تۇرمۇش خاتىرىسى

قىزىڭىزمۇ ئانا بولىدۇ

روزىمۇھەممەت مۇتەللىپ

قىز تەربىيلەش بەسى مۈشكۈل ئىش. چۈنكى، قىز بالا دېگەن بەئەينى ئەينەك پارچىسىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭغا قاتتىقراق مۇئامىلە قىلسىڭىز سۇندۇرىۋالىسىز، بەك پاكىز تۇتىمەن دەپ تولا سۈرتسىڭىز، كورلاشتۇرۇپ قويىسىز. ئەگەر تۇرغىنى بويىچە تۇرسۇن دېسىڭىز چاڭ – توزان بىسىپ، پارقىراقلىقىنى يوقىتىدۇ. شۇڭا، بۇ ئەينەككە ناھايتى سەگەكلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز، ئۇنى قانداق ۋاقىتتا سۈرتۈش كېرەكلىكىنى، قانداق ۋاقىتتا ھويلىدا، قانداق ۋاقىتتا مېھمانخانىدا قويۇش لازىملىقىنى ياخشى بىلىشىڭىز كېرەك.
بىراۋ پەيلاسۇپتىن سوراپتۇ: « دۇنيادا ئۆلۈمدىنمۇ يامىنى نېمە؟ » « قىزىڭنىڭ ناقابىل بولۇشى » دەپ جاۋاب بىرىپتۇ پەيلاسۇپ. ھەقىقەتەنمۇ قىزى كەلتۈرگەن نومۇس ئۆلۈمدىن ئېغىردۇر. بۈگۈنكى تۇرمۇشىمىزدا مەن قىزى كەلتۈرگەن نومۇس سەۋەبلىك بېشىنى كۆتۈرەلمەي ياشاۋاتقان ئاتىلارنىڭمۇ بارلىقىنى بىلىمەن. « ئۆلۈۋالاي دېسەم يەنە شۇ بالىلارنى ئويلىدىم، – دېدى شۇنداق ئاتىلاردىن بىرى ماڭا، – مەن نېمىنى خاتا قىلغانلىقىمنى بىلمىدىم. قىزىم مېنى ياشىغۇسىزلا قىلىۋەتتى… » دادا بولغۇچىنىڭ بىچارىلىكىگە قاراپ ئىچىم ئېچىشتى، ئۆزۈمنىڭ قىزىنى كۆز ئالدىمغا كەلتۈردۈم ھەم ئۇن  – تىنسىز ھالدا ئۇنىڭغا ئىنساب، دىيانەت تىلىدىم.
بەلكىم، ھېچقانداق دادا بۇنداق كۈنگە قېلىشنى خالىمىسا كېرەك. ئەمما، بەزى ئىشلار ئىنساننىڭ خالاش – خالىماسلىقى بىلەن ھېسابلاشمايدۇ، يۈز بەرگۈسى كەلگەندە يۈز بېرىۋېرىدۇ. ئەمما، مۇشۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدە چوقۇم مەلۇم ئىچكى جەريان بولغان بولىدۇ. قىزىنىڭ ئائىلىگە نومۇس كەلتۈرىسىمۇ ھەرگىز تاسادىپىي بولۇپ قالمايدۇ. ئەگەر بىر قىز ھەقىقى مەنىدىكى ئائىلە تەربىيەسىنى ئالالىغان بولسا، ھەرگىزمۇ ئائىلىسىگە نومۇس بولىدىغان ئىشلارنى قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئائىلىسىنىڭ شان – شەرىپىنى قوغدايدۇ. بولۇپمۇ مۇكەممەل ئانا تەربىيىسى كۆرگەن قىز ھەرگىز ئاتىسىنىڭ بېشىنى تۆۋەن قىلمايدۇ. ئەلۋەتتە، قىزلارمۇ ئوغۇللارغا ئوخشاشلا ئانا تەربىيەسىز ھەقىقى ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقالمايدۇ. ئەمما، بىر ئائىلىگە، بىر جەمئىيەتكە، بولۇپمۇ بۈگۈنكى كۈنگە نىسبەتەن قىز بالا تەربىيەسى ناھايتى زىل، ئىنچىكە مەسىلە ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئىنچىكە مەسىلىدە بولسا ئەڭ چوڭ مەسئولىيەت ئانىلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن بولىدۇ. چۈنكى قىز پەرزەنت تەربىيلەشتە ئاتىلار ئۆگىتەلمەيدىغان، چوقۇم ئانىلار ئۆگەتمىسە بولمايدىغان تالاي تەرەپلەر بولىدۇ.
ئانا ئائىلىدىكى يۈرۈش – تۇرۇشى، گەپ – سۆزلىرى، مۇئامىلىسى، سۆيگۈ – ساداقىتى، پاك – پاكىزلىقى، مېھىر – مۇھەبىىتى، مېمان كۈتۈشى، كىيىم – كېچىكى، ئاش – تاماق قىلىشى، چىچەن – چاققانلىقى… قاتارلىق تەرەپلەردىن قىز پەرزەنت ئۈچۈن بىردىنبىر ئۆرنەك ھېسابلىنىدۇ. پەقەت بۇلا ئەمەس، يەنە ئانىنىڭ ئىدىيە كۆزقاراشلىرىمۇ قىز پەرزەنتكە ناھايتى چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. مۇشۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىز ياخشى تەربىيەلەنمىگەن قىزنىڭ ەۇناھىنى ئانا زىممىسىدىن قىدىرىمىز. چۈنكى، ئوغۇل پەرزەنتلەرنىڭ ئاتىسىدىن ھەم سىرتتىن ئۆرنەك، تەسىر قوبۇل قىلىشى كۈچلۈك بولسا، قىزلارنىڭ ئانىسىدىن ھەم ئائىلىسىدىن تەسىر قوبۇل قىلىش كۈچلۈك بولىدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئانا بولغۇچى ئۇنىڭغا ياخشى ئۆرنەك، ياخشى تەربىيەچى بولالمىغان بولسا، بۇ ئانا بولغۇچىنىڭ مەسئوليىتىنى جايىدا ئادا قىلالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ. خەلقىمىزدە « ھايۋان تۇياقتىن، ئىنسان قۇلاقتىن سەمرىيدۇ » دېگەن گەپ بار. بۇ گەپنى ئېنىقكى ئانىلارنىڭ قىزلىرىنى تەربىيەلىشىگە تەدبىقلاش تېخىمۇ ئاقىلانىلىك بولسا كېرەك. چۈنكى، تەلەپچان، بىلىملىك ئانىلانىڭ « قۇلاققا پىچىرلايدىغان گەپلەر »ى بولىدۇ. ئۇ بۇ گەپلەرنى قىزلىرىنىڭ قۇلىقىغا تىنىمسىز تۆكۈپ تۇرىدۇ، ئەدەپ – ئەخلاقنىڭ، ھايا – پەردىشەپنىڭ، ئار – نومۇسنىڭ، ئىپپەت – پاكلىقنىڭ، گۈزەل – خۇلقنىڭ قىزلارنىڭ زىننىتى ھەم قىممىتى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەر قانداق ۋاقىتتا بۇنداق ئىسىل خىسلەتلەرنى تەرك قىلماسلىقىنى مۇۋاپىق ۋاقىتتا مۇۇۋاپىق مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈپ تۇرىدۇ. قىز بالىنىڭ قانداق قىلغاندا بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، بىر ئائىلىنى ئائىلە قىلىپ چىقالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قىزلارغا خاس ھەر خىل جىسمانى ۋە روھى ئۆزگىرىشلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىشنىڭ ۋە ئۆزىنى قانداق كۈتۈشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىدۇ. شۇڭا، بىزدە « گاچا قىزنىڭ تىلىنى ئانىسى بىلىدۇ » دېگەن گەپ بار.
قىز تەربىيلەش كېلەچەكتىكى ئانىلارنى تەربىيلەش دېمەكتۇر. مۇشۇ مەنىدىن ئالغاندا، بۇ ھەر قانداق ئائىلىدىكى، جۈملىدىن ئانىلارنىڭ ئالدىدىكى مۈشكۈل ۋەزىپە ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، كېلەچەكتىكى ئانىلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى مىللەتنىڭ روناق تېپىشىدىكى مۇھىم ئامىلدۇر. ئانىلارنىڭ ساپاسى ئۆسسە، پەرزەنتلەرنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ ساپاسى ئۆسىدۇ. بۇ مىللەتنىڭ ساپاسىغا، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك زور ئىشتۇر. شۇڭا دەيمەن، بۈگۈنكى كۈندە بىرگە ئەڭ كېرەك بولۇۋاتقىنى، ئۆزىنىڭ ئەدەپ – ئەخلاق، شەرم – ھايا، چىچەن – بىلىملىكلىكى بىلەن قىزلىرىغا ئۆرنەك بولىدىغان، كېلەچەكنىڭ ئانىلىرىنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت مەسىلىدە قىلچىمۇ سەۋەنلىككە يول قويمايدىغان، ئۆزىنىڭ تەجرىبە – ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، قىزلىرىنى تېخىمۇ ياراملىق قىلىپ تەربىيەلەش ئۈچۈن تىرىشىدىغان ئانىلاردۇر.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2865

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-12-11
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: ئانىلار سەمىگە
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: