بۇ رىۋايەت ئەمەس …… تۆتىنچى باب
“ قازاقتار كۆكپەردى( ئوغلاقنى ) كۆرگەندە دۈنيەنى ۇمىتىپ كەتەدى. “ ــ بىر قازاق اقىنىنان.
ھوشۇمغا كەلسەم تال بىلەن توقۇلغان ئۆيدە يېتىپتىمەن. بۇ ئۆيگە قاچان، قانداق كېلىپ قالدىم، بىلەلمىدىم. قۇمتاغنىڭ ئۈستىگە چىققىنىم غۇۋا ئىسىمدە. كېيىن نېمە بولدى، بىلمىدىم. بېشىغا قارا دۇخاۋىدىن تىكىلگەن تۆت بۈرجەك دوپپا كىيىۋالغان، قىزىل يۈزلۈك، ئاپئاق، ئۇزۇن ساقاللىق بوۋاي ۋە خىلمۇ – خىل كىيىم – كېچەك كىيىشىۋالغان قازاق ئاياللىرى غەلىتە بىر نېمىنى كۆرۈشۈۋاتقاندەك ماڭا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇشاتتى. مېنىڭ ھوشۇمغا كەلگىنىمنى كۆرۈپ، بەزىلىرى كۈلۈمسىرەشتى، ھىجايدى، … “ وي باي قۇدا ياي!… “ دېيىشىپ ئاللاغا ھەمدۇسانا ئېيىتىشتى…
مېنىڭ چاچ – ساقاللىرىم ئۆسۈپ كەتكەن، قۇرۇق ئۇستىخان بولۇپ قالغان. رەڭگىرويىم ياۋا ئادەمگىلا ئوخشاپ قالغان، ئاۋازىممۇ ناھايتى زەئىپ، بوش چىقاتتى. ئۇلار ماڭا سۈت ئىچكۈزۈشتى، كېيىن چاي ۋە نان بىرىشتى، قورسىقىم تويغان بولسىمۇ ، كۆزۈم داستىخاندىكى يېمەكلىكلەرگە تويمايۋاتاتتى، مەن ياتقىچە دەستىخان يىغىلمىدى، ئۇلار مېنىڭ ئاچ قالغىنىمنى بىلگەنىدى…
بۇ ئەھمەد ئىمام دېگەن ئاقساقالنىڭ ئۆيى ئىكەن. ئۇلار مېنى ئاشۇ قۇمتاغدا ھوشۇمدىن كەتكەن چېغىمدا كۆرۈپ قىلىپ بۇ ئۆيگە ئىلىپ كەلگەنىكەن.
ئەھمەد ئىمام بامدات نامىزىغا تاھارەت ئېلىپ، مەسچىتكە ماڭىدىغان چېغىدا مەن ئۇنىڭغا بىر ھەربىي ئەدىيال ۋە تەكىيىمنى بەردىم ۋە ئۇنىڭدىن :
ـ ئاقساقال، مەسچىتكە چىققاندا ماڭا بىر دوئا قىلىپ قويۇڭ! ـ دېدىم.
بوۋاي مەسچىتكە چىقىپ كەتتى. خېلىدىن كېيىن ئۇ مەسچىتتىن كىرىپ:
ـ يىگىت، ئاللادىن ئامانلىقىڭنى تىلەپ دۇئا قىلىپ يالۋۇردۇم، ئۆزۈڭگە كەلدىڭ، بۇ يەرگە تىنەپ كىلىپ قاپسەن، تىز يوقال!…
ـ بىھۇدە ئۆلۈپ كېتىسەن، بۇ ئەتىراپنىڭ ھەممىسىدە باتۇرنىڭ ئادەملىرى بار، بىزنى بالاغا قويما! ـ دېدى ۋە ماڭا ئازراق نان، قۇرۇت ھازىرلاپ بەردى. ئاياللار كۆز يېشى قىلىشتى. ئەھمەد ئىماممۇ :“ بالام، ئىھتىيات قىل! “ دەپ ئاتقا ئۆزى مىندۈرۈپ قويدى. مەن يولغا چۈشتۈم بىراق قاياققا بىرىشىمنى بىلمەيتتىم. بۇ ئەتراپتا مەن باش تىققۇدەك، خاتىرجەم ئارام ئالغۇدەك بىرەر پاناھگاھ يوق ئىدى. تۆت ئەتراپىم باندىت – قۇيرۇچۇق. مەن خۇددى قەپەسكە چۈشۈپ قالغان بۆرە ئىدىم. “ تەۋەككۈل! “ دەپ ئاتنىڭ بىشىنى ئارتقا بۇرىدىم. تېخى ئۈچ – تۆت ئۆيدىن ئۇزىمىغانىدىم، قەيەردىن چىققىنىنى بىلەلمەي قالدىم. ئۈچ باندىت ئالدىمنى تۇرۇۋالدى:
ـ كىمسەن، نەگە بارىسەن ؟
ـ قارا ئىرتىشقا بارىمەن! ـ دېدىم مەن.
ـ تىلىڭنى تارت! ـ ئۇلار غەزەبلىنىپ قامچىسىنى كۆزۈمگە تەڭلەشتى، ـ ھەممىسىنى باتۇر ئىگىلىدى.
ئۇلار مېنى ئارىغا ئىلىپ يالاپ ماڭدى ۋە ھاسناقىن دېگەن بىر ئاقساقالنىڭ ئاۋۇلىغا ئاپاردى. ھاسناقىن ئارانلا جېنى قالغان قېرى ئادەم ئىكەن. بايىقىلارنىڭ بىرى ئۇنىڭ كۈيئوغلى ئىكەن.
ئۆيگە كىردۇق، ئۇلار ھاسناقىنغا مېنى تاپشۇرۇپ قويۇپ چىقىپ كىتىشتى. ئۆيدە بىر نەچچە ئايال بار ئىدى. ئۇلار چاي راسلاشتى. مەن بوۋاي بىلەن چاي ئىچىشكە ئەمدىلا ئولتۇرغانىدىم، سىرتتا جېدەل باشلىنىپ كەتتى. ئۇلار ۋارقىرىشاتتى، تىللىشاتتى، ھۆركىرىشەتتى… “ گۈم! … “ تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئوق ئاۋازى ھەممىمىزنى تىتىرىتىۋەتتى، ئارقىدىن بىرسىنىڭ ئېيىقتەك سەت ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى. ھەممىمىز چۆچۈپ ئىشىككە تىكىلدۇق. بوۋاي چىقىپ كەتتى. باندىتلار مېنىڭ ئېتىمنى ۋە مىلتىقىمنى بۆلۈشەلمەي، قاتتىق جىدەل قىلىشىپ ئاخىرىدا جان ئاچچقىدا بىرسىنى ئېتىپ قويۇشۇپتۇ…
ئىككى باندىت ئۆيگە بوراندەك كىردى، ئۇلارنىڭ كۆزىگە قان تولغان، ئەلپازى ناھايتى قورقۇنچلۇق ئىدى. پاناق بۇرۇن، كۆزلىرى قىيسىق بىرى قەھرى بىلەن ماڭا ۋارقىرىدى:
ـ ھەممە بالانى تىرىغان سەن! چىق بۇياققا، قانغا قان ئالىمىز! ئۇلار ئۆينىڭ .ئىچىدە مېنى تارتىشتۇرۇپ، سۆرەپ، قىل ئارقاندا باغلاشتى ۋە ئىشىك ئالدىغا ئاچىقىپ، ئۆينىڭ ئارقىسىغا سۆرەپ ئېلىپ بېرىشتى. قىبلىگە قارىتىپ ئولتۇرغۇزۇشتى. مەن نېمە بولۇۋاتقىنىنى ئاڭقىرالماي گاراڭ بولۇپ قالدىم، پەقەت پىچاقنىڭ نېمىگىدۇر بىر نېمىگە “ شىرت – شىرت “ قىلىپ تېگىۋاتقان ئاۋازى قۇلىقىمغا كىرىۋاتاتتى. “ ھە، ئۇلار پىچاق بىلەۋاتقان ئوخشايدۇ، ئۇلار مېنى قويدەك سويماقچى ئىكەن – دە، توۋا!!… ”
“ شىرت – شىرت “ قىلغان ئاۋاز توختاپ قالدى. نېمە بولدىكىنا… كىمدۇر بىرسىنىڭ قوپال قولى مۈرەمنى تۇتتى. ئۇ مېنى باسماقچى بولۇۋاتاتتى. نەق شۇ چاغدا خۇددى ھاۋا تۇيۇقسىز گۈلدۈرلەپ كەتكەندەك: “ ئوي باي قۇداي، ئۆلتۈرمەڭلار ئۇنى، ئۆلتۈرمەڭلار، ئۇ گۇناھسىز!… “ دېگەن دەھشەتلىك چىرقىرىغان ئاۋاز بىلەن تەڭ يۈگۈرۈپ كەلگەن ئىككى كېلىنچەك پىچاققا ئېسىلدى. جاللاتلار تەمتىرەپ قالدى. بىرى يىنىدىكى كالا پوقىغا تېيلىپ ئوڭدىسىغا چۈشتى. پىچاق تۇتقىنى بولسا ئالدىراپ پىچىقىنى غىلىپىغا سالدى:
ـ كېرەك يوق، بۈگۈن بولمىسا ئىرتە يەنە كۈن بار، قانغا قان ئالماي قويمايمىز! ـ دېدى – دە، ئاتلىرىنى مىنىشىپ يوقالدى…
ئاياللار مېنى ئۆيگە ئىلىپ كىردى. كەچتە تاماق يەۋاتقاندا بوۋاي ھاسناقىن ماڭا دېدى:
ـ بالام، سېنى بىر كېچە ئاران ساقلىيالايمەن، ئەتە نېمە بولۇشۇڭنى بىلمەيمەن، خۇدا بىلىدۇ…
ياتار ۋاقتى بولغاندا بوۋاي مېنى باشلاپ چىقىپ تېرىق خامىنىغا ئېلىپ كەلدى ۋە پاخال ئاستىغا ياتقۇزدى. ئۆزى مېنىڭ ئۈستۈمدە ياتتى. سەھەردە چۈش كۆرۈپتىمەن: دادام “ بالام، قوپ، نامىزىڭنى ئوقۇغىن!“ دەۋاتقۇدەك، ماڭا ئاق ئىشتان، ئاق كۆڭلەك ئېلىپ كەپتۇ، چۆچۈپ ئويغىنىپ كەتتىم. تاڭ ئېتىپتۇ.
ئەتىگەنلىك چايغا ئولتۇرغانىدۇق. ئۆي ئەتراپىدا ئاتلارنىڭ دۈكۈرلىگەن تۇياق ئاۋازى ئاڭلاندى. چۆچۈپ كەتتىم، يەنە ئەنسىزلىك باشلاندى. بۈگۈن تەقدىرىم قانداق بولاركىن، ئۇلار مېنى نېمە قىلاركىن؟ ئېتىۋىتەرمۇ، بوغۇزلىۋېتەرمۇ؟ باغلاپ ئېلىپ كىتەرمۇ؟!… قۇرقۇنچتا گىلىمدىن ھېچنەرسە ئۆتمىدى. تۇياقلارنىڭ دۈكۈرلىشىگە قارىغاندا ئاتلار كۆپ ئىدى. ئىشىك تۈۋىدىلا بىر باندىتنىڭ غەزەپلىك ۋارقىرىغىنى ئاڭلاندى:
ـ ھاي سارت. چىق بۇياققا !
بوۋاي ماڭا قارىدى، ئۇنىڭ قورۇق باسقان سوزۇنچاق ئەتسىز يۈزىدە بىچارىلىك، ئېچىنىش ۋە غەمكىنلىك ئەكىس ئەتتى. سارغۇچ بادامسىمان كۆزلىرى مۇڭغا تولدى. قىسقا چار ساقىلى تىتىرەپ كەتتى. ئاياللارنىڭ قورقۇنچتىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتتى، ھەممىنىڭ كۆزى مەندە ئىدى. ئورنۇمدىن ئاستا تۇردۇم، ئۆز – ئۆزۈمگە غەيرەت بەردىم: “ مەن ئۈچ ۋىلايەت ئارمىيىسىنىڭ جەڭچىسى. ۋەتەن ئۈچۈن جەڭگە كىردىم، ماڭا ئوخشاش نى يىگىتلەر قۇربان بولۇپ كەتتىغۇ، دوستۇم پودپولكوۋنىك يۈسۈپچابمۇ ( يۈسۈپچان ياسىنوف ) قۇربان بولۇپ كەتتىغۇ… ئۇلارنىڭ ئالدىدا مەن نېمە؟ چىقسام چىقتىم، قولۇڭدىن كەلگىنىنى قىلىش باندىتلار!… ”
ئىش مەن ئويلىغاندەك بولمىدى، ئۇلار مېنى باغلاپ بوغۇزلىمىدى، يا مىلتىق بىلەن ئاتمىدى يا قىلىچ بىلەن چاپمىدى. ئۆيدىن چىقىشىم بىلەن 50 ~ 60 تەك ئاتلىق قازاققا كۆزۈم چۈشتى. ئۇلار چاپچىپ، ئويناقشىپ، تىزگىن سىيرىپ تۇرغان ئاتلىرى ئۈستىدە ھەيۋە بىلەن قاراپ تۇرۇشاتتى. مەن ئۇلارنىڭ كىيىم – كېچىكىدىكى بەزى بەلگىلەرگە قاراپ، ئۇلارنىڭ يىرىمىنىڭ ئالتاينىڭ يەرلىك قەبىلىسى كېرەي، يەنە بىرلىرىنىڭ قازاقنىڭ چىنئەل دېگەن قەبىلىسى ئىكەنلىكىنى پەملىدىم. بۇ ئىككى قەبىلە ئادەملىرى مېنى نېمە قىلماقچىكىنا؟…
مېنىڭ پۇت – قوللىرىمنى مىدىرلىماس قىلىپ، قاتمۇ – قات، چەمبەرچاس باغلاشتى. ئاندىن بىرى مېنى يەردىن يۇلۇۋېلىپ، ئۈزەڭگىسىنى كۆتۈرۈپ، تېقىمىغا چىڭ بېسىۋالدى – دە، توپنى يېرىپ چىقىشقا ئېتىنى دېۋىتتى، ئۇلار مېنى ئوغلاق قىلىپ تارتىشقا باشلىغانىدى…“
مەن سابىق كاپىتانغا ھەيران بولۇپ تىكىلدىم:
ـ نېمە دەيسىزوي قاسىمجان ئاكا، ئوغلاق قىلىپ تارتتى؟!…
ـ ھە، ئوغلاق قىلىپ تارتتى ،ـ قاسىمجان ئاكا ھەيران قالغان چىرايىمغا قاراپ جىددى تەلەپپۇزدا ئېيىتتى،ـ راست، ئىشەنمەيۋاتىسىز – ھە، بۇ رىۋايەت ئەمەس، چۆچەك ئەمەس، نەق بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلار. قازاقلارنىڭ ئوغلاق تارتىش ( كۆكپەر ) خۇمارى تۇتۇپ كەتكەن چېغى، ئۇرۇشتا ئوغلاق تارتالماي ئولجىغا چۈشكەن مېنى تارتىشتى. بۇ ئىككى قەبىلە كىشىلىرى شەرتلەشكەنىكەن. كىم مېنى تارتىپ كەتسە، ئولجا شۇنىڭ ئىكەن.
بىر قازاق ئاقىنى ( شائىرى ): “ قازاقلار كۆكپەرنى ( ئوغلاق تارتىشنى ) كۆرگەندە دۇنيانى ئۇنتۇپ قالىدۇ “ دېگەنىدى. دېگەندەك ئۇلار مىنى ئوغلاق قىلىپ تارتىشقاندا دۇنيانى ئۇنتۇپ قىلىشتى. ئۇلار ئايغايلاپ، ۋارقىرىشىپ، تەرلەپ – پىشىپ، قولۇمدىن، پۇتۇمدىن تارتىشاتتى. بەزىلىرى بىشىمنى تۇتۇۋالاتتى. بەزىدە ئات ئاستىغا چۈشۈپ كېتەتتىم. كۆزۈم قاراڭغۇلىشاتتى، ئاستا – ئاستا ھوشۇمدىن كەتتىم…
بىر چاغدا ھوشۇمغا كەلسەم، بىر قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدە، يوغان، قىزىل يۇلغۇن تۈۋىدە يېتىپتىمەن. قازاقلار مېنى تارتا – تارتا مۇشۇ قۇم دۆۋىسىگە تاشلاپ قويۇپتۇ. ھېرىپ، تەرلەپ ھالىدىن كەتكەن بۇ “ ئوغلاقچىلار “ ئاتلىرىنىڭ چۇلۋۇرىنى تۇتۇپ ئەتراپىمدا ماڭا قاراپ ئولتۇرۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى “ تارتايلى! “ دېيىشىۋاتىدۇ، بەزىلىرى “ بولدى قىلايلى، ئولجىنى ئېلىپ كېتەيلى! “ دېيىشىۋاتىدۇ.
شۇ چاغدا يىراقتىن قاراگىر ئات مىنگەن بىرسىنىڭ كىلىۋاتقىنى كۆرۈندى. ئۇ ئېيىقتەك يوغان، دىقماق، قارا قۇمچاق قازاق ئىدى. ئۇنى كۆرۈپ قازاقلارنىڭ ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇپ كېتىشتى. “ ئەھمەد باتۇر، ئەھمەد باتۇر! ” دېيىشىپ كېتىشتى ئۇلار.
ئەھمەد باتۇر كەلدى. ئۇ توپقا سۈرلۈك نەزەر تاشلاپ:
ـ ئولجاڭلار قېنى؟ ـ دېۋىدى، مېنى كۆرسىتىشتى.
ئەھمەد باتۇر قاراگىر ئاتنى يېنىمغا ئەكېلىپ توختاتتى – دە، مېنى يۇلغۇن تۈۋىدىن توشقاننى يۇلغاندەك يۇلۇۋىلىپ، ئاتنىڭ ئالدىغا ئېلىپ، بىر ئۆيگە ئېلىپ كەلدى.
ئەھمەد باتۇرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆيدىن ئاقسېرىق، قىرىق ياشلاردىكى ئوتتۇرا بويلۇق ئايال چېقىۋىدى، ئەھمەد باتۇر مېنى يەرگە قويۇپ:
ـ بۇنى ياخشى كۈتۈڭلار، ساقلاڭلار! ـ دېدى.
مېنى يېشىشتى، پۇت – قوللىرىم كۈيۈشۈپ كېتىپتۇ. ئۆيگە ئېلىپ كىرىشتى. ئۆيدە بىر نەچچە قورال تىكلەكلىك تۇرۇپتۇ. ئەھمەد باتۇرنىڭ ئادەملىرى ئۇ قوراللارنى دەررۇ ئېلىپ كېتىشتى. مەن بۇ ئۆيگە تۇتقۇن بولدۇم، لېكىن راستىمنى ئېيتقاندا مەن ئويلىمىغان، كۈتۈلمىگەن ھالدا تەلەيلىك، ئەركىن تۇتقۇن بولدۇم!…
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بىرىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئىككىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئۈچىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… بەشىنچى باب
بۇ رىۋايەت ئەمەس …… ئالتىنچى باب
يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=1702