تۇرمۇش خاتىرىسى

ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۇنىڭغا تەئەللۇق ۋاقىئەلەر

ئۇرۇشلاردا تارانچىلار ئۈستۈن چىقىپ، مۇجاھىتلار تېزلىك بىلەن كۈرە، بايانداي ئوخشاش سېپىللىق شەھەرلەرنى پەتىھ قىلىشقا ئۈمۈتلىنىپ تۇرغاندا، بىر كۆڭىلسىز خەۋەر چىقىپ قالدى. بۇ بولسا ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنىڭ جاڭجۇڭ بىلەن يوشۇرۇن خەۋەرلىشىپ تۇرۇشى. بۇنىڭغا بەزى ئادەملەر چۈمپۈتمىگەن بولسىمۇ ، بىر قىسىم خەلق ئىشىنەتتى. لېكىن ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنىڭ كەينىدى پايلاپ يۈرگەن ئەخمەتجان غوجا مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنى يوقاتماقچى بولدى. ئۇ ئىختىلالنىڭ ئۈچىنچى يىلى رەجەپ ئېيىدا ئۆز ئەگەشچىلىرى بىلەن ئەمىرنىڭ چېدىرىنى قورشاپ ئالدى ۋە ئۆزى تۈز كۆڭلى بىلەن كەلگەندەك چېدىر ئىچىگە كىردى، ئەمىر غوجىنى كۆرۈپ ئەيمەنگەنلىگىدىن بولسا كېرەك، 《 ھە، غوجام، چىرايىڭىز ئۆزگەرگەن ھالەتتە كۆرىمەن. كېچىلەپ نېمە قىلىپ يۈرىسىز؟ نېمىدىن رەنجىدىڭىز؟》 دىدى . غوجا《سەن تارانچى ئەھۋالىدىن جاڭجۇڭغا يوشۇرۇن خەۋەر بېرىپ تۇرۇپسەن، ئۆلتۈرىمەن》 دەپ ، ئۇنى ئۆلتۈردى. ئەمىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى قازىكالان نەسىردىناخۇنغا يەتكەندە، ئۇ 《تارانچى خەلقى ناھەق ئۆز ئەمىرىنىڭ خۇنىنى تۆكۈپ كاپىر بولۇپتۇ》،-دىدى. بۇ خەۋەر ئەسكەرلەر ئارىسىغا يېتىشى بىلەن بۇلارمۇ غەليانگە، قالايمىقانغا كەلدى، سۇلتان ئەسكەرلەر ئارىسىدىكى غەلۋىنى باسماق مەخسىتىدە ئاخۇننى سولىغان ئىدى. لېكىن ئەخمەتخان قازىكالاننى سوراپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى.  بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ بارچە بەگلەر ئاخۇنۇمنىڭ ئۆلۈم گۇناينىنى غوجامدىن سوراپ ئالدى، لېكىن ئۇ مەھبۇس بويىچە قالدۇرۇلدى. ئابدۇرسول ئەمىر قەتىل ئېتىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جاڭجۇڭ بىلەن يوشۇرۇن خەۋەرلەشكىنىنىڭ راست – يالغانلىغى تەكشۈرۈلمىدى. ئېھتىمال بۇ خەۋەر ئەمىرنى قەتىل ئېتىش ئۈچۈن مەشرۇغ يول ئىستىگەنلەر تەرىپىدىن چىقىرىلغاندۇر، چۈنكى مۇنداق چاغدا بۇزۇق ئادەملەرنىڭ چىغىر يوللار بىلەن زەمىن راسلاپ قويۇشى چوقۇم بىر ئىشتۇر.

    ئابدۇرۇسول ئەمىرنىڭ تۇتقان ئىشلىرىغا  قارىغاندا شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن ئۆز ئېلىنىڭ ساتىدىغان ۋىجدانسىزلاردىن ئەمەسلىگى بەلگۈلۈك بولۇپ تۇرىدۇ. ئابدۇرۇسۇل ئەمىرنى قەتىل قىلغاندىن كېيىن ئەخمەتخان غوجىنىڭ دەرىجىسى كۆتىرىلدى. ھەممە بەگلەر غوجامنىڭ ئەمىرى ھىمايۇنلىرىغا مۇتى بولۇپ، دۆلەت ئىشلىرى غوجامنىڭ خاھىشىغا قاراپ ماڭدىغان بولدى. سۇلتانمۇ غوجامدىن ئىزناسىز ئىش قىلالماس بولدى. تەبىئىكى، مۇنداق ئەھۋال ئۇرۇش ئىشلىرىدا سۇسلۇق پەيدا قىلدى. تارانچىلارنىڭ سۇسلاشقىنىنى بىلگەن بايانداي چەنپەنلىرى تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، خېلى پالۋانلارنى نابۇت قىلدى. كۈرە چېرىكلىرىنىڭ قىمىلدىغىنى سېزىلىپ تۇراتتى . تارانچىلاردا ئۇرۇش ھازىرلىغى بەك پەس ئىدى.

( ئاپتۇرنىڭ ئالمائاتا يازغۇچى نەشىرياتى 1991 – يىلى نەشىر قىلىنغان يورۇق ساھىللار ناملىق توپلىمىدىن نەشىرگە تەييارلىغۇچى : ئابلىز ئورخۇن.  مەزكور يازما ئىلى دەرياسى ژورنىلىنىڭ 2011 – يىل 1 – سانىدىن ئىلىندى. )

بىلوگ يازمىلىرىنى كۆچۈرۈ ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز مەنبەسىنى ئەسكەرتىڭ.

 

ئوخشاش بىر ئېرىقتىكى سۇنى بەزىلەر ئالتۇن كاسسىدا، بەزىلەر ساپال قاچىدا ئۇسسۇپ ئىچىدۇ. ئالتۇن كاسسىمۇ، ساپال قاچىسىمۇ يوق كىشىلەر قوللىرىدا ئوچۇملاپ ئىچىدۇ. سۇدا ھېچقانداق پەرق يوق، ئۇنىڭدىكى پەرق سۇ ئۇسىدىغان قاچىدا...


يازما ھوقۇقى: تۇرمۇش خاتىرىسى
يازما ئادىرىسى: ../?p=2040

تورداشلار كۆرۈۋاتقان يازمىلار...

ۋاقىت: 2012-07-18
خەتكۈشلەر :
سەھىپە: تارىختىن سۆز
ئىنكاس: 0 دانە

تەخەللۇس:

ئېلخەت:

تور ئادىرىس: