەرنى  بالايىئاپەتكىمۇ دۇچار قىلمايدىغان، كىشىلەرگە سائادەتمۇ بەخش ئەتمەيدىغان بىر پارچە تاش ئىكەنلىكىڭ ماڭا ئايان. ئەگەر ئاللانىڭ رەسۇلىنىڭ سېنى سۆيگەنلىكىنى كۆرمىگەن بولسام، سېنى سۆيمەس ئىدىم» دېگەن. ئىككىنچى خەلىپە ئۆمەرمۇ شۇنداق قىلغان. شۇڭا، ھازىرقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھەجەرۇل ئەسۋەدنى سۆيۈشى، ئۇنى قوللىرى بىلەن سىيلىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭغا چوقۇنغانلىقى بولماستىن، بەلكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھايات ۋاقتىدا شۇنداق قىلغانلىقىنى بىلىدىغانلىقىدىندۇر. ئۇلار شۇ يول ئارقىلىق رەسۇلىللا بىلەن مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. ھالبۇكى، رەسۇلىللا بولسا، «ھەجەرۇل ئەسۋەد»نى ئۆزى بىلەن ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تۇتاشتۇرىدىغان ۋاسىتە دەپ بىلگەنلىكتىن شۇنداق قىلغان.يۇقىرىقىلار ئۈچۈن، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرىنىڭ  ھەج پائالىيىتى» دېگەن كىتابقا قارالسۇن.

ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ روھى نېمە؟

    بۈگۈن مەن خۇپتەندىن كېيىن ئادىل قۇربان قەشقەرى بىلەن مەسچىتى  ھەرەمدە تەھەججۈد نامىزىغا داخىل بولدۇم.
ئادىل قۇربان قەشقەرى  يېشى قىرىقلاردىن ئاشقان، ئوتتۇرا بويلۇق، ئورۇقراق كەلگەن، ئەمما سالاپەتلىك بىر ئادەم ئىدى. ئۇنىڭ يارىشىملىق كالتە قارا ساقىلىنىڭ ئارىسىغا ئانچە – مۇنچە ئاق سانجىغان بولۇپ، يېنىپ تۇرغان كۆزلىرىدىن بىلىملىك، ھوشيار ۋە زېرەك بىر زىيالىي ئىكەنلىكى چىقىپ تۇراتتى. بېشىغا سالغان ئەرەبچە ئاق ياغلىقىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇلغان قارا ئىقالى، ئۇچىسىدىكى تاكى پۇتىنىڭ ئوشۇقىغا قەدەر يېپىپ تۇرىدىغان ئەرەبچە ئۇزۇن ئاق رىداسى ئۇنىڭ بويىغا ئاجايىپ ياراشقانىدى. پۇتىدا ئەرەبچە ئېسىل بولغارىي ساپما كەش بار ئىدى.  ئۇ ئۆزى  ھەققىدە ئانچە كۆپ توختالمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەن ئارىمىزدا بولۇنغان گەپ – سۆزلەردىن ئۇنىڭ ئاتا – بوۋىسىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا  مەككىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەنلىكىنى بىلىۋالدىم. ئۇ ھىندىستاندىكى بومباي ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەنىكەن، كېيىن يەنە مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇپتۇ. ئاندىن سەئۇدىغا قايتىپ كېلىپ مەككىدىكى بىر ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۇزۇن يىل ئىنگلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپتۇ. ھازىر ئاشۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى بولۇپ ئىشلەۋېتىپتۇ.
ئۇنىڭ تىلغا ۋە ئىسلامىيەتكە ئائىت تەتقىقاتىدا ئۆزىگە خاس يېڭىچە كۆزقاراشلىرى بار ئىكەن. ئۇنىڭ ئىسلامىيەتكە، ئىلىم – پەن يېڭىلىقلىرىغا ئائىت بىلىملىرى ۋە ئېقىم مەسىلىلىرىدە بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن كۆپ ئىكەن. ئەرەبلەر ئوقۇتقۇچىنى «ئۇستاز» دەپ ھۆرمەتلەيدىكەن. مەنمۇ ئەرەبلەرنىڭ شۇ ئادىتى بويىچە ئۇنى «ئۇستاز» دەپ ئاتىدىم.
بۈگۈن مەككىنىڭ ھاۋاسى بىردىنلا ئىسسىپ كەتتى. شۇڭا، بىز سىرتتىكى ئىسسىقتىن قېچىپ، ئۆيدىن تالاغا چىقمىدۇق، ئۆزىمىز قىزىقىدىغان مەسىلىلەر ئۈستىدە قىزغىن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇردۇق.
سۆھبەت داۋامىدا، مەن ئۇنىڭ ئىسلامىيەت ۋە ئىسلامىيەت دۇنياسىنىڭ ھازىرقى ھالىتى توغرىسىدىكى بەزى كۆزقاراشلىرىدىن ھازىرقى زامان ئىسلام زىيالىيلىرىنىڭ ئىسلامىيەت ئەقىدىلىرى بىلەن ئىلىم – پەن بىر – بىرىنى چەتكە قاقماستىن، بەلكى بىر  – بىرىنى شەرت قىلىشىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم.
ئۇ سۆھبىتىمىزنىڭ بېشىدىلا مۇنداق دېدى:
ئىسلامىيەت  پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەرەبلەرنىڭ باتىل ئېتىقادىنى، يامان ئۆرپ – ئادەتلىرىنى، تۈرلۈك بۇزۇق ئەخلاقىي  خۇلقلىرىنى ۋە ئىلىم – پەنگە قارشى تۇرىدىغان جاھالەتلىكلىرىنى ئۆزگەرتىش، ئىسلاھ قىلىش يولىدا بىر ئۆمۈر كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى!
سىز بۇ يەردە نېمىنى كۆزدە تۇتماقچىسىز؟ دەپ سورىدىم مەن ئۇنىڭدىن، چۈشەنچەمنى تېخىمۇ  چوڭقۇرلاشتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن.

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام تەرىپىدىن بەرپا قىلىنغان ئىسلامىيەت، دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەت ئۆزىنىڭ ئۇزاق مەدەنىيەت تارىخىدا بارلىق مەۋجۇدات ۋە كائىنات مۆجىزاتلىرىنى كۆزىتىش جەريانىدا بايقىغان توغرا قانۇنىيەتلەرنى ۋە بۇ قانۇنىيەتلەر ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن ئىلىم – پەن نەتىجىلىرىنى ھەرگىز رەت قىلغان ئەمەس، بەلكى ئۇ ئىلىم – پەن نەتىجىلىرى «قۇرئان كەرىم»نىڭ نەزىرىدىمۇ مەقبۇلدۇر. شۇڭا ئەينى زاماندىكى ئىسلام ئۈممەتلىرى باشقا خەلق، باشقا مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە تەرەققىياتىغا مۇئامىلە  قىلىشتا، ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولغان توغرا ئىلىم – مەرىپەتنى «قۇرئان كەرىم» ۋە ھەدىس شىرىفكە ئۇيغۇن، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان بولسا، شۇنى ئىسلامىي ئىلىم – مەرىپەتتىن دەپ ھېسابلاپ، ئۇنى ئۆگەندى. ئىسلامىيەتكە مۇۋاپىق ئەمەس ۋە ئىنسانىيەتكىمۇ مۇۋاپىق كەلمىگەن خۇراپاتلىقنى ئىسلامىي مەرىپەت قاتارىدىن چىقىرىپ تاشلىدى. شۇڭا، سېھىرگەرلىك، پالچىلىق ۋە قۇرئاندازلىق قاتارلىق تۈرلۈك بولمىغۇر ئىشلارنى ئىسلامىيەتمۇ ئىنكار قىلىدۇ. چۈنكى ئىسلامىي ھاياتنىڭ ئوزۇقى بولغان «قۇرئان كەرىم»دە تەرغىب  قىلىنغان، ئىنسانىيەتكە پايدىلىق بولغان ئىلىم – مەرىپەتلا مۇسۇلمانلارنىڭ بەخت – سائادىتىنىڭ ئالتۇن ئاچقۇچى بولالايدۇ! ئابدۇۋەلى ئەلى ئەپەندى، مېنىڭ بۇ سۆزۈم توغرىمۇ؟ دەپ سورىدى ئۇ مېنىڭ بۇ ھەقتىكى خىيالىمنى بىلمەكچى بولۇپ.
ئۇستاز، ناھايىتى توغرا، ناھايىتى ئېدىتلىق سۆزلىرىڭىز! دەپ ماقۇللىدىم ئۇنىڭ سۆزىنى، بىراق ئىمام بۇخارى، مۇسلىملار ھەزرىتى ئابدۇللا ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت  قىلغان بىر ھەدىس شىرىفتە: «ئاللاتائالا ئىلىمنى كىشىلەردىن تارتىپلا ئېلىۋالمايدۇ. لېكىن  (ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى) ئىلىم ساھىبىلىرىنى ئېلىپ كېتىش يولى بىلەن ئېلىۋالىدۇ. ئىلىم ساھىبىلىرى قالمىغاندا، كىشىلەر ئۆزلىرىگە جاھىللارنى  باش قىلىۋالىدۇ. ئاندىن ئۇ جاھىللار سوئال سورالغاندا، ئىلىمسىز پەتىۋا بېرىپ، ئۆزلىرىمۇ ئازىدۇ ۋە باشقىلارنىمۇ ئازدۇرىدۇ» دېيىلگەن. جانابى ئۇستاز، مەرھەمەت قىلىپ ئېيتىپ بېقىڭچۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ يەردە قىلغان «ئاللاتائالا ئىلىمنى كىشىلەردىن تارتىپلا ئېلىۋالمايدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزى بىلەن «ئۆزلىرىگە جاھىللارنى باش قىلىۋالىدۇ» دېگەن بىر جۈملە سۆزىدە نېمىلەرنى كۆزدە تۇتقاندۇ؟

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى جۈملە سۆزنى قىلغاندا، دېدى ئادىل قۇربان قەشقەرى سەل ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، ئاللاتائالا ئىلىم – مەرىپەتنى ۋە ئىلىم ئەھلىلىرىنى قەدىرلىمىگەن مىللەتنى خار – زەبۇنلۇقتا ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ جازالىماقچى بولغاندا، ئۇ مىللەتنىڭ ئىچىدىكى ئىلىم ساھىبىلىرىنىڭ قورسىقىدىكى ئىلىملىرىنى ئېلىۋېلىش يولى بىلەن ئۇلارنى  بىلىمسىز قىلىپ تاشلاپ قويماستىن، بەلكى شۇ ئىلىم ساھىبىلىرىنى  بىر – بىرلەپ ئۆز دەرگاھىغا ئېلىپ كېتىش ئارقىلىق ئۇلارنى خار – زەبۇنلۇقتا ۋە نادانلىقتا قالدۇرۇپ جازالايدىغانلىقتىن، بۇ مىللەت جاھىل، نادان كىشىلەرنى ئۆزلىرىگە يولباشچى، قازى – قۇززات، مۆپتى – شەيخ، ئىمام – رەئىس قىلىۋالىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان. ھالبۇكى، بۇ قارا قورساق، جاھىل، نادانلار ئىش باشقۇرسا، مەيلى شەرىئەت ئەھكاملىرى بولسۇن ياكى جەمئىيەتكە ئالاقىدار مەسىلىلەر بولسۇن، ھېچبىرىنى توغرا، مۇۋاپىق ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بۇ مىللەت پەيدىنپەي ئۆز ئىچىدىن چىرىپ، زاۋاللىققا يۈز تۇتىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.
شۇنداق، بۇ ھەدىستە ئىسلامىيەتنىڭ ئىلىم – مەرىپەتنى ياقلايدىغان، نادانلىق، خۇراپاتلىققا قارشى تۇرىدىغان ۋە يېڭىلىققا ئىنتىلىدىغان روھى ئىنتايىن ئېنىق ئىپادىلىنىپ تۇرۇپتۇ، دېدىم مەنمۇ ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ.
دېمەك، ئىسلامىيەتنىڭ پىكىر – تەپەككۇرلىرى ۋە پۈتۈن ئىش – ھەرىكەتلىرىنىڭ مىزانى بولغان «قۇرئان كەرىم»، دېدى ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئىلىم – مەرىپەت، پەن – مائارىپنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مۇقەددەس كىتاب بولغاچقا، ئۇنىڭدا ئىجتىمائىيەت، تەبىئەت، كائىنات، ئاسمان  جىسىملىرى، زېمىن ھېكمەتلىرى توغرىسىدا ئىنسانلارغا نۇرغۇن ئىلىمدىن تەلىم بېرىلگەن.

ئۇنداق بولسا، ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ روھى نېمە؟ دەپ سورىدىم مەن ئادىل قۇربان قەشقەرىدىن.
بۇ سوئالنى ناھايىتى ئوبدان سورىدىڭىز، دېدى ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ، بىر جۈملە سۆز بىلەن ئېيتساق، ئىسلامىيەتنىڭ تۈپ روھى  ئۆگىنىشتۇر. يەنى ئۈزلۈكسىز ھالدا ئىلىم – مەرىپەت  ئۆگىنىشتۇر. ھەرقانداق بىر كىشى قايسى ئىرق، قايسى مىللەتتىن ياكى قايسى جىنس، قايسى  تەبىقىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەتتا دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ مۇسۇلمانلا بولىدىكەن، چوقۇم ھەممىدىن ئاۋۋال ئۆگىنىشى كېرەك، بىلىم ئېلىشى لازىم. بولمىسا، دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ، بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئىلغار مىللەتلەرنىڭ قاتارىدا تۇرۇش شەرىپىگە نائىل بولالمايدۇ. بۇددا دىنىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىگە 5 مىڭ يىل بولدى. خرىستىئان دىنىنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە 2 مىڭ يىلدىن ئاشتى. ئىسلام دىنىنىڭ دۇنياغا كەلگىنىگە ئاران 1400 يىل بولدى. مۇبادا، ئىسلامىيەت ئىلىم – مەرىپەتنى ياقلىمىغان بولسا ئىدى، ئۇ ھازىرقىدەك دۇنيا ئاھالىسىنىڭ بەشتىن بىرىنى تەشكىل قىلغان مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپ ئېتىقادى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇددا دىنى ۋە خرىستىئان دىنىدىن ئىبارەت ئىككى دۇنياۋى دىن بىلەن تەڭ تۇرالىشى مۇمكىنمىدى؟ ئىسلامىيەت ئۆز تارىخىدا دۇنيا  ئىلىم – پەن خەزىنىسىگە نۇرغۇن ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قوشقان ئىجتىمائىي پەن، تەبىئىي پەن ئالىملىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرەلىشى مۇمكىنمىدى؟ ھازىرقى تەبىئىي پەننىڭ ئاساسىي بولغان ئالگېبرا، خىمىيە، گېئومېتىرىيە، ئاسترونومىيە ۋە مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەر ئەڭ ئاۋۋال ئىسلامىيەت دۇنياسىدا بارلىققا كەلگەن. باشقىسىنى قويۇپ تۇرايلى، يالغۇز تۈركىي تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىنلا مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، فارابى، ئىبىن سىنا قاتارلىق دۇنياۋى مەشھۇر ئالىملار دۇنياغا كەلگەنىدى. غەربلىكلەر فارابىنى «ئارستوتىل سانى»، ئىبىن سىنانى «ئۇستاز» دەپ تا ھازىرغا قەدەر  ھۆرمەتلەپ كەلمەكتە.
تولىمۇ ئورۇنلۇق گەپ قىلدىڭىز! دېدىم مەن ئۇنىڭ سۆزىنى ماقۇللاپ، ئىسلام دىنى ھەققىدە گەپ بولۇپ قالسا، بەزى ئادەملەر ئىسلام دىنىنى نادانلىق، خۇراپاتلىق بىلەن بىر ئورۇنغا قويماقچى بولۇشىدۇ. ھەتتا ئىسلام دىنى بىلەن ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زىيان سالىدىغان بۇزغۇنچىلىقنى بىر قاتاردا قويۇپ ئەيىبلىشىدۇ.
بۇنداق قاراش ھەرگىز پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ، دېدى ئۇ، چۈنكى ئىسلامىيەت دۇنياغا كەلگەن تۇنجى كۈنىدىن باشلاپ ئۆزىنى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى دەپ تونۇپ كەلگەن. شۇڭا، ئىسلامىيەت لۇغەتلىرىدە «قۇرغۇچى» سۆزىنىڭ «بۇزغۇچى» سۆزىدىن كۆپ بولغانلىقى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس. شۇنى بىلىش كېرەككى، مۇسۇلمانلار تارىختا بىرەر شەھەرنى پەتھى قىلغاندا، ياكى بىرەر سەھرانى ئاۋات قىلغاندا ھەممىدىن ئاۋۋال ئۇ يەرلەردە مەسچىد، مەكتەپ – مەدرىسە ۋە ئۇنىڭ يېنىدا كىتابخانا، قىرائەتخانىلارنى بىنا قىلغان، زاماننىڭ تەقەززاسى بىلەن بۇ مەكتەپ – مەدرىسىلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يىتۈك مۇئەللىم – ئۇستازلارنى، مۇدەرىس – موللىلارنى تەيىنلىگەن. ئۇ زاماندا خەلىپە، پادىشاھ – سۇلتان، ۋەزىر – ۋۇزۇرا، ئەمىر – ئۈمەر بولغان كىشىلەر بىلىم ئەھلىلىرى ئارىسىدىن تاللانغان، ئىلىم – پەندىن خەۋەردار كىشىلەر ئىدى. شۇڭا، ئۇلار ئىلىم – پەن ئەھلىنى، مائارىپنى باشقىلاردىن ئالاھىدە قەدىرلەيتتى. ئالىملارنى ئىمتىھان قىلىپ تۇراتتى، ئالىم – ئۆلىمالارنىڭ شەنىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى. تارىخ كىتابلىرىدا ئاببايىسلار خەلىپىلىرىدىن بولغان  خەلىپە مەئمۇن (مىلادى 813  833 – يىللىرى تەختتە) نىڭ «جامئۇل كەبىر» دېگەن كىتابنى يادلىغان كىشىگە يۈز تىللا، «جامئۇل سەغىر» دېگەن كىتابنى يادلىغان كىشىگە ئەللىك تىللا، «مۇپەسسىل» دېگەن كىتابنى يادلىغان كىشىگە يۈز تىللا مۇكاپات بەرگەنلىكى يېزىلغان…
بىزنىڭ سۆھبىتىمىز مۇشۇ يەردە توختىدى. بىز تاھارەت يەڭگۈشلىۋالغاندىن كېيىن، مەسچىتى  ھەرەمگە قاراپ ماڭدۇق…
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىنكى پائالىيىتىمىز ئاساسەن مەسچىتى  ھەرەم ئىچىدە بولدى. ئىپتارنى ھەرەم ئىچىدە قىلدۇق. تەرەۋىدىن كېيىن، مەن كەئبىنى ئۈستى تەرەپتىن كۆرۈش ئۈچۈن ئادىل قۇربان قەشقەرىنى ھەرەمنىڭ ئۈستىدىكى ئۈستى ئوچۇق سەيناغا چىقىشنى تەكلىپ قىلدىم.
مەسچىتى  ھەرەمنىڭ ئىچىگە ئۈستى تەرەپتىن قارىسا، پۈتۈن ھەرەم ۋە ھەرەمنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى سەينانىڭ ئىچى تولىمۇ ھەيۋەتلىك كۆرۈنىدىكەن. بۇ سەينانىڭ چوڭلۇقى ئىككى پۇتبول  مەيدانىنىڭ چوڭلۇقىدەك چىقىدىكەن.
مەن ھەرەم مەسچىتىنىڭ ئۈستىدىكى سەينادا تۇرۇپ ھەرەمنىڭ ئىچىگە قارىۋېدىم، كۆز ئالدىمدا تولىمۇ ھەيۋەتلىك بىر مەنزىرە ئايان بولدى: كەئبە ئەتراپىدا سائەتنىڭ تەتۈر ئايلىنىشى بويىچە كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ ئايلىنىۋاتقان سان – ساناقسىز ئادەملەر خۇددى كائىناتتىكى قۇياشنى دەۋر قىلىپ ئايلىنىۋتقان  سان – ساناقسىز يۇلتۇزلاردەك كۆرۈندى.
سەئۇدى ۋاقتى كېچە سائەت بىر يېرىمدا تەجۋىد ۋاقتى بولدى. بىز ھەرەمنىڭ بىرىنچى قەۋىتىگە چۈشتۇق. بۇ چاغدا بوش ئورۇن قالمغىانىكەن. بىز قاتار ئولتۇرۇشقان ئادەملەرنىڭ ئارىسىدىن بوش ئورۇن ئىزدەپ يۈرەتتۇق، ئالدىمىزغا بوي – تۇرقى ۋىجىك كەلگەن، نۇرانە چىراي، ساقىلى كۈمۈشتەك ئاقارغان بىر مويسىپىت ئادەم ئۇچرىدى. ئۇ مۇنبەرگە قاراپ كېتىۋاتقانىكەن. كىشىلەر بۇ مويسىپىتكە ئىززەت – ئىكرام بىلەن سالام قىلىشىۋاتاتتى. ئادىل قۇربان قەشقەرى قۇلىقىمغا: «بۇ زات ئىمام ھەمىد ۋاھابى دېگەن كىشى بولىدۇ. ئۇ ھەم ۋاھابىلارنىڭمۇ شەيخى ھەم ھەرەمنىڭمۇ ئىمامى. بۈگۈنكى تەھەججۈدكە مۇشۇ كىشى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ» دەپ پىچىرلىدى. مەن دەرھال ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ سالام قىلدىم. ئادىل قۇربان قەشقەرى شەيخ ئىمام ھەمىد ۋاھابىنىڭ قولىنى سۆيگەندىن كېيىن، مېنى ئۇنىڭغا: «بۇ كىشى جۇڭگودىن كەلگەن ئابدۇۋەلى ئەلى بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇردى. ئۇ يېقىملىق كۈلۈمسىرىگىنىچە قولىنى ماڭا ئۇزاتتى. مەنمۇ ئادەت بويىچە ئۇنىڭ قولىنى سۆيدۈم، بۇ چاغدا ئۇ ماڭا: «ئوتلۇبۇلئىلمە ۋەلەۋ بىسسين!» دېدى – دە، قولى بىلەن بېشىمنى ئاستا سىيلاپ قويغاندىن كېيىن مۇنبەرگە قاراپ ماڭدى.

ھىجازدىكى ئاخىرقى كۈنلەر ۋە ئاخىرقى تۈنلەر

    تارىخىي خاتىرىلىرىدىن قارىغاندا «مەككە» سۆزى قەدىمكى بابىلۇن تىلىدا «ئۆي» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىكەن. مىلادى Ⅱ ئەسىردە ياشىغان قەدىمكى يۇنان جۇغراپىيونى پىتولېمىنىڭ «جۇغراپىيە» دېگەن ئەسىرىدىمۇ مەككە  «ماكېرابا» (Maceraba) دەپ خاتىرىلەنگەنىكەن. بۇ  «مۇقەددەس ئۆي» دېگەنلىك بولىدىكەن.
مەككە  ھىجاز  ۋادىسىدىكى «ۋادى ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىغان تاغ جىلغىسىغا جايلاشقان بىر تاغلىق شەھەر ئىكەن. ئەگەر سىز مېنىڭدىن مەككە ھەققىدىكى تەسىراتىمنى سورىسىڭىز، مەن سىزگە: «تاغنىڭ  ئىچىدىكى  شەھەر، شەھەرنىڭ ئىچىدىكى تاغ» دەپ جاۋاب بەرگەن بولاتتىم. مەككىنىڭ ئەتراپىدىكى تاغلار ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان كۆكۈچ رەڭلىك قاقاس تاغ بولۇپ، ھاۋا كىلىماتى ئادەتتە مەدىنىڭكىدىن كۆپ ئىسسىق ئىكەن.
مەككە شەھىرى  كونا مەككە ۋە يېڭى مەككە دەپ ئايرىلىدىكەن. كونا مەككە «ۋادى ئىبراھىم» دەپ ئاتىلىدىان بىر قۇرۇق دەريا ئېقىنىنىڭ بويىغا جايلاشقانىكەن. ئۇ يەردە قەدىمكى گۇد نۇسخىسىدا سېلىنغان كونا ئۆي – ئىمارەتلەر ۋە قەسىر – سارايلار تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قاپتۇ. كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قەدىمكى زاماندىن قالغان سەرراپ – دۇكانلار جايلاشقان بولۇپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر كىيىم – كېچەك، تىل، ئۆرپ – ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە قەدىمكى بەزى ھالەتلەرنى تا ھازىرغىچە ساقلاپ كېلىۋېتىپتۇ.
يېڭى مەككە  كونا مەككىنىڭ غەربىدىكى جىددە تەرەپكە جايلاشقان بولۇپ، شەھەرنىڭ قاپ ئوتتۇرىسىدىكى مەسچىتى  ھەرەمنىڭ داۋاملىق كېڭەيتىلىشى ئارقىسىدا، نۇرغۇن ئۆي – ئىمارەتلەر چېقىپ تاشلىنىپ، ئۈزلۈكسىز رەتلىنىش ئارقىلىق شەھەرنى توغرىسىغا ۋە ئۇزۇنىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان كەڭ كوچىلار بارلىققا كېلىپتۇ. چاسا يول ئېغىزلىرىغا غايەت زور تىپتىكى فونتان – كۆلچەكلەر ياسىلىپتۇ. يول ياقىسىدا ئاسمانن – پەلەك ئىمارەتلەر قەد كۆتۈرۈپتۇ. قاتار – قاتار تىكىلگەن ئىسسىق بەلۋاغ دەرەخلىرى يىل بويى كۆكىرىپ تۇرىدىكەن. كەچ كىرگەندە رەڭگا  رەڭ چىراغلار چاقناپ، مەككە شەھىرىنى خۇددى كۈندۈزدەك يوپيورۇق قىلىۋېتىدىكەن. شۇڭا، مەككىنىڭ «كېچە بولماس شەھەر» دەپمۇ نامى بار ئىكەن.

سەئۇدى ھۆكۈمىتى مەككە شەھىرىنى زامانىۋى شەھەر قىلىپ قۇرۇپ چىقىش  ئۈچۈن 1976 – يىلىدىن 1979 – يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا ئىككى مىليارد 450 مىليون رىيال پۇل ئاجرىتىپ،  ئايرودروم، مەككە – ئەرەفات – مىنا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تورى، سەفا – مەرۋى تېغى ئوتتۇرىسىدىكى سەئيە كارىدورى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى ۋە مەسچىتى  ھەرەمنىڭ تۆت ئەتراپىدا مېھمانخانا، سودا سارايلىرى، دوختۇرخانا، جىددىي تېببىي  ياردەم پونكىتلىرى قاتارلىق شەھەر مۇلازىمەت مۇئەسسەسەلىرىنى كۆپەيتىپ قۇرۇپ چىقىپتۇ. ھەر يىلى رامىزان مەزگىلىدە زوھۇرلۇق ۋە ئىپتارلىق ۋاقتىنى توغرا، دەل مەلۇم قىلىش ئۈچۈن، يەنە مەككە ئەتراپىدا زامانىۋى ئۈسكۈنىلىرى تولۇق بولغان رەسەتخانىدىن بىرنى قۇرۇپ چىقىپتۇ. مەككىدە يەنە سەھىھۇل ئىنستىتۇتى، مەككە ئىسلامىيەت ئۇنىۋېرسىتېتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئالىي – ئوتتۇرا دەرىجىلىك مەكتەپلەر بار ئىكەن.
مەككە شەھىرىنىڭ شەرق تەرىپىگە 20 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان ئەرەفات بىلەن مىنا ھاجىلارنىڭ زۇلھەججىنىڭ 10 -، 11 -، 12 – كۈنلىرى ئۈچ كۈن تۇرۇپ، چوڭ شەيتان  «قەمرەتۇلئەقەبە»، ئوتتۇرا شەيتان  «جەمرەتۇلۋۇستا» ۋە  كىچىك شەيتان  «جەمرە تۇسسۇغرا»غا  تاش ئاتىدىغان مۇقەددەس جايلاردۇر؛ ئەرەفاتتىكى «جەبەلە رەھمەت» جىلغىسىدا  بىرلا ۋاقىتتا 5 مىڭ ئادەم بىللە ناماز ئوقۇيالايدىغان مەشھۇر چوڭ مەسچىت  «مەسچىتى  نەمىرە» بار ئىكەن؛ مەككە شەھىرىنىڭ شىمالىغا بەش كىلومېتىر كېلىدىغان  تاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا تۇنجى قېتىم ۋەھىي كەلگەن جاي  ھىدا غارى بار ئىكەن؛ مەككە شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا تەخمىنەن ئالتە كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئەينى چاغدا مەككە قۇرەيىشلىرى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بېشىغا قاتتىق كۈلپەتلەرنى سالغاندا، مەككىدىن چىقىپ مەدىنىگە ھىجىرەت قىلىپ ماڭغان چاغدىكى يوشۇرۇنغان غار  سەۋر غارى بار ئىكەن.

رامىزان كۈنلىرى ئاخىرلىشىپ، روزى ھېيتمۇ يېقىنلىشىپ قالدى. مەن تۇرۇۋاتقان راباتتا ۋەتەندىن ھەرەمگە ھەج قىلىش ئۈچۈن كەلگەن ئىككى – ئۈچ يۈزدەك ھاجىممۇ بىللە تۇرۇۋاتقانىدى. ئاڭلىسام مۇشۇ مەزگىلدە باشقا راباتلاردا تۇرۇۋاتقان ۋەتەنداش ھاجىلارنىڭ سانى بۇ يەردىكىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.
راباتتىكىلەر چوڭ ھەجنى تۈگىتىپ كېتىش ئۈچۈن، رامىزاندىن كېيىن تۇرىدىغان ئۆي ئىزدەپ تەرەپ – تەرەپكە چېپىشىپ يۈرۈشمەكتە. سەئۇدى ھۆكۈمىتى ھەرقايسى راباتلارغا رامىزاندىن كېيىن ئۇلارنى يولغا سېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش  چۈشۈرگەن. راباتلارمۇ ئېلان چىقىرىشىپ، رامىزاندىن كېيىن راباتنى تاقايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇشقانىدى. مېنىڭمۇ مەككە – مەدىنىدىكى زىيارىتىم ئاخىرلىشىپ، ھىجازدا تۇرىدىغان كۈنلىرىم ۋە تۈنلىرىم ساناقلىق قالغانىدى. شۇڭا ۋەتەنگە قايتىشنىڭ تەرەددۇتىنى قىلىشقا چۈشتۈم…
بۈگۈن ئەتىگەن سەئۇدى ۋاقتى سائەت بەشتە، ئادىل قۇربان قەشقەرى ماڭا: «ئايروپىلان بېلىتىڭىزنى ئۇقۇشۇپ قويدۇم. ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 312 – قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى بۈگۈن چۈشتىن كېيىن سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىردە تاشكەنتكە قاراپ ئۇچىدىكەن. ئۇلار سىزنى شۇ ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويساق، دەيدۇ. سىزچە قانداق؟» دەپ تېلېفون بەردى. مەن دەرھال ماقۇل بولدۇم. ئۇھ، نەچچە كۈندىن كېيىن دەككە – دۈككە بولۇپ تۇرۇۋاتقان كۆڭلۈم مانا ئەمدى ئورنىغا چۈشتى.
سەئۇدى ۋاقتى ئەتىگەن سائەت سەككىزدە ئادىل قۇربان قەشقەرى ئۆزىنىڭ ئابدۇللا، ئۆمەر دېگەن ئىككى ئوغلىنى ئېلىپ مېنىڭ بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن  راباتقا كەلدى. بىز قۇچاقلىشىپ خوشلاشتۇق.
مەككە بىلەن جىددىنىڭ ئارىلىقى  قىرىق كىلومېتىر كېلىدىكەن. «ئەل – سوندۇس ساياھەت كومپانىيىسى»نىڭ خادىملىرى مېنى تاكسى بىلەن جىددىگە يولغا سالدى. بىز يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولدا يىگىرمە مىنۇتتىلا ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ كەلدۇق.

مەن «ئەل – سوندۇس»نىڭ ئايروپورتتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلىنى ئىزدەپ تاپقىچە يېرىم سائەتتەك گاڭگىراپ يۈردۈم. «نادان باشنىڭ دەردىنى پۇت تارتىدۇ» دېگەندەك، تىل بىلمىگەنلىكنىڭ كاشىلىسى ماڭا قەدەمدە بىر ئۆزىنى مۇشۇنداق كۆرسىتىپ تۇردى. ئاخىر، مەن ئۇلارنى  تېپىپ بېلەتنى قولۇمغا ئالغاندىن كېيىن، ئاندىن تەلتۆكۈس خاتىرجەم بولدۇم – دە، ئالدى بىلەن ئادىل قۇربان قەشقەرىگە، ئاندىن ئۆيۈمگە تېلېفون قىلىۋەتتىم. چۈشتىن كېيىن سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىردە، مەن ئۆمرە ھەجنى تاماملاپ، ئۆز ۋەتىنىگە قايتقان 380 ئۆزبېك ھاجى بىلەن بىللە ئۆزبېكىستان ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 312 – قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا چىقتىم ۋە بېلەتتىكى كۆرسىتىلگەن نومۇر بويىچە ئايروپىلان دېرىزىسىنىڭ يېنىدىكى ماڭا تېگىشلىك ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردۇم. بىردەمدىن كېيىن يېشى ئاتمىشلاردىن ئاشقان، چېچى ئاقارغان، كۆزەينەكلىك بىر ئادەم: «ئەسسالامۇئەلەيكۇم!» دېگىنىچە يېنىمدىكى بىر بوش ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇردى. مەنمۇ ئۆز نۆۋىتىمدە ئۇنىڭ سالىمىغا سالام بىلەن جاۋاب قايتۇردۇم ۋە ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق ئىكەنلىكىمنى، ئۈرۈمچىدە خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى، ھازىر  ۋەتەنگە قايتماقچى بولغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئۆزۈمنى ئۇنىڭغا تونۇشتۇردۇم. ئۇ ئۆزبېكىستاندىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پروفېسسورى، دوكتور جەۋدات ئەپەندى دېگەن ئادەم ئىكەن. بىز ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىنى كۈتۈپ، پاراڭلىشىپ ئولتۇردۇق. ئۇ سومكىسىدىن سلاۋىيان يېزىقىدىكى بىر كىتابنى قولىغا ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىدى. مەن كىتابنىڭ مۇقاۋىسىغا بېسىلغان «تارىخىي رەشىدى» دېگەن خەتلەرنى ئوقۇيالىدىم…

سەئۇدى ۋاقتى سائەت بىر يېرىم بولغاندا، بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان دەھشەتلىك گۈلدۈرلەپ، ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ ئۇچۇش يولىدا غىرقىراپ مېڭىپ كەتتى ۋە بارغانسېرى ئىتتىكلەپ، شىددەتلىك چىرقىرىغان پېتى يەردىن كۆتۈرۈلدى – دە، تاكى 8 مىڭ مېتىر ئېگىزلىككە چىققانغا قەدەر تىك ئۆرلەپ، ئاندىن گورزىنتال ئۇچۇشقا باشلىدى. بۇ چاغدا جىددىنىڭ ئاسمىنى بەكمۇ ئوچۇق ئىدى، ئايروپىلاننىڭ سول قانىتىنىڭ ئاستىدا مەشھۇر قىزىل دېڭىز چايقىلىپ سوزۇلۇپ ياتاتتى. بىز ئولتۇرغان ئايروپىلان سائىتىگە 900 كىلومېتىر تېزلىكتە  شەرققە قاراپ ئۇچتى.
شۇنداق قىلىپ مەن ئۇنتۇلغۇسىز ئون تۆت كۈن ۋە ئون تۆت تۈننى ئۆتكۈزگەن، مېنىڭدە نۇرغۇنلىغان ئاچچىق – چۈچۈك، شېرىن، تاتلىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرغان بۇ سىرلىق زېمىندىن ئايرىلىپ، مېنى ئۆزىگە جەننەتۇل فىردەۋىستەك تارتىپ قايتىپ كېلىشكە ئۈندەپ تۇرغان ئانا ۋەتىنىم  جۇڭگوغا، قېرىنداشلىرىمنىڭ يېنىغا، ئوماق نەۋرە قىزىم چوغلۇقنىڭ قېشىغا قاراپ ئۇچۇپ كەتتىم!
مەن ئۆزۈمنىڭ بۇ قېتىمقى چەت ئەلدىكى ساياھەت ئەمەلىيىتىم ئارقىلىق، چەت ئەللىك دوستلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈستىدە بەرگەن تەنقىدلىرىنىڭ تولىمۇ ئورۇنلۇق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ئۇلار تەنقىد قىلغان ئىشلار تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا مەركەزلەشكەن:

1. تازىلىققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك. بۇ شەخسىي  تازىلىق بىلەن مۇھىت تازىلىقىدىن ئىبارەت ئىككى تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. مەن ئالمائاتا ۋە مەككىدە بولغان چاغلىرىمدا ئۇچىسىغا ئۇزۇندىن بېرى يۇيۇلماي كىرلىشىپ، قاسماق بېسىپ كەتكەن كىيىملەرنى  كىيىپ يۈرۈشكەن بەزى ئۇيغۇرلارنى ئۇچراتتىم. راباتتا تۇرۇۋاتقان بەزى ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك دەرىجىدە ئەبگالىشىپ كەتكەنكى، ئۇلارنىڭ ياتقان يېرىگە كىرىدىغان بولسا، ئادەم ياتىدىغان ياتاققا ئەمەس، بەلكى مال ئېغىلىغا كىرىپ قالغاندەك بولۇپ قالىدىكەن. راباتنىڭ كارىدورلىرىدا مېۋە شۆپۈكلىرىنى، تاماق قالدۇقلىرىنى تاشلايدىغان ئەخلەت  ساندۇقلىرى بولسىمۇ، ئەمما بەزى ئۇيغۇرلار ئىككى قەدەم ئارتۇق مېڭىشنى ئېغىر كۆرۈپ، ئەخلەتلەرنى ئىشىك ئالدىغىلا تاشلاپ قويۇپ كارى بولمايدىكەن. مەككىنىڭ ھاۋاسى ئىسسىق بولغاچقا، بۇ ئەخلەتلەر ئۇزاققا بارمايلا چىرىپ، سېسىق پۇراق چىقىرىشقا باشلايدىكەن. مەككىنىڭ قاتتىق ئىسسىقىدا ئادەم داۋاملىق تەرلەپ تۇرغانلىقتىن، ھەر كۈنى بىر قېتىم چوقۇم يۇيۇنمىسا زادى بولمايدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە تاھارەتخانىدا كېچە – كۈندۈز ئىسسىق سۇ تەييار تۇرسىمۇ، ئەمما بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ «تولا يۇيۇنساق، سوغىمىز ئېشىپ كېتىدىكەن» دېيىشىپ، بويىنى سۇغا سېلىشقا ئېرىنىپ، پەقەت پۇت – قولىنى يۇيۇپ، تاھارەت ئالغانغا ھېساب قىلىشىپ يۈرگەنلىكىنى كۆردۈم. ئۇلار قېشىغا كېلىپ قالغان ئادەمگە خۇددى تاپقا ئوخشاش ئاچچىق بەتبۇي پۇراپ، ئادەمنىڭ قاچقۇسى  كېلىدىكەن.

2. ئاممىۋى سورۇنلاردا خۇددى ساراڭدەك ۋارقىراپ – جارقىراپ سۆزلەش. مۇبادا بىر يەردە توپلىشىپ تۇرۇشقان ئادەملەر ئارىسىدا كىم ئالا – تاغىل ۋارقىراپ سۆزلىسە، سىز شۇنى «ئۇيغۇر ئىكەن» دەپ ھېسابلاۋەرسىڭىز بولىدۇ! مەن  ھەرەمنىڭ ئىچىدە بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ خۇددى  جاڭگالدا ئېشىكىنى يۈتتۈرۈپ قويغان ئوتۇنچىدەك  ۋارقىرىشىپ يۈرۈشكەنلىكىنى كۆردۈم. مەككىنىڭ كوچىلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكى قەشقەر ھېيتگاھدىن قېلىشمايدۇ. بىراق ھېيتگاھدىكىدەك «ھەممە ئادەم تەڭ قاينىغان، ھەممە قۇشلار تەڭ سايرىغان» ۋاژ – ۋاژ ھالەت بۇ يەردە يوق ئىكەن. بۇ يەردە كوچىدا ھاڭۋېقىپ يۈرگەن بىرەرسىنى ئاگاھلاندۇرۇش يۈزىسىدىن ئاڭلىنىپ  قالىدىغان ماشىنا سىگنالىدىن باشقا ئاۋازنى ئاساسەن ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن. ئەمما ھەم تىجارەت، ھەم زىيارەت ئۈچۈن ھەرەمگە كەلگەن بەزى ئۇيغۇر «چاھار بازارچى»لىرىنىڭ ئۆز مېلىنى ۋارقىراپ – جارقىراپ ماختاۋاتقانلىقىنى بولسا، قويۇق – قويۇق ئاڭلاش مۇمكىن.

3. بەزى ئۇيغۇرلاردا تەرتىپ ئۇقۇمى ئاساسەن يوق. بۇ خىل ھالەت ۋوگزال – بېكەتلەردە، ئايروپورتلاردا بەك روشەن ئىپادىلىنىدۇ. ئالمائاتا خەلقئارا ئايروپورتىدا  ئايروپىلانغا چىقىدىغاندا ۋە جىددە ئابدۇلئەزىز خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلاندىن چۈشىدىغاندا، كۆز ئالدىمىزدا يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ بەك ھەيران قالغانىدىم.
مەن ئالمائاتا خەلقئارا ئايروپورتىدا ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن ئۆچىرەتتە تۇرغاندا، يۈك – تاق جىڭلىتىدىغان ئېغىزدا ئىككى قەشقەرلىك ئۇيغۇرنىڭ بىر – بىرىگە زادى يول بەرمەي مۇشتلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.
ئالمائاتا ئايروپورتىدا  بەلگىلىمە بويىچە بىللە ماڭغان ھەر بەش ئادەم ئۆزلىرى ئېلىپ ماڭغان يۈك – تاقىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ جىڭلاتسا بولىدىكەن. ئۈرۈمچىدىن چىققان بەش ئۇيغۇر ئۆزلىرىنىڭ يۈك – تاقلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ جىڭلىتىۋېدى، ئومۇمىي ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن 20 كىلوگرام ئارتۇق چىقتى. ئۇنىڭغىچىلىك ھېلىقىلارنىڭ يۈكى ئۇزىتىش تاسمىسى بىلەن ئېلىپ كېتىلدى. تەكشۈرگۈچى ئۇلارغا ئارتۇق چىققان يۈكنىڭ ھەر بىر كىلوگرامى ئۈچۈن بەش ئامېرىكا دوللىرىدىن جەمئىي 100 ئامېرىكا دوللىرى تۆلەشنى ئېيتىۋىدى، يۈكنىڭ ئىگىلىرى بىر – بىرى بىلەن زادى كېلىشەلمىدى. ئاخىر ئايروپىلانغا بېسىپ بولۇنغان يۈكلەرنىڭ ئارىسىدىن ئۇلارنىڭ يۈكىنى تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىپ، بىر – بىرلەپ باشقىدىن جىڭلاشقا توغرا كەلدى. ئۇلارنىڭ كاشىلىسىدىن تاشكەنتكە ئۇچىدىغان ئايروپىلان ساقمۇ ساق بىر  سائەت كېچىكتى. ئايروپىلانغا چىققاندىن كېيىن، ئۇلار بېلەتتىكى نومۇر بويىچە  ئۆز ئورنىغا ئولتۇرماستىن، ئالدىدىكى ۋە دېرىزە يېنىدىكى ئورۇننى تالىشىپ، بىر – بىرىنى تىللىشىپ ياقا سىقىشتى. كىشىلەر توۋا، دېيىشكىنىچە ياقىلىرىنى تۇتۇشتى. بۇ ئىشنى كۆرۈپ مەن ئۇياتقىنىمدىن ئورۇندۇقنىڭ ئاستىغا كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كەتتىم.

4. جامائەت سورۇنلىرىنىڭ ئەخلاقىغا  رىئايە قىلماسلىق. ئاممىۋى سورۇنلاردا، باشقىلارنىڭ  ئۆيىگە مېھمان بولۇپ بارغاندا، باشقىلارنىڭ خالاش – خالىماسلىقى بىلەن قىلچىمۇ كارى بولماستىن، ئاچچىق ئىسىنى پۇرقىرىتىپ تۇرۇپ سېسىق تاماكا  چېكىش  ئۇيغۇرلاردا زادى تۈزەلمەي كېلىۋاتقان ئەڭ بولمىغۇر قىلىقلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. بىراق چەت ئەلگە چىققان بۇ ئۇيغۇرلار ئاشۇنداق بولمىغۇر قىلىقلىرىنى ۋەتەندە تاشلاپ قويسىغۇ بىر نۆرى، ئەمما ئۇنىمۇ چەت ئەلگە ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ چىقىشقان! ئايروپىلان بۆلمىسىدە تاماكا چېكىشكە قەتئىي رۇخسەت قىلىنمايدۇ. بىراق بەزى «نوچى» ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ قايتا – قايتا ئاگاھلاندۇرۇشىغا قىلچىمۇ پىسەنت قىلماي، سېسىق ئىسىنى پۇرقىرىتىپ تاماكىسىنى بەھۇزۇر چېكىپ ئولتۇرغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇلار زادى كىمنى كۆزگە ئىلمايدىغاندۇ؟

5. ھۇرۇنلۇق، قاشاڭلىق قىلىش. مەككىدىكى چاغلىرىمدا، بىر كۈنى مەن كەئبىنى تاۋاپ قىلىپ بولۇپ، راباتقا قايتسام، چوڭ كوچىنىڭ ياقىسىدا خۇددى قاپقاقاپقا ( قەشقەر شەھىرىنىڭ غەربىي  شىمالىدىكى بىر تاغ. ھاشىرى بىلەن داڭلىق) نىڭ ھاشىرىدىن قايتىپ شەھەرگە كىرگەن ھاشارچىلاردەك تۈكلۈك مەيدىلىرىنى ئېچىپ قويۇشۇپ، دەم ئېلىپ ئولتۇرۇشقان بىر توپ ئۇيغۇرنى كۆردۈم. بىز سۆزلىشىپ تۇراتتۇق، قاتناش ساقچىسى كېلىپ، ئۇلارنى ئولتۇرغان يېرىدىن قوپۇرۇۋەتتى.

6. ئۇيالماسلىق. ھەدىستە: «ھايا  ئىماننىڭ جۈملىسىدىن!» دېيىلگەن. ھەرقانداق بىر سورۇننىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق قائىدە – مىزانى بولغان بولىدۇ. يۈرۈش – تۇرۇش، ئۇخلاش – قوپۇشنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا مىزانى بولىدۇ. خۇددى كاستۇم – بۇرۇلكا، شىبلىت كىيىپ قوش ھەيدىسە بولمىغىنىدەك، كالتە ئىشتان، كالتە كۆڭلەك بىلەن كوچىغا چىقىشقىمۇ بولمايدۇ!
راباتلارنىڭ ھەممىلا خانىلىرىدا سوغۇق ھاۋا چىقىرىپ تۇرىدىغان ئۈسكۈنە  بولمىغانلىقتىن، بەزى كۈنلىرى ياتاقنىڭ  ئىچى تونۇردەك قىزىپ كېتىدىكەن. مەككىنىڭ كېچىلىك ھاۋاسى سالقىن بولغاچقا، راباتتىكى ھاجىلار كالتە ئىشتان، كالتە كۆڭلەك بىلەنلا كوچىغا چىقىشىۋېلىپ، كوچىدا ئۇياق – بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرۇشقان ئادەملەردىن قىلچىمۇ ئۇيالماستىن پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشقىنىنى كۆردۈم.

7. ئاچ كۆزلۈك، چۆللۈك قىلىش. رامىزان مەزگىلىدە مەككە – مەدىنىدە ئىپتارلىق ھەقسىز تەمىنلىنىدىكەن. ئىپتارلىق داستىخاندا تەملىك پىشۇرۇلغان دۇخاپكا چۆجىسى، يېڭى قېتىق، ئالىي دەرىجىلىك خۇرما قېقى، ھەر خىل مېۋە شەربەتلىرى، ئەرەبچە بولكا قاتارلىق ھەر خىل نازۇ نېمەتلەر مول بولىدىكەن ۋە ئەتىگەندىكى زوھۇرلۇققا دەپ داستىخانغا بىر كىشىلىكتىن تاماق ئارتۇق قويۇلىدىكەن. ئەمما قورسىقى تويسىمۇ، كۆزى تويمايدىغان  بەزى ئۇيغۇرلار  ئىنساپ – دىيانەتنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئاچ كۆزلۈك، چۆللۈك قىلىشىپ، تاماقنى جىق ئېلىۋالىدىكەن. يەپ بولالماي، ئەتىسى سېسىتىپ، تاشلاشقا مەجبۇر بولىدىكەن. ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىسراپ قىلماي ھەم چوڭچىلىق قىلماي يەڭلار، ئىچىڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار!» دېگەن. جاھان داستىخېنىنىڭ نېمىتى شۇنچىلىك كەڭ ۋە مول ئىكەنكى، ئىنسانلار ئىسراپچىلىقتىن، چوڭچىلىقتىن خالىي بولسىلا، بۇ داستىخاندىكى نازۇ نېمەتلەر ئۇلارنىڭ خالىغىنىچە يەپ، خالىغىنىچە ئىچىشىگە يېتىدۇ.

8. ئۇششۇقلۇق، مۇتتەھەملىك قىلىش. ئەرەبلەر سودا قىلىشقاندا ئاساسەن باھا تالاشمايدىكەن. خېرىدار خالىسا، مال ئىگىسى قويغان باھا بويىچە پۇلنى تۆلەپ، مالنى ئېلىپ كېتىشىدىكەن. بىراق سودىغا «ماھىر» بەزى ئۇيغۇرلار بىر ھەللەھەللە  سەئۇدى پۇل بىرلىكى، بىر رىيالنىڭ يۈزدىن بىرىگە تەڭ.نى تالىشىپ، مەككىنى بېشىغا كىيىشتىن يانمايدىكەن. مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەرەب پرىكازچىكى بىلەن باھا تالىشىپ مۇتتەھەملىك قىلغانلىقى ئۈچۈن، دۇكاندىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى كۆرگەنىدىم.
چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقان مۇتلەق كۆپ سانلىق ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتنىڭ ئەمىر – پەرمانلىرىغا بويسۇنۇپ، قانۇنلۇق تىجارەت ۋە قانۇنلۇق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن، چەت ئەللىكلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان ئىنكاسىمۇ ياخشى ئىكەن. بىراق بەش قول ئوخشاش بولمىغىنىدەك، ۋەتەندە «يۇرتقا پاتمىغان»لار بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا «يۇرتقا پاتماي» يۈرۈۋېتىپتۇ. بۇنداق «يۇرت بۇزۇقلىرى» چەت ئەلدىمۇ بۇلاڭچىلىق، ئوغرىلىق، لۈكچەكلىك قىلىشىپ، باشقىلارنى قاقتى – سوقتى قىلىشىپ، ھەتتا قارا جەمئىيەتلەرگە ئۇيۇشۇپ، بىر – بىرىنىڭ ئورىسىنى كولىشىپ، بىر – بىرىنىڭ پېيىدا يۈرۈشىدىكەن. مەن ئالمائاتادىكى چېغىمدا XXX ئىسىملىك بىر ۋەتەندىشىم ئۆزىنىڭ چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان «يۇرت بۇزۇقلىرى» تەرىپىدىن گۆرۈگە ئېلىنىپ قاتتىق ئۇرۇلغانلىقىنى، ئاخىر 9 مىڭ ئامېرىكا  دوللىرىلىق تۆلەم بېرىپ، ئاران قۇتۇلۇپ چىققانلىقىنى ماڭا يىغلاپ تۇرۇپ سۆزلەپ  بەردى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىن چىققان بۇنداق «يۇرت بۇزۇقلىرى» چەت ئەللىكلەرنى: «جۇڭگو ھۆكۈمىتى يۇرت بۇزۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى چەت ئەلگە سۈرگۈن قىلغانمۇ قانداق؟» دېگەن تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ. شۇڭا، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بىز ئۇيغۇرلار «شۇنچىلىكقۇ» دېگەن ئاتاققا ئېرىشىپتۇق!
يۇقىرىدا مەن مىسالغا ئېلىپ ئۆتكەن ئىشلار گەرچە ناھايىتى ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلاردا سادىر بولۇۋاتقان ئىشلار بولسىمۇ، ئەمما «كۆلنىڭ سۈيىنى بۇلغىغان ئۆردەكنىڭ كۆتى» دېگەندەك، پۈتۈن ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىغا ئېغىر نۇقسان يەتكۈزۈۋېتىپتۇ!

ئاخىرقى سۆز

    ئايروپىلان ئون مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئۇچماقتا. ئاسماندا ئاقباش تەڭرىتاغلىرى سوزۇلۇپ ياتماقتا. كۆز يەتكۈسىز  دالاسى ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان. مەشھۇر تۈركىستان تۆمۈريولى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ يىلانباغرى سوزۇلغان. ئۇ تاشكەنتتىن تاكى ئالمائاتاغىچە مېنىڭ نەزەر دائىرەمنىڭ سىرتىغا چىقمىدى. تەپەككۇر قاناتلىرىم خۇددى لاچىندەك پەرۋاز قىلىشقا باشلىدى. مۇشۇ تاپتا ئايروپىلان بىردىنلا شەرققە قايرىلىپ ئۇچسا، بىر سائەت ئىچىدە ۋەتىنىمگە يېتىپ بارسام ياكى بولمىسا، ئاللا ماڭا لاچىننىڭ قانىتىدەك ئىككى قانات ئاتا قىلسا، كۆكتە بىر شۇڭغۇسام، ھويلامدىكى قېرى ئۈجمىنىڭ شېخىغا بېرىپ قونسام…
ئالمائاتا ۋاقتى سائەت ئون ئىككى يېرىمدا مەن ئولتۇرغان ئايروپىلان ئالمائاتا خەلقئارا ئايروپورتىغا سىيلىق قوندى. مەن چېگرىدىن كىرىش رەسمىيىتىنى ئۆتەش ئۈچۈن،  يېنىمدىكى ئامېرىكا دوللىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنى دىكلاراتسىيىگە تولدۇردۇم. يېنىمدا پارچە توققۇز ئامېرىكا دوللىرى بار ئىدى. نېمە ئۈچۈندۇر، ئۇنى تولدۇرۇشنى ئۇنتۇپتىمەن. تاموژنىدىن ئۆتىدىغاندا، لىرا ئىسىملىك بىر قازاق قىزى ماڭا: «بۇ توققۇز ئامېرىكا دوللىرى دىكلاراتسىيىگە چۈشمەپتۇ. شۇڭا، ئىشتىراف تۆلەيسىز!» دەپ، ھېلىقى توققۇز ئامېرىكا دوللىرىنى مېنىڭدىن ئېلىۋالدى.
- ناھايىتى ياخشى، دېدىم مەن كۈلۈپ تۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلاردا خەقنىڭ ھەققىنى ئالسا، دۇئا قىلىدىغان ئادەت بار. شۇڭا، مېنىڭ ئۈچۈن بىر دۇئا قىلىپ قويغان بولسىڭىز، مەن بەك خۇشال بولغان بولاتتىم!
دۇئانى قانداق قىلىدۇ؟ دېدى لىرا مېنىڭ گېپىمنى چۈشەنمەي.
ئىككى قولىڭىزنىڭ ئالىقىنىنى يۈزىڭىزگە قارىتىپ ئېچىپ «ئىلاھە ئامىن!» دېسىڭىز بولىدۇ! دېدىم مەن كۈلمەي تۇرۇپ.
سەپىرىڭىزگە ئاق يول تىلەيمەن! دەپ دۇئا قىلدى ئۇ ئىككى قولىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ تۇرۇپ، ئىلاھە ئامىن!…
مەن ئايروپورتتىن چىقىپ تاكسى كىرا قىلىپ ئۇدۇل بىر نەۋرە ئىنىم ماھمۇتنىڭ ياتىقىغا كەلدىم. ماھمۇت ۋە ئۇنىڭ خوجايىنى خوجا ئەھمەت ئاكا ھەم ئايالى زۇلخۇمار خانىم بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ كۆرۈشتۇق. ئاخشىمى مەن ئۇلارغا سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بەردىم.
ئىنىم ماھمۇت ئالمائاتادىن ئۈرۈمچىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى ئالدىن زاكاز قىلىپ قويۇپتىكەن. ئەتىسى چۈشتىن كېيىن ئالمائاتا ۋاقتى سائەت تۆتتە، شىنجاڭ ئاۋىئاتسىيە كومپانىيىسىنىڭ 160 كىشىلىك ئىككى ماتورلۇق رېئاكتىپ ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ ئۈرۈمچىگە ئۇچتۇم…
تۈگىدى.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=127

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-02-14
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: مەن بىلەن مېڭىڭ
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: