تۇرمۇش ۋە تورت
بىر بالا مومىسىغا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشى ، مەكتەپ بىلەن ئائىلە ئوتتۇرسىدىكى قاتمۇ قات زىدىيەتلەر ھەمدە ساغلاملىق مەسىللىرى قاتارلىقلاردىن ئاغىرىنىپ سۆزلەپ كەتتى . مومىسى بۇ ۋاقىتتا تورت پىشۇرۋاتاتتى.
– بالام تورت يىيىشنى ياخشى كۈرەمسەن ؟- دەپ سۇرىدى مومىسى .
– ياخشى كۈرىمەن ، – دېدى بالا .
– ئەمسە ، ماۋۇ مايدىن ئازراق يەپ باقە ، – دېدى مومىسى .
- ھۆ ، كۈڭلۈمنى ئىلەشتۈرمەڭە ، موما .
– خام تۇخۇمدىن بىرەرنى يەپ باقامسەن ؟
– تېخىمۇ كۈڭلۈم ئېلىشىپ كىتىدۇ.
– ئەمسە ، ئۇندىن ياكى ئېچىتقۇغا ئىشلىتىلدىغان سۇدادىن يەپ باقە!
– موما ، ئۇ نەرسىلەرنى قانداقمۇ يىگىلى بۇلسۇن!
– شۇنداق ،- دېدى مۇماي ، – ئۇ نەرسىلەرنى ئايرىم يىگىلى بۇلمايدۇ ھەم ھىچقانداق تەمى بۇلمايدۇ ، ئەمما ، ئۇلارنى مۇۋاپىق ئۇسۇللار بىلەن بىر تەرەپ قىلغاندىلا ، مەزلىك تورت ياسىغىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ!
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2830